|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-16 22:39
دۇنيا لوڭقىسدا نېمە كۆرىمىز ؟ ئەلۋەتتە قىزىغان مۇسابىقىدن باشقا يەنە داڭلىق چولپانلارنىڭ ماھارەتلىرىنى كۆرىمىز . بەزى قىزىق نوقتا يەنىلا مۇشۇنداق داڭدار توپچىلار ئۈستىدە بۇلىدۇ .بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نېيمار ،مېسسى ۋە كىرىستىئانو رونالدو قاتارلىق ئۈچ توپچى بار .بۇلار ئالدىنقى قاتاردىكى توپچىلاردۇر ،نېيمار ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىنكى كىرودىيە بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ئىككى توپ ئۇردى .ھەمدە مۇشۇ يېشىدا ( 22 ياش ) بىرازىلىيە دۆلەت كوماندا تارىخىدىكى 7- نومۇرلۇق مەرگەنگە ئايلاندى .ھەقىقەتەن قالتىس ! ئاخشامقى بوسىنىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، مېسسى 8 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم توپ ئۇرۇپ ياخشى باشلىنىش قىلىۋالدى .ئەمدى نۆۋەت كىرىستىئانو رونالدوغا كەلدى ،رونالدو ئىلگىرى ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان بولۇپ ،جەمىي ئوينىغان 10 مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەن .( 2006-يىلى ئىران كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە بىر نوقتا توپ ئۇرغان .شۇ چاغدا رونالدو 21 ياش ئىدى . 2010-يىلى پورتۇگالىيە 7 : 0 چاۋشىيەننى قىرغىن قىلغان مۇسابىقىدە بىر توپ ئۇرغان )
بۈگۈن كەچ سائەت 10 دا پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن گېرمانىيە كوماندىسى ئوينايدۇ .گېرمانىيە كوماندىسنى مېسسى بىلەن نېيمار توپ ئۇرغان كوماندىغا سېلىشتۇرغاندا ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىن خېلى پەرقى بار .بۇ چىمپىيۇن بولۇش ئېھتىمالى يۇقۇرى كوماندىنىڭ بىرسى دەپ قارىلىدۇ .رونالدونىڭ مەيلى دۆلەت كوماندىسدا بولسۇن ياكى كۇلۇپتا بولسۇن ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بۇلىۋاتىدۇ .ئەمما بۈگۈن ئوينايدىغان رەقىبى ئادەتتىكى رەقىپ ئەمەس ،مۇبادا رونالدو توپ ئۇرالماي كوماندىسىنى غەلبىگە باشلىيالمىسا تاراتقۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇتىۋالغىلى بولمايدۇ .بۇنىڭغا ئامال يوق ،لېكىن تەكىتلەشكە تېگىشلىك بولغىنى ،رونالدو دۇنيا لوڭقىسدا توپ ئۇرۇپلا قالسا ، 2004-يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسى ،2006-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى ،2008-يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسى ،2010-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى ۋە 2012-يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسى قاتارلىق ئالتە چوڭ مۇسابىقىدە ئۇدا توپ كىرگۈزگەن دەرىجىدىن تاشقىرى رىۋايەتلىك توپچى بولۇپ قالىدىكەن .بۇ بىر توپچىغا نىسبەتەن ئادەتتىكى نەتىجە ئەمەس !
بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن رونالدونىڭ ھازىرغا قەدەر ئېرىشكەن شەرەپلىرى ئاز ئەمەس ،ئۈچ قېتىم ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيۇنى ،بىر قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى ،ئىككى قېتىم ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنى ,ئىككى قېتىم « ئالتۇن توپ » مۇكاپاتى ،ئۈچ قېتىم ياۋروپا « ئالتۇن ئاياق » مۇكاپاتى ،ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق « ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن » ، ئۇدا يەتتە قېتىم خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسنىڭ باھالىشىدىكى « ئەڭ ياخشى سەپ شەكلى » گە كىرگەن توپچى ۋە سەككىز قېتىم ياۋروپا « ئەڭ ياخشى سەپ شەكلىگە » كىرگەن توپچى ،دۇنيادىكى باھاسى « ئەڭ قىممەت » توپچى ،پورتۇگالىيە كوماندا تارىخىدىكى بىرىنچى مەرگەن ۋە 100 مەيدان مۇسابىقىنى تاماملىغان توپچى قاتارلىق شەرەپلەر رونالدوغا يېتىپ ئاشىدۇ .ئەمدى گەپ بۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقىدە قالدى .
توپ تەپكۈچى تەرجىمىسى
|
|