تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 2060|ئىنكاس: 34

بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى باشلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-13 13:52  

68NNSJ8839FG0005.jpg

              2014 -يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى بۈگۈن كېچە رەسمىي باشلىنىدۇ

               


پۈتكۈل دۇنيا توپ مەستانىلىرى ،جوملىدىن پۇتبول مۇنبىرىمىز ئىچى -سىرتىدىكى بارلىق توپخۇمار قېرىنداشلار تۆت يىلدىن بۇيان ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ كېلىۋاتقان بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى بۈگۈن كېچە شىنجاڭ ۋاقتى سائەت « 12:00 » دە ،بىرازىلىيەنىڭ  سان پاۋلودا رەسمىي باشلىنىدۇ .خەۋەرگە قارىغاندا ،مۇسابىقىدن بۇرۇنقى ئېچىلىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندا 60 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىنلار كۆرىدىكەن .تېلىۋۇزۇردىن مۇسابىقە كۆرىدىغانلارنىڭ سانى بىر مىلياردتىن ئېشىپ كېتىدىكەن .دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق سەنئەتكارلار ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيۇن قۇيىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا بىرازىلىيەنىڭ ئەنئەنىۋىي سامبا ئۇسۇلى تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بۇلىدۇ .بىرازىلىيەلىك بىر نەچچە داڭلىق ناخشىچىلار ئېچىلىش مۇراسىمىدا ناخشا ئېيىتىپ دۇنيا لوڭقىسى قىزغىنلىقىنى يۇقۇررى پەللىگە كۆتۈرىدۇ .600 سەنئەتكار مەيداندا ھەر خىل كۈرۈنۈشنى پەيدا قىلىپ بىرازىلىيە مەدىنىيىتى نامايەن قىلىدۇ .بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش رەئىسىنىڭ باشچىلىقىدا 10 دىن ئارتۇق لاتىن ئامېرىكا ۋە ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ، ئامېرىكا ،رۇسىيە ،گېرمانىيە ،گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ زۇڭتۇڭىمۇ قاتنىشىدۇ .ھەمدە بۇ رەھبەرلەر ئۆز دۆلەت بايرىقى ئاستىدا كوماندىسغا مەدەت بېرىپ توۋلايدۇ . بىرازىلىيەنىڭ ئايال زۇڭتۇڭى روسۇف بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمايدىكەن .بىراق مۇراسىمدىن كېيىنكى بىرازىلىيە بىلەن كىرودىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدىن بۇرۇن كېلىپ بولىدىكەن .

Img6600530_x580.jpg

بىرازىلىيە ساھىبخان ھەم چىمپىيۇن بولۇش ئېھتىمالى يۇقۇرى دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن بېسىم ھەقىقەتەن چوڭ ،بۇ ھەرقانداق دۆلەتكە نىسبەتەن شۇنداق ،تېرىنىر سىكۇلارى مۇنداق دىگەن : « بۇ بىزگە كۆپ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ،مېنىڭ ئاۋال ئويلايدىغىنىم ، بۈگۈن كېچىدىكى مۇسابىقە ،ئالدىمىدا يەتتە قەۋەت توساق بار ،بۈگۈن بۇنىڭ بىرىنچىسىنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن ئوينايمىز .ۋاقتى كەلدى ،بىز بىرلىكتە ئالغا قاراپ ماڭىمىز ،بۇ بىزنىڭ دۇنيا مۇسابىقىمىز ،يەنى ھازىرقى كوماندا 2002-يىلدىكى كوماندا بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ،نۇرغۇن توپچىلار ئۆزىنىڭ ئويناش ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتتى ،بەزىلەر بۇ قېتىم چۇقۇم ئۆزى ئادەتلەنگەن ھالەتتىن قايتىپ چىقىشى كېرەك ! مەسىلەن ، نېيمار ،بۇمۇ ۋاقتى كەلگەندە مۇداپىئەگە ئاكتىپ قاتنىشىشى لازىم ،نېيمارنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ! تاراتقۇلار پەرەز قىلىپ بىرازىلىيەنىڭ دەسلەپكى 11 كىشىلىك ئاساسلىق سەپ شەكلىنى تېپىپ چىققان .يېقىندا يارىلانغان نېيمار ھازىر تۇلۇق ساقايغان ،مەيدانغا چىقىدىكەن .بۇلار تۆۋەندىكىچە :

سەيسار ( ۋاراتار ) ئارۋېس ،سىلۋا ،لۇيىس ،مارسىلو ،گۇستاۋو ،پاۋلىنخو ،ئوسكار ،نېيمار ،فىردىرىك




88555614.jpg

بىرازىلىيە ھۈكۈمىتى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەندىن كېيىن بۇ چوڭ مۇسابىقىنى ئۇڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن مەبلەغ چىقىرىپ مەيدان سېلىشنى باشلىغان .خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسنىڭ چىقارغان مەبلىغىمۇ بار ،ھازىرقى خەۋەرگە قارىغاندا ،بەزى مەيدان پۈتكىلى تېخى ئىككى كۈن بوپتۇ ،بۇ ئارىلىقتا 70 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئۇستىلىرى ئۈلۈپ كەتكەن .بۇ تۆت يىل ئىچىدە كىشىلەرگە ئايان بولغىنىدەك بىرازىلىيە خەلقى كۆپ قېتىم نامايىش قىلدى . سۇغۇرتا ،ئىش ھەققى ،پاراۋانلىق دىگەندەك ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان ئىشلار بىلەن كارى بولمىدى ،ئۆينى قالايمىغان چېقىۋەتتى دىگەندەك ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن نۇرغۇن قالايمىقانچىلىق چىقىپ كەتتى .بىرازىلىيە ئايال زۇڭتۇڭى بۇنى بەزىلەر ئۆزىنىڭ كېيىنكى سايلام رىقابىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس تەشكىللىگەن دەپ بىلدۈردى .دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈلسە مۇشۇنداق ئىشلار چىقمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ .بىرازىلىيەدە ساقچىلار يېغىپ كەتتى ،تۈرمە مەھبۇسلار بىلەن تۇشۇپ كەتتى ...بۇ ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدا بىزگە ئايان بولمىغان يەنە نۇرغۇن ئىشلار بار ،بولدى ،بۇ ئىشلارنى مۇشۇنچىلىك بىلىپ تۇرايلى ،دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تېنىچ -ئامان ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ....مۇسابىقىگە دىققەت قىلايلى !

U5244P6T12D6914463F44DT20131202222501.jpg

بىرازىلىيە كوماندىسنىڭ ئىلگىرىكى دۇنيا لوڭقىسى نەتجىسىگە نەزەر سالغاندا ،19 مەيدان بىرىنچى مەيدان گۇرۇپ مۇسابىقىسدە ،15 مەيدان يېڭىپ ،ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇرغان ،يېقىنقى سەككىز نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسدا تۇلۇق يەڭگەن .بۇنىڭدىن كۈرىۋېلىشقا بۇلىدىكى ،بىرازىلىيەنىڭ تۇنجى مەيداندىكى نەتجىسىنى ھەقىقەتەن ياخشى دىيىشكە بۇلىدۇ ،كىرودىيە بولسا ئۈچ مەيداندا پەقەت بىر مەيدان يېڭىپ ،ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۋەتكەن .ئىككى كوماندا خەلقئارالىق مۇسابىقىدە ئىككى قېتىم ئۇچىراشقان .بىرازىلىيە بىر مەيدان يېڭىپ ، بىر مەيدان تەڭلەشكەن .2010-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسدا كاكانىڭ بارلىققا كەلتۈرگەن توپى بىلەن يەڭگەن .بىرازىلىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسدا ياۋروپا كوماندىلىرى بىلەن بولغان نەتىجىسى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ ،40 مەيدان يېڭىپ ،14 مەيدان تەڭلىشىپ ،13 مەيدان ئۇتتۇرغان .كىرودىيە بولسا ئۈچ قېتىم جەنۇبىي ئامېرىكا كوماندىلىرى بىلەن ئويناپ تۇلۇق مەغلۇپ بولغان .تاراتقۇلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە ،بىرازىلىيە 1 : 0 كىرودىيەنى يېڭىدىكەن .كىرودىيەنىڭ 1994-يىلى دۇنيا لوڭقىسدا ئۈچىنچى بولغانلىقىنى ،نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى ياۋروپا لوڭقىسى ئالدىن تاللاشتا ئېنگىلاندنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ .كىرودىيەمۇ بۇ يەرگە تاماشا قىلغىلى كەلگەن ئەمەس ، بىراق بۇ قېتىم كىرودىيەنىڭ رەقىبى ئادەتتىكى كوماندا ئەمەس ،بۇ سامباچىلارنىڭ مەيدانى !

20140612063205297df.jpg

ھەر ئىككىلا كوماندىدا بىردىن داڭدار توپچى بار ، بىرازىلىيەدە بولسا نېيمار ،باھاسى 60 مىليون ياۋرو ،كىرودىيەدىكى مۇدرىچنىڭ بولسا 40 مىليۇن ، بىرسى بارسېلونانىڭ ، يەنە بىرسى خان مادرىدتنىڭ ،ھەر ئىككىلىسى بىربىرىدىن قېلىشمايدىغان مۇنەۋۋەر توپچىلار ،ئالدىنقى پەسىلدە نېيمار 26 مەيداندا 9 توپ ئۇرۇپ 8 پاس چىقارغان .مۇدرىچ بولسا بىر توپ ئۇرۇپ 6 پاس چىقارغان .مۇدىرچنىڭ چىقارغا پاسلىرى ئەجەللىك پاسلار ، نېيمارنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسى تېخىمۇ قالتىس بولۇپ ،ھازىرغا قەدەر ئوينىغان 49 مەيداندا 31 توپ كىرگۈزگەن .توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ھەقىقەتەن يۇقۇرى بولغان .كىرودىيە كوماندىسدا Eduardo ئىسىملىك خەتەرلىك ھۇجۇمچىدىن بىرسى بار ،بۇمۇ دۆلەت كوماندىسدا 29 توپ كىرگۈزگەن .بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن بۇ توپچى مول تەجىربىگە ئىگە ،ئۇنىڭدىن باشقا بايرىن مىيۇنخىننىڭ قاتىل ھۇجۇمچىسى مەنزۇجىچمۇ دەل مۇشۇ كوماندىدا ،بۇلارنىڭ نىشانى پەقەت بىر نۇمۇر ،ئاندىن كېيىنكى ئىككى مەيداندا نۇمۇر ئېلىپ گۇرۇپپىدىن چىقىپ كېتىش ،بېسىم ئىچىدىكى بىرازىلىيەنى ئويلىمىغان يەردىن بىر تەرەپ قىلىۋەتمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ ....توپ يۇمىلاق ...

Img246482305.jpg

مۇسابىقىنى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدىن : خۇاڭ جىيەنشىياڭ ، جاڭ لۇ قاتارلىق بىزگە تۇنۇشلۇق بولغان داڭلىق رىياسەتچىلەر  ۋە دۆلەت كوماندىسنىڭ ئىلگىرىكى ھۇجۇمچىسى فەن جىيى چۈشەندۈرىدۇ .شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىمۇ  بۇ مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن ئاڭلىتىش قىلىدۇ .( بەك كېچىگە ئۇرۇنلىشىپ قالغان كېيىنكى مۇسابىقىنى چۈشەندۈرمەيدىغاننىڭ گېپى بار ،بۇنى ۋاقتى كەلگەندە كۈرەيلى ) كۈرۈلۈش قېتىم سانى نەچچە يۈز مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىغان دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق تاراتقۇ شىنلاڭ تورىدىكى جەنجون ھەمراھلىرى بىلەن ھەرقايسى تورداشلارغا ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ۋە ئۇچۇق ئاۋازى بىلەن چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئانالىز قىلىدۇ ..( باشقا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنى تۇلۇقلاپ قۇيىمەن )

68TEJBB139FG0005.jpg

قۇشۇمچە: بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى بىر ئاي داۋاملىشىدۇ .تۆت يىل ساقلاپ كەلگەن بۇنداق كاتتا مەرىكىنى بىزدەك مەستانىلەرگە نىسبەتەن ھىچكىمنىڭ قەتئى ئۆتكۈزۋەتكىسى كەلمەيدۇ .مۇسابىقە ئاساسى جەھەتتىن كېچىگە ئۇرۇنلاشتى .شاللاش باسقۇچىدىن كېيىنكى بەزى مۇسابىقىلەرنى تاڭ سەھەردە كۆرمەي ئامال يوق .ئاخىردا ،قېرىنداشلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلىغان ئاساستا چۇقۇم كۈرىدىغان مۇسابىقىنى تەرتىپلىك ئۇرۇنلاشتۇرشىنى ، شۇنداقلا مىۋە-چىۋە تۈردىكى يىمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !




بىرازىلىيە vs كىرودىيە  ( شىنجاڭ ۋاقتى سائەت  2:00 )

ئېچىلىش مۇراسىمى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت « 12:00 » دە باشلىنىدۇ .ئىككى سائەتتىن كېيىن رەسمىي مۇسابىقە باشلىنىدۇ .





730_1009832_278159.jpg
730_1009479_201675.jpg
56732_44276_701147.jpg
56732_44305_912325.jpg
56732_44275_228088.jpg

توپ تەپكۈچى














ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ شىنجاڭ  تىلىۋزىيە قاناللىرىدىمۇ ئۇلاپ تارقىتامدىغاندۇ باللا ؟
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسى 9 - قانالدا بىرىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىدەكلەر  15  توپ  يەپ  قويدىغاندەك
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 21:38
دىدەكلەر  15  توپ  يەپ  قويدىغاندەك

دىدەكلەر دىگىنىڭىز قايسى كوماندىنى كورسىتىدۇ ؟
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turgunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 21:40
دىدەكلەر دىگىنىڭىز قايسى كوماندىنى كورسىتىدۇ ؟

سىزنىڭچە  قايسىدۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندۈزى راسا ئۇخلاپ  كەچتە مۇسابىقە كۆرىدىكەنمىىز دە
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turgunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 21:40
دىدەكلەر دىگىنىڭىز قايسى كوماندىنى كورسىتىدۇ ؟

دىدەك ئىزورا دىگەن كىنونى كۆرگەنما ؟  قىرۋاي شۇنى دەيدۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرودىيەنى دەمسىز ؟
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 21:42
دىدەك ئىزورا دىگەن كىنونى كۆرگەنما ؟  قىرۋاي شۇنى دەي ...

مەن پەقەتلا كورمەپتىكەنمەن ئۇ كىنونى ،
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

توردىن  دىدەك  ئېزورا  دىگەن  كىنونى  ئېزدەپ  كۆرۇڭ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-6-15 15:18 , Processed in 0.101687 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش