akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 581|ئىنكاس: 21

تۇرپان باھار پەسىللىك پۇتبول بىرلەشمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلا...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتەش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-8 20:15  

QQ图片20140608192228.jpg

بۇ يىل 3 – ئايدا باشلانغان تۇرپان باھار پەسىللىك پۇتبول بىرلەشمىسى 2 – ئىيۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. قايناق ھېسسىيات، گۈزەل ئەسلىمىلەرگە تولغان بىر پەسىللىك مۇسابىقە ئارقىلىق تۇرپان خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى يەنىمۇ بېيىتىلدى. ئاتەش يۈرەك، پۇتبول سۆيەر قەلىبلەر كەينى – كەينىدىن مەيدانغا كەلدى، پۇتبول ئىشقىدا ۋاژىلداپ كۆيۈۋاتقان ياش بۇژغۇنلار يېتىشىپ چىقتى. كەسكىن رىقابەت ئارقىلىق ئازغىنە نومۇر پەرقى بىلەن چىمپىيۇنلۇقنى ۋە ئېسىل مەرگەنلىكنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىدىن ئۆكۈنۈش ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىدىن قايتا غەيرەتكە كىلىشتەك ئېسىل كۆرۈنۈش، تەسىرلىك كارتىنىلار كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. قىسمەن ئىجتىمائىي سەۋەبلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا تۇمۇز ئىسسىق ياكى تۇپا – چاڭلىق ھاۋا رايى بولسۇن مۇسابىقە توختاپ قالماي ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلدى. تاماشىبىنلارمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەيدانغا بىللە ئېلىپ كىرىلدى.
تۇرپان باھار پەسىللىك سەككىز كىشىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى جەمئىي 14 ئايلانما ئېلىپ بېرىلىپ، 56 مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى. قاڭقىل، ئەلقىيا، فارخان، كارۋانچى، سەرناز، 2 – ئوتتۇرا، ئىتتىپاق، ياشلار بىرلەشمىسى قاتارلىق سەككىز كوماندا تىزىملىتىپ قاتناشتى. كوماندا ئەزالىرىنىڭ سانى 150 تىن ئاشتى. ئىلگىرى – كىيىن مۇسابىقىگە ئىشتىراك قىلغان تاماشىبىن سانى 10 مىڭغا يەتتى. مۇسابىقە، ئادىل، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپى بويىچە دوستانە ئېلىپ بېرىلدى.
2 – ئىيۇن 14 – ئايلانمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بارلىق كوماندا ۋە كوماندا ئەزالىرى مەيداننىڭ ئوتتۇرىغا يىغىلىپ، يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈپ تۇردى.
تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىسھاقجان لىتىپھاجىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇكاپاتلاش مۇراسىمى باشلاندى. ئىسھاقجان لىتىپھاجى بۇ پەسىللىك مۇسابىقە ئەھۋالىنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ، كېيىنكى پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقە ۋە تەكلىپ مۇسابىقە ئۇچۇرلىرىدىن كۆپچىلىكنى خەۋەردار قىلدى. رىپىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋەلى مۇئەللىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كوماندا ۋە شەخسلەر تۆۋەندىكىچە:
قاڭقىل تائاملىرى كوماندىسى ئېسىل ئىپادىسى بىلەن بىرلەشمىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا؛
ئەلقىيا كوماندىسى ئىككى نومۇر پەرقى بىلەن ئىككىنچىلىككە؛
فارخان كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە؛
2 – ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى تەنتەربىيە ئەخلاقى مۇكاپاتىغا؛
قاڭقىل تائاملىرى كوماندىسىدىكى پەرھاتجان نىياز 25 توپ بىلەن ئېسىل مەرگەن مۇكاپاتىغا؛
فارخان كوماندىسىدىكى سادىق يىتىلىۋاتقان ئەڭ تالانتلىق ياش پۇتبولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئاخىرىدا بىرلەشمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ھەرقايسى كوماندىلارنى قۇرغان ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان ئۈرۈمچى «كارۋانچى» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، تۇرپان «قاڭقىل» مەززىلىك تائاملىرى شىركىتى، 2 – ئوتتۇرا مەكتەپ كوللېكتىپى، سەرناز توي گىرىمچىلىكى، «گوفۇ» قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى زاۋۇتى، يەككە تىجارەتچى غۇپۇرجان قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلارغا ۋە ئۆز يېنىدىن ئىقتىساد ئاجرىتىپ كوماندا تەشكىللىگەن، ئەلقەمجان، ئابدۇۋەلى، دىلشات، ئابدۇۋەلى، ئادىلجان، ۋاڭ جيەن، بارى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

يەنە بىر خەۋەر: يېقىندا تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى مۇدىرىيەت ئەزالىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى. پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى جاڭ يۇڭ پەخرىي رەئىسلىككە، ھېسامىدىن پەخرىي رەئىسلىككە كۆرسىتىلدى. كاتىباتلار گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئىسھاقجان لىتىپھاجى رەئىسلىككە؛ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپ فەرۇقجان باش كاتىپلىققا كۆرسىتىلدى. پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۈچۈن ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان ۋەلى مۇئەللىم، دولقۇن ئوسمان، پەرھاتجان نىياز قاتارلىقلار مۇئاۋىن رەئىسلىككە، خالمۇرات، مۇھەممەت ياقۇپ قاتارلىقلار مۇئاۋىن باش كاتىپلىققا كۆرسىتىلدى.

تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى
2014 – يىلى 8 – ئىيۇن
بۇ پەسىللىك بىرلەشمە  ۋە مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر قىسقىچە يوللاندى

1 (1).jpg

1 (3).jpg

1 (4).jpg

1 (5).jpg

IMG_6781.JPG

IMG_6782.JPG

IMG_6783.JPG

IMG_6784.JPG

IMG_6786.JPG

IMG_6785.JPG

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-8 19:50:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملەر قانداق چىقىپ قالدى ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-8 19:51:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىز يوللىغان ۋاقتى  2014-6-8 19:50
رەسىملەر قانداق چىقىپ قالدى ؟

رەسىملەر مىنىڭكىدە نورمال، سىزنىڭكىدە قانداق چىقىۋاتىدۇ، چاتاق بولسا دەرھال ئوڭشاپ قويىمەن خاپا بولماي دەپ بېرىڭە. قانداقكەن؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-8 19:55:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتەش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-8 19:57  

دوستلار، تېمىنى ئۈندىدارىمغا ھەمبەھرىلىيەلمىدىم، «ئۈندىدارىڭىزنى ئېچىپ “发现” دىن “扫一扫” ئارقىلىق ئىكىلىك كودىنى سىكاننىرلىسىڭىزلا دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھرلىيەلەيسىز» دەپلا تۇرىدۇ، يا ئىككىلىك كودنى تاپالمايمەن، سىستېما شەكىللەندۈرمەيۋاتامدىغاندۇ يا؟ تور كۆرگۈچنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقتىم بولمىسا، بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن.



مۇشۇنداقلا تۇرىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-8 20:02:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتەش يوللىغان ۋاقتى  2014-6-8 19:55
دوستلار، تېمىنى ئۈندىدارىمغا ھەمبەھرىلىيەلمىدىم، «ئۈ ...

شۇ مېنىڭكىدىمۇ ئاشۇ سۇرەت ، تۇزخان تۇربىتىنىڭ ئادىرسى چىقىرلغان قۇنچاق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-8 20:15:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوڭشاپ قويدۇم، ئەمدى تەستىقلىۋەتسىلا مىنىڭچە ئوڭشىلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-8 21:01:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلىرىمغا ئامەت تىلەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-8 21:08:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش   تىخىمۇ كۆپلەپ ئۈتكۈزۈلسە ياخشى مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-8 21:16:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-8 22:06:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشى مۇنەۋەر ۋارتانى تالىماپسىلەغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-8 22:50:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇت بەلگىسى بوپ قويىدىكەن،ئۆزىڭىز لايھىلىگەنما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-8 23:08:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇت بەلگىسى راست بەك ماس كەپتۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:19

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش