ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3791 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تۈنۈگۈن ، 6-ئاينىڭ 15-كۈنى كۈچ سائەت 10 دا 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى كىچىك گۇرپپا مۇسابىقسىدا بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن E گۇرۇپپىدىكى ئىكۋاتۇر بىلەن شىۋېتسيارىيە مۇسابىقىلەشتى.
مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى مىنۇتلىرىدا ئىكۋاتۇر كوماندىسى ياخشى بولغان ئىپادىسنى نامايەن قىلىپ 21 مىنۇت بولغاندا 10-نومۇرلۇق ماھىر ئايوۋىنىڭ ياندىن پاس چىقىرىشى بىلەن 13- نومۇرلۇق ماھىر ئېننىر بالۈنسيا كاللا بىلەن توپ ئۇرۇپ ئىكۋاتۇر كوماندسىنى ۋاقتىلىق ئۈستۈنلۈككە ئېگە قىلدى. بىر توپ ئارقىدا قالغان شىۋېتسارىيە كوماندسىى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئوينىدى. 38 مىنۇت بولغاندا شىۋېتسارىيە كوماندسىدىكى شاچىرى ئۇرغان توپ ئىكۋاتۇر كوماندسىنىڭ بېكىنىڭ قولىغا تەككەن بولسىمۇ باش رېپىر بۇنىڭغا نوقتا توپ قويۇپ بەرمىدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان 1-0 بولۇپ ئاخرلاشتى.
كېينكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 47-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا 13-نومۇرلۇق ماھىر رودرېگىزنىڭ كورنىر توپ چىقىرىش بىلەن 18- نومۇرلۇق ماھىر مەھمەدى كاللا بىلەن توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. 65 مىنۇت بولغاندا ئىكۋاتۇر كوماندسىدىكى مونتېرو تۇۋرۇك سوقتى. ۋاقىت 93 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا شىۋېتسارىيە كوماندسىغا بىر قايتۇرما ھوجۇم قىلىش پۇرسىىتى كىلىپ يەنە شۇ رودرېگىزنىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن 9- نومۇرلۇق ماھىر سىفىروۋېچ چىرايلىق توپ ئۇرۇپ ئىكۋاتۇرنى بوغۇزلاپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئومۇمى نەتىجە 2-1 بولۇپ ئاخىرلاشتى.
|
|