ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3791 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-15 13:51
6-ئاينىڭ 15- كۈنى سەھەر سائەت 7 دە 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى كىچىك گۇرپپا مۇسابىقىسنىڭ س گۇرپپىسدا ياپۇنيە كوماندىسى بىلەن كوتىدىۋور كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە ناھايتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە باشلىنىپ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ياپۇنىيە كوماندسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى. ۋاقىت 15 مىنۇت بولغاندا ناگاموتونىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن 4- نومۇرلۇق ماھىر خوندا ناھايتى چىرايلىق بىر توپ ئۇرۇپ ياپۇنىيەنى ۋاقىتلىق ئۇستۇنلۇككە ئېگە قىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاساسەن دېگۈدەك ياپۇنيە كوماندىسىنىڭ كونتروللىقىدا بولدى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ كوتىدىۋور كوماندىسى باشقىدىن جانلىنىپ بېسىپ ئوينىدى. ئارقا-ئارقىدىن ھوجۇم تەشكىللەپ 64 مىنۇت بولغاندا 17-نومۇرلۇق ماھىر سېرگىنىڭ پاس چىقىرىش بىلەن 12- نومۇرلۇق ماھىر بونى كاللا بىلەن توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۇردى. ئارلىقتىن ئىككى مىنۇت ئۆتۈپ، يەنى 66 مىنۇت بولغاندا يەنە شۇ سېرگىنىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن 10-نومۇرلۇق ماھىر گېرۋىنبو توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2-1 قىلىپ ئۆزگەرتتى. كېيىنكى ۋاقتىلاردا ياپۇنىيە كوماندسىى ياخشى بولغان توپ ئۇرۇش پۇرسىتى ھازىرلىيالماي بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئۈچ نومۇردىن مەھرۇم قالدى.
مۇسابىقە جەۋھىرى
|
|