ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5377 |
تۆھپىسى: سەر |
|
جوڭگو مەكتەپ ئىچى پۇتبولى چىمپىيونلۇق لوڭقىسى شىنىڭ مۇسابىقە رايۇنىدا شىنجاڭ كوماندىسى ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە.
شىنىڭدا ئۆتكۈزلىۋاتقان 2014-يىللىق جوڭگو ياش ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى چىمپىيونلۇق لوڭقىسى شىنىڭ مۇسابىقە رايۇنىنىڭ تۇنجى ئايلانمىدىكى تۆت مەيدان مۇسابىقىسىدە، شىنىڭ ۋە شىئەن ۋەكىللەر كوماندىسى ئوخشاشلا 8:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتاردى.
2014-يىللىق جوڭگو ياش ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى گۇڭدۇڭ فوشەندە رەسمى باشلاندى، رايۇنلار مۇسابىقىسى 4-ئايدىن 6- ئايغىچە فوشەن، كۈنىمىڭ، چىڭداۋ، نەنجىڭ، شىنىڭ، خوخخۇت ۋە دالىيە قاتارلىق يەتتە مۇسابىقە رايۇنىدا تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزىلىدۇ. جەمئى 2448 پۇتبولچى ۋە تېرىنىر 432 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. مۇسابىقە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شىنىڭ مۇسابىقە رايۇنىدا 5-ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە ئۈچ كۈن مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدۇ. شىنجاڭ، شەنشى، جىياڭسۇ، گەنسۇ، چىڭخەيدىن كەلگەن 12 شەھەرنىڭ 20 كوماندىسى ئۆز ئارا مۇسابىقىلىشىدۇ. جەمئى 280 ئادەم مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
تۇنجى ئايلانمىدىكى تۇلۇقسىزلار گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىدە، چىڭخەي شىنىڭ 21- ئوتتۇرا 8:0 ئۈرۈمچى 3- ئوتتۇرا، گەنسۇ لەنجوۋ خۇچىياۋ تەجرىبە مەكتىپى 3:4 شەنشى باۋجى تەنتەربىيە مەكتىپى، گەنسۇ تىيەنشۈي شەھەرلىك لويۈ ئوتتۇرا مەكتىپى 2:1 گەنسۇ جاڭيې 4- ئوتتۇرا، شىنجاڭ قەشقەر 1- ئوتتۇرا 0:8 شىئەن 16- ئوتتۇرا بولۇپ ئىككى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يۇقرى نۇمۇر پەرقى بىلەن ئۇتۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
مۇسابىقىدىن كېيىن چىڭخەي شىنىڭ 21- ئوتتۇرا كوماندىسنىڭ ئەزاسىنىڭ دېيىشىچە، شىنجاڭلىق بالىلار توپنى بەك ياخشى ئوينايدىكىن، قەشقەر 1- ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى ئالدىنقى قېتىم رايۇنلار مۇسابىقىسىدە 1- بوپتىكەن، بۇلارنىڭ كىلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى ئۇلادىن ئۆگۈنىش ئىكەن.
مىكرو بىلوگدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا 5-ئاينىڭ 30ئى ئوينالغان يەنە بىر مەيدان مۇسابقىدە ئۈرۈمچى 16- ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى 0:32 نەتىجە بىلەن شەنشى ۋېينەن كوماندىسىنى يەڭگەن. بۈگۈن ئاياغلاشقان مۇسابىقىدە ئۈرۈمچى 16- ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى 0:16 نەتىجە بىلەن شىئەن 16-ئوتتۇرا كوماندىسىنى يەڭگەن.
مەنبە : http://www.chinanews.com/ty/2014/05-30/6233183.shtml |
|