elan ornielan orni
كۆرۈش: 2674|ئىنكاس: 56

بىرازىلىيە VS كىرودىيە(Aگۇرۇپپا)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-13 12:00  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

دىيارىمىز ۋاقتى يېرىم كېچە سائەت 2:00 بىلەن 20-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى تۇنجى جېڭى بۇ قېتىملىق ساھىبخان كوماندا بىرازىلىيە بىلەن  مېھمان كوماندا كىرودىيە ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.  
مۇسابىقە باشلىنىپلا ھەر ئىككىلى تەرەپ ناھايىتى تېزلا رېتىمغا ماسلىشىپ كەتتى، كىرودىيە كوماندىسىمۇ مېھمان مەيداندا بوش كەلمەي، بىر نەچچە خەتەرلىك ھۇجۇملارنى قىلدى.  مۇسابىقە داۋاملىشىپ 11 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، كىرودىيە كوماندىسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمدا بەرگەن بىر ئەجەللىك پاسنى بىرازىلىيە كوماندىسى بېكى مارسېلو ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆز ۋارتارىغا ئۇرۇپ قويدى. نەتىجە 1:0 ، كىرودىيە ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.  
نومۇر جەھەتتە ئارقىدا قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى ئارقىمۇ ئارقا ھۇجۇم قوزغاشقا باشلىدى، 29-مىنۇتتا بىرازىلىيە كوماندىسىدىن نېيمار ئۆزى چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن چىرايلىق بىر توپ ئۇرۇپ  نەتىجىنى 1:1 قىلدى. ئالدىنقى مەيدان ئاياقلاشتى.
كېيىنكى مەيدان باشلىنىپ ، مۇسابىقە تېخىمۇ كەسكىنلەشتى، بىرازىلىيە كوماندىسى تۇنجى ساھىبخان مۇسابىقىدە يەڭمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى بولغان، ھۇجۇملىرىنىڭ خەتىرى خېلى چوڭ بولدى، 69- مىنۇتتا بىرازىلىيە كوماندىسىدىن9- نومۇرلۇق فېرىد ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن بىر نۇقتا توپ  ھاسىل قىلدى،  بۇ توپنى نېيمار ئۇرۇپ كىرگۈزدى، نەتىجە2:1  بىرازىلىيە كوماندىسى ئالدىغا ئۆتتى.
مۇسابىقە داۋاملىشىپ 90- مىنۇتقا كەلگەندە، بىرازىلىيە كوماندىسى ئىنتايىن ھالقىلىق قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى ، ئوسكار ئۆزى توپنى ھەيدەپ ئاپىرى ئۇرىۋەتتى. نەتىجە3:1  ، بىرازىلىيە كوماندىسى تۇنجى ساھىبخان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى تېتىدى.








مۇسابىقە جەۋھىرى:





قوشۇمچە: دۇنيا لوڭقىسى بارلىق مۇسابىقىلىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى ۋە مۇسابىقە خەۋەرلەر توپلىمى:
/thread-43464-1-1.html
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-13 10:14:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوقتا توپ ، تېخى سېرىق كارتا، ئەسلى يالغان يېقىلغان 9-نۇمۇرغا بىرىدىغان سېرىق كارتا ئۇ.
بىرازىلىيەنىڭ ئۇرغان ئاخىرقى توپىدىمۇ مەسىلە باردەك قىلىدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
پارتىزان + 50 ئوخشاش پىكىر

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-13 09:08:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام ساقلاپ ئولتۇرۇپ مۇسابىقە باشلاي دىگەندە ئۇخلاپ قاپتىمەن   ئەمدى كەچتە تورخانغا چىقىپ كۆرسەم بولغىدەك . ئويدە ئۆزى يالغۇز ئاسانلا ئۇخلاپ قالدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-13 11:27:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي توۋا  بەزىلە بىرازىليەنى ئاران  ئۇتتى دەيدۇ. كىرودىيە شۇنچە ئاجىزمۇ.مىنىڭ پەرزىمچە بىرازىليە 4  كۈچلۈككە گەپ يوق كىرىپ  كىتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-13 11:08:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمار سېرىقتىن بىرنى يىدى ، سىكولارى ئېھتىيات قىلىپ نېمارنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۋالمىغان بولسا يانا بىرنىمۇ يەپ قويىشى بارتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-13 09:01:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باكا ئۇخلاپ قاپتىمەن باشلىندىغان چاغدا ياخشى بىرازىليە داۋاملىق ئالغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-13 08:13:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىدەك لەرنڭ ھالىنى  ئالدىرماي كۈرىمىز تېخى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-13 06:26:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-13 06:35:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ بىرازىلىيىكلەر تۆت توپ ئۇرۇپ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-13 06:49:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەتدېشىمغا زىيان سېپ قويدۇم دىسە ، ئۇ ئالدىنقى كۈنى بىرازىلىيە ئىككى توپ پەرق بىلەن ئۇتۇپ قۇيىدىغاندەك تۇرىدۇ دىۋىدى مەن تەڭلىشىپ قالامىكىن دىگەن، شۇ ئاخشىمى چۈشۈمدە بىرازىلىيە ئىككىدە بىر ئۇتۇپ چۈش كۆرۈپتىمەن ،نەتىجە شۇنداق ئېنىق، ھەتتا مۇنبەردىن مۇسابىقە جەۋھىرىنى كۆرگىنىمگىچە ئېنىق…ھا ھا ھا…مۇشۇلاردنى بۈگۈن كۈندۈزى ئۇنىڭغا تەپسىلى دەپ بەرسەم لاتارىيەنى شۇنىڭغا ئالسام بولامدۇ نىمە دەپ ئولتۇراتتى…تېخىمۇ قىززىقى ئالدىنقى يېرىم مەيدان تۈگەپ تەنەپپۇستا ئۇخلاپ قاپتىكەنمەن ،نەق 90مىنۇت بولغاندا بىرسى كۆزۈڭنى ئاچ دىگەندەك قارىسام نەتىجە ئىككىدە بىر تۇرىدۇ ، ئەتە ئۇنى مىھمان قىلدۇرىدىغان بولدۇم دەپ قاراپ تۇرسام 30سىكونتتىن كېيىن  ما ئوسكار رونالدونى دوراپ قويدى…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-13 07:15:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىلىيەنىڭ مۇداپىئەسىگە قايىل بولدۇم ... كەينىدىكى تۆتىسىنىغۇ دىيىش كەتمەيدۇ ، ئوسكار ، خولىك قاتارلىق ئالدىنقى سەپتىكى ئەزالارمۇ مۇداپىئەنى ئىنتايىن ياخشى قىلدى ! ئەلۋەتتە مارسىلونىڭ كىرگۈزگەن توپى تاسادىپىلىق !  بىرازىلىيەنىڭ ھۇجۇمى ئەمما ئادەمنى سەل ئەنسىرىتىدۇ ... يەنىلا بىريېرى كامدەك ، با بەدەننى خولىكقا بېرىپ قويۇپ قالغانلىرى ئاچ قالغاندەك ئورۇقكەن ... ئەمدى بۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقىلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇخلايمەن !  ھە راست دوستلار ، جۈمەگە بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمايلى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-13 07:23:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-13 07:25:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇقتا توپ بىكارغا قويۇلۇپ قالدى دەپ ئويلىدىمغۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-13 07:29:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچىچە مۇسابىقە كۇرگەنگە چۈشلۇق ئىش بۇلمىدى پەقەت قېززىمىدى تاس قالدى بىرازىليە تۇنجى مەيدان مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى  تېتغىنى ،  ئىشى چاتاق بۇلارنىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-13 07:37:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىليە يامانغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-13 07:39:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاران يىڭۋاپتۇ بۇلارھە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-13 07:59:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ نىيمار بولمىسا  بىرازىللانىڭ  ئىشى تەسكەن جۇمۇ  ،  يامان تۈك باشكىنا بۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-13 08:04:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبرار يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 07:25
نۇقتا توپ بىكارغا قويۇلۇپ قالدى دەپ ئويلىدىمغۇ .

ئۇ نۇقتا توپ ‹‹غەلىتە  مەخلۇقنىڭ ساھىپجامالنى قۇچاقلىشى بوپ قالدى››  ساھبجامال ناز كەرەشمىسنى قالتىس ئىشلەتتى  ، غەلىتە مەخلۇق سەل قوپال
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-9 01:55

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش