تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1348|ئىنكاس: 33

شاۋى يۇقىرى مائاش بىلەن يۆتكەلمەكچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەبرار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 22:28  

1.gif


ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چىمپيونى ، ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچىقا كىرىپ ، لوڭقىنى بىر قولىغا ئىلىپ بولۇپ ، سەت بولدى دەپ قايتۇرۇپ بەرگەن ئاتلىتكو مادرىتنى ھەممە كىشى يازلىق يۆتكىلىشتە تالان-تاراجغا ئۇچرايدۇ دەپ يۈرگەن مۇشۇ پەيىتتە ، ئۇلار ئۆزىنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش ئۇچۇن يېڭى قان تولوقلاشلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى ، بۇلارنىڭ نىشانى بولسا ،ھېچكىم دىققەت قىلمىغان ، لېكىن كەلگۈسى پارلاق ياشلار ، بۇ قېتىم ئۇلار گىرانىدا كوماندىسىنىڭ غۇللۇق ئەزاسى سىكىرانى ئاتلىتكو مادرىتقا رەسىمى قۇشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى ، سىكىرانىڭ يۆتكىلىش ھەققى 10 مىليون ياۋرو قىلىپ بېكىتىلدى .
2.gif

Bp3MNIBIcAA6l_X.jpg-large-480x640.jpg

2.gif

بارسېلونا تەرەپتە بولسا ، پويول ۋە فالدىزنىڭ كوماندىدىن رەسىمى ئايرىلغاندىن كېيىن ، ئۈچىنچى مۇھىم شەخىس كوماندىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ ، ئۇ كىشى بولسا ، ئىسپانىيە ۋە بارسېلونانىڭ ئارقا مېڭىسى شاۋى .
قاتار ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ، بارسېلونا كۇلۇبى بىلەن قاتار بىرلەشمسىىدىكى قاتار كۇلۇبى شاۋى ھىرناندىزنىڭ يۆتكىلىش ئىشىدا بىرلىككە كېلىپ بولغان ، خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ، قاتار كۇلۇبى فاكس ئارقىلىق بەزى ئالدىنقى يۆتكىلىش رەسمىيەتلىرىنى پۈتكۈزۈپ بولغان ، يەنە بىرسىگە بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى ، شاۋى ھىرنەندىزنىڭ ۋاكالەتچىسىنىڭ قاتارغا سەپەر قىلغانلىقىمۇ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ .  قاتار كۇلۇبى شاۋىغا رازى بولغۇدەك مائاش بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ ، باجدىن كېيىنكى مائاشى 10 مىليون ياۋرۇ .
ئىككى كۇلۇپ دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن رەسىمى ھالدا بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلىدۇ .
ئەگەر شاۋى ھىرنەندىز راستتىنلا قاتار بىرلەشمىسىگە بارسا ، مادرىد كوماندىسىنىڭ رىۋايەتلىك چولپىنى رائۇلدىن كېيىنكى ئىككىنچى داڭلىق شەخىس بولۇپ قالىدۇ .

c46f1__28-2-2014j7.jpg

 ئىگىسى| ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشئەل يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 02:30
ۋاي بۇ پەسىل نىمانداق جېق توپچى ئايرىلدۇ بارسادىن ، [s:22 ...

تۇختام تۇزۇپ بولدى ، راكىتىچمۇ بۇنى رەسىمى ئېلان قىلىپ بولدى ، لېكىن رەسىمى ئېلاننى دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن قىلدىغان ئوخشايدۇ .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مۇنبەر قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئاڭلاپ كىلىۋاتقىنىم باساچىلارنىڭ رائۇلنى مادرىدتا چىكىنگىلى قويمىغىنىنى تۇتقۇ قىلىپ، مادرىدنى يۈزسىز قاتارىغا چىقارماقچى بولۇشى ئىدى. ئەمما ئۆزىگە كەلگەندە بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىپ كىتىپتۇ.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى كەتمىسەڭ بولاتتى     ئەلۋىدا   بارسىلونا سىنى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپتۇ ، بۇمۇ كەتكەچ تۇرسۇن ، يىللار ئادەمگە باقمايدۇ . ئامان بولساق مىسسىنىڭمۇ چېكىنگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلايمىز تېخى ، بىراق بۇنىڭ ئىزىنى تۇلۇقلايدىغان راۋۇرۇس ئوتتۇرا مەيدان يوق ، ئەسلى تىياگو كانتارا ياخشى نامزات ئىدى ، فابرىگاسنىڭمۇ ئورنى لىڭشىپ قالدى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي كەتمەي بارسادا چېكنسەڭ بولمامتى فابرىگاسنىمۇ سېتۋەتتۇق كۇڭلىدە نېمە ئۇيلايدۇ بۇ يېڭى كاتتىۋاش ئەمدى  سېلۋا    كوكى خارزات ئارسىنالدىكى كازۇللا ئىچىدىن بىرسىنى يۆتكەپ باقسا.
بولتى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بۇ پەسىل نىمانداق جېق توپچى ئايرىلدۇ بارسادىن ،   كېينكى ئىشلىرىڭغا ئۇتۇق تىلەيمىز .
راسىت بارسىلونا سېۋىليەدىكى راكتىچ بىلەن توختام تۈزۈپ بولغانمدۇ ؟
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭمۇ ئالتۇن قازغىسى كەپ قالغان ئۇخشايدۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قېرىمۇ ئەمەسقۇ خاۋي؟ خېڭدا بىر كۈچەپ باقسا بولىدۇ ئەسلى، پۇل دىگەن توشاق بولغاندىن كىيىن ھازىر.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راھولمۇ قاتاردا،شاۋىمۇ قاتارغا بارسا چىكىت تۈگە، بۈرگىلەرمۇ قاتارغا بېرىپ قاتار تىزىلىپ تۇرۇپ كەتسە
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتلىتكو مادرىتنى ھۆكىرەتكەن چولپانلار كوماندىدىن بىر-بىرلەپ ئارىلماقتا،  كىيىنكى پەسىل كۈرۈمىز بۇلانڭ ھالىنى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتلىتكا مادرىد ئەزەلدىن سودىغا بەك ئۇستا ، ئەرزان ئىلىپ قىممەت ساتىدىغان، خوددى بىزنىڭ يېزىدىكى كالا بودايدىغان تۇڭگانلاردەك
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-6-15 15:19 , Processed in 0.096369 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش