akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3572|ئىنكاس: 25

فىرانسىيەنىڭ 20 يىلدىن بۇيانقى دۆلەت كوماندىسىدىكى 20 داڭلىق چولپىنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-31 11:59  

1994-يىلى ئامىرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدىن 2014-يىلى يەنە بىرازىلىيەگە قايتىپ كەلدى. بۇ 20 يىللىق ۋاقىتتا، خەلقئارا پۇتبول مۇنبىرىدە نۇرغۇنلىغان چولپانلار مەيدانغا كەلدى. ئۇلار بىزگە نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەسلىملەرنى قالدۇردى. ئۇنداقتا سىز سىزگە شۇنداق ئەسلىملەرنى قالدۇرغان، قان-تەر بەدىلىگە شانلىق نەتىجە ياراتقان شۇ قەھىرىمانلارنى ئەسلىيەلەمسىز؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز فىرانسىيەنىڭ 20 يىلدا دۆلەت كوماندىسىد توپ تەپكەن  20 داڭلىق چولپىنىدا بولسۇن!!!

1.jpg

1998-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيەنى يېڭىپ  تارىختا تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشكەن. ئارقىدىنلا ياۋرۇپا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. زىدانى، ھېنرى...  قاتارلىقلار نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ قەلبىدىكى قەھىرىمانلاردۇر. ئەمما 2006 يىلى زىدانى يېشىل چىملىقتىن چېكىنگەندىن كىيىىن، فىرانسىيە كوماندىسى سېرىقتال مۈشكۈلاتلارغا دۈچ كەلگەندە، تارىخ يارتىپ تىللاردا ئىپوس قالدرۇغان شۇلارنى ئەسلىيەلەمسىز.

2.jpg

1. زىدانى
دۆلەت كوماندىسىدا 108 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، 31 توپ كىرگۈزگەن. ئۆتۈپ كەتكەن 20 يىلدا، زىدانى بىلەن رونالدونى پۇتبول شاھى دېيىشكە يېقىنلىشدۇ. بۇ ئىككىسى توغىرسىدىكى كىم قالتىس دېگەن بەس-مۇنازىرە ئەزەلدىن تۈگىگەن ئەمەس. ئەمما بىر ئىسپات رونالدو باشچىلىقىدىكى بىرازىلىيە زىدانى باشچىلىقىدىكى فىرانسىيەنى ئۇچىرتىپ قالغىنى بولۇپ، يېڭىلىپ قالغىنى بولسا سامبا قوشۇنى. 1998-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە زىىدانى 2 كاللا توپ ئۇرۇپ 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيەنى يېڭىپ چىمپىيۇن بولۇشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان قەھىرىمان.

3.jpg

گاللو خورىزىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغاندىن كىيىن، فىرانسىيە ئالتۇن دەۋىرىنىڭ تەڭدىشى يوى ئىدى. ئۇلار 2000-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چىمىيۇنى بولغاندىن كىيىن، تەڭداشسىز بىر قۇشۇنغا ئايلانغان. زىدانى ئاللبۇرۇن بىر ئوردىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇستازى بولغان.

4.jpg

2002-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسىدە شاللىنىپ كەتكەن فىرانسىيە كوماندىسى كىشلەرنى ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، بەدەن قىزتىش ۋاقىتىدا كورىيەلىك توپچىنىڭ زىدانىنى يارلاندۇرۇپ قويىشى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىرمەيدان گورۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماي، كوماندىسىغا كۈچ بېرلمىگەن.

5.jpg

2004-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىدا فىرانسىيە كوماندىسى گېرتىسيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى يېڭىلىپ قېلىش زىدانىنىڭ يۈرىكىگە ئېغىر زەربە بولغان. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىندىغانلىقىنى بىلدۈردى.

6.jpg

زىدانى راستىنلا مۇھىممۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى زىدانىنى يوقاتقاندىن كىيىن ئۇنىڭ قەدىرى قاتتىق ئۈتۈلگەن. زىدانى يوق بولغان فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە گورۇپپىدىن چىقالمىغىلى تاس قالغان. دۆلەت كوماندىسىنىڭ سەرسان بولۇپ قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەننى كۆرگەن زىدانى بۇنىڭغا چىدىماي قايتىدىن كۆك رەڭلىك جەڭ كىيىمىنى كېيگەن. ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا، زىدانى باشچىلىقىدىكى فىرانسىيە كوماندىسى  رائول، رونالدو، كارلوس، فىگو قاتارلىق كونا دوسىتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويغان.

7.jpg

ئەمما شۇ ۋاقىتتا توختىماي ۋاتىلدايدىغان ماتىرازى ئۇچۇراپ قالدى، زىدانى ئاچچىقى بىلەن غەزەپ بىرنى ئۈسۈپ موللاق چۈشۈرۋەتكەن.

8.jpg

بۇ بىر قېتىملىق قىزىل كارتا زىدانىنىڭ پۇتبول پادىشاھىلىق تەخىتىدە ئولتۇرۇشىغا زامىن بولدى.

9.jpg

ئىلگىرى ئۇ دۆلەت كوماندىسىغا ياردەملىشىپ بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن. دۆلەت ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئائىلىسى قىينچىلىققا دۈچ كەلگەندە، ئاۋال دۆلەت ئۈچۈن ئاندىن ئائىلە ئۈچۈن زىدانى بىر ئۆمۈر ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، كەڭ قورساق بولۇپ كەلگەن.
————————————————————————————————————————————

10.jpg

2. دىجوكائېف (Djorkaeff)
دۆلەت كوماندىسىدا 88 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، 28 توپ كىرگۈزگەن. فىرانسىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ ئالتۇن دەۋىرىدە، دىجوكائېف بىلەن زىدانى ھەمكارلىشىپ ھۇجۇمنى ۋايىغا يەتكەزۋەتتى دېسەكمۇ بولىدۇ. دىجوكائېف 1968-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى فىرانسىيەنىڭ لىئوندا تۇغۇلغان. ئېگىزلىكى 179 سانتىمىز، ئېغىرلىقى 73 كىلوگىرام، لەقىمى «يىلان» بولۇپ، ئۇنىڭ توپ كونتىرول قىلىش، پاس يەتكۈزۈش، زەربە بىرىش ماھارىتىدىن باشقا يەنە ئارقا بەل ھەم يان كىراي ئورنىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايتى.

11.jpg

1996-يىلى دىجوكائېف باشقا بىرلەشمىدە جەڭ قىلىشنى باشلىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئىتالىيە زەردارى خەلقئارا مىلەنگە قۇشۇلغان. ئۇ دۆلەت كوماندىسىدا نامىنى چىقارغان. 1996-يىلدىكى ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا زىدانى بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتكەن. 1998-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسدا، ئۇ فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىرگە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ 30 ياشتا بولۇپ، يەنە 2 يىلدىن كىيىن دۆلەت كوماندىسىغا داۋاملىق چاقىرتىلغان. ياۋرۇپا لوڭقىسىدا ئۆزىنى ئىسپاتلاپ، 2000-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئېرىشتى. فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى تۇنجى قېتىم(2012-يىلى ئىسپانىيەمۇ شۇنداق نەتىجىگە ئېرىشكەن) دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغاندىن كىيىن ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چىمىپىيۇنى بولغان بىردىن-بىر دۆلەت كوماندىسى بولۇپ قالدى.
————————————————————————————————————————————

12.jpg

3. پېتىت
دۆلەت كوماندىسىدا 63 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، 6 توپ كىرگۈزگەن. بۇمۇ ئوخشاشلا شانلىق فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئەزاسى. پېتىت بىلەن دىسچامپىس قوش ئارقا بەل بولۇپ، رەقىبىنىڭ ئۇلاردىن ئۆتۈپ كېتىشى ناھايتى تەس ئىدى. پېتىتنىڭ بەدىنى كۈچلۈك، تېخنىكىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، بولۇپمۇ توپ ئۈزۋېلىشى ھەم كاللا توپتىكى ئىقتىدارى ناھايتى سەزگۈر ئىدى.

13.jpg

ئۇ 1998-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا فىرانسىيەنى غەلبىگە ئېرىشتۈرۈشتىكى مۇھىم توپچىدۇر. ئۇنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چېچى ئۇنى تېخىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئېگە قىلغان.

14.jpg

1998-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىردا بىرازىلىيە بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇنىڭ 2 قېتىملىق بۇلۇڭ توپىدىن پايدىلىنىپ زىدانى 2 توپ كىرگۈزگەن.
————————————————————————————————————————————

15.jpg

4. دىسچامپىس
دۆلەت كوماندىسىدا 103 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 4 توپ كىرگۈزگەن. فىرانسىيەنىڭ ئالتۇن دەۋىرىدە، دىسچامپىس شەكسىز دەرىجىدىن تاشقىرى رەھبەر ئىدى.  ئۇ كاپىتانلىق سالاھىيتى بىلەن فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ، 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى ۋە 2000-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان.

16.jpg

دسچامپىس مۇداپىئە سېپىنىڭ ئالدىدا مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تۈگۈنى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى چېپىش، توراش ۋە توپ ئۈزۋېلىش ھەم سەپداشلىرىغا ئەڭ ياخشى پۇرسەت يارتىپ بىرىش ئىدى.

18.jpg

دىسچامپىس دۆلەت كوماندىسىدىمۇ قالتىس نەتىجە ياراتقان مەزگىللىرىمۇ بولغان. ئۇ كۇلۇبتىمۇ ئوخشاشلا قالتىس نەتىجە ياراتقان. 1989-90、1990-91、1991-92、1992-93 -يىللىق فىرانسىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان؛1992-1993-يىللىق ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان؛ 1994-95、1996-97、1997-98-يىللىق ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان؛ 1995-1996-يىللىق ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان؛ 1996-يىلى ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان؛ 1997-يىلى ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان؛ 1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ۋە 2000-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان.
————————————————————————————————————————————

19.jpg

5. دىسايلى
دۆلەت كوماندىسىدا 116 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 3 توپ كىرگۈزگەن. فىرانسىيەنىڭ زومگەرلىك دەۋىردە، بۇ پولات ئارقا مۇداپىئەچى دۇنياغا داڭلىق ئىدى.  دىسايلىنىڭ فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدىەكى مۇداپىئە سېپىدىن ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن چوڭ بىر توساق ئىدى. ئۇنىڭ بەدىنى چوڭ بولۇپ، كۈچى ۋە سۈرئىتى ھەممە جەھەتتىن قالتىس ئىدى. ئۇنىڭ پاس يەتكۈزۈش ۋە تەشكىللەش كۈچى ناھايتى قالتىس ئىدى. 1993-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈندىكى شۋېتسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇ تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىدا مەيدانغا چىققان. كىيىن 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ۋە 2000-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان.

20.jpg

ئۇنىڭ بەدەن ئىپادىسى ۋە ئالاھىدە سۈرئىتى باشقىلارنى ھەيران قالدۇراتتى. تۇراقلىق ئالاھىدە ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، پاس يەتكۈزۈش ۋە توپ كونتىرول قىلىشنى ۋايىغا يەتكۈزەتتى. چۈنكى ئۇ بىر لەقەمگە ئېگە بولۇپ، لەقىمى ‹‹ تاغ جىنسى ياكى تاش›› ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ مۇداپىئەچى ئەمەس ئىدى، ئۇ ئۇزۇن مەزگىلئارقا بەل ئورنىدا توپ تەپكەن. چېلسى كۇلۇبىغا قۇشۇلغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئوتتۇرا مۇداپىئەچى بولىشقا تېخىمۇ ماس كېلدىغانلىقى بايقالغان ھەم دۇنيا دەرىجىلىك چولپانغا ئايلانغان. 1993-يىلى يازدا ئۇ ئىتالىيەنىڭ ئا س مىلەن كۇلۇبىغا قۇشۇلغان. 90-يىللاردىكى‹‹ مىلەن خاندانلىقى›› نىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى بولۇپ قالغان. ئۇ بۇ كۇلۇبتا بىرلەشمە چىمپىيۇنى ۋە ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. 1998-يىلى 6-ئايدا، سىتانفورت كۆۋرۈكى مەيداندا چېلسىغا قۇشۇلغان. 2004-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى چېلسىدىن ئايرىلغان. ئۇ چېلسىدا 222 قېتىم مەيدانغا چىققان بولۇپ، ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ لوڭقىسىغا، ياۋرۇپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسىغا، ئېنگىلانىد ئۇيۇشما لوڭقىسىغا ئېرىشكەن.
————————————————————————————————————————————

21.jpg

6. لىلىيەن تۇرام
دۆلەت كوماندىسىدا 142 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 2 توپ كىرگۈزگەن. ئۇ بولسا پۇتبول شاھى پىلى ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ قالتىس 125 توپچىنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئارقا مۇداپىئەچىلەرنىڭ بىرى. 1998-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ كىرودىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىسىدە 2 توپ ئۇرۇپ كىرودىيەنى شاللاپ قەھىرىمانغا ئايلانغان. ئۇ فىرانسىيەنىڭ موناكو كۇلۇبىدا 7 يىل توپ تىپىپ، ئىتالىيەنىڭ پارما كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ كەتكەن.

22.jpg

2001-يىلى يازدا ئۇ يۇۋىنتىس كۇلۇبىغا يۆتكەلدى. ئۇ 22 مىليۇن فونىستىرلىڭلىق باھا بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئارقا مۇداپىئەچى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ مۇداپىئە ئېڭى ۋە بەدەن ساپاسىنى ناھايتى ياخشى بولۇشى بىلەن ئۇنى دۆلەت كوماندىسىدىكى ئورنىنىڭ مۇقىم بولشىغا تەسىر ئېلىپ كېلەلمىدى. 2006-يىلى يازدا ئۇ 5 مىليۇن ياۋرۇلۇق باھا بىلەن ئىسپانىيەنىڭ بارسىلونا كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.

23.jpg

2004-يىللىق ياۋرۇپا مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۇ دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىندى. ئەمما 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇرۇن، فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە ئېغىر قىيىنچىلىققا دۈچ كەلدى. فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرنىرى ئۇنى نەچچە قېتىم تەكىلىپ قىلىشى ھەم زىدانىنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا قايىتقاندىن كىيىن، ئۇ بېسىم .ئاسىتىدا دۆلەت كوماندىسىغا قايتىشنى قارار قىلدى.  ئۇ كونا سەپدىشى زىدانى بىلەن بىرلىكتە ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتى. ئۇنىڭ باشلامچلىق، سەركەردىلىك رولى بىلەن فىرانسىيە كوماندىسىنى ھەل قىلغۇچقا ئېلىپ كىردى. ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا ئىتالىيەگە يېڭىلىپ قالدى.
————————————————————————————————————————————

24.jpg

7.لىزارازۇ
دۆلەت كوماندىسىدا 97 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 2 توپ كىرگۈزگەن. لىزارازۇنىڭ شان-شەرەپلىرىنى ئۇنىڭ ھەربىر ئېرىشكەن لوڭقىسىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ. دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى، ياۋرۇپا لوڭقىسى چىمپىيۇنى، بايرىن مىيۇنخىندا 3 يىل گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى، بىر قېتىم گېرمانىيە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى، بىر قېتىم ياۋرۇپاچ چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى ۋە بىر قېتىم تويوتا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان. ئۇ كەسپىي ھاياتىدا ئېرىشىشكە تىگىشلىك بولغان بارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

25.jpg

ئۇ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چوققىسىدىكى سول مۇداپىئەچىلەرنى بىرى. ئۇنىڭ بەدىنى كۈچلۈك بولىمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇداپىئە ئېڭى قالتىس ئىدى. توپ تارتىۋېلىشقا ماھىر، ئورۇن .ئېلىشى ناھايتى ياخشى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئۆزىنى سۈرئىتى ۋە تېخىنىكىسىغا تايىنىپ قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمنى ناھايتى ئۈنۈملۈك تارمار قىلاتتى. ئۇنىڭ قالتىس ئىپادىسى ئۇنى داڭلىق يان مۇداپىئەچى قىلغان. ئۇ دائىم مۇداپىئە لېنيىسىدىن ئالدى مەيدانغا ھەركەتلەندۈرگۈچ ھۇجۇم تەشكىلەيتى. ئۇ ناھايتى جەسۇر، ھالىتى مۇقىم ئىدى.
————————————————————————————————————————————

26.jpg

8. بىرانكو
دۆلەت كوماندىسىدا 97 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 16 توپ كىرگۈزگەن. فىرانسىيەنىڭ ئالتۇن دەۋىرىنىڭ پولاتتەك مۇداپىئە سېپىدىكى مۇھىم ئەزالارنى بىرى. ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى مۇداپىئە ئىقتىدارى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنە توپ كىرگۈزۈشتە كۈچلۈك ئىقتىدارى بار. 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 1/8 تاللاش مۇسابىقىسىدە پاراگۋاي كوماندىسى بىلەن تىركىشىپ، ۋاقىت قۇشۇپ بىرش باسقۇچىغا كەلگەندە، بىرانكو ئالتۇندەك بىر توپنى ئۇرۇپ فىرانسىيەنى 4 كۈچلۈككە ئېلىپ كىرگەن. ئەڭ ئەپسۇسنارلىقى شۇكى ئۇ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىر قىزل كارتا سەۋەبىدىن مەيداندىن ئايرىلىپ ھەل قىلغۇچتا مەيدانغا چىقالمىغان.

27.jpg

بىرانكو مۇداپىئەدە قالتىس ئىقتىدارغا ئېگە بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك توپلارنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلاتتى. بىراق ئۇنىڭ ئوتتۇرا مۇداپىئەدىكى سۈرئىتى ۋە يۆتكىلىشى ئۇنىڭ ئاجىزلىقى ئىدى. ئۇ ھەر مەيدان مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپدىشى ۋارىتار بارتىزنىڭ تاقىر بېشىغا سۈيۈپ قۇيۇشنى ياخشى كۆرەتتى ھەم ياخشى نەتىجە تىلەيتى.
————————————————————————————————————————————

28.jpg

9. سانىئول
2000-يىلدىن 2008-يىلغىچە 58 قېتىم مەيدانغا چىققان. خەلقئارادىكى ئەڭ قالتىس ئوڭ مۇداپىئەچىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇ نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ، بايرىن مىيۇنخىدا تۇنجى پەسىلدىلا، ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى بىلەن گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولۇپ، قوش چىمپىيۇنلىقىقا ئېرىشكەن. ئۇ كۇلۇبتا ئاساسلىق كۈچ بولۇپ، ئۇ ئوڭ تەرەپتىكى مۇداپىئە ۋە ھۇجۇمدىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن بايرىن مىيۇنخىننىڭ ئەڭ مۇھىم قورالىغا ئايلانغان.

29.jpg

2000-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇ ئاخىرى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن خەلقئارا ئا دەرىجىلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان.  ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىپ، مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ياشلار لوڭقىسىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ ئورنىنى تۇرام ئېگەللىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇشۇنداق دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى مەزگىلىدە، داۋاملىق زاپاس ئەزالىق ئورنىدىن ئالمىشىپ مەيدانغا چىقاتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇ دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 2001-يىلى ھەم 2003-يىلى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان. 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا  ئۇ تۇنجى قېتىم ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىققان.
————————————————————————————————————————————

30.jpg

10. بارتىز
دۆلەت كوماندىسىدا 87 قېتىم مەيدانغا چىققان. 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇ دۆلەت كوماندىسىدا ساھىپخان مەيداندا چىمپىيۇن بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 7 مەيدان مۇسابىقىدە 2 توپ كەتكۈزگەن. ئېنگىلانىد كوماندىسىنىڭ ۋارىتارى پىتىر شىلتوننىڭ توپ كەتكۈزمەسلىك رىكورتى بىلەن تەڭلەشكەن. 2000-يىلى دۆلەت
كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن. ئۇ فىرانسىيەنىڭ ئالتۇن دەۋىرىدىكى قوغدىغۇچى ئىلاھ.
————————————————————————————————————————————

32.jpg

11. ماكىلىلى
دۆلەت كوماندىسىدا 71 قېتىم مەيدانغا چىقىپ توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان. ئۇ شۇ دەۋىردىكى داڭلىق ئارقا بەلنىڭ بىرى. بەدىننىڭ پاكارلىقى ئۇنىڭ بەدەننىڭ ناھايتى كۈچلۈك بولىشىغا ئېگە قىلغان. ئۇنىڭ ئۇل تېشى سامان يولى جەڭ كېمىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېرىشەلمىگەندىن كىيىن، ئۇ ئۆزلىكىدىن ئايرىلغان. سامان يولى جەڭ كېمىسى قايتا ئۇنىڭدەك قالتىس ئارقا بەلگە قالمىغان.

33.jpg

1998-يىلى ۋە 2000-يىلى فىرانسىيە كوماندىسى بىر پارتىلاپ، دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولدى. ئەمما ماكىلىلىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇ يەنىلا بەخىتلىك ئەمەس. چۈنكى ئۇ قىسقا مەزگىل دۆلەت كوماندىسىغا چىققان بولۇپ، ئۇ كوماندىنىڭ سەپ شەكلىگە كىرەلمىگەن. 1998-يىلى ئۇ ئوڭ مۇداپىئەچى ئورنىدا تۇرامنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چىقىشنى ئويلىغان. ئەمما باش تېرنىرنىڭ جاۋابى ماڭا بىر ئارقا بەل كېرەك، ئوڭ مۇداپىئەچى ئەمەس دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇ فىرانسىيەنىڭ مارشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ 6 يىللىق ئورنىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما 2000-يىلى، سەپ شەكىلى پۈتۈنلەي تۇراقلاشتۇرۇلۇپ، بۇ فىرانسىيەلىكىنى سىغدۇردىغان ئورۇن تاپالمىغان.
————————————————————————————————————————————

35.jpg

12. پاترىك ۋېيرا
دۆلەت كوماندىسىدا 107 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 6 توپ كىرگۈزگەن. فىرانسىيە چولپانلىرىنىڭ گۈللىنىش دەۋىرىدە، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئەڭ ياخشى ئارقا بەلنىڭ بىرى ئىدى. بەدەن ساپاسى ئالاھىدە ياخشى، قارىشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، پۇت ئاستى تېخنىكىسى ياخشى، مۇداپىئەسىمان ئوتتۇرا مەيدانغا مۇكەممەل يېقىنلاشقان ئىدى. ئۇ ئارسىنالدا كاپتانلىق سالاھىيتى بىلەن، كوماندىدىكىلەرگە رەھبەرلىك قىلغان ۋە ئۈلگە بولغان.

36.jpg

ئۇ 2000-يىلىدىكى ياۋرۇپا مۇسابىقىلىرىدىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن دۆلەت كوماندىسىنىڭ يادىرۇلۇق ئورنىدىكى توپچىسىغا ئايلانغان. زىدانى دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەندىن كىيىن، ئۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپتانى بولغان. زىدانى دۆلەت كوماندىسىغا قايىتقاندىن كىيىن، ئۇ ئىككىلەنمەستىن دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانلىقىنى زىدانىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. خالاس 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، ئۇلارنى كوللىكتىپى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئېغىر زەربىگە يۇلۇقتى.
————————————————————————————————————————————

37.jpg

13. ھېنرى
دۆلەت كوماندىسىدا 123 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 51 توپ كىرگۈزگەن. ئۇ قەھىرىمان فىرانسىيەنىڭ ئالتۇن دەۋىرىدە، ھېنرى ئىمپىريىسى بولسا ئەڭ قورقۇنۇشلۇق كەپىيپنى ئۇچۇردىغان قورال ئىدى.

38.jpg

ئۇ كەسپىي ھاياتىدا دۆلەت كوماندىسىدا 51 توپ كىرگۈزۈپ، كۇلۇب تارىخىدىكى بىرىنچى قاتىل بولغان. ئۇ دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان.

40.jpg

ئۇ يېقىنقى ئۆتۈپ كەتكەن 10 يىلدىن بۇيان كۈزتۈپ چىقىلغان دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىنىڭ بىرى. ئۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان تېخنىكا ۋە يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېگە بولۇپ، كۇلۇبتا ياكى فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ئەزەلدىن ئاساسلىق كۈچ ئىدى. تېز سۈرئەتلىك قەدەم، سەزگۈر توپ ئېلىپ مېڭىش ئىقتىدارى، مول بولغان ئىجادچانلىق بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان توپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارى، ھەمىشە ئوتتۇرا مەيداندىن توپ باشلاپ ئېلىپ مېڭىش، مەستانلىلەرنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالدىغان توپ ئۇرۇش قاتارلىق قالتىس ئىپادىسى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلاتتى.
————————————————————————————————————————————

41.jpg

14. تىرزېگېي
دۆلەت كوماندىسىدا 71 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 34 توپ كىرگۈزگەن. ئۇ ھىنرىنىڭ ئالتۇن دەۋىرىدىكى شېرىكى بولغان. ئۇ شۇ دەۋىردىكى ئەڭ قالتىس ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى. 2000-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىدا، ئۇنىڭ كىرگۈزگەن توپ بىلەن غەلبە قىلغان.

42.jpg

ئۇ 2000-2001-يىللىق مۇسابىقە پەسىلدە يۇۋىنتىس كۇلۇبىغا قۇشۇلغان. يۇۋىنتىستىكى مەزگىلدە ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى ۋە ئىتالىيە ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم يۇۋىنتىس تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەللىك مەرگەن بولۇپ قالغان.

43.jpg

ئۇ پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلار قاتارىدا تونى، ۋان نېستىرولوي، دىروگىبا قاتارلىق شەخىسلەر بىلەن كىلاسسىك ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلارغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان. گەرچە توپ ئېلىپ مېڭىش تېىنىكىسى، سۈرئەت قاتارلىقلار ئۇنىڭ  قەيسەرلىكى بولمىسىمۇ، ئەمما توپ ئۇرۇش تېخنىكىسى، ۋارىتار ئالدىدىكى ئۇرۇن تاللاش، ئالدى مەيداندىكى توپسىز ھەركىتى، بەدەن سۈپىتى قاتارلىقلار ھەرقايسى تەرەپتىن بۇرۇنقىدەكلا دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى بىر شەخىسكە ئايلانغان.
————————————————————————————————————————————

45.jpg

15. روبىرىت پىرىس
دۆلەت كوماندىسىدا 79 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 14 توپ كىرگۈزگەن. ئۇ فىرانسىيە كوماندىسىدا 1998-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى (ئۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ۋاقىت قۇشۇپ بىرىلگەن بۆلىكىدە تىرزېگېيغا ياردەمچى پاس چىقىرىپ  ئالتۇندەك بىر توپ كىرگۈزۈپ ئىتالىيەنى شاللىشىغا كۈچ چىقارغان)  ۋە 2000-يىلدىكى ياۋرۇپا لوڭقىسىدا چىمپىيۇن بولغان. ئەمما يارلىنىش سەۋەپلىك 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالمىغان. پىرىس دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 1996-يىللىق ئاتلانتا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ۋە 2004-يىللىق پورتىگالىيە ياۋرۇپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

46.jpg

ئۇ بولسا ئارسنالنىڭ ھۆكۈمران دەۋىرىدىكى ۋەكىللىك شەخىس. ئۇ ئېنگىلانىد پۇتبول ئەپەندىسى ۋە ئارسىنالنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئۆتكۈر بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى ھۇجۇم ئىقتىدارى ئۇنى ئۆتكۈر خەنجەرگە ئايلاندۇرغان.
————————————————————————————————————————————

47.jpg

16. ئانلىكا
دۆلەت كوماندىسىدا 69 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 14 توپ كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ غەلىتە خارەكتىردىكى تۇغما قابلىيىتى تەسىرىدىن كىشلەر ئۇنى «فىرانسىيە كوماندىسنىڭ رونالدوسى» دەيتى. ئۇنىڭ سۈرئىتى ئاجايىپ تېز، توپ ئۇرۇشى ئۆزگىچە بولۇپ، دىمغى ئۈستۈن تالانىتلىق ئالدى ھۇجۇمچى.

48.jpg

كىيىن يارلىنىش سەۋەپلىك، ئۇنىڭ ئورنى 3 قېتىملىق ئېنگىلانىد پۇتبول ئەپەندىسى ھېنرى تەرپىدىن ئېگەللىۋېلىندى. 2005-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە ئاندىن قايتىدىن فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلدى. 2008-يىللىق ياۋرۇپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ كوستارىكا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسىنىڭ بىرى بولغان. 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 3 توپ كىرگۈزگەن.

49.jpg

2010-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى فىرانسىيە بىلەن مېكسىكىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم مەيدن مۇسابىقىدىن كىيىنكى ئارام ئېلىش ۋاقتىدا باش تېرنىر ئۇنى تەنقىدلىگەندىن كىيىن، تېرنىرنى تىللىغاندىن كىيىن ئالماشتۇۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كىيىن فىرانسىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۇنى دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىندۈرۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
————————————————————————————————————————————

50.jpg

17. ۋىلتورىد
دۆلەت كوماندىسىدا 92 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 26 توپ كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋاقتى بولسا، 2000-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى. بۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە فىرانسىيە بىلەن ئىتالىيە بولۇپ، 55 مىنۇت بولغاندا ئىتالىيە كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىغا ئۆتۈۋالدى. 58 مىنۇت بولغاندا فىرانسىيە كوماندىسى ھۇجۇمنى كۈچەيىتتى. ئۇ دۇگارىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چىقتى. ئۇنىڭدىن كىيىن تىرزېگېيمۇ ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. فىرانسىيە كوماندىسى ئۇمۇمىيۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئەمما ئىتالىيە كوماندىسى بولسا داۋاملىق ۋاقىتىنىڭ توشىشىنى ساقلىدى. ئىتالىيەنىڭ زاپاس ئەزالىرى ۋە ئىتالىيە توپ مەستانلىرى تەبىرىكلەشنى باشلىۋەتتى. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇت قالغاندا، ۋىلتورىد قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسىنى بىتچىت قىلىپ بىر توپ ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىنى يوققا چىقاردى. ۋىلتورىد فىرانسىيە كوماندىسىنى ھالاكەت يولىدىن قايتۇرۇپ كەلدى. ۋاقىت قۇشۇپ بىرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىدا، تىرزېگېي بىر توپ ئۇرۇپ ئىتالىيە كوماندىسىنى بۇغۇزلاپ، 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ 2000-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

51.jpg

ياۋرۇپا لوڭقىسىدىن كىيىن، ئۇ ئېنگىلانىد زەردارى ئارسىنال كۇلۇبىغا قۇشۇلدى. 13 مىليۇن ياۋرۇلۇق يۆتكىلىش باھاسى بىلەن ئارسىنالنىڭ يۆتكىلىش رىكورتىنى ياراتتى. تاكى 2009-يىلغا قەدەر ئارشاۋىننىڭ 15 مىليۇنلۇق يۆتكىلىش باھاسى ئاندىن ئۇنىڭ رىكورتىنى بۇزدى. ئۇ ئارسىنالدا ھېنرى ۋە پىرىستىن ئىبارەت قورقۇنۇشلۇق «3 مىلتىق» نى تەشكىل قىلغان. ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە 2002-يىلى 5-ئايدا ۋىلتورىدنىڭ كونا تىرانفورىت مەيدانىدا مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ بۇغۇزلاپ بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولغان.
————————————————————————————————————————————

52.jpg

18. رىبىرى
دۆلەت كوماندىسىدا 80 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 16 توپ كىرگۈزگەن. فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ كىيىنكى باشلامچى شەخىس رىبىرى 2013-يىلى ئاخىرى تەلتۈكۈس پارتىلدى. ئۇ ئۈچ لوڭقا ساھىبى بولغان بولسىمۇ ئالتۇن توپ رىقابىتىدە كۈچلۈك رەقىبى مىسسى ۋە كىرىتىيانو رونالدوغا ئۇتتۇرۇپ ئۈچىنچى بولۇپ قالدى. ئۇ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە بىر توپ ئۇرۇپ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئالاھىدە كۈچ چىقاردى.

53.jpg

2006-يىلى  رىبىرى زىدانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇلار ھەل قىلغۇچقا قەدەر چاپتى.

54.jpg

فىرانسىيە كوماندىسى كىيىن بارا-بارا خارابلىشىپ، 2008-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى ۋە 2010-يىلىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە گۇرۇپپىدىن چىقالماي، شاللىنىپ كەتتى. رىبىرىغا بولسا قارغىش تەككەندەك بولدى.

55.jpg

بۈگۈنكى كۈندە بايرىن مىيۇنخىن قاتىل توپچىسى رىبىرى بۇ يىل فىرانسىيەنى بىرازلىيەدە قايتىدىن نام-شۆھرىتىنى نامايەن قىلالامدۇ؟
————————————————————————————————————————————

57.jpg

19. پاترىك ئېۋرا
دۆلەت كوماندىسىدا 54 قېتىم مەيدانغا چىقىپ توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان. ئېۋرا ھازىرقى پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ ياخشى سول مۇداپىئەچىنىڭ بىرى. ئۇ مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ سول قانىتىنىڭ خەنجىرى. ئەمما فىرانسىيە  كوماندىسى بىلەن بىر پۈتۈن چۈشكۈنلىكگە جۈر بولغۇچى. ئۇ دۆلەت كوماندىسىدا قەھىرىمانغا ئايلانماقتا يوق ئەكىسچە ئىچكى خائىنغا ئايلىنىپ قالغان.

58.jpg

ئېۋرا فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدىن چىقىرۋېتىلگەن. 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە، فىرانسىيە تەنتەربىيە باشقارمىسى ئۇزۇن مەزگىللىك ئېۋرانى دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.«توپلاڭ كۆتۈرگەن ئادەمنى ئەپۇ قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇ فىرانسىيەنى ئالدىدى. شوڭا ئۇ دۆلەت كوماندىسىغا قۇشۇلسا بولمايدۇ» دېيىلگەن. ئەمما كىيىن فىرانسىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى جازانى بېكار قىلىپ، ئۇ قايتىدىن دۆلەت كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەن. ئەمما ئۇ يەنىلا تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلەشكە مۇھتاج.
————————————————————————————————————————————

59.jpg

20. گاللاس
دۆلەت كوماندىىسدا 84 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 5 توپ كىرگۈزگەن. ئۇ ھەرقايسى جەھەتتىن يېتىشكەن قالتىس مۇداپىئەچى. مۇداپىئە لېنىيىسىنىڭ ھەممە ئورنىدا توپ تېپىدۇ. ئوتتۇرا مۇداپىئە، ئوڭ مۇداپىئەدىن سول مۇداپىئەگىچە بولغان ئارلىقنىڭ ھەممىسىدە ئوينايدۇ. 2004-2005-يىللىق ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇق باسقۇچىدا، بىرايدىجنىڭ سول مۇداپىئە ئورنىدا قالتىس ئوينىغان.

61.jpg

2002-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى سىلوۋنىيەنى 5 توپ بىلەن مەغلۇپ قىلغان ياۋرۇپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان. يەنە 2003-يىللىق خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان. 2006-يىلى ئۇ يەنە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىرگە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچىغا كىرگەن. 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى فىرانسىيەدە ياۋرۇپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 50-قېتىم مەيدانغا چىققان. ئېرلاندىيە بىلەن بولغان جەنۇبىي ئافىرىقا دۇنيا لوڭقىسىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە ئۇ ئۆز مەيدانىدا مۇھىم بىر توپنى كىرگۈزگەن.

62.jpg

خەير-خوش، شۇ مۇساپىدىكى ئوتتەك قىزغىن كۆك رەڭلىك يىللار.

63.jpg

ئۇلار ياشلىق دەۋىرىدە، ساناقسىز شان-شەرەپلەرنى ياراتقان.

بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى ئېىلىشىغا تىلەكداشمىز!!!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +160 يىغىش سەۋەبى
ili-diyar + 10 قالتىس!
پارتىزان + 50 قالتىس!
چوكىنات + 100 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-31 04:47:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ~virus~ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-31 04:49  

رەھمەت قېرىندىشىم.
ئەمما لېكىن فىرانسىيەدىن ئارقا بەلنىڭ نوچىسىنىڭ نوچىلىرى چىقىپتىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-31 08:15:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1994-يىلى بىرازىلىيەدە ئەمەس ئامىرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن. تۈزۈتۈپ قويارسىز.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-31 09:23:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما بۇپتۇ رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-31 09:52:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىندىشىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-31 10:05:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېنرى ئوتتۇرا ھۇجۇمچىنىڭ ئۈلگىسى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-31 10:54:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىنرى ھازىرمۇ توپ تىپۋاتىدغۇ دەيمەن مۇشۇ ھىنرىنى قايتۇرۇپ كىلىپ ئارسىنالنىڭ ئالدى ھۇجۇمچىسى قىلىپ بىر يىل ئىشلىتىپ باقسا ئومدان بولىتى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-31 11:12:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما بىزنىڭ بېنزىما چۈشۈپ قاپتىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-31 12:38:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گاللىيە خورىزى بۇ قېتىم بىرازىلىيەدە تۈزۈك چىللىيالماي كېتىپ قالارمىكىن
ئەمما ما تېما ياخشى يېزىلىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-31 12:59:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىدانىي مۇسۇلمان ھە قىرىنداشلار  ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-31 13:02:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توپچىلانىڭ قاتارىدا ھازىر توپ تىپىۋاتقىنى نەچچىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-31 15:30:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىدانى ھىنرى بارچاغدىكى فىرانسىيە كوماندى ئەڭ يۇقرى سەۋيىدىكى چاغلىرى ئىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 05:43

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش