ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2729 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باقاۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-2 12:46
سوخو تەنتەربىيسى خەۋىرى :
كامىرونلۇق قارا قاپلان ئىيتو گۇاڭجۇ خىڭدا كۇلۇبىغا قوشۇلامدۇ ؟
گەرچە بۇ خەۋەرنى ، گۇاڭجۇ خىڭدا كۇلۇبىنىڭ تىرىنىرى لىپىنىڭ ئوغلى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ ، چەتئەل ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئىيتونىڭ چىلسى بىلەن بولغان توختامى توشقان بولۇپ ، ھازىر ئۇنىڭغا يىقىنلىشىۋاتقىنى ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئارسىنال كۇلۇبى ئىكەن ، ھازىر بولسا ئىلىمىزنىڭ گۇاڭجۇ خىڭدا كۇلۇبى ئارسىنالغا بىسىم قىلىپ ، .ئىيتونى قوشۇۋىلىشقا تەييارلىق قىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا ئىلىمىزنىڭ شاڭخەي شىنخۇا كۇلۇبىمۇ بۇ ئىككى كۇلۇبنىڭ ئارقىسىدىن ئىيتو ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغان .
بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئىتالىيە «بوشلۇق تەنتەربىيسى» نىڭ مۇخپىرى ، ئىتالىيەدىكى ئىنتىرمىلان ، نابىلىس قاتارلىق ئىككى زەردارنىڭ ، گۇاڭجۇ خىڭدا كۇلۇبىدىكى ھۇجۇمچى ئىرىكسوننى يۆتكەشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىغان بولۇپ ، ئىرىكسۇن بۇ يىل يازدا راسلا كوماندىدىن ئايرىلسا ، ئۇ ھالدا ، گۇاڭجۇ خىڭدا كۇلۇبى ، بارسىلونا ، ئىنتىر ، چىلسى قاتارلىق زەرارلاردا توپ تەپكەن ، داڭلىق ھۇجۇمچى ئىيتونى يۆتكەپ كىلىشنى پىلانلاپ بولغان . ئەمما بۇ خەۋەرنى ، لىپىنىڭ ئوغلى داۋى ھازىرچە ئىنكار قىلغان .
بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن ئىيتو ، يەنىلا يۇقىرى مائاش بىلەن زەردارلار ئۈچۈن توپ تىپىشنى ئۈمۈد قىلىۋاتقان بولۇپ ، ئۇنىڭغا قىزىقىۋاتقان كۇلۇپلاردىن يەنە ، ئامرىكا بىرلەشمىسىىدكى مەلۇم كۇلۇپ ، ئەرەپ بىرىلەشمە خەلپىلىكىدىكى ئەل ئەيىن كۇلۇبى ، قاتاردىكى ئەل ساد كۇلۇبى ۋە ئەل سەللىي ، ئاۋىستىرالىىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مەلۇم كۇلۇپ ، شۇنداقلا ، ئىنگىلانددىكى رىس بىلەن ئايال پادىشاھ چارلىغۇچىىلار كۇلۇبىمۇ ئىيتوغا قىزىقىۋاتقان بولۇپ ، ئىيتونىڭ كونا ئائىلىسى بولغان مالوكا كۇلۇبىمۇ قاپلاننىڭ قايتىپ كىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدىكەن . |
|