تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1588|ئىنكاس: 46

بىرازىلىيە كاپىتانى ‹‹ مىسسىنى ئوق دورا بىلەن توسقىلى بولىدۇ ››

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇچقۇنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 21:56  

گەرچە 2014-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ساھىپخان كوماندا برازىلىيە كوماندىسى ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشىش ئۈمىدى ئەڭ زور كوماندا بولسىمۇ، ئەمما برازىلىيە كاپىتانى دىياگو ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى مېسسىغا بولغان ھۆرمىتىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دىياگو «شاھ چولپان» نى قانداق توسۇش ھەققىدە توختالغاندا، چاقچاق ئارىلاش «ئۇنى مىلتىق بىلەن توسۇپ قېلىش مۇمكىن» دېدى.


برازىلىيە كاپىتانى مېسسىغا باھا بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇ بارلىق بېكلارغا نىسبەتەن بىر باش ئاغرىقى، سىز چوقۇم ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرىشىڭىز كېرەك، ئازراقمۇ بوشىشىپ قالماسلىقىڭىز كېرەك. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۈچ مەيدانغا مۇسابىقىگە چۈشۈپ باققان، ئىككى قېتىملىقى مىلاندا، يەنە بىر قېتىملىقى پارىژ سانت گىرماندا. گەرچە يېقىندىن بۇيان ئۇنى كېسەل چىرمىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما مېسسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىدۇ».
ئارگىنتىنا كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈشنى ئارزۇ قىلغاندىن سىرت، دىياگو يەنە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گىرمانىيە ياكى ئىسپانىيە بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر گىرمانىيە كوماندىسى بولسا، 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى قايتا ئوينىلىدۇ. ئەگەر ئىسپانىيە كوماندىسى بولسا، بىز بۇلتۇر بىرلەشمە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇلارنى مەغلۇب قىلغان.»


پارىژ سانت گىرمان كوماندىسىغا يۆتكىلىش ئىشىدا توختالغاندا، دىياگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن مىلانغا يېتىپ كەلگەن شۇ دەقىقىلەردە، بۇ يەردە پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنگىچە تۇرۇشنى ئارزۇ قىلغانىدىم، ھېچ بولمىغاندا 10 يىللىق ئۆمرۈم مۇشۇ يەردە ئۆتەر دەپ ئويلىغان. مەن مەڭگۈ مىلاننى سۆيىمەن، مەن بۇ يەردە كەسپىي ھاياتىمدىكى ئەڭ پارلاق دەقىقىلەرنى كۈتىۋالدىم. ئەمما ھەر ئىش ئادەمنىڭ ئارزۇسىدەك بولمايدىكەن، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا پارىژ سانت گىرمان كوماندىسىغا يۆتكەلدىم».
ئەڭ ئاخىرىدا دىياگو يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇنىڭدىن بۇرۇن پارىژ سانت گىرمان كوماندىسىغا يۆتكىلىش ئىشىم زور غۇلغۇلا قوزغانىدى، ئەمما ھازىر ھېچقانداق ئىلگىرلەش يوق. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا رومىنىئوغا چوقۇناتتىم. ئۇ بارسېلونادا توپ تېپىدىغان ۋاقىتلاردا، بىر كۈنلەردە مەنمۇ بارسېلونادا توپ تەپسەم، دەپ ئارزۇ قىلغانىدىم. ئەلۋەتتە، ۋاقىت ئۆتكەنچە، بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇم بولماي قالدى».


201406161109588086.jpg 201406161108555477.jpg
 ئىگىسى| ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
siptamix يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 21:14
ئارگىنتىنادىمۇ چوڭ ئۈمىد يوق

31 كوماندىنىڭ ھەممىسىدە چوڭ ئۈمىد يوق   چىمپىيۇن بولغىچىدا  99.9% ئۈمىد بار
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىلىيە ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالامتىكى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +1 يىغىش سەۋەبى
بىرازىلىيە + 1 بىر تەرەپلىمە

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىليەگە  سەي  بولمايدۇ  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
بىرازىلىيە + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 21:09
ئارگىنتىنا بىرازىلىيە بىلەن ئۇچۇرۇشالامدۇ يوق بۇ نامە ...

بىرازىلىيە ئارگىنتىنا  بىلەن ئۇچۇرۇشالامدۇ يوق بۇ نامەلۇم تېخى ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن شاللىنىپ كىتىشىمۇ مۇمكىن
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈرگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 21:05
دىدەكلەر ھەرگىزمۇ ئارگىنتىنالىقلارغا رەقىپ بولالمايد ...


دىدەكلەنى سەل بوش چاغلاپ قاغان ئوخشايلا ئا كاماندىدىكى ئەزالا دىدەك ئەمەس ئەركەك جۇما يەنە ھې ھې
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىدەكلەر ھەرگىزمۇ ئارگىنتىنالىقلارغا رەقىپ بولالمايدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +1 يىغىش سەۋەبى
بىرازىلىيە + 1 ناچار

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارگىنتىنانى 8 كۈچلۈكتە ئېتىۋىتىمىز !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتەنجان يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 20:55
ئارگىنتىنانى 8 كۈچلۈكتە ئېتىۋىتىمىز !

بۇ گىپىڭلارغا قۇرۇت قوڭغۇزلارمۇ ئىشەنمەس
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوق دورا ئىشلىتىش قانۇنسىزلىق
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 18:59
بۇ گىپىڭلارغا قۇرۇت قوڭغۇزلارمۇ ئىشەنمەس

بۇنى قۇرت-قوڭغۇزلارغا تېخى دىمىدىم
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتەنجان يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 21:01
بۇنى قۇرت-قوڭغۇزلارغا تېخى دىمىدىم

ئەمسە ۋاقتىدا دەپ بىقىڭ
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاللاش باسقۇچىقا قەدەم قويغاندا بىر تۇتۇشۇپ باقسا بولاتتى
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارگىنتىنا بىرازىليەگە ئۇتتۇرۋىتەمىكىن بىربوسا
 ئىگىسى| ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتەنجان يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 21:01
بۇنى قۇرت-قوڭغۇزلارغا تېخى دىمىدىم

ئۇلارمۇ ئىشەنمەيدۇ  
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا سەن بارساغا كەلسەڭغۇ ناۋاتتەك ئىش نۇلاتىى.
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارگىنتىنا بىرازىلىيە بىلەن ئۇچۇرۇشالامدۇ يوق بۇ نامەلۇم تېخى ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن شاللىنىپ كىتىشىمۇ مۇمكىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-6-20 20:14 , Processed in 0.102810 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش