تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1681|ئىنكاس: 73

كىرىستىئانو رونالدو ئوغۇرلۇق قىلغان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-31 00:17  

9CIB486400DE0005.jpg




       كىرىستىئانو رونالدو بولسا ھازىرقى دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىنىڭ بىرسى ، مۇشۇنداق ھالەتكە يېتىشكە رونالدو ئاز ئەجىر قىلمىغان .توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق مۇۋاپىقىيەت قازانغان دىيىشكە بۇلىدۇ .ئەمما رونالدو كىچىك چېغىدا خېلى چاتاقلارنى تېرىغان .يېقىندا نەشىردىن چىققان « CR7 -قورالىنىڭ مەخپىيىتى » دىگەن كىتاپتا كۆرسىتىلىشچە ،رونالدو بالىلىق چېغىدا بۇلاڭچىلار بىلەن ئېلىشقان ھەم ئۆزىمۇ ئوغۇرلۇق قىلغان .

       2001 -يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى شۇ چاغدا 15 ياشقا كىرگەن رونالدو ئۈچ سەبدىشى بىلەن لىسىبۇننىڭ شەرق تەرىپىدىكى نەرسە سېتېۋېلىش مەركىزىدە ( شۇ چاغدا يېرىم كېچە بولغان ) قوللىرىغا پىچاق كۆتۈرىۋالغان بىر نەچچە يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە ئۇچىراپ قالغان . رونالدونىڭ ئىككى سەبدىشى قورقىنىدىن دەرھال تىكىۋەتكەن . رونالدو ۋە يەنە بىر سەبدىشى بۇلار بىلەن ئېلىشقان .ئاخىردا رونالدو نەرسە - كېرەكلىرىنى ساقلاپ قالغان .لېكىن قولىنى پىچاق تىلىۋەتكەن . گەرچە رونالدو يېرىم كېچىدە سىرتتا لاغايلاپ يۈرۈپ كۇلۇبنىڭ قائىدە -تۈزىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسىمۇ ،بىراق جازاغا تارتىلىمغان .

       كىتاپتا كۆرسىتىلىشچە ،رونالدونىڭ دەرس ئۇقىغان ۋاقتى % 50 كە يەتمەيدىكەن .ماتېماتىكا ،فىزىكا ،ئېنگىلىز تىلى ،پەن -تېخنىكا ،پاتولوگىيە ، تارىخ ،گۈزەل -سەنئەت قاتارلىق پەنلەردە ئاساسى جەھەتتىن قېچىپ چىقىپ توپ تەپكەن .رونالدو شۇ چاغلاردا مەكتەكتىكى بەزى گۇرۇھلارغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ كۆپ قېتىم جىدەل تېرىغان .لىسىبۇندىكى تەربىيلەش مەركىزىدە ، ئائىلە ئىقتىسادى ناچار رونالدو كۆپ قېتىم سۈت قاتارلىق ئىچىملىكنى ئوغۇرلاپ ئىچكەن .رونالدونىڭ كىچىك چېغىدا مۇشۇنداق يىمەكلىكنى ئوغۇرلاپ يىيىشى ھازىرقىدەك قاۋۇل بولۇشىغا ئاساس سالغان ئەلۋەتتە !






8FRRGLA000DE0005.jpg

توپ تەپكۈچى تەرجىمىسى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈتىنى ئىچكەنمۇ ئوغرى،
يالىقىنى يالىغانمۇ ئوغرى،
ئومۇمەن ئوغرى............

باجدىن قاچقان بولسا ئۆزىنىڭ تاپقىنىنى بەرگۈسى كەلمىدى خالاس، بىراق قاراپ تۇرۇپ خەقنىڭ ئىنەكنىڭ ئەمچىكىدىن مىڭ بىر بالالقتا ساغقان سۈتىنى ئىلىۋالدى دىگەن قانداق گەپ بۇ؟

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
بۇغدا + 50 قىززىقچى!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   جان بېقىش ئۈچۈن قىلىنغان ئوغرىلىق بىلەن خەجلىگىلى ئۇرۇن تاپالمايدىغانلارنىڭ باج ئوغرىلىشىنىڭ پەرقى ئاسمان-زىمىن پەرق قىلىدۇ.

  ھېچ بولمىسا باشقا سەپدىشىدەك تىكىۋەتمەي، يارلانسىمۇ بولاڭچىغا قارشى جەڭ قىلالىپتىكەن. ئۇغۇل!
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارتىزان يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 16:23
مەن يەپ باققان    غورا ، سەۋزە ،تەرخەمەك ...دىگەندەك  ...

بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئېتىزلىقتا كالا ، قوي باققىلى چىققان ۋاقىتلاردا ، ياكى سۇغا چۆمۈلگىلى بارغان ۋاقىتلاردا  دائىم  تۇڭگانلارنىڭ تاۋۇزىنى ئوغۇرلايتۇق . بىر قېتىم تۇتۇلۇپ قېلىپ ، بۇغداي خامانلىقىدىكى ئېشەك ھارۋىسىغا مەھكەم باغلىنىپ چىۋىق  بىلەن تازا ساۋالغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ . قىززىق ، ئىككى كۈن ئۆتۈپلا يەنە ئاشۇ تۇڭگاننىڭ تاۋۇزىنى ئوغۇرلىغىنىمنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ . ھەي بالىلىق... بالىلىق دىگەن سەھرادا ئۆتسە نېمىدىگەن ياخشى ھە . سەھرا دىگەننىڭ شۇنداق قوينى كەڭ بولىدىكەن. ئەسلى ئوغۇرلاپ يىمەي ، بېرىپ سورىساق گەپ قىلماي بىرىدۇ تاۋۇزنى . تاۋۇز تېرىيدىغانلارنىڭ مىجەزى شۇنداق ياخشى بولىدىغان . بېرىدىغىننى بىلىپ تۇرۇپ شەيتانلىق قىلىپ ئوغۇرلاپ يەيتۇق . قېنى كىم ئەڭ يۇغاننى ئوغۇرلاپ كېلەلەيدۇ ، كىمنىڭ ئوغۇرلىغىنى تاتلىق چىقىدۇ دەپ.... ھەجەپ سېغىندىم بۇ قۇرلارنى يېزىۋىتىپ بالىلىقىمنى.


    ئەسلە بالىلىقىڭنى ،
    غۇبارسىز پاك چېغىڭنى.
    شېرىن تاتلىق يارالغان ،
     سەبىي گۈدەك چېغىڭنى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
پارتىزان + 50 مەنمۇ ئەسلەپ قالدىم ش.
بۇغدا + 50 + 10 يۈرەك سۆز!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپتەپكۇچىكامنىڭ رونالدو بىلەن دەششەت خوشى يوقلىقىنى ھىس قىلىۋاتمەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +1 يىغىش سەۋەبى
xax555 + 1 بىر تەرەپلىمە قاراش

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدونىڭ كىچىك چېغىدا مۇشۇنداق يىمەكلىكنى ئوغۇرلاپ يىيىشى ھازىرقىدەك قاۋۇل بولۇشىغا ئاساس سالغان ئەلۋەتتە !

بۇ جۈملە ئاجايىپ چىقىپتۇ لىكىن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداقمۇ  ئىشلار بامىتى  تېخى؟ئادەم  كىچىك  چېغىدا  ھەر قانداق  ئىشنى  قىلىپ  باقىدۇ.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچارە خىلى تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقىنى تارتىپتىكەندە ، كىچىك ۋاقتىدا ، شۇڭا ھازىر خىلى ساخاۋەت ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيدۇ .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
CR7زوقمەن يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 15:37
توپتەپكۇچىكامنىڭ رونالدو بىلەن دەششەت خوشى يوقلىقىنى  ...

مېنىڭچە بۇ باھا تۈپتىن خاتا قويۇلۇپ قالغان باھا بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن . مۇنبەردىكى مۆتىدىل يازغۇچىلارنىڭ بىرى  ھېساپلىندىغان توپ تەپكۈچىكام مۇنداق كەسپىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق دەپ ئويلايمەن.  شۇڭا تېما يازغۇچى ئۈستىدىن بىلمەي تۇرۇپ ھۆكۈم چىقارماڭلار. بىز غەيىپنى بىلگۈچىلەر ھېساپلانمايمىز.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بۇنچە ئەقىللىق بۇلىشىم ئەسلىدە شۇ سەۋەبتىن ئىكەندە
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېھال11 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 15:45
مىنىڭ بۇنچە ئەقىللىق بۇلىشىم ئەسلىدە شۇ سەۋەبتىن ئىكە ...

ئەجىبا؟
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئېيتىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ ھەممە ئىش ئىنىق بولدىغۇ ، كىرىستىيانچاق  قاۋۇل بۇلۇش ئۈچۈن سۈت يىمەكلىك ئوغۇرلاپتىكەن ، مەن  بىر نەچچە قېتىم كۈچۈرگەن   ئىنىق بولدىمۇ   ، كۈچۈرمىكەشلىكمۇ ئوغۇرلۇق بىلەن ئوخشاش
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو كىچىكىدە قىپتىكەن، بەزىلەر ھازىر قىلىۋاتىدۇ.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ تەپكۈچى پۇتبولغا دائىر خەۋەرلەرنى تۇلۇق ، تەپسىلىي ، سۈپەتلىك يازىدۇ . ئۇنىڭ خەۋەرلىدە قىلچە بىرەر توپچىغا باشقىچە قاراش يوق . بۇرۇن مېسسى ۋە باشقا توپچىلارنىمۇ  يازغان . بۇنچىلىك كىچىك تېمىلىق خەۋەرلەرنى مۇشۇنچىلىك يېزىشقىمۇ خېلى سەۋىيە كېتىدىكەن . شۇڭا توپ تەپكۈچىگە رەھمەت !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-6-2 13:02 , Processed in 0.103885 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش