akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 870|ئىنكاس: 30

قاينۇق يېزىسىدا يېزىلار ئارا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   temsack تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 18:30  

2014-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى چاپچال شىبە ئاپتونۇم ناھيەسى شىبەلەرنىڭ غەرىبكە كۆچكەنلىكىنىڭ 250 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە چاپچال شىبە ئاپتونۇم ناھيەسى قورۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قاينۇق يېزىسىنىڭ يېڭى پۇتبول مەيدانىدا يېزىلار ئارا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى . بۇ قېتىملىق يېزىلار ئار پۇتبول مۇسابىقىسىگە 7 يېزا ۋە بازارلىق ھۆكۈمەت كوماندىسى بولۇپ 8 كوماندا قاتناشتى . مۇسابىقە ئا ۋە ب گۇرۇپپىدىن ئىبارەت بولغان ئايلانما شەكىلدىكى مۇسابىقە تۈزۈمى بۇيىچە ئېلىپ بىرىلدى . ئا گۇرۇپپىغا قوغۇنچى يېزا پەخرى كوماندىسى ، كان يېزا كوماندىسى ، جاغىستاي يېزا كوماندىسى ۋە چوڭ بوغرا يېزا كوماندىسى بۆلۈندى ، ب گۇرۇپپىغا قاينۇق يېزا كوماندىسى ، بەش سومبۇل يېزا كوماندىسى ، سەككىز سومبۇل يېزا كوماندىسى ۋە بازارلىق ھۆكۈمەت كوماندىلىرى بۆلۈندى . ئىككى كۈنلۈك كەسكىن مۇسابىقىدىن كېيىن قوغۇنچى يېزا پەخرى كوماندىسى 4 : 0 نەتىجە بىلەن كان يېزا كوماندىسىنى ، 6 : 1 نەتىجە بىلەن ئىتىپاق يېزا كوماندىسىنى ، 3 : 1 نەتىجە بىلەن جاغىستاي يېزا كوماندىسىنى يېڭىپ 9 نومۇر بىلەن ئا گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى ، كان يېزا كوماندىسى 6 نومۇر بىلەن ئىككىنچى بولۇپ چىقتى ؛ قاينۇق يېزا كوماندىسى 9 نومۇر بىلەن ب گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ ، بەش سومبۇل يېزا كوماندىسى 4 نومۇر بىلەن ب گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقتى . 6-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلاندى ، قوغۇنچى يېزا پەخرى كوماندىسى 3 : 1 نەتىجە بىلەن بەش سومبۇل يېزا كوماندىسىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچقا ئۇڭۇشلۇق كىردى ، قاينۇق يېزا كوماندىسى 6 : 1 نەتىجە بىلەن كان يېزا كوماندىسىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچقا كىرىدى . چۈشتىن كېيىن سائەت 00 : 02 لەر ئەتراپىدا ئۈچۈنچىلىكنى تالىشىش جېڭى باشلاندى ، نەتىجىدە كان يېزا كوماندىسى ئۈچۈنچى بولدى . چۈشتىن كېيىن 30 : 03 لەر ئەتراپىدا چېمپىيۇنلۇقنى تالىشىش جېڭى باشلاندى ، گەرچە ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولسىمۇ لېكىن مۇسابىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن تەخمىنەن 10 مىڭغا يېقىن تاماشىبىن نەق مەيداندا ھازىر بولدى ، قىسقىغىنە بەدەن قىزىتىشتىن كېيىن ماھىرلار مەيدانغا چۈشتى . مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قوغۇنچى يېزا پەخرى كوماندىسى مەيداننى كونتىرول قىلىشقا باشلىدى ، مۇسابىقىنىڭ 20 - مېنۇتىدا قوغۇنچى يېزا پەخرى كوماندىسىدىن توردىمەمەت بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ بىراق يان رېپىرنىڭ خاتا ھۆكۈمى بىلەن ئۇفسايىت قىلۋىتىلدى . 90 مېنۇتلۇق مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىن بولدى ، مۇسابىقە جەريانىدا ئىككى تەرەپ ناھايىتى ئىسىل كۆرۈنۈشلەرنى مەستانلەرگە ئاتا قىلغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا توپ كىرمىدى ، شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە قوشۇپ بىرىلگەن مۇسابىقە ۋاقتىغا قەدەم قويدى ، قوشۇپ بىرىلگەن مۇسابىقە ۋاقتى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قاينۇق يېزا كوماندىسىنىڭ 13-نومۇرلۇق ئەزاسى بىر توپ كىرگۈزۈپ ۋاقتىنچە ئۆستۈنلۈكنى ئىگەللىدى ، مەيداندىكى 7-8 مىڭ قاينۇق يېزا مەستانىسى گۈلدۈراس ئالقىشلار بىلەن مەيداننى بېشىغا كەيدى ، ئۇلار ۋارقىرايىتتى ، باش كىيملىرىنى ئاسمانغا ئېتىپ تەبرىكلەيىتتى . قوشۇمچە مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يىرىم مەيدانى ئاخىرلاشتى . كېيىنكى يىرىم مەيدان باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قوغۇنچى يېزا پەخرى كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى قىزىل كارتا ئىستىمال قىلىپ مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلدى ، ۋەزىيەت بارغانچە قوغۇنچى يېزا پەخرى كوماندىسىغا پايدىسىز بولۋاتقان بولسىمۇ بىراق قوغۇنچى يېزا پەخرى كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى قەتئىي بوشاشماسلىق روھىنى داۋاملىق جارىي قىلدۇردى ، مەستانىلەر ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ توختىماستىن ۋارقىراپ قوغۇنچى يېزا پەخرى كوماندىسىغا مەدەت بەرمەكتە ئىدى . دەل مۇشۇ چاغدا قوغۇنچى يېزا پەخرى كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ئادەم ئالماشتۇردى ، مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا بىر مېنۇت قالغاندا قاينۇق يېزىسىنىڭ مەستانىلىرى ئالدىراپ خۇشاللىقتىن تەبرىكلەشكە باشلىدى ،  يەنە بىر مېنۇت مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتسە قاينۇ يېزا كوماندىسى بىرىنچى بولاتتى ، لېكىن مەيدانغا ئالمىشىپ چىققان ماۋلان بىر توپنى ئوتتۇرا مەيداندىن ئېلىپ قوغۇنچى يېزا پەخرى كوماندىسىنىڭ 10-نومۇرلۇق ھۇجۇمچى شەكىيارغا بەردى ، شەكىيار توپنى تىزىدا توختۇتۇپ يەرگە چۈشىشىنى كۈتمەي ئوڭ ياڭ ئون سەككىز چەكنىڭ سىرتىدىن ئوڭ پۇتى بىلەن كۈچەك تەپتى توپ خۇددى يادىن ئايرىلغان ئوقتەك ئۇچۇپ ۋاراتارنىڭ 90 گىرادوسلۇق ئۈلۈك بولۇڭىغا كىردى . مەيدان قايتىدىن قاينام تاشقىنلىققا چۈمدى ، قاينۇق يېزىسىنىڭ مەستانىلرى سۈكۈتتىن ، قايغۇدىن ، ئەجەبلەنگەنلىكىدىن دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى . مەيدان توشقانلىق پۇشتىكى چىلىندى ، ئىككى تەرەپ تەڭلىشىپ قالغاچقا نۇقتا توپ جېڭى باشلاندى ، بەلكىم مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا نەچچە سېكونت قالغاندا كىرىپ كەتكەن توپ قاينۇق يېزا كوماندىسىدىكى ئەزالارغا زور روھى بېسىم ئىلىپ كەلگەنلىكىدىنمۇ ئۇلارنىڭ بىرىنچى بولۇپ نۇقتا توپ ئۇرغان 9-نومۇرلۇق ماھىرى رىشات نۇقتا توپنى ئۇرالمىدى ، شۇنىڭ بىلەن قوغۇنچى يېزا پەخرى كوماندىسىدىكى شەكيار ، توردىمەمەت ، ئىنتزار ، كەشپۇللام ( كىچىك ) ، ئەينىدىنلار ئارقا -ئارقىدىن 5 توپنى كىرگۈزۈپ غەلبىنى قولغا كەلتۈردى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق چېمپىيونلۇقتىن كېيىن قوغۇنچى يېزا كوماندىسى ئۇدا 3 يىل چاپچال ناھيە يېزىلار ئارا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا ئېلىپلا قالماي يەنە ئۇدا 3 يىل چاپچال دېربىسى ( چاپچال دېربىسى قاينۇق بىلەن قوغۇنچىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرسىتىدۇ ) دا غەلبە قىلغان كوماندا بولۇپ قالدى . ئاخىردا بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن جاپا چەككەن بارلىق رەھبەرلەرگە ، قوغۇنچى يېزىلىق پارتىكومنىڭ شۇجىسى زېڭ پىڭ يولداشقا ، قوغۇنچى يېزا باشلىقى مەمەتجانغا ، قوغۇنچى يېزىلىق ياش دېھقان چارۋىچىلار پۇتبول ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى يۈەن باۋ بېڭ ، مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ئەپەندىم ، ئىسلامجان ، تېرىنىرى لوتپۇللام ئەپەندىم ۋە مۇئاۋىن تېرىنىرى ئۆتكۈر ئەپەندىملەرگە ھەم قوغۇنچى يېزا ياش دېھقان چارۋىچىلار پۇتبول ئۇيۇشمىسىدىكى بارلىق مەستانىلەرگە ، قوغۇنچى يېزا كوماندىسىنى ئالاھىدە قوللىغان پەخرى شىركىتىنىڭ ئىلىدىكى باش ۋاكالەتچىسى تاشمەمەت ئەپەندىمگە چىن يۈرۈكۈمىزدىن تەشەككۈرۈمىزنى بىلدۈرىمىز: رەخمەت سىلەرگە !!!!



مۇسابىقە رەسىملىرى:


مەيدانغا چۈشۈشتىن بۇرۇن

مەستانىلەر










غەلبە تەنتەنىسى







سىن جەۋھىرى تەھرىرلىنۋاتىدۇ . . . .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-15 14:06:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ۋاي  مۇسابىقەڭلا ۋەھشى قىزىپ قۇيۇپتۇدە  ،  ئاۋۇ مەيدان بىر يېزىنىڭ مەيدانىما ، قۇغۇنچى يېزىسىنىمۇ تەبرىكلەيمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-15 14:06:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇلجىدىكى يېزىلاردىكى مەيدانلار بىر خىل يېشىلچىلىق ھە ،  ئادەمنىڭ توپ ئوينىغانسىرى ئوينىغىسى كېلىدۇ . چاپچال ناھىيەسىنىڭمۇ غۇلجا ناھىيەسىدەك پۇتبول ئىشلىرىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-15 14:07:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن كۆپ ئادەم بۇ...بەك قىزىپتۇ بۇ مۇسابىقە.... خەۋرىنى بىلگەن بولساق بارار ئىكەنتۈك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-15 14:23:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ پۇتبۇلچىلقى ھۇررا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-15 14:23:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ پۇتبۇلچىلقى ھۇررا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-15 14:28:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇغۇنچى يېزا كوماندىسىنى تەبىركلەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-15 14:34:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قاينۇق خەلقىگە ۋاكالاتەن قۇغۇنچى يىزا خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ،،  مۇسابىقە ھەقىقەتەن بەكلا قىززىپ كەتتى ، ئىككىلا كۇماندا ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسى بەكلا ياخشى بولدى . . بۇ پۇتبول مەيدانى تۇغۇرلۇق ئايرىم تىما يىزىۋاتىمەن ، تىز ئارىدا پۇتتۇرۇپ مۇنبەرداشلارغا سۇنىمەن ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-15 15:01:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-15 15:19:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇغۇنچى كوماندىسى بەك ئېسىل ئوينىۋەتتى ،ئۇلار خۇددى بارسلۇنا كوماندىسدەك كىچىك باس بىرىپ  
ئوينايدىكەن،بۇلۇپمۇ 10-نۇمۇر شەكيار،جاسارەت،  ۋە  قۇغۇنچى كوماندىسنىڭ  ۋاراتاسى بەك پەيزى ئوينىۋەتتى
بىزنىڭ قاينۇق كوماندسى ياخشى ئوينىدى.

قۇغۇنچى كوماندىسنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-15 15:23:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ قىززىپتامۇسابىقىلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-15 15:55:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇلجىدىكى دۇنيا لوڭقىسى بوپتۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:25

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش