ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3193 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-16 11:59
ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ مۇداپىيە سېپى ھەر ھالدا ئۈمۈدنى يەردە قويمىدى،ئەمما ئوتتۇرا مەيداندىكى روشەن ئاجىزلىق ھۇجۇمنىڭ تەشكىللىنىشىگە پاسسىپ تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىپ بوسنىيەنىڭ كۈچلۈك مۇداپىيەسى ئالدىدا كۈچىنى جارى قىلدۇرالمىدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە سابىللا ئۈچ قېتىم تاكتىكىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى،بىرىنچى قېتىم مىسسىنى مەزكەز قىلغان ئوتتۇرا ھۇجۇم كۈچىنى كۆرسىتەلمىگەنلىكتىن كىيىنكى يېرىم مەيداندا ھىگۇۋىيىننى ئوتتۇرا ھۇجۇمغا مىسسىنى ئالدى بەل ئۇرۇنغا قۇيۇپ ھۇجۇمنىڭ تەشكىللك كونتىرول قىلىنىشغا شارائىت ۋە پۇرسەت ھازىرلىدى،شۇنىڭ بىلەن تاكتىكىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگەن ئارگىنتىنا كوماندىىسى مىسسىنىڭ تالانتىغا تايىنىپ ناھايىتى چىرايلىق بىر توپ ئۇرىۋالدى،(بۇ بىر ۋاقىتقىچە بوسنىيە كوماندىسىنى ئۇمۇمى يۈزلۈك مۇداپىيەە تۇرۋېلىپ ئۈزىنى چارچىتىپ قويغان).
ئەڭ ئاخىردا بولسا 1-5-4سەپ شەكلىنى قوللىنىپ قارشى تەرەپ مۇداپىيىسىدىن يۇچۇق ئېچىپ ناھايىتى ياخشى پۇرسەتلەرنى ياراتتى،ئەمما مىسسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قۇيىشى بىلەن نەتىجىدە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى.كىيىنكى ئارگىنتىنا كەتكۈزۈپ قويغان بىر توپ بولسا مۇداپىيە بىلەن ۋاراتارنىڭ سەۋەنلىكى ،بۇلۇپمۇ رومېيرونىڭ خاتالىقى،ئۇنىڭ ئورنىغا مالاگانىڭ ۋاراتارىنى سىناپ باقسا چۇقۇم ئۈنۈمى كۈرۈلىدۇ.
تاكى ھازىرغىچە بولغان مۇسابىقىلەردە ئويلىغانلىرىم بولسا!
بىرازىليە كىرودىيەنى تەلەي،رېپىر،پولات مۇداپىيە قاتارلىق ئامىل بىلەن يەڭدى،ئەمما ھۇجۇمنىڭ سۈپىتى يەنىلا تۆۋەن.
ئۇراگۇۋاي داۋاملىق ھالدا دۇنيا لوڭقىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە يېڭەلمەسلىك قەدىمىنى داۋاملاشتۇردى،ئىتالىيە بولسا ئېنگىلاتنى يېڭىپ كىلەركى مەيدان مۇسابىقىدە
ئېنگىلات بىلەن ئۇراگۇۋاينىڭ ھەلقىلغۇچ ئوينىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،يەنى ناۋدا كىمكى ئۇتتۇرۇپ سالسا چاپاننى كۆتۈرۈپ ئۆيگە قايتىشتىن باشقا ئامال يوق.
ئىسپانىيە 2010مۇ گوروپپا مۇسابىقىسدا تۈزۈك ئۇتالماي ،مىڭ تەستە گوروپپىدىن چىقىپ دۇنيا لوڭقىسىنى ئالغان.بۇ قېتىم گوللاندىيەنىڭ قاتتىق قىساس ئېلىش ئىستىكى ۋە توپچىلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ماسلىشىشى ،ئىسپانىيەنىڭ روھى ھالىتىدە تىنىچلىنشىنىڭ ياخشى بۇلالماسلىقى ئەڭ مۇھىمى شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئەڭ ياخشى ھالەتتە كىرەلمەسلىكى بۇ نەتىجىنىڭ پەيدا بۇلىشىغا سەۋەپ بولدى..ئەمما بۇ ئىسپاننىڭ ھەرگىزمۇ ئۇ دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ،ئىنىشمەنكى ئىسپان چۇقۇم غەلبىلىك ھالدا گوروپپىدىن چىقىپ چىمپىيونلۇقق خىرىس قىلالايدۇ.
بۈگۈن كەچ گېرمان بىلەن پورتۇگال ئوتتۇرسىدىكى كۈچلۈكلەر جېڭىدە گېرماننىڭ يېڭى توپچىلىرى بىلەن ئىگركى توپچىلىرىنىڭ،تۈپتىن قارشى ئوينايدىغان ئىككى كۇلۇپ ئەزلىرىنىڭ ئۇسلۇپ جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى كۈرۈپ تەھلىل يۈرگۈزۈشكە بۇلىدۇ.
ئاخىردا شۇنى شۇنى ھىس قىلدىمكى بىز كۈچلۈك دىگەن بەزى كوماندىلار ئۇتتۇرۇپ ئاجىز سانالغانلار يېڭىپ چىقىۋاتىدۇ،شۇڭىلاشقا ھازىرنىڭ ئۈزىىدىلار چىمپىيونلۇق قىززىق نۇقتىسىنى بېكىتىپ چىقىش بىر قەدەر تەس ،شۇڭىلاشقا پۈتۈن بىر
گوروپپا مۇسابىقىلرى ئاخىرلاشقاندا ئاندىن ئويلاشساقمۇ كىچىكمەيمىز. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|