elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3115|ئىنكاس: 26

ئېنگىلاند كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-3 10:52  

730_1241135_755299.jpg

ئىسمى : رۇنى
دۆلىتى : ئېنگىلاند
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1985-10-24
ھازىرقى كولۇبى : مانچېستىر بىرلەشمىسى
مەيداندىكى ئورنى : ئالدى ھۇجۇمچى
دۇنيا لوڭقىسى : ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسدا قاتناشقان ( 2006 ۋە 2010 )






     « ئۈچ شىر قوشۇنى » ئېنگىلاند كوماندىسى ئىلگىرى 13 نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان .1954-يىلى تۇنجى قېتىم 8 كۈچلۈككە كىرگەن .1966-يىلى ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسدا كۈچلۈك رەقىبلىرىنى بىر بىرلەپ يەر چىشلىتىپ ، ئاخىرىدىكى ھەل قىلغۇچتا غەربىي گېرمانىيەنى يېڭىپ چىمپىيۇن بولغان .1990-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى بولسا ئېنگىلاند كوماندىسنىڭ يېقىنقى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بولۇپ ،شۇ چاغدا تۆت كۈچلۈككە كىرگەن .1998 ۋە 2002 -يىلى ئايرىم -ئايرىم ھالدا 16 كۈچلۈك ۋە 8 كۈچلۈكتە توختاپ قالغان .2006-يىلى 8 كۈچلۈككە كىرىپ ، تۆت كۈچلۈك باسقۇچىدىكى نوقتا توپ جېڭىدە پورتۇگالىيەگە ئۇتتۇرۇپ شاللىنىپ كەتكەن .2010-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسدا ،ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ ،بىر مەيدان يېڭىپ گۇرۇپپىدىن ئۇڭۇشلۇق چىققان . 8 كۈچلۈكتە گېرمانىيە بىلەن ئۇچۇرشۇپ ،دەسلەپتە « سېھىرلىك چىراق » لامپارت توپ ئۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ توپ ئوفسايىت قىلىۋېتىلىپ ،ئاخىردا 1 : 4 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى ئاخىرلاشقان .

     ئەمدى ئېنگىلاند كوماندىسى ئىلگىرىكى ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ قايتىدىن كېلىشكە تەييارلىنىپ بولدى .بۇ كوماندىنىڭ ئاساسلىق يادىروسى يەنىلا رۇنى ،جىرراد ،لامپارت قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان .بۇ ئۈچى ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان توپچىلاردۇر . كاخىل ،جونىس ،جونسون ،جاجىركا قاتارلىق تەجىربىلىك مۇداپىئەچىلەر بار .مېلنىر ،ئاندىرسون ،ۋېلشىر قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى تېرىنىر خۇچىسىننىڭ ئاساسلىق سەپ شەكلىگە كىردى .خارت يەنىلا قاپقا قوغدايدۇ ،ھۇجۇمدا رۇنى ،سىتورىچتىن باشقا يەنە ۋېلبېكمۇ بار .يەتتە نەپەر زاپاس ئەزا تىزىملىكىگە غەربىي ھامدىكى كاررول ،ئامېرىكا تورونتو FC كوماندىسىدىكى « قارا قۇيۇن » دىفۇمۇ كىردى .يىغىنچاقلىغاندا ،بۇ قېتىم ئېنگىلاند كوماندىسدا بىربىرىدىن قالتىس توپچىلار يىغىلدى .مۇبادا ئېنگىلاند كوماندىسى خۇچىسىننىڭ تاكتىكىسىغا ماسلىشىپ ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ئوينىسا كۈچلۈك دىيىلگەن كوماندىلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىشىدا گەپ يوق ! سىز ئېنگىلاند كوماندىسدا ئېۋېرتون ،جەنۇبىي ئامپىتون ،غەربىي ھام قاتارلىق داڭلىق بولمىغان كوماندىدىن كەلگەن توپچىلارمۇ باركەن دىيىشڭىز مۇمكىن ! ئەمما بۇ كوماندىلارنىڭ ئەمىلىي كۈچىنى قەتئى سەل چاغلىغى بولمايدۇ .چۈنكى بۇ مۇسابىقە رېتىمى تېز ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ! ( ئەسكەرتىش : 23 كىشىلىك تىزىملىك ئىلگىرى يوللانغان بولغاچقا بۇ تېمىدا تەپسىلى توختالمىدى )





215924yqc1x1o913czgkop.jpg
1110928921_14014101857341n.jpg
201405122120059cb6b_550.jpg

توپ تەپكۈچى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-2 21:39:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبىرمىدە بىرتىما يىزلغانغۇ دەيمەن  تارىخ تەكراللىنىپ قالسا دەپ
ئەگەر راستىنلا تارىخ تەكراللىنىپ قالسا ئۇ چاغدا ئىنگىلات ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-2 21:45:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنگىلانت بۇقېتىم خېلى چېپىپباقامىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-2 21:53:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  قانداق  بولار  بۇيىل   بىر  بىرىدىن  كۇچلۇك  كوماندىلار   قاتناشتى،  قايسىسىنىڭ  ئۇزۇنغا  چاپالىشىنى  بىر  نىمە  دىيىش  تەس…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-2 21:53:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  قانداق  بولار  بۇيىل   بىر  بىرىدىن  كۇچلۇك  كوماندىلار   قاتناشتى،  قايسىسىنىڭ  ئۇزۇنغا  چاپالىشىنى  بىر  نىمە  دىيىش  تەس…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-2 22:01:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىلىقى سىتىرلىڭ دىگەن شۇم ئىنگىلانىدلىق ئەمەسما؟؟
روننىي بودەككە ئامەت تىلەيمەن!!كىلىشتۈرۈپ قالپاق كىيىۋەتسە بولىتى بۇ كۆتەك...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-2 22:02:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-2 22:14:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنگلاند كوماندىسدىكلەرنىڭ بىر تەرەپتىكى ئاجىزلىقى بەك كۆرنەرلىك ؛ ئۇ بولسىمۇ  كوللىكتىپ ماسلىششى بەك تۇۋەن شۇڭا بەك ئۇزۇنغىمۇ چاپالمايۋاتىدۇ ....بولمىسا توپچىلىرى بىر-بىردىن دۇنياۋى سەۋىيلىك توپچىلار ....ئىنگلاند كوماندىسنىڭ چىمپيىئون بولغىننى كۆرەلمىسەكمۇ ھىچ بولمىغاندا4 كۇچلۇك قاتارىغا كىرگننى كۆرگۇم بار.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-2 22:16:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىس قىلشىمچە ئىنگلاند كوماندىسى 2012-يىلدىكى ياۋرۇپا لوڭقسدا خېلى ياخشى ئوينىغان شۇ ئىپادىسنى يەنە جارى قىلدۇرالىسلا يەنىلا ئۇمۇد زور ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-2 22:36:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەنپەيشى دىگەن بىر كوماندا باشلىقى بار روننىدىنمۇ قىلشمايدۇ،ئومۇت زور
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-2 22:37:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ تەپكۈچىكا ئېنگلاند كوماندىسنىڭ ئاخىرىقى 23 كىشلىك تىزىملكنى تېخى ھىچ كىم يولمدى . مۇشۇ تېمغا يوللاپ قويغان بولسىڭىز بىزمۇ خەۋەردار بولۇپ قالار ئىكەنمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-2 22:48:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇيول يوللىغان ۋاقتى  2014-6-2 22:37
توپ تەپكۈچىكا ئېنگلاند كوماندىسنىڭ ئاخىرىقى 23 كىشلىك  ...

يوللاپ بولغاندۇ ؟ ئامېرىكا يوللىغاندەك ئېسىمدە تۇرىدۇ .............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-27 14:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش