تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1642|ئىنكاس: 41

مادرىتتا سەن تۇرىسەن ياكى مەن !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەبرار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-30 16:39  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى :
1.gif


1401390519_120717_1401390602_noticia_grande.jpg
ئىسپانىيە Tuttonapoli گېزىتىنىڭ خەۋرىدە : مادرىد ۋارىتارى دياگو لوپىزنىڭ ۋاكالەتچىسى ، كوچا خەۋەرلىدە دېيىلىۋاتقان لوپىزنىڭ مادرىتتىن ئايرىلىدۇ دېگەن ئۆسەك سۆزلىرىگە قارىتا : لوپىز مادرىتنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇ گۈزەل شەھەرنى ياقتۇرۇپ قالدى ، لوپىز مادرىتتا قالىدۇ دېدى
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ، مادرىتتا ۋارتاچىلار رىقابىتى خىلىلا كەسكىن ، لوپىزنىڭ رىقابەتچىسى بولسا، كوماندا كاپىتانى كاشىلياس . بۇ قېتىملىق نەتىجىلەرگە قارايدىغان بولساق ، لوپىز ئىسپان بىرلەشمىسىدىكى مۇسابىقىلەردە ئاساسلىق ۋاراتار بولۇپ ، بىرلەشمىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىسىگە ئېرىشتى ، كاىشلياس بولسا ، شاھلىق ۋە ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىپ لوپىزنى كەينىگە تاشلىۋەتتى ، بۇ نەتىجىگە قاراپ نۇرغۇن كىشلەر ، لوپىز باشقا ماكان تاپىدۇ دېگەن سۆزلەرنى تارقىتىپ يۈرگەن ، لېكىن لوپىزنىڭ ۋاكالەتچىسى دەل ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇردى ، لوپىزغا قىزىقىۋاتقان كۇلۇپلاردىن مانچېستېر شەھرى كۇلۇبى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ .


ئەمدى گەپنى كاشىلياستىن ئاڭلىساق ، ئۇزغۇنلۇق لوڭقىىسى ۋە شاھلىق لوڭقىسىنى دەس كۆتۈرگەن كاشىلياس ، مادرىد رەئىسىگە ئاۋال سۆز ئېچىپ ، ئۆزىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى ، بۇ سۆزنى ئاڭلىغان رەئىس بەكلا خاپا بولدى ، ۋە سېنىڭ كېتىشىڭگە رۇخسەت يوق دەپ گەپنى ئۈزۈۋەتتى . لېكىن كاشىلياسنىڭ بۇ ياشقا كەلگەندە لوپىز بىلەن مۆكۈ -مۆكۈلەڭ ئوينىغۇسى يوق .

كاشلياسنىڭ بۇ سۆزىنى پايلاپ تۇرغان پارىژ سان جىرىمان كۇلۇبى ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان باھا بىلەن مادرىتقا تەھدىت سالدى ، (لېكىن قانچە باھا قويغىنىنى ئاشكارلىماپتۇ ) ئەمدىكى گەپ پەقەت رەئىستىلا قالدى ، رەئىسنىڭ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن كاشىلياس مادرىتتا قالىدۇ ياكى پارىژغا ئۇچىدۇ .
1401446597_190480_1401446698_noticia_grande.jpg
2.gif
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 01:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رائۇل كەتكەندىن كېيىن كاسىللاس مادرىت كوماندىسىنىڭ روھى تۈۋرۈكى بولۇپ قالغان ئىدى . ئەگەر راستىنلا كېتىدىغان بولسا مادرىتنىڭ بىرتال ئومۇرتقا سۈڭىكى سۇنغانغا تەڭ بولىدۇ. لوپېز دىگەن پەقەت سۇنۇپ كەتكەن ئومۇرتقا تۈۋرۈكىگە بېكىتىپ قويغان ئاليومىن تاياقچە خالاس. سۆڭەك ئۆسۈپ نورمال ھالەتكە يېتىپ كەلگەندىن كېين ئەلۋەتتە بۇ بەدەن ئېگىسىنىڭ بەدىندىكى ياردەمچى مىتالنى ئېلىۋەتكىسى كېلىپ كېتىدۇدە.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇتىيا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-30 22:24  

ھەي  كىتىپ  نىمىمۇ  قىلارسەن…گەرچە  بارسىلونا  مەستانىسى  بولساممۇ  بۇنىڭغا  ھەقىقەتەن  قايىلتىم،  بارسىلوناغا  كەلسىمۇ  بولىتى  بولمىسا…
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كۆپ يۈنۈلۈشتە جەڭ قىلىدىغان كوماندىدا 2 قاپقىچىنىڭ بۇلىشى نورمال ئەھۋال. بۇ خەۋەرنى ئەتتىگەن كۆرگەن ئىدىم. تازا ئىشەنچىلىك بىلىنمىدى.

  كاسىللاس كەتسە مادرىد يەنە بىر قاپقىچى ئېلىشى كىرەك.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوپىز كەتسمۇ بولاتتى ئەمدى....

بولمىسا ھازىرقىدەك ئالمىشىپ ئويناۋەرسىمۇ بولىدۇ، بۇدا ئۇزغۇنلۇق بىلەن شاھلىقتا لوپىز، بىرلەشمىدە كاسىللاس چىقسا بولارمىكى

بەزى كوماندىدەك تۈزۈك ۋارتاسى بولمىسا تېخى، ياخشى ۋارتاردىن ئىككىسى بولۇپ قالسا تېخى....
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىلو ھەجەپ مۇرەككەپلىشىپ كەتتا .....
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى يۆنىلىشتىكى نەتىجىنى ۋارىتارغا باغلاپ قۇيۇش توغرا ئەمەس. كاسىللاس چىمپىيون قىلدى،لوپېز 3-قىلدى دىگەندەك...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغدا يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 16:24
كۆپ يۈنۈلۈشتە جەڭ قىلىدىغان كوماندىدا 2 قاپقىچىنىڭ ب ...

ھەر ئىككىسى دۇنياۋى ۋارتارلار تۇرسا ، بىر - بىرىنىڭ زاپىسى بولغۇسى كەلمەيدۇدە .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوپىزنىڭ كىتىشىنى بەكلا ئۈمۈت قىلىمەن!
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەخسى قاراش ..مەن بولغان بولسام لوپىزنىڭ كاسىسىغا تېپەتتىم...دەرۋەقە ئىككىلى ۋارتارنىڭ ئىپادىسى قالتىس ئەمما بۇ يەردە بىر نوقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك .يەنى كاسىللاس بولسا مادىرىتنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى شۇنداقلا مادىرىتقا قوشقان تۆھپىسىمۇ زور...لوپىزغا كەلسەك ئەمدىكى بىرنىمە بۇ....يەنە كىلىپ كاسىللاس قاتناشقان مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىدە لوڭقا كۆتۈردى ئەمما لوپىز بۇ پەسىل توپ ئىستىمال قىلىشتا كاسىللاسنى بېسىپ چۈشتى....شۇڭا دەيمىنا ئەمدى...
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئېككىسنىڭ  رىقابىتى خىلى كۆشلۇك  كاشىللاس كەتمىسە بۇلاتتى  ،
ماۋۇ  پارىژ نەگىلام قارىسا باكەن جۇمۇ ھە دىسە پۇلغا زۇلاپ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كاشىلياسنى  لوپىزدىن  ياخشى تۇردۇ دەپ قارايمەن  كەتسىمۇ  لوپىز  كەتسە بۇلىدۇ ،،  ھە  راس  ۋېنگىر  بۇگۈن    توختام ئۇزارتىپتۇ   3 يىللىق  
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ كاسىللاس ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى بەك كۈتۈرۈپ كاللىسىدىن كەتتىمۇ نىمە  ،  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-6-2 14:49 , Processed in 0.092668 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش