ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1153 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-31 17:04
مادىرد، بارسىلونا، رىم، يۇۋېنتۇس، مىلان تەنتەربىيە گېزىتلىرى تۈكرۈرۈك ئۇرۇشى ۋە يالغان يۆكىلشى خەۋەرلىرى ئارقىلىق كىرىم قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرى بىر تەرەپكە زىيادە بەك ئېغىپ كەتكەن.
بۇ مۇنبەر نۇرغۇن ئەسىرلەر ئىلگىرى ئۇنۋېرسال مۇنبەر ئىدى، ھەممە بىرلەشمىنىڭ مەستانىلىرى ۋە ھەممە ئۇنۋېرسال ساھەنىڭ خەۋەرلىرى يوللىنىدىغان، خەۋەر تېمىلار ۋە مەستانىلەر رەڭدارلىققا ئىگە ئىدى.
پۇتبول دىگەن شۇنداق نەرسە بىر پەسىل بىر ترېنېر لوڭقا ئالىدۇ كېتىدۇ،
يەنە بىر پەسىل يەنە بىرسى لوڭقا ئالىدۇ كېتىدۇ.
بىردە بۇ كوماندا چوڭ نومۇر پەرقىدە مەغلۇپ قىلىدۇ، برىدە ئۆزى چوڭ نومۇر پەرىقىدە مەغلۇپ بولىدۇ.
پۇتبولدا ئەزەلدىن شۇنچە داڭلىق ئەۋلىيا ئەزەم ترېنېرلارنىڭمۇ 0-0 تەڭلەشمىگەن ، 1-0 ئۇتمىغان ياكى ئۇتتۇرۇپ باقمىغان ۋاقتى يوق ، ھەم بىر كوماندا ئۇدا 38 ئايلانما ئۇتۇپمۇ كەتمەيدۇ.
ياۋروپادىكى ئۇ كوماندىلار چوڭ نومۇر پەرقتە ئۇتسا نىمە بولدى ئۇتتۇرسا نىمە بولدى.
مۇنبەردىكى تايىنى يوق ئاقماس پاراڭلارنىڭ تولىلىقىدىن مۇنبەردىكى ئەزالار ۋە تېمىلارنىڭ رەڭدارلىقىدا كۆپ ئۆزگىرىش بولۇپ كەتتى دىيىشكە بولىدۇ.
بۇ ئەركىن مۇبەر قاقشاش ئەركىنلىكىڭىز بار قاقشىسىڭىز بولىدۇ. ياۋروپادىكى كاتولىكلار ۋە باشقا كوماندىلارنى تىللىسىڭىز بولىدۇ لىكىن سىز نىجاتقا مۇنبەر قۇرۇشۇپ بەرگەنما، ئۆزىڭىزنىڭ شۇ بايانلىرىنىڭ بۇ مۇنبەرنىڭ ئۇنۋېرساللىقىغا رەڭدارلىقىغا تەسىر كۆسىتىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقىڭىز كېرەك.
ھەقىقى مۇنبەرگە كۆيىنىدىغان بىر پۇتبول مەستانىسى بولسىڭىز .
بۇ يەردە بىر كوماندىنىڭ ئۇتقىنىغا چىدىمايدىغان كىشلەر يوق. لىكىن شۇنداق قاملاشمىغان پىسپاس پاراڭلىرىڭىزنىڭ مۇنبەرگە تەسىر قىلۋاتقانلىقىنى ئويلىشىڭىز كېرەك.
بۇ مۇنبەر ئۇنۋېرساللىقىنى، مەستانىلەر ۋە تېما رەڭدارلىقىنى ساقلاپ قالغىنى ياخشى.
ياۋروپادىمۇ پەقەتلا بىر كۇلۇپ مەستانىلىرى ئارىسىغا كىرىۋېلىپ پاراڭ قىلسا پۇتبول لۇكچەكلىرى ئارىسىدا تاياق دۇمبا يەيدۇ. ئۆزىنىڭ مەستانىلەر توپىدا نىمە پاراڭ قىلسا بولىۋېرىدۇ. قاقشامدۇ، قارشى تەرەپ مەستانە كوماندىلارنى تىللامدۇ دىگەندەك.
لىكىن بۇ خەنزۇلارنىڭكىدەك ئايرىم كۇلۇپنىڭ مەستانىلەر مۇنبىرى ياكى ئايرىم كۇلۇپنىڭ پۇتبول لۈكچەكلىرى سورۇنى ئەمەس.
بۇ يەككە بىر قانچە كوماندا مەستانىلىرىنىڭ مەستانىلەر مۇنبىرىمۇ ياكى ئۇنۋېرسال پۇتبول مۇنبىرىمۇ...
بۇ مۇنبەرنىڭ نەچچە ئەسىر ئىلگىرىكى ئۇنۋېرسال مەستانىلەر سورۇنى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىق كېرەك .
بۇ يەرنى باشقا كوماندا مەستانىلىرىنى يەكلەيدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرغىلى نىجاتقا مۇنبەر قۇرۇشۇپ بەرمىگەنلىكىڭلارنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭلار.
مۇنبەرنىڭ رەڭدارلىقى ۋە تېمىلارنىڭ سۈپىتى، مۇنبەرنىڭ ئىچىدىكى ئىنكاسلارنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولسا 90 دىن كېيىنكى كىچىلەردىن باشقىمۇ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى مەزگىلى خەۋەر كۆرگۈسى كەلگەن چوڭلارمۇ كىرىپ قويىدۇ.
كىچىك بالىنىڭ پارىڭى تولا بولسا چوڭلار ئۆزىچە بۇنداق سورۇندىن يالتىيىپ قالىدۇ.
مۇنبەر ئۇنۋېرسال مەستانىلەر مۇنبىرى ، 7-ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممە ئادەمگە ماس كەلگۈدەك مۇنبەر بولسا مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىمۇ ياخشى بولىدۇ.
چوڭلار كىرمىسە، مۇنبەرنىڭ تېما سۈپىتى ، رەڭدارلىقى ياخشى بولمىسا ئېقىم مىقدارىغا تەسىر بولىدۇ.
نىجات مۇنبەر شۇ گۇگېلنىڭكىدىن باشقا ئېلان قويالمايدۇ، كىرىم يولىغىمۇ تەسىر بولىدۇ. |
|