elan ornielan orni
كۆرۈش: 1328|ئىنكاس: 18

پالۋان لوڭقىسىدىكى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان يەتتە ھەقىقىي ئە...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پالۋان لوڭقىسىدىكى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان يەتتە ھەقىقىي ئەھۋال


3e6b75f9f8355be8d6af385169e4dad42666bcf9.jpg

پالۋان لوڭقىسى- نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان دۇنيا لوڭقىسىنىڭ نامى بولۇپ، بۇ لوڭقا ئىككى كۈچتۈڭگۈر پالۋاننىڭ يەرشارىنى كۆتۈرۈۋاتقان ھەيكىلى بولۇپ، شۇ سەۋەب بىلەن پالۋان لوڭقىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
1.        پالۋان لوڭقىسىنىڭ ئىچى كاۋاك
نودىنھام ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ خىمىيە پروفېسسورى ماردىن. پارىياكوۋنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بىر دانە ئىچى پۈتەي بولغان ساپ ئالتۇندىن ياسالغان پالۋان لوڭقىسىنىڭ ئېغىرلىقى 70كىلوگىرام ئەتراپىدا كېلىدىكەن. بۇنچىلىك ئېغىرلىقتىكى لوڭقىنى باشتىن ئېگىز كۆتۈرۈش بىر توپچىغا نىسبەتەن ناھايىتى قىيىن. پارىياكوۋ بۇنىڭغا ئاساسەن لوڭقىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىك شار شەكلىنىڭ ئىچى كاۋاك ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق بىر قىسىم ئېغىرلىقنى يوقاتقىلى بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىمۇ نۇرغۇن ئالتۇننىڭ ئىسراپ قىلغانلىق بولىدىكەن.
2.        سىز ئۇنى مەڭگۈ ساقلاپ تۇتۇپ قالالمايسىز
سىز لوڭقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ۋاقىتتا، سىزنىڭ كۆتۈرگىنىڭىز ھەقىقىي پالۋان لوڭقىسى بولۇپ، ئەمما سىز ئۆز دۆلىتىڭىزگە ئېلىپ كېتىدىغىنىڭىز بولسا پەقەت بىر تەقلىدىي بويۇم. مۇتلەق ھوقۇققا ئىگە بولغان خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ ھەقىقىي لوڭقىنى باشقىلارنىڭ ياخشى ساقلىيالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.
3.        تەقلىدىي لوڭقا پەقەت ئالتۇن يالىتىلغان بويۇم.
تەقلىدىي لوڭقا ئېلىپ كەلگەن خوشاللىق «ئىچى كاۋاك بولغان» ھەقىقىي لوڭقىنىڭ خۇشاللىقىغا يېتەلمەيدۇ.
4.        ئۇ ھەرگىزمۇ ھەقىقىي دۇنيا لوڭقىسى ئەمەس
ئەڭ دەسلەپكى دۇنيا لوڭقىسى بولغان رىمىت لوڭقىسى ئاللىقاچان 1970-يىلى تۇنجى بولۇپ ئۈچىنچى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمىپيونلۇقىغا ئېرىشكەن بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ساقلىشىغا بېرىۋېتىلگەن.
5.        رىمىت لوڭقىسى ئاللىقاچان كېسىۋېتىلگەن
1983-يىلى رىمىت لوڭقىىسى رىئو دى ژانىيرو دىكى كۆرگەزمىخانىدا ئوغرىلانغان، يېتەرلىك پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بۇ لوڭقا ئاللىقاچان ئېرىتىلىپ سېتىۋېتىلگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئەنگىليەنىڭ ۋىسىت مىنىستىر چېركاۋىدىن بىر قېتىم ئوغرىلاپ كېتىلگەن. گەرچە شۇ قېتىم بۇ لوڭقا ئىزدەپ تېپىلغان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ بۇ لوڭقىنى ئاما- ئېسەن ساقلىيالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەس بولۇپ كەتكەن.
6.        دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئۈستىدە خەت ئويىدىغان بوشلۇق قالمىدى
نۆۋەتتە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاستى قىسىمىغا ئاران تۆت قېتىملىق چىمپىيون دۆلەتنىڭ ئىسمىنى ئويغىلى بولغۇدەكلا بوش ئورۇننىڭ قالغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، 2030-يىلى يەنى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 100يىللىق خاتىرىسىدىن كېيىن، لوڭقا چوقۇم يېڭىلىنىشى كېرەك، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى، بۇ لوڭقا ئاڭغىچە ئوغرىلىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
7.        بۇ ھەرگىزمۇ ھەقىقىي «لوڭقا» ئەمەس
سىز بۇ لوڭقا بىلەن شامپان ياكى باشقا ئىچىملىكلەرنى ئىچەلمەيسىز. ھەقىقىي لوڭقا دېگەن چوقۇم قاچسىمان بولۇشى كېرەك. دۇنيا لوڭقىسى بولسا مونەكچە شەكىللىك، بىر ئىچى كاۋاك بولغان مونەكچە. ئەمما خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى «لوڭقا» دېگەن نامنى بۇ مونەكچىنىڭ شەكلىگە ماس كېلىدىغان باشقا ئىسىمغا ئۆزگەرتىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.


مەنبە: خۇپۇ تەنتەربىيسى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
چوكىنات + 100 يېڭىلىق...

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-3 18:34:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-3 18:35:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏يېڭىچە بىلىمگە ئىگە بولدۇم .تېمىڭىزغا رەھمەت!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-3 18:36:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق گەپلەركەنغۇ بۇ ،    مۇھىمى  ئاخىرقى  ‹ بىرىنچىلىك › . خەلىقئالەمنىڭ ئالدىدا دۇنيا بويىچە   بىرىنچى بولسىڭىزلا شۇنىڭ خوشاللىقى  ئالەمچە بولىدۇ ۋاقتى كەلگەندە  ،     لوڭقا دىگەن بىر شەكىل  .  ئۇ دىگەن ماددىي بۇيۇم .

ئۇزغانلىق لوڭقىسىنىمۇ    ئالغان كوماندا يەنە بىرنى كۆپەيتىۋالدىغۇ دەيمەن ، ئەسلىسىنى ساقلىۋالالمايدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-3 18:36:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-3 18:38:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-3 19:05:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوڭقىنىمۇ ئوغىرلايدىكەن ھە.ئۇستا ئوغىرلىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-3 20:35:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىمپىيون بولغان كوماندىغا لوڭقىنىڭ نىمە لازىمى ؟ بەرىبىر خاتىرە بۇيۇمىغۇ ئۇۋۇ.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-3 20:42:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوڭقىنى فۇيىن قىلىۋالىدىكەن دە، ما بولماپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-3 21:29:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت جاپا تارتىپسىز ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-3 21:47:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ来自: iPhone客户端
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-3 22:02:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  70كىلو ئالتۇننى كۆتۈرۈپ ئۇ ياقتىن- بۇ ياققا چاپقىلى بولماس،                                                                  كىچىچە قۇچاقلاپ ياتقىلى بولماس ،                                                                                                                  .ئىچى كاۋاك لوڭقىنى يا  ساتقىلى بولماس ،                                                                                                   ئۇ.........ف بۇ لوڭقنى قوشاققا قاتقىلى بولماس ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-22 01:42

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش