ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2356 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 18 كىشىلىك ئەڭ ياخشى سەپ شەكلىنى ئىلان قىلدى.
بۇ تىزىملىكنى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تېخنىكا گۇرپىسى باھالاپ چىققان بۇلۇپ ئۇزغۇن كوماندا خانلىق مادرىدتىن 7 توپچى تىزىملىككە كىرگەن، مادرىد ئاتلىتكىدىن 4 توپچى، بايرىن كوماندىسىدىن 4 توپچى تىزىملىككە كىرگەن. 4 كۈچلۈككە كىرگەن كوماندا ئىچىدە چېلسىدىن بىرمۇ نامزات تىزىملىككە كىرمىگەن.
قاپقىچى ئۇرۇندىكى تاللاش نويىر بىلەن كورتوۋا بۇلۇپ كاسىللاس تىزىملىككە كىرەلمىگەن. مۇداپىئەچى ئۇرۇندا خانلىق مادرىدتىن 3 ئەزا تىزىملىككە كىرگەن بۇلۇپ پۈتكۈل چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى سەپىرىدە خانلىق مادرىد كۇلۇبى 8 توپ كەتكۈزگەن بۇلۇپ، ئىپادىسى ئەڭ قالتىس بولغان.
ئوتتۇرا مەيدان ئۇرۇندا خانلىق مادرىدتىن ئالونسۇ، مۇدىرىچ، دىمارىيالار تىزىملىككە كىرگەن بۇلۇپ، ئوتتۇرا مەيدان توپچى تىزىمىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللىگەن. ھۇجۇمچى ئورنىدا رونالدو، دىېگو كوستا، ئىبراھىموۋىچ، روبىن، رىئوس قاتارلىقلار تىزىملىككە كىرگەن.
18 كىشىلىك ئەڭ ياخشى سەپ شەكلى
قاپقىچى: كورتوۋا ، نويىر
بېك:لام، گودىن مارتىنىس(مادرىد ئاتلىتكا)، كارۋاخال، پىپى، راموس
ئوتتۇرا مەيدان:گابى(مادرىد ئاتلىتكا،14-نۇمۇر، كاپىتان)، ئېنىستا، تونى كىروس، دىمارىيا، مۇدىرىچ، ئالونسو
ھۇجۇمچى:رونالدو، دىئېگو كوستا، روبىن، رىئوس(دورتموند)، ئىبراھىموۋىچ
|
|