ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2448 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىردانلار .
ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە چۇڭ ئىسلاھات ...
مىلەن تەنتەربېيە گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە ، ئىتالىيە پۇتبۇلچىلار جەمئىيتى تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ ئىتالىيە پوتبۇل ساھاسىدىلا بار بۇلغان ئۇرتاق ئېگە بۇلۇش تۈزۈمىنى كىلەركى پەسىلدىن باشلاپ يۇق قىلىدىكەن ، بۇ تۈزۈم بىر پۇتبۇلچىغا ئىككى كۇماندا ئېگە بۇلۇش دىگەننى بىلدۇردۇ ، بۇ بىر قىززىقارلىق تۈزۈم ، يەنى بىر پوتبۇلچىغا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ جىق كۇماندائېگە بۇلىدۇ ، لېكىن بۇ خىل تۈزۈم شەكلى پەقەت 1 يىل كۈچكە ئېگە ، مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئىككى كۇماندا يېپىق ھالەتتە سودىلىشىپ پۇلنى جىق چىقارغان كۇماندا شۇ پوتبۇلچىنى سېتىۋالدۇ يەنى شۇ پۇتبۇلچى پۇلنى جىق چىقارغان كۇماندىغا تەۋە بۇلىدۇ ، لېكىن كۇماندا ئورتاق كېڭىشىپ ئۇرتاق ئېگە بۇلۇش تۇختامىنى قايتا تۈزۈپ بۇ خىل شەكىلنى داۋاملاشتۇرسىمۇ بۇلىدۇ .
بۇ خىل شەكىلدىكى تۈزۈم ھازىر پەقەت ئىتالىيەدىلا مەۋجۇت ، لېكىن كېلەركى پەسىل مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ بۇ خىل تۈزۈم يۇق بۇلىدۇ ، ھازىر بۇ خىل شەكىلدىكى تۇپچىلارغا بىر يىل مۆھلەت بىرىلدى ، بىر يىلدىن كېيىن چۇقۇم بۇ خىل ھالەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاشۇ پۇتبۇلچى پەقەت بىر كۇماندىنى تاللىشى كىرەك .
ھازىر ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە بۇ خىل شەكىلدىكى توپچىدىن 164 ى با ، بۇنىڭ ئېچىدە 94 ى بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇردۇ ھەم قالغان 70 پۇتبۇلچىمۇ چۇقۇم بۇ خىل ھالەتنى يۇق قېلىشى كىرەك .
ئۇرتاق ئىگە بۇلۇش تۈزۈمى بۇرۇن كىچىك دۇنيا دەپ نام ئالغان ئىتالىيە بىرلەشمىسنىڭ ھازىرقىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى ئەمدى ئىتالىيە بىرلەشمىسى ئاستا ئاستا باش كۆتۈرگۈسى ... |
|