ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3403 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-15 13:09
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
14-چېسلا ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 22:00 دە ، C گۇرۇپپىنىڭ تۇنجى جېڭى كولۇمبىيە كوماندىسى بىلەن گېرىتسىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى.
مۇسابىقە باشلىنىپلا كولۇمبىيە كوماندىسى ، كۈچلۈك بولغان كونترول قىلىش ۋە پۇت ئاستى تېخنىكىسىغا تايىنىپ ، گېرىتسىيە كوماندىسغا بېسىم قىلىپ ئوينىدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 5-مىنۇتتىلا كولۇمبىيە كوماندىسى ناھايىتى چىرايلىق بىر ھۇجۇم قوزغاپ ، گېرىتسىيە كوماندىسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى، توپنى 7- نومۇرلۇق ماھىر ئارمېيلو ئۇرۇپ كىرگۈزدى، نەتىجە 1:0 ، كولۇمبىيە بالدۇرلا ئالدىغا ئۆتتى.
مۇسابىقە شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ ، ئالدىنقى مەيدان ئاياقلاشتى، گېرىتسىيە كوماندىسى شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ ، كولۇمبىيە كوماندىسىنىڭ ئالدىدا يەنىلا ئاجىز كېلىپ قالدى.
كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 58-مىنۇتقا كەلگەندە ، كولۇمبىيە كوماندىسىدىكى گۇتېرىز بىر توپ ئۇرۇپ ، نەتىجىنى 2:0 قىلىپ ئۆزگەرىتتى. گېرىتسىيە كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئۇرغان بىر كاللا توپى لىمغا تەگدى.
مۇسابىقە داۋاملىشىپ 93-مىنۇتتا كولۇمبىيە كوماندىسى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ ، نەتىجىنى 3:0 دە مۇقىملىدى. مۇسابىقە ئاياقلاشتى.

مۇسابىقە جەۋھىرى:
تولۇق فىلىمى:
ئالدىنقى مەيدان:
كېيىنكى مەيدان:
|
|