akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2605|ئىنكاس: 23

ئۆزىل: ھەممە كوماندا گېرمانىيە كوماندىسىدىن قورقىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
20140612020226143.jpg ۋاڭيى تەنتەربىيىسى 12 - ئىيۇن خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا، گېرمانىيە دۆلەتلىك كوماندىسى ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشىش ئېھتىمالى بار كوماندا ھېسابلىنىدۇ. گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ چولپىنى ئۆزىل مۇنداق دەپ بىلدۈردى: ھەممە كوماندا ھازىر گېرمانىيە كوماندىسىدىن قورقىدۇ، چۈنكى گېرمانىيە كوماندىسى ھەقىقەتەن كۈچلۈك ھېسابلىنىدۇ.
بۇلتۇر يازدا ئۆزىل 42 مىليون 500 مىڭ فوندستېرلىڭ بىلەن ئارسېنال كوماندىسىغا قوشۇلغان، يېڭىلا ئۆتۈپ كەتكەن بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، ئۇ بەزىدە ئىپادىسىنى بەزىدە ياخشى جارى قىلدۇردى، بەزىدە جارى قىلدۇرالمىدى. تۈرلۈك مۇسابقىلاردا ئۆزىل 40 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ يەتتە توپ كىرگۈزدى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا ئۆزىل بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ ئىسپاتلىماقچى بولدى. تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىل گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى لوفنى ماختاپ مۇنداق دېدى: لوف يېڭى بىر گېرمانىيە كوماندىسىنى بەرپا قىلدى، بۇ پۈتۈن دۇنيا ھۆرمەت قىلىدىغان گېرمانىيە كوماندىسى ھېسابلىنىدۇ. ھەر قانداق رەقىب بىز بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى بىز بەك كۈچلۈك.
ئۆزىل يەنە مۇنداق دېدى: ئەگەر يېقىنقى ئىككى يىللىق ئىپادىمىزگە دىققەت قىلساڭلار شۇنى بايقايسىلەركى، بىز چىرايلىق توپ ئويناۋاتىمىز، بۇرۇن كىشىلەر گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئىرادىسى كۈچلۈك دەيتتى، ھازىر پۈتۈن دۇنيا گېرمانىيە كوماندىسى تېخنىكىسى  ياخشى كوماندا دەيدىغان بولدى.ئۆزىل مەشقاۋۇل لوفنىڭ گېرمانىيە كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن لوفنىڭ ئۇزغۇنلۇق مۇكاپات لوڭقىسىغا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن، ئۆتكەنكى ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا گېرمانىيە كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ ياكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا شاللاندى، بىز دۇنيا لوڭقىسى ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشىشنى بەك ئارزۇ قىلىمىز.   مەنبە ؛ نۇر تورى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-12 21:08:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ نۇر تورىدا ئىشلەيدىغان تەرجىمانلار قايسى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندۇ دەيمەن...ساپلا ئاتالغۇلار ۋە كىشى ئىسىملىرى خاتا تېخى لوگىكىلىق باغلىنىشلاردا مەسىلىلەر مەۋجۇت
گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى لوف ئەمەس لېف...ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىلمۇ ئۇنداق پو ئېتىپ سۆزلەپ كەتمىگەندۇ.ھازىر ھەممە  ئادەم گەپ سۆزگە دىققەت قىلمىسا گۇرۇپپىدا شاللنىپ چىقالمىسا سەتلىشىپ قالىدۇ،بەلكىم ئۆزىلمۇ ئۈزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقسىغا قارىتا  بەزى بىر كۆز  قاراشلىرىنى ۋە ئىشەنچىسىنى ئىجابىي يۇسۇندا دىسە پو ئاتقان خاراكتىردە تەرجىمە قىلغان گەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-12 21:09:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر تورىدىكى بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۆزىلنى ئاساسلىق ئەزا قىلىپ چۈشۈرمەيدىغاننىڭ گىپى بارغۇ باش تىرنىرنىڭ ئىشەنچىسگە ئىرشەلمىدىمۇ نىمە......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-12 21:09:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈچۈرۈلگەن تىمىكەن ماۋۇ。باشقۇرغۇچى پارا ئالغان ئوخشىمامدا?
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-12 21:14:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمانىيە كوماندىسى ھەقىقەتەن كۈچلۈك   لىكىن  ئۆزىلنىڭ ئاۋۇ گىپىنى تەرجىمە قىلغان تەرجىمان ئىيىتقاندەك باشقا كوماندىلار گىرمانىيە بىلەن ئۇچۇرشىشنى خالىمايدۇ ئەمەس بەلكى شەرەپ ھىس قىلىدۇ.   
  ئەڭ ئاددىسى ئۆزىل ئۇنداق پو ئاتمايدۇ...........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-12 21:17:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئۆزىل ئالدىراپ پو ئاتىدىغان بالا ئەمەس، تەرجىمانلارنىڭ ئىشىمىكىن دەيمەن، كەسپى تەرجىمانلارنى ئىشلەتسىمۇ بولاتتى، بولمىسىغۇ‹‹ ئۇلىنىش››تورى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى خەۋەرنى ئەڭ تىز يەتكۈزىدىغان توربەتكە ئايلانغانىدى .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-12 21:21:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس سۆزلىسىمۇ پو ئاتقانلىق بولماس ، دىمىسىمۇ ھەممىسى گېرماندىن قورقىدۇ ئۆزىل بىلەن كۆز قارشىمىز ئوخشاشكەن جۇمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-12 21:27:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانداق گەپلەرگە       ھە    لا  دەپ قويسا بولدىكەن جىمۇ ،
مۇسابىقىدىن كىيىن ئۇنداق بولماي قالسا سەتلىشىپ قالدىغان ئىش .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-12 21:28:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پو سۆزلىگەنلەرنى كۆپ كۆرگەن بىز بۇ مۇنبەردە لېكىن شۇلارنىڭ ئاقىۋىتنى ھەممەيلەن بىلسە كېرەك .........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-12 21:34:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە كۇماندىلار گېرمانىيە كۇماندىسى بىلەن ئۇچۇرشۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ دىگەن گەپ بىلەن قورقىدۇ دىگەن گەپنىڭ خېلى چوڭ پەرقى بار ، بولسا تەرجىمە قىلغاندا توغرا تەرجىمە قىلسا قانداق بۇلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-12 21:35:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پوق گەپ بۇ ئوزىل ئۇنداق گەپلەرنى قىلمايدۇ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-12 21:57:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىل توغرا دەيدۇ، گىرمانىيە كوماندىسىغا ئۇچىرغان ھەرقانداق كۈچلۈك كوماندا جىدىلىشىش بولماي قالمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 14:31

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش