akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1914|ئىنكاس: 68

ئەڭ يېڭى قىسقا خەۋەرلەر ( 1 )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-7 17:35  

U8691P6T12D6678084F44DT20130719093213.jpg

گىرىتسىيەدىكى كۈچلۈك كۇلۇپ گاتوسۇ بىلەن توختام ئىمزالىدى

6-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گىرىتسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى OFI كىرىت ئورگان تورى ، ئىلگىرىكى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ داڭلىق توپچىسى گاتوسو بىلەن بىر يىللىق توختام ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .ئىلگىرى -كېيىن  بولۇپ ،ئىتالىيە ۋە شىۋىتسارىيە بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلارنى يىتەكلەپ باققان گاتوسو ئالدىنقى پەسىل گىرىتسىيە بىرلەشمىسدە ئالتىنچى بولغان بۇ كوماندىنى رەسمىي قۇلىغا ئالدى .گاتوسو ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسدا 73 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان .بىر توپ ئۇرغان .2006-يىلى ئىتالىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسدا چىمپىيۇن بولۇشىغا تۆھپە قوشقان .شانلىق دەۋرى ئا س مىلاندا ئۆتكەن .ئالدىنقى پەسىلنىڭ بېشىدا پالېرمو كوماندىسىغا تېرىنىر بولۇپ ، نەتىجىسى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن يېرىم يولدىلا خىزمىتىدىن بۇشىتىلغان .

ئىتالىيەلىك مەرگەن « 200 » توپ ئۆتكىلىدىن ئۈتۈشنى پىلانغا ئالدى

U333P6T64D94965F1325DT20140109174608.jpg

5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىتالىيە ئۇدىنىس كوماندىسنىڭ بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن داڭلىق ھۇجۇمچىسى دىناتالى تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چېكىنىش پىلانىدىن ھازىرچە ۋاز كەچكەنلىكىنى ، شۇنداقلا بۇ كوماندىدا يەنە بىر يىل توپ تېپىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .دىناتالى ئىتالىيەدىكى توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى يۇقۇرى بولغان مەرگەن بولۇپ ،2010 ۋە 2011 -يىلى ئۇدا ئىككى يىل « ئالتۇن ئاياق » مۇكاپاتىنى ئالغان .2010-يىلى ئىتالىيە « پۇتبول ئەپەندىسى » شەرىپىگە ئېرىشكەن .ئالدىنقى پەسىل 31 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 13 توپ ئۇرغان .دىناتالى بۇ يىل 6-ئايدا يېشىل چىملىقتىن خوشلىشىش پىلاندىدىن ۋاز كېچىپ ئۇدىنىس كوماندىسدا يەنە بىر يىل توپ تېپىپ 200 توپ ئۆتكىلىدىن ئۆتمەكچى بوپتۇ .

رونالدو : پورتۇگالىيە چىمپىيۇن كوماندا قاتارىدا ئەمەس ،بىراق بىز ئىلگىرلەيمىز !

U7880P6T12D7193719F44DT20140604121826.jpg

بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىدىغانغا ئاز قالدى .بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان ھەر بىر كوماندىنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىگە تاراتقۇلار دىققەت قىلىۋاتىدۇ .ESPN تور بېكىتىنىڭ 6-ئاينىڭ 6-كۈنى بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا ،« ھالاكەت گۇرۇپپىسى » دەپ قارالغان پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ بايراقدارى كىرىستىئانو رونالدو  مۇنداق دىگەن « بىز گېرمانىيە ،گانا ،ئامېرىكا قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن بىر گۇرۇپپىدا ،بۇ ھەقىقەتەن كۈچلۈك كوماندىلار يىغىلغان گۇرۇپپىغا تەۋە ،ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا بىلەن ئوينايمىز .گېرمانىيە بىلەن بۇلىدىغان مۇسابىقە بىزگە خېلى تەسكە توختايدۇ .باشقىلار بىزنى چىمپىيۇن بولىدىغان كوماندا دەپ قارىمايدۇ .بىزگە ئايان ، گۇرۇپ مۇسابىقسىدىن ئۇڭۇشلۇق چىقىش ئاسان ئەمەس ،ئەمما بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئوينايمىز ،بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئالغا ئىلگىرلەيمىز .

مادرىد تېرىنىرى كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا قىزىنى ياتلىق قىلىۋەتتى ،

20140606142943649d4_550.png

6-ئاينىڭ 6-كۈنى خان مادرىد كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ئەنچىلوتتى قىزى كارانى كۆزى قىيمىغان ھالدا ياتلىق قىلىۋەتتى .ئەن تېرىنىرنىڭ قىزى بۇ يىل 30 ياش بولۇپ ،توي مۇراسىمى ئىتالىيەنىڭ ناپولىدا ئېلىپ بېرىلدى .دادا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنچىلوتتىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى .ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ يېشىنى ئېيتىپ ئولتۇردى .خەۋەرگە قارىغاندا ،ئەنچىلوتتى يەنە بىر ئايدىن كېيىن ئۇزۇن يىل ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان 43 ياشلىق قىز دوستى سارا بىلەن توي قىلىدىكەن .شۇنداق بولغاندا ئەن ئائىلىسدە بىر ئايدا ئىككى توي بۇلىدۇ .

ئۆزىلنىڭ ئىپادىسى چېكىندى ،مەستانىلەر نارازى بولدى

U10014P6T12D7193587F44DT20140604103947.jpg

يېقىندا كامېرۇن كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسدە ،گېرمانىيە كوماندىسىدىكى مەسۇت ئۆزىلنىڭ ناچار ئىپادىسى نەق مەيداندىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ قويغان .بىرلەشمە مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۆلەت كوماندىسغا قايتىپ دۇنيا لوڭقىسىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئۆزىلنىڭ ھالىتى ياخشى بولمىغان ، بۇنى تېرىنىر لېفمۇ ئېتىراپ قىلغان .شۇ مۇسابىقىدىن كېيىنكى نۇمۇر قۇيۇپ باھالاشتا ئۆزىل كوماندا ئەزالىرى ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن نۇمۇر ئالغان .بۇ ئۆزىلنىڭ بىرىنچى قېتىم توپ مەستانىلىرىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچۇرشىشى ئەمەسكەن .چىلى بىلەن بولغان مۇسابىقىدمۇ ئۆزىل مەيداندا ئاساسەن رولىنى يۇقاتقان .تېرىنىر لېف بۇ توپچىنىڭ تېزىرەك ئەڭ ياخشى ھالىتىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىۋېتىپتۇ .

ۋېنگىر فىرانسىيەلىك ياش ھۇجۇمچىنى يۆتكىمەكچى

20140604093139c9ed7_550.jpg

بېنتىنىر كوماندىدىدىن ئايرىلدى .جىروۋنىڭ توپ ئۇرۇش بېسىمى ئاشتى .ئارسېنال بىر ھۇجۇمچىغا مۇھتاج ،ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە ،تېرىنىر ۋېنگىر خېلىدىن بۇيان كۆز تىكىپ تۇرىۋاتقان خان مادرىد كوماندىسنىڭ ھۇجۇمچىسى مۇراتتا يۇۋېنتۇسنىڭ ئولجسىغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرىۋېتىپتۇ .ئامالسىز قالغان ۋېنگىر نەزىرىنى فىرانسىيە پارىژ سانت ژىرمان كوماندىسنىڭ توپچىسى با ئېيبىيگە قاراتقان .بۇ توپچى فىرانسىيە 20 ياشلىقلار كوماندىسنىڭ غوللۇق توپچىسى بولۇپ ،يېقىندا ئاخىرلاشقان تۇلۇن لوڭقىسدا تۆت توپ ئۇرۇپ مەرگەن بولغان .گەرچە فىرانسىيە 20 ياشلىقلار كوماندىسى ھەل قىلغۇچتا بىرازىلىيەگە ئۇتتۇرۋەتكەن بولسىمۇ ، بىراق بۇ توپچىنىڭ قالتىس ئىپادىسى نۇرغۇن تېرىنىرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان .

رونالدو 7 يىل مېسسى بىلەن ئېلىشىپ ئاخىر ھېرىپ قالدى

U370P6T12D7121550F45DT20140416102911.jpg

خەۋەرگە قارىغاندا ، رونالدونىڭ توختىماي يارىلىنىشى كىشىلەرنى ھازىر ئەندىشىگە سالغان .ئىلگىرى بۇنداق ئىش كۆپ كۈرۈلمىگەن بولۇپ ،تاراتقۇلارنىڭ پەرىزىچە ،خان مادرىدتتا ھەدىدىن زىيادە كۆپ مەيدانغا چىقىش ۋە چارچاش بۇ توپچىنىڭ بەدەن ساپاسىنى خورىتىۋەتكەن .مۇشۇنداق بۇلىۋەرسە رونالدو ئېھتىمال كەسپىي ھاياتىنى ئۇزۇن داۋاملاشتۇرالماسلىقى مۇمكىن ! ئەينى چاغدا گوللاندىيەلىك داڭلىق توپچى ۋان باستېن بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە تىزى يارىلىنىپ ئاخىردا چېكىنگەن .شۇ چاغدا ۋان باستېن 29 ياش ئىدى .يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ دۇنيا لوڭقىسدا مەرگەن بولۇش ئېھتىمالى يۇقۇرى توپچىلار رەت تەرتىپىدە مېسسى يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان .باھا جەھەتتە مېسسى يەنىلا دۇنيادىكى ئە قىممەت توپچى ھېسابلىنىدىكەن .گەرچە رونالدو بۇ يىلىقى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتا 17 توپ ئۇرۇپ چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ ، بەزى تاراتقۇ ۋە داڭلىق شەخس تەرىپىدىن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا دەپ قارالغان بولسىمۇ ،لېكىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارشىچە ، مېسسى ھازىرمۇ دۇنيادا بىرىنچى نۇمۇرلۇق توپچى ھېسابلىنىدىكەن .مېسسىنىڭ تۆت قېتىم ئېرىشكەن « ئالتۇن توپ » رېكورتىغا بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن رونالدونىڭ يېتىشىشى ناھايىتى تەس ئىكەن .شۇنداق بولغاندا رونالدو يەتتە يىلدىن بۇيان مېسسى بىلەن تۇتۇشۇپ ، ئاخىردا ئالتۇن توپ ، يۆتكىلىش باھاسى ،ئىش ھەققى ،توپ سانى ۋە باشقا كەسپىي ھاياتىدا ئېرىشكەن لوڭقا سانى جەھەتتە مېسسىغا پۈتۈنلەي ئۇتتۇرۇپ قۇيۇشى مۇمكىنكەن . خان مادرىد كېيىنكى بىر نەچچە يىللاردا رونالدودىن چوڭ نەپ ئالالمىسا ،ئىككىلەنمەي كىم ئارتۇق قىلىپ ساتمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ ! ئىلگىرى خان مادرىدتا توپ تەپكەن راھۇل قاتارلىق بەزى داڭدارلار يېشى چوڭىيىپ ئىپادىسىدە چېكىنىش كۈرۈلگەندە ،كىشىلەر تەرىپىدىن يولباشچى ،بايراقدار دىيىلگەن بۇ توپچىلار يولغا سېلىۋېتىلگەن .ھازىرقى كاسىللاسمۇ تېخى مۇقىم ئەمەس !

21245_1982698_184198.jpg

توپ تەپكۈچى تەرجىمىسى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
dilmurat. + 50 ئىسىل خەۋەر تېمىسى !

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-7 11:53:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى مىنىڭ نەزىرىمدە رۇنالدۇ 1 ، مىسسى 2  قالغانلارنىڭ باشقىچە بۇلسا كارىم يۇق ئۈزەم ئامراق تۇپچىنى ھۇرمەتلەيمەن ھەم ئاشۇ تەرەپتە تۇرىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-7 00:04:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىلىنىڭ ئەرمىنىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە سەل شاشراق ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، مېسسى بىلەن رونالدونىڭ پىكېيسى تارىختىكى ئەڭ كاتتا رىقابەت دەپ قارايمەن....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-7 00:05:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەن بوۋاي مۇسابىقىدە توپ يەپ كەتسىمۇ بۇنچە   قىزارمايتى ،،ئاۋۇ رەسىمدە رەسمىي ئۆپكىدەك بولاپ كىتىپتا،ھازىرلا بىرسى بىلەن سوقىشىدىغاندەك لا ،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-7 00:08:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-7 00:11:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋ دادىسى قىزىدىن كىيىن توي قىلدۇ دىگەن گەپمابۇ. ئەنچىلودىنىڭ يىگىت تۇيىمىكەن يا بۇ?ھې
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-7 00:14:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى ساڭا ئۇتۇق ئامەتلە ياربولسۇن، تاشقى پىلانىت ئادىمى رونالدۇنىڭ رىكورتىنى بۇزۋىتشىڭنى ئۆمۈت قىلمەن غەيرەت قىل مىسسى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-7 00:18:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ozili يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 00:05
ئەن بوۋاي مۇسابىقىدە توپ يەپ كەتسىمۇ بۇنچە   قىزارمايت ...

ئۆز پارىسنى  ئۇزۇتۇپ قويغاندىكىن شۇنداق بولدىدە  ئە دوختۇرلا ئەمەس ھەممە ئادەم شۇنداق بولىدۇ  شۇ پەيىتتە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-7 00:23:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېسسى 4 نى ئالغاندۇ ئالتۇن توپتىن ، ياكى بۇ نۆۋەت مېسسى ئالىدۇ دەپ شۇنداق يېزىلغانمىدۇ چۈشىنەلمەي قالدىم .


مىنىڭچە ئۇنىچلىك يارلانغاندا ھېچقىسى يوق ، مېسسىمۇ ئالدىنقى قېتىم يارلىنىپ بىر مەزگىل ئارام ئالدى ، تېخى قۇسۇپ يۈرگەن چاغلىرىمۇ خېلى بار ، دۇنيا لوڭقىسىدا يەنە قۇسمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ ، رونالدو ھېرىپ قالغان بولماسلىقى مۇمكىن ، تېخى رونالدودىن كىچىك مېسسى ھېرىپ قېلىپ بالدۇرلا سەپتىن چۈشۈپ قالامدۇ بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ ، رونالدومۇ ئىبراھىم تۈگىنى شاللىۋەتكەندەك بىر ئويناپ كەتسە ئۇنىڭغىمۇ بىر نىمە دىمەك تەس . مىنىڭچە بۇ يىللىق ئالتۇن توپ يەنىلا رونالدونىڭ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
سەنسىز + 50 قالتىس! ئەمەلىيەت

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-7 00:24:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مىسسى بىلەن رۇنالدۇنىڭ دۇنيا لۇڭقىسىدا قانچە توپ ئۇرغىننى كىم ئىنىق بىلىدۇ؟
مىنىڭ پەرەز قىلىشىمچە مىسسى تىخى دۇنيا لۇڭقىسىدا توپ ئۇرۇپ باقىمىدى. رۇنالدۇ بىر توپ ئۇردىغۇ دەيمەن.
پەرزىم توغرىمىدۇ يا باللا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-7 00:26:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى ئالتۇن يۇمىلاقتىن 4نى ئالغان تۇرسا ,5دەپ يېزلىپ قاپتۇ。
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-7 00:29:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكزات يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 00:24
مۇشۇ مىسسى بىلەن رۇنالدۇنىڭ دۇنيا لۇڭقىسىدا قانچە توپ  ...

ئىككىلىسى بىردىن توپ ئۇردى. مېسسى 2006.يىلى بىر توپ ئۇرغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-7 00:31:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدوغا  كىلىشمەسلىك كۆپ  كىلىپ  كەتتى  دۇنيا  لوڭقىسىدا  ئىپادىسى  تۈۋەنلەپ  كەتمىسىلا  بولاتتىغۇ ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 19:53

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش