elan ornielan orni
كۆرۈش: 6965|ئىنكاس: 58

شانلىق 10 يىل---سامان يولى جەڭ كىمىسى(10.19)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇمشۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 16:29  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  !  

124525hb5dqbq08bsb8isz.jpg
124527nqtvwjskbing5bbv.jpg

2003-يىلى بېكخامنىڭ رەسمى ھالدا خان جەمەتى مادرېد كۇماندىسىغا قۇشۇلىشى بىلەن جۇلالىق نۇر چاچقان بىرىنجى ئەۋلاد سامان يولى جەڭ كىمىسى تارىخى خاراكتىرلىك يۇقۇرى پەللىگە قەدەم قويدى . زىدانى ، فىگو ، رونالدو ، بېكخام ، راھول ، ئوۋېن ۋە كارلوس قاتارلىق يەتتە گىگانىت چولپاندىن تەركىپ تاپقان سامان يولى جەڭ كىمىسى باشقىلار تەرىپىدىن تارىختىكى ئەڭ ھەيران قالارلىق شۇنداقلا تەقلىد قىلىش مۇمكىن بولمىغان قۇدۇرەتلىك بىر قۇشۇن دەپ قارالدى . ئۇلار شۇ دەۋىر پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئەپ پارلاق يۇلتۇزلىرى ئىدى . كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 10 يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى . تۈۋەندىكىسى ‹‹شانلىق 10 يىل ›› تىمىسىدىكى چوڭ ھەجىملىك تەرجىمە ئەسەر بۇلۇپ ۋاڭيى تورىدىكى مۇشۇ تىمىدىكى ئەسەردىن تەرجىمە قىلىندى . داۋامىنى مۇشۇ تىمىغا تۇلۇقلاپ ماڭىمەن .


بىرىنجى باپ : پەۋقۇلئاددە خائىننىڭ بارىلىققا كىلىشى


141647cwgudhz12dwlw8ce.jpg

خانلىق مادرېدنىڭ ئىنقىلابى 2000-يىلىدىكى چوڭ سايلام باشلىنىش ئالدىدىكى بىر قېتىملىق سايلىنىش ۋەدىسىدىن باشلانغان . شۇ نۆۋەتلىك رەئىس لورېنزو سانىز ئەپەندى(Lorenzo Sanz) ئۇ كۈنى تېخى قىزىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقان ئىدى ، تۇيۇقسىز بىر توپ مۇخپىر بېسىپ كىرىپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭرىپ بۇلالماي تۇرغان رەئىس ئەپەندىمگە قارىتا زىيارەتنى باشلىۋەتتى : ‹‹ رەئىس ئەپەندىم ، سىزنىڭ رىقابەتچىڭىز ئەگەر سايلامدا غەلبە قىلسا لۇيىس فىگونى سېتىۋالدىغانلىقىنى جاكارلىدى ، بۇ ئىشقا سىز قانداق قارايسىز ؟ ›› . بۇ سۇ.ئالغا قارىتا ئىككى يىلدى بېرى كۇلۇپنى يىتەكلەپ ئىككى قېتىم چىمپىيۇن قىلغان بۇ تۆھپىكار رەئىس پەقەت مىيىقىدا كۈلۈپلا قويدى . ئەينى ۋاقىتتا بارىلىق ئەھۋال فىگونىڭ يۆتكىلىشى مۇمكىن بولمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بىرىپ تۇراتتى ، يەنە كىلىپ قان رەقىبى خانلىق مادرېدقا يۆتكىلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى . كىيىنكى بىر نەچچە كۈندە ئەھۋال زور دەرىجىدە ئۆزگەردى ، فىلورىنتىنو (Florentino Pérez Rodríguez ) چاقچاق قىلمىغان ئىدى .گەرچە فىگو ئاممىۋى سورۇنلاردا قايتا -قايتا ئىنكار قىلىۋاتقان بولسىمۇ بىراق پېرېز (  فىلورېنتىنونى دىمەكچى ) ئىسىملىك بۇ ئادەمنىڭ قۇلى ھەممە يەرگە يىتىدىغاندەك قىلاتتى .

ئۇ فىگونىڭ توختامىدىكى يۇچۇقنى نىشانلىدى ، فىگونىنىڭ توختامىدىكى ئىگىدارلىقىنى سېتىۋېلىش سوممىسى يۇقۇرى ئەمەس بۇلۇپ پەقەت 10 مىلىيارد پېسېتا ئىدى ،  بۇ سان قارىماققا ناھايىتى كۆپ بولغان بىلەن فوندېستىرلىڭغا سۇندۇرساق پەقەت 38 مىلىيۇن بۇلاتتى . گەرچە بەك چوڭ سان بولمىسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا رىكورتىنى يارىتاتتى . بىراق پەقەت مادرېد پۇل تۈلىسىلا بارسىلونانىڭ فىگونىڭ خائىنغا ئايلىنىشىنى تۇسۇپ قېلىشقا ھېچقانداق ئامالى يوق ئىدى . ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسىگە ئاساسلانغاندا پەقەت مادرېدنىڭ بارسانىڭ ھىساۋاتىغا ئۇرۇپ بەرگەن پۇلى يىتەرلىك بولسىلا قىزى-كۆك تەرەپ بۇ يۆتكىلىشكە ھېچقاندا تۇسالغۇ بۇلالمايتى . بۇ شەرىت ئاستىدا سائودىنىڭ پۈتۈشىگە مۇنداق ئىككىلا ئىش قالغان ئىدى : بىرىنجىسى فىگونىڭ قۇشۇلىشى ، ئىككىنجىسى فىلورېنتىنونىڭ يۆتكىلىش ھەققىنى تەييار قىلىشى . ئەمىلىيەتتە فىگو بىلەن بارسىلونا ئارىسىدىكى توختام مۇكەممەل ئەمەس بۇلۇپ بۇ پورتىگالىيەلىك چولپان توختام ئىمزالىغان چاغدىلار ئۈزى خورلانغاندەك ھىس قىلغان ئىدى .

بۇ يۆتكىلىش دەرۋازىسىنىڭ بىر قانىتى ئېچىلغان بولدى ، فىگونىڭ ئاسىيلىق قىلىشى ئائىلورېنتىنونىڭ سايلامدا غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بۇلۇشىنىڭ بەلگىلىگۈچىسى ئىدى . شۇڭلاشقا فىلورېنتىنو فىگونىڭ ۋاكالەتچىسى خوسې ۋېيگاغا (Jose Veiga) ئەگەر بۇ مۇمكىن ئەمەستەك كۈرىنىدىغان سودا ئەمەلگە ئاشسا ئۇنىڭغا 400 مىلىيۇن پېسېتا  تاپان ھەققى بىرىدىغانلىقىنى ھەققىدە ۋەدە بەردى . ئېنىق قىلىپ ئېيتىقاندا بۇ سودا پەقەت پۇلنىڭلا ئىشى ئىدى . ئەلۋەتتە ، بۇ قېتىملىق تارىختا كۈرۈلمىگەن يۆتكىلىش مادرېدنىڭ قان رەقىبى بارسىلونانىڭ بەدىنىدىكى پەينى سۇغۇرىۋالغاندەكلا بىر ئىشى ئىدى .

ئەينى ۋاقىتتىكى ئەۋالدىن قارىغاندا فىلورېنتىنونىڭ ئۇتۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقۇرى ئەمەس ئىدى ، سانىز ئەپەندى يېقىندىلا مادرېدقا ئىككى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ئېلىپ بەرگەن شۇنداقلا كۇماندىنى 32 يىلدىن كىيىن قايتىدىن ياۋرۇپانىڭ چۇقىسىغا چىقارغان ئىدى .  بىراق  يەنىلا فىلورېنتىنونىڭ ئاداققىچە كۈلۈپ بۇ قېتىملىق سايلامدا غەلبە قىلدى ، فىگو دەل ئۇنىڭ غەلبە قىلىشىدىكى گۈھەر ئىدى . خەلىق رايىنى سىناش نەتىجىسىمۇ فىگو دەل خانلىق مادرېد مەستانىلىرى ئەڭ بەك سېتىۋېلىشنى خالايدىغان توپچى شۇ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . بارسىلونا رەئىس سايلىمى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى بىر ھەپتىدە فىگو يېڭى توختامغا ئىمزا قويدى . ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ چىرايدا ئانچە كۆپ تەبەسسۇم يوق ئىدى ، بۇ ئىمزا قۇيىۋاتقاندا خۇشال ئەمەسلىكىنى بىلدۈرەتتى .

بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيا ئوخشاش بىر سۇئالنى سۇراۋاتقان ئىدى --- نىمە ئۈچۈن خانلىق مادرېدقا يۆتكەلدىڭ ؟   ‹‹ مەن كۇلۇپ ئۈچۈن قىلغانلىرىم مۇناسىپ ھالدىكى ئىتىراپ قىلىشقا ئىرىشەلمىدى. ››  فىگو مانا مۇشۇنداق چۈشەندۈردى: ‹‹ ھىس قىلغىنىم شۇكى مەن بارسىلونا ئۈچۈن بارىلىقىمنى تەقدىم قىلدىم ،. بىراق بارسىلونا يۇقۇرى قاتلىمىدىن مەن تىگىشلىك بولغان ئىتىراپ قىلىشقا ئىرىشەلمىدىم . مەن ئىلگىرى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن يۆتكىلىش ئىشىدا سۆھپەتلەشكەن ، بىراق ھېچكىمنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىدى ، ھەتتا مېنى ئالدامچىلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىدى . ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە مىنىڭ خانلىق مادرېدقا كىلىشىم بولدى . ›› . ئۇ گىپىنى داۋاملاشتۇرۇپ : ‹‹ ئۇ ئەسلەش تۇلىمۇ قىيىن بولغان بىر ۋاقىت ، ھەممە گۇمان نەزىرىدە . يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋاقىتلار ماڭا زور بېسىم ئېلىپ كەلدى ، گەرچە مەن يالغۇز بىر ئادەم يۈزلەنمىگەن بولساممۇ بىراق ئۇ ۋاقىتتا تۇلىمۇ جاپا تارتىقان ئىدى .  چىن كۆڭلىڭىزدىن مادرېد بارماقچى بولدىڭىزمۇ دىگەن سۇئالغا فىگو : ‹‹ شۇنداق ، باشتا غەزەپلىنىشتىن بولغان ، كىيىن رەسمى ھالدا بېرىشنى قارار قىلدىم ، يەنە كىلىپ بۇ ناھايىتى توغرا بولغان قارار ، مەن پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم . ›› دەپ جاۋاپ بەردى .



ئىككىنچى باپ : 120 مىڭ ئادەم بىلەن تىركەشكەن خائىن


182556hbmjzknbcknnljen.jpg

‹‹ئەگەر زىدانى ئىلگىرى غايەت زور بېشىمغا دۇچ كەلگەن دىيىلسە ئۇنداقتا مىنىڭ ئىشىمنى نىمە دىيىش كىرەك ؟ بۇ جەھەتتە مادرېدنىڭ ئالاھىدە بىر ئۆلچىمى بار . مەيلى رادىئو بولسۇن ياكى گىزىت-ژۇرنال ۋە ياكى تىلۋىزىيە بولسۇن ھەممىسى ئوئوخشاشلا قىزىقارلىق . ›› بۇ فىگونىڭ سۈزى . ئۇ سۈزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە : ‹‹ مىنىڭ ئەھۋالىم ئۇنىڭغا قارىغاندا ( زىدانىنى دىمەكچى ) تېخىمۇ چاتاق ، چۈنكى مەن كۇلۇپنىڭ قان رەقىبىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن .  مەن كەلگەن بىرىنجى يىلى رەئىس كۇلۇپقا كەڭ كۈلەمدە قان ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى ، يۇقىرى-تۆۋەننىڭ ھەممىسى ئۆزگىرىۋاتاتتى . ھەر كۈنى بېسىم ئىچىدە ياشىدىم دىيىشكە بۇلىدۇ ، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت توپچى بولغانكەنسىز مەيداندىكى ھەر بىر ھەركىتىڭىز كۇلۇپنىڭ سىز ئۈچۈن خەجلىگەن ھەر بىر تىيىن پۇلىغا يۈز كىلەلىشى كىرەك . مەيدان ئىچىدە ئۈزىڭىز ئۈچۈن 50 مىلىيۇن ياكى 60 مىلىيۇن خەجلەنگەنلىكىنى ئويلاپ يۈرمەيسىز ، بىر يىلدا 10 مىلىيۇن ياكى 20 مىلىيۇن تېپىشنى تېخىمۇ ئويلاشمايسىز ، لىكىن بىلىپ بىلمەي بۇ جەھەتتىكى بېسىمنى ھىس قىلىپ يىتىسىز . بەزى ۋاقىتلاردا بۇ بىر ياخشى ئىش ، چۈنكى بېسىم سىزنى ئىزچىل سەزگۈرلۈكنى ساقلايدىغان ۋە سەگەك تۇرىدىغان قىلىدۇ . ››  دىدى .

بېسىمنىڭ ئەڭ يامىنى مىھمان مەيداندىكى بارسىلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كىلىدۇ . ھەر بىر مەيدان ئىسپانىيە دېربىسى ئادەتتىكى ئىش ئەمەس ، جىددى كەيپىيات ، تۈگمەس ئۆچ-ئاداۋەت ، ئەلۋەتتە يۇقۇرى سەۋىيەدىكى كۈچ سىنىشىشمۇ بار . ئۇ بەزىدە سىزنى ئاسمانغا چىقارسا بەزىدە سىزنى ئاسماندىن يەرگە تاشلىۋېتىدۇ ، بۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق قارىشىڭىزغا باغلىق ، كارلوس ھەمىشە دۆلەت دېربىسى ھەممىدىن مۇھىم دىگەن قارشىدا چىڭ تۇرىدۇ .

كارلوس مۇنۇلارنى بىلدۈردى :‹‹ مۇشۇ يىللاردا ئىككى كۇلۇپ ئوتتۇرسىدىكى قارشىلىشىش سەل ئازايدى ،  مىنىڭ بۇنداق دىيەلىشىمدىكى سەۋەپ مەن مادرېدنىڭ ياۋرۇپانى سۇراۋاتقان دەۋرىنى باشتىن كەچۈردىم ،  سەل ئاجىزلىغان ۋاقتىنىمۇ ھەم شۇنداق . بۇلتۇرغا كەلگەندە ئاندىن چىكىندىم . مىنىڭچە ئىلگىركى يىللاردىكى دۆلەت دېربىسى بىر مەيدان جەڭگە تېخىمۇ بەكرەك ئوخشايتى ، ھازىر نۇرغۇنلىغان توپچىلار مەيدان سىرتىدا ياخشى دوسلاردىن ، چەتئەللىك توپچىلار كۈپەيگەنسىرى مۇسابىقە بارغانسىرى دوستلۇق مۇسابىقىسىگە ئوخشاپ قالدى ، مۇسابىقە ناھايىتى ئىسىل ، بىراق بەكلا سىلىق-سىپايە . ›› .

ھازىرقى دۆلەت دېربىسىنى دوستلۇق مۇسابىقىسى دىسە ھەرگىزمۇ مۇبالىغا بۇلۇپ كەتمەيدۇ ، فىگومۇ بۇ قاراشقا قۇشۇلىدۇ . ئۇلارنىڭ دەۋرىدە ئۆچ-ئاداۋەت ئەڭ ئاساسىي مېلودىيە ئىدى . فىگو مادرېدقا يۆتكىلىپ تۇنجى قېتىم نوكەمپوغا مىھمان بۇلۇپ بارغاندا ئۇ ئۈزىنىڭ نىمە ئىش قىلىشى كىرەكلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكىلى تاسلا قالغان . مەيداننى ‹‹ يۇدا ›› دىگەن سادالار قاپلىغان (يۇدا --رىۋايەتتە ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ مۇخلىسلىرىدىن بىرى، كېيىن ئەيساغا خائىنلىق قىلغان ) ، گولىف توپ ، تەڭگە ، سۇ پوتۇلكىسى قاتارلىق ئاتقىلى بۇلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى فىگوغا قارىتىپ ئېتىلغان ئىدى . فىگو مۇنداق دىگەن ئىدى : ‹‹ مەن ئۈزۈمنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى 120 مىڭ ئادەم بىلەن تىركىشىدىغان ساناقلىق ئادەمنىڭ بىرى ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن ، بارىلىق قىزىق نوقتا مادرېدقا ئەمەس ماڭا مەركەزلەشكەن . سىز دۈشمەن سالاھىيىتى بىلەن ئىلگىرى بىر نەچچە يىل كۈرەش قىلغان ‹‹ ناتۇنۇش ›› بولغان جايغا قايتىپ كەلگىنىڭىزدىكى ھىسىيات تۇلىمۇ غەلىتە بۇلىدۇ . بىراق مەن بۇنداق ئەھۋالنى كۆپ قېتىم بېشتىن كەچۈرگەن ، مەن بۇنداق سەگىتىدىغان مۇھىتنى ياقتۇرىمەن . ››  .

فىگو مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ مىنىڭ كۈڭۈل بۈلىدىغىنىم مەيدان ئىچىدىكى كەيپىيات ئەمەس بەلكى مەيدان سىرتىدا يۈز بىرىشى مۇمكىن بولغان بەزى ئىشلار . كاتالۇنىيە تاراتقۇلىرى فىگونى ئەڭ چوڭ رەقىبى دەپ قارايتى ، مەن بەزى ساراڭلارنىڭ ئەقلىدىن پۈتۈنلەي ئېزىشىدىن ئەنسىرەيتىم . ›› . نوكەمپودىكى چوشقا بېشى  ئەڭ ياخشى دەلىل بۇلالايدۇ ، فىگوغا قارىتىپ ئېتىلغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ۋېسكى پوتۇلكىسىمۇ بار بولغاندىن سىرىت يەنە كاۋاپ قىلىنغان چوشقىنىڭ بېشىمۇ بار ئىدى . ‹‹ ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۇنى كۆرمىگەن ، چۈنكى ئېتىلغان نەرسىلەر بەكلا كۆپ بولغاچقا دىققەت قىلماپتىمەن ، مەن ئىككىنجى كۈنىدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدىن ئاندىن بىلدىم . ئەگەر كۆرگەن بولسا ئۇنىڭدىن بىر چىشلەم يىۋەتكەن بۇلاتتىم ، سىز كىشىلەرنىڭ كاۋاپ قىلىنغان چوشقا بېشى ياكى ۋېسكى پوتۇلكىسىنىمۇ مەيدانغا ئېلىپ كىرىدىغانلىقىنى مەڭگۈ ئويلاپ يىتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن ›› فىگو كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى .



ئۈچىنجى باپ : زور بېسىمغا دۇچ كەلگەن زىدانى


20130730093603921.jpg

فىگو يۆتكەلگەندىن كىيىنكى بۇ كىشى بەك چوڭ غولغۇلا قوزغاپ كەتمىدى ، 2001-يىلى يازدا زىدانى خان جەمەت مادرېد كۇماندىسىغا كەلدى ، ئۇنىڭدىن كىيىن تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدو ، يەنە بىر يىلى بېكخاممۇ مادرېدنىڭ كىيىمىنى كېيدى . ‹‹ ئائىلورىنتىنو دائىم مۇنداق دەيتى : ‹‹ مۇھىم ھالقا شۇكى ھەممە توپچى مادرېدتا توپ تىپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ›› . بۇ ئالدىنقى شەرت ئاستىدا كۇلۇپنىڭ توپچىلار بىلەن سۆھپەت ئۆتكۈزىشى ناھايىتى ئاسانغا چۈشەتتى ، كىيىنكى بارىلق يۆتكىلىشلەر شۇنداق بولدى . كارلوس ، رونالدو ، فىگو ، زىدانى ، بېكخام ... ‹‹ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قالتىس توپچىلار  ›› .

فىگو مادرېدقا يۆتكىلىپ ئۇزۇن بولمىغان بىر كۈنى زىدانى بىلەن فىلورىنتىنو بىرلىكتە كەچلىك تاماق يىدى ، نەتىجىدە بىر پارچە قەغەز ( تاماق يىگەندە ئىشلىتىدىغان ) ئۈستەلنى بىر ئايلىنىپ زىدانىنىڭ ئالدىغا باردى . ئۈستىگە ئىسپان تىلىدا ‹‹ خانلىق مادرېد ئۈچۈن توپ تىپىشنى خالامسەن ؟ ›› دىگەن خەت يېزىلغان ئىدى . زىدانى قەلەمنى قۇلىغا ئېلىپ ئېنگىلىسچە : ‹‹ yes ›› دىگەن خەتنى يازدى .

زىدانى ئۇ دەقىقىلەرنى ھازىر ئەسلىسىمۇ بىر ئۇڭايسىزلىنىدۇ  :  ‹‹ توغرا ، ئۇ بىر پارچە ئادەتتىكى قەغەز ئەمەس ، ئۈستىگە خەت يېزىش قىيىن ئىدى ، مەن ئەسلىدە فىرانسوسچە ياكى ئىسپانچە ‹‹ بۇلىدۇ ›› دىگەن خەتنى يازساممۇ بۇلاتتى ، نىمىشقا ‹‹ yes ›› دىگەن خەتنى يازغانلقىمنى راستلا بىلمەيمەن ، بەلكىم بەكلا خۇشال بۇلۇپ كەتكەنلىكتىن بولسا كىرەك ، تېخى ئۈزۈمگە ‹ ئېنگىلىسچە جاۋاپ بەر › دىگەن ئىدىم . ئەمىلىيەتتە مادرېدقا قۇشۇلۇشنى تامامەن خالايتىم ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا كۇلۇپ ، مىنىڭ دەرۋەقە بارسىلوناغا بېرىش پۇرسىتىم بار ئىدى ( شۇنىڭدىن نەچچە يىل بۇرۇن كىرويىف زىدانىنى يۆتكەپ كەلگىلى تاسلا قالغان ) ، بىراق مادرېدتا توپ تىپىش ئىزچىل مىنىڭ ئارزۇيۇم ئىدى . ›› .

زىدانىغا نىسپەتەن ئېيتىقاندا مادرېدقا قۇشۇلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ دۇچ كىلىدىغىنى ئادەتتىكى قىيىنچىلىق ئەمەس ئىدى . ئۇ ئۈزىمۇ بىرنابودىكى ئالدىنقى ئۈچ ئاي ناھايىتى قىينچىلىقتا ئۆتكەن دەيدۇ . زىدانى مەيدانغا چىققان مۇسابىقىلەردە مادرېدنىڭ نەتىجىسى تۇلىمۇ ئۇسال بولغان ...بارغانسىرى زىدانىنىڭ ئاسمان - پەلەك يۆتكىلىش ھەققى زادى ئەرزىمدۇ يوق دىگەندەك  ھەر خىل گۇمانى نەزەرلەر پەيدا بۇلۇشقا باشلىغان ئىدى ، نىمىلا دىمىگەن بىلەن دۇنيادا رىكورت ياراتقان يۆتكىلىش ھەققى ئەمەسمۇ ، ئۇچۇغىنى ئېيتقاندا مادرېد كەلگەن ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۇنىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن ياخشى بولمىغان .


xin_f31462aec5724e00901f38982555f046.jpg

سالجادو (Michel Salgado)  ئەينى ۋاقىتتىكى زىدانىدا ۋاز كىچىش خىيالىنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتىقان ئىدى . ئۇ مادرېدقا يۆتكىلىشنىڭ ئاقىلانە تاللاشلىقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ . مادرېدنىڭ 5-نۇمۇرى بولغان زىدانى ئىقرار قىلىپ : ‹‹   ‹ بەلكىم ئايرىلىشىم كىرەكتۇ › دىگەن ئوي ئىزچىل مېنى چىرمىۋالدى . ئالدىنقى ئۈچ ئاي تۇلىمۇ قىينچىلىقتا ئۆتتى ، تاراتقۇلارنىڭ تۈگمەس خەۋەرلىرىنى ۋە ھەرخىل رەسىملەرنى داۋاملىق ئۇچۇراتقىلى بۇلاتتى . كىيىن مەن ئۈزۈمگە : ‹ بۇ زادى نىمە ئەھۋال ؟› دەپ سۇئال قويدۇم ،سەپداشلىرىم ۋە ئەتراپىمدىكىلەر ماڭا يەڭگىلى بولمايدىغان قىينچىلىق يوق دەپ تەسەللى بەردى ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەھۋال بارا-بارا ياخشىلىنىپ كەتتى . ›› دەيدۇ .

4-باپ :  تارىختىكى ئەڭ دەبدەبىلىك كۇماندا


99c062ea561247524155.jpg

بەلكىم بىرىنجى ئەۋلاد سامان يولى جەڭ كىمىسىدەك كۇماندىدىن يەنە بىرسى بارلىققا كەلمەسلىكى مۇمكىن . ئۇلاردا زىدانى ۋە فىگو كىلىشتىن بۇرۇنلا راھول ، كارلوس  ۋە ھىيرو قاتارلىق چولپانلار بار ئىدى ، ئەينى ۋاقىتتا كاسسىلاس يېڭىلا كۆزگە كۈرۈنگەن بۇلۇپ نۇرغۇن تەھلىلچىلار كاسسىلاس كەسپى ھاياتىنىڭ ئەڭ شانلىق دەۋرىنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ دەپ قاراشقان ئىدى . زىدانى ، فىگو ، رونالدو ۋە بېكخام قاتارلىق چولپانلار كەلگەندىن كىيىن سامان يولى جەڭ كىمىسى تارىختىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك قۇشۇنغا ئايلاندى .

1998-يىلى خانلىق مادرېد كۇماندا تارىخدىكى يەتتىنجى قېتىملىق ياۋرۇپا  چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى لوڭقىسىغا ئىرىشتى . كارلوسى مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ بىزنىڭ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رەقىبىمىز يۇۋېنتۇس ئىدى ، ئەينى ۋاقىتتىكى چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشىدۇ دەپ قارالغان ئەڭ چوڭ قىززىق نوقتا دەل تاغىل ئاتلار ئىدى .ئەينى ۋاقىتتىكى كەيپىيات ناھايىتى ئالاھىدە بۇلۇپ كۇلۇپنىڭ 32 يىلدىن كىيىن قايتىدىن ياۋرۇپانىڭ غۇجىلىق ئورنىغا چىقىشى ئەلۋەتتە تەبرىكلەشكە تىگىشلىك ئىش ئىدى . بىراق مۇسابىقە ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ھەممە ئادەم تەشۋىشلەنمەكتە ئىدى . چۈنكى ئۇ چاغ ھازىرقىغا پەقەتلا ئوخشىمايتى ، ھازىر مادرېد ھەر پەسىلدە بارىلىق چىمپىيۇنلۇقلارغا خىرىس ئېلىپ كىلىدۇ . بىراق ئۇ قېتىملىق چىمپىيۇنلۇق دەل يېڭى بىر دەۋېرنىڭ باشلىنىشىدىكى بۇرۇلۇش نوقتىسى ئىدى . ›› .

ئىككى يىلدىن كىيىن خانلىق مادرېد سەككىزىنجى قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشتى ، ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە مورېنتېس ، مەكمانەمەم ۋە راھول بىردىن توپ ئۇرۇپ 3-0 نەتىجە بىلەن ۋالۇنسىيەنى مەغلۇپ قىلدى . چىمپىيۇن بولغاندىن كىيىنكى يازدا فىلورىنتىنو پېرېز  مادرېدنىڭ رەئىسلىك سايلىمىدا غەلبە قىلدى ، بۇ يەنە بىر دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش ئىدى .

فىلورېنتىنو شۇنىڭدىن كىيىنكى ھەر يىلى يازدا بىردىن دەرىجىدىن تاشقىرى چولپاننى سېتىۋالدى ، بۇ ئەھۋال ئەسلىدىنلا ياۋرۇپاغا غۇجا بولغان بىر كۇماندىنى ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدىغان دەرىجىدە تارىختىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك قۇشۇنغا ئايلاندۇپ قويغان بۇلۇپ بىرسىنىڭ رىئال تۇرمۇشتا تەقلىدى پۇتبول ئۇيۇنى ئويناۋاتقىنىغا ئوخشايتى ، يەنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ، ئەڭ تالانتلىق ، ئەڭ داڭلىق توپچىلارنى يىغىۋالغان ئىدى . ئەينى ۋاقىتتىكى كاپىتان ھېيرو : ‹‹ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس 10 توپچى ئىچىدىكى بەش نەپەر توپچى مادرېدتا ›› دىگەن بۇلۇپ ئۇنىڭ بۇ سۈزى ھېچبىر خاتا ئەمەس ئىدى .


1_6-12-44-474_20030731185133.jpg

‹‹ فىلورېنتىنو ئىلگىرى جەسۇرانە ھالدا ‹‹ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس پۇتبولچى مادرېدتا توپ تىپىشى كىرەك ›› دەپ جاكارلىغان ئىدى  ، ئەمىلىيەتتىمۇ ئۇ بۇ سۈزىنى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇردى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مادرېد ئالدىنقى يىلىدىكى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئالتە نامىزاتى ئىچىدىكى بەش نەپەر توپچىنى يىغىۋالغان ئىدى . يۆتكىلىش بازىرىدا بۇندىن بۇرۇن تېخى بىر كۇماندا قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا بىر توپ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپاننى يىغىۋالىدىغان بۇ دەرىجىدىكى مۇنۇپۇل قىلۋېلىش كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى . ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئەڭ مۈنەۋەر 11 كىشلىك سەپ شەكلىنى تاللاپ چىقسا ئاز دىگەندىمۇ يېرىمى خانلىق مادرېدتىن چىقاتتى .

2002-يىلى كۇماندىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن ۋاقىتتا مادرېد توپچىلىرى دۇنيا چولپانلار بىرلەشمە كۇماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينىدى ، دۇنيا چولپانلار بىرلەشمە كۇماندىسى ئەزالىرى ھارقايسى زەردار كۇماندىلاردىن ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ چىقىلغان ئىدى ، يەنى دۇنيادىكى ئەڭ مۈنەۋەر بىر تۈركۈم توپچىلار ئىدىيۇ لىكىن يەنىلا خانلىق مادرېدنىڭ سەپ شەكلىدەك دەبدەبىلىك ۋە ھەيۋەتلىك ئەمەس ئىدى . شۇ كۈنى كەچتە دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچىلارنىڭ ھەممىسى مادرېدنى ئاق رەڭلىك كىيىمىنى كېيدى .


5-باپ : ئۇيۇنغا بىرىلىش


900x600_96380L8Q00DE0005.jpg

ئەينى ۋاقىتتا مادرېد توپچىلىرى ھەتتا مەستانىلىرى قۇشۇلۇپ ھەممىسى ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتكەن بىر خىل ھالەتتە ئىدى ، مۇنداقچە ئېيتىقاندا ئۇلار دۇنيانىڭ مەركىزىدە تۇرىۋاتقان ئىدى . ھەر كۈنى مىڭلىغان توپ مەستانىلىرى مەشىق بازىسىنىڭ سىرتىنى ساقلاپ تۇراتتى ، ئەسەبىلەرچە سىم تۇسۇقلارغا ئېسىلاتتى ، توختىماي ۋارقىرايتى ، ھەممىسى چولپانلار بىلەن بىرگە رەسىم چۈشىۋېلى ياكى ئىمزا قويدۇرۋېلىش ئۈچۈن بارىلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتەتتى .

‹‹ بىز پۇتبول دۇنياسىدىكى بىتلىسقا ئوخشايمىز (The Beatles ؛ 1960-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ لىۋېرپۇلدا قۇرۇلغان تولغىما مۇزىكا ئەتېرىتى )جەلىپ قىلىش كۈچىمىز زىيادە ، ھەتتا ئاللابۇرۇن بىر خىل مودا ئېقىمىغا ئايلاندۇق ، ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدۇ ›› مانا بۇ فىگونىڭ ئېيتىقانلىرى . كارلوس بولسا : ‹‹ مادرېد مېنى دۇنياغا تۇنۇتتى ›› دىگەن ئىدى . ئۇنىڭ قارىشىدا نام-ئاتاق گويا قوش بىسلىق قىلىچقا ئوخشاش بۇلۇپ كىشىگە زىيادە بېسىملارنى ئېلىپ كىلىدۇ ، نەگە بېرىشىدىن قەتتىنەزەر كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرسىدىن چىكىتەلمەيدۇ ، بىراق بۇ نام-شۆھرەتنىڭ ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپلەپ ئېلىپ كىلىدىغىنى يەنىلا شادلىق بۇلىدۇ .

كارلوس كۈلۈپ تۇرۇپ يەنە : ‹‹ئاخشى نىمىش قىلسىلەر ؟  ئادەتتە يىغلىپ ئولتۇرىمىز ، ھەممىمىزنىڭ ئۈيىدە دېسكو ئەسلىھەلىرى تۇلۇق ، كۈڭۈل ئاچماقچى بولساق ئۆيدە بولسىلا بولدى ، چۈنكى ئاممىۋى سورۇندا ئېچىلىپ ئوينىيالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس ، سىرىتتا نەگىلا قارىسا ئىز قوغلىغۇچى مۇخپىرلار ۋە ھەرخىل مۇرەككەپ كىشىلەر . توپچىلار ئاساسەن ھەممىس بويتاق ، ئوينىغاندا ئەلۋەتتە قىزلار كەم بولسا بولمايدۇ ، بىراق بىزنىڭ تېخىمۇ بەكرەك كۈچەيدىغىنىمىز مادرېددا ياخشىراق توپ تىپىش ، شۇڭا ھەممىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا پىرنىسىپىمىز بار ، بەك ئاشۇرىۋەتمەيمىز . ›› دىگەن ئىدى .

مۇسابىقە مەيدانىمۇ ئەلۋەتتە خۇشاللىققا تولغان بۇلىدۇ .  سالجادو ئەينى ۋاقىتنى ئەسلەپ : ‹‹ ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىز بىرلىككە ناھايىتى ئەھمىيەت بىردىغان كۇماندا ئىدۇق ، بىراق كۇلۇپ ئۇ چولپانلارنى سېتىۋالغاندىن كىيىن بەزى ئىشلارنى ئويلىماي تۇرالمايدىغان بولدۇق . مەسلەن ، ئەمدى مادرېد يەنە قايسى چولپانلارنى قۇشىۋېلىشى مۇمكىن دىگەندەك ›› دەيدۇ . زىدانى بولسا : ‹‹ مەن ئەينى ۋاقىتتا مادرېدتىكى تۇرمۇشۇمدىن تۇلىمۇ مەمنۇن ئىدىم. مۇسابىقىدەرەقىبىمىز ئىككى توپ ياكى ئۈچ توپ كىرگۈزىشى مۇمكىن ، ئەگەر ھازىر ئۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە ‹ بىز ئۇتتۇردۇق › دەپ ۋارقىراپ كىتىشىڭىز مەيۈسلىنىشىڭىز مۇمكىن ، بىراق ئۇ ۋاقىتتا ئۇنداق ئەھۋال مەۋجۈت ئەمەس ئىدى ، چۈنكى رەقىبىمىز ئىككى توپ ئۇرسا بىز ئۇلاردىن بىر ئىككىنى كۆپ ئۇراتتۇق ، ھەقىقەتەن شىرىن ئەسلىمە ئىدى . ›› دەيدۇ .

مەيداندىكى ئورنى ھەققىدە سۆز بۇلۇنغاندا كارلوس ئۈزىنى تىپىك مۇداپىيەچى شۇنداقلا رىۋايەتلىق مۇداپىيەچى دەرىجىسىگە يىتەلمىگەن مۇداپىيەچى دەپ قارايدۇ . ‹‹ ھۇجۇمنى ئاساس قىلىدىغان كۇماندا سۈرئىتى ۋە بەدەن قۇۋىتى تۇشاق تۇرىدىغان مۇداپىيەچىگە ئىھتىياجلىق بۇلىدۇ ›› . ئۇ يەنە ئۈزىنىڭ رولىنى تۇراقلىق ۋە ئىقتىدارلىق دىگەن سۆزلەر بىلەن  تەسۋېرلەيدۇ . ئۇ سول مۇداپىيەچى بولسىمۇ ھەرقانداق ئۇرۇننىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ ، خالىغان بىر مۇداپىيەچىنى سېلىشتۇرساق كارلوس ئۇستا دەرىجىسىگە يەتكەن ھىساپلىنىدۇ . ئۇ مەيداننىڭ ھەممە يىرىدە يۈگۈرەپلا يۈرۈيدۇ ، بەزىدە مۇداپىيەنى سىپىنى مۇھتەھكەملەيدۇ بەزىدە قارشى تەرەپ قاپقىسىغا بېرىپ نەيزىدەك قادىلىدۇ . ئۇ يەنە كۇماندىدا ناھايىتى ئالاھىدە ھىساپلىنىدۇ . ئۇ : ‹‹ مىنىڭ موسكۇلۇم بەك تەرەققى قىلغان ، بىراق مادرېد بۇ يىتەرلىك ئەمەس ، مەن تېخىمۇ تىز ، تېخىمۇ كۈچلۈك بۇلۇشۇم كىرەك . مەن داھاملىق بۇيرۇتۇپ تىكىلگەن ئىشتان كىيىمەن ، يەنە ھەر قېتىم كىيىمنى ئالغاندا كىيىم ماڭا دەل كەلسىكەن دەپ تىلەيمەن . ›› دەيدۇ . ئۇنىڭ ‹‹ئالاھىدە ›› بۇلۇشى  ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ چولپان بولغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى بىردىنبىر چولپان ئەمەس بولغانلىقىدىن .


6-باپ : ھەممىنى تاۋلاپ چىققان يۇقۇرى بېسىملىق قازان


96380LDV00DE0005.jpg

زىدانى بىلەن فىگونىڭ كىلىشى مادرېد پۇتبولىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى . زىدانىدىن كىيىن 2002-يىلى مادرېدقا يۆتكەلگەن رونالدو مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ بارىلىق قالتىس پۇتبولچىلار ئاساسەن مادرېدتا . مەن ئىلگىرى ئىنتىر مىلەن مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى قەھىرمانى ئىدىم ، يەنە كىلىپ يېڭىلا دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىيۇن بولغان ، ئىتالىيە تەرەپ بىلەن بولغان توختامدىكى تەمىناتمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى ، بىراق مىنىڭ يەنىلا مادرېد بارغۇم بار ئىدى ، چۇقۇم بارىلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىم كىرەك ئىدى ، چۈنكى مىنىڭ مادرېدنىڭ كىيىمىنى كېيگىم بار ئىدى . ئىنتىر مەستانىلىرىغا نىسپەتەن بۇ بىر ساراڭلىق ، مەن بۇنى چۈشىنىمەن ، بىراق مەنمۇ ئۈزۈمنىڭ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرلىشىم كىرەكتە ، مەن يۆتكىلىپ بارغاندىن كىيىن ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلەنمىدىم . مادرېد ماڭا ئوخشاش توپچىلارنىڭ ھەممىسى بەش يۇلتۇزلۇق تەمىناتتىن بەھىرمەن بولدى ، تۇلىمۇ قالتىس . ئاڭلىماققا مۇمكىن ئەمەستەك ، بىراق مادرېد ھەقىقەتەن مۇشۇنداق . ›› .

بېكخامنىڭ ئەھۋالى رونالدو بىلەن ئوخشاپ كىتىدۇ ، ئەينى ۋاقىتتا بارسىلونا تەرەپ ئاللابۇرۇن بېكخام بىلەن توختام تۈزۈپ بولدۇق دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ قىلچىمۇ پۇرسىتى يوقتى . ‹‹ مەن ھېچقاچان بارسا بىلەن ئالاقە قىلىپ باقمىدىم . ›› دىگەن ئىدى بېكخام . ئۇ يەنە : ‹‹ مەن ئۈزۈمنىڭ كۇلۇپتىن ئايرېلىدىغانلىقىمنى ھىس قىلىپ يەتكەندە بەك چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن ئىدىم ، كۇلۇپ ماڭا ۋاكالىتەن قارار چىقارماقچى بولدى ، بىراق مىنىڭ بىردىنبىر قىلىشنى ئويلىغىنىم ئۈزۈمنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە ئۈزۈم قارار چىقىرىش ئىدى . بارسىلونا بىر ياخشى كۇلۇپ ، ئۇلارغا يارىغانلىقىمدىن شەرەپ ھىس قىلىمەن ، لاپورتا(ئەينى ۋاقىتتىكى بارسىلونا رەئىسى ) يامان ئەمەس ئادەم ، بىراق مەن بۇرۇنلا ‹‹ بىر كۈنلەردە بېكخام مانچىستىر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلسا پەقەت مادرېدقىلا بېرىشى مۇمكىن ›› دەپ قويغان ، ئاخرى بۇ گەپ رىئاللىققا ئايلاندى .

رونالدو ناھايىتى تىزلا يېڭى ئائىلىسىگە ماسلىشىپ كەتتى ، ئۇ مادرېدتىكى بىرنجى مەيدان مۇسابىقىدە بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا بىر توپ كىرگۈزدى . بېكخام بىرلەشمىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق ئەزا بۇلۇپ مەيدانغا چىققاندا 124 سىكونتتىلا بىر توپ كىرگۈزگەن ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى رونالدو ۋە بېكخام بولسۇن ياكى زىدانى ۋە فىگو بولسۇن ھەممىسى بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتقان ئىدى . رونالدو تاراتقۇلاردىن ئۇنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكەرنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا ئارلاشماسلىقىنى مەرتەم ئۈتۈنگەن ئىدى. بىراق ئۇنىڭ كىلىشى فىگو بىلەن زىدانىنىڭ جىددىلىكىنى يۇقاتتى . زىدانى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ مەن كەلگەندىن كىين ھەر يىلى مەندىكى بېسىم بارغانسىرى ئازلىدى ، بۇلۇپمۇ بېكىخام كەلگەندىن كىيىن تېخىمۇ شۇنداق . مەن داۋېدنىڭ ئىز قوغلىغۇچى مۇخپىرلارنى مىنىڭ ئەتىراپىمدىن تاتىپ ئەكەتكىنىگە رەھمەت ئېيتىشىم كىرەك . ›› .

بېكىخام نەگىلا بارسا مۇخپىرلار شۇ يەردە پەيدا بۇلاتتى ، ئۇلار خۇددى بېكخامنىڭ سايىسىغىلا ئوخشاپ قالغان بۇلۇپ بېكخام ھەر قېتىم ئۆيگە قايتىقاندا قوغدىغۇچى بىللە ئىدى . مادرېدتا توپ تىپىشنىڭ ئەڭ ئازاپلىق يىرى دەل دۇچ كىلىدىغان بېسىم بەك يۇقۇرى ئىدى . رونالدو مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ سىز مادرېدنىڭ ئىچى قىسىمىدىلا  بولمىسڭىز ئۇنى ھەرگىزمۇ چۈشەنمەيسىز . ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا كۇلۇپ ، ئاساسەن ھەممە ئادەم مادرېد ھەققىدىكى مۇنازىرە قىلىشىدۇ ، ھەتتا نۇرغۇن ئادەم دىيىلىۋاتقان گىپىنى چۈشەنمەي قالىدۇ . بۇ يەردا سىز ئۇتۇق قازانسىڭىز بېشىڭىز كۆككە يىتىدۇ ، ئەلۋەتتە مەغلۇپ بولسىڭىز بەك قاتتىق يىقىلىسىز . ›› .



7-باپ : ئەڭ كاتتا غەلبە


20130821142838ab014.jpg


ھەر يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپاندىن بىرنى سېتىۋېلىش خانلىق مادرېدنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى ، يازلىق يۆتكىلىش بازىرىنىڭ قىزىق نوقتىسى يەنىلا مادرېدقا مەركەزلەشتى ، كۇلۇپقا نىسپەتەن ئېيتىقاندا بۇ توپچىلارنىڭ توپ مەيدانىدىكى نەتىجىسىگە ئوخشاش مۇھىم . ئۇ بارىلىق ئۈمىد ، ئارزۇ ۋە ھاياجاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلىدۇ .

فىگو مادرېدقا قۇشۇلغاندىن كىيىنكى بىرىنجى پەسىلدە مادرېد دەبىدەبىلىك ھالدا بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈردى . ئۇنىڭ مەيداننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى قالتىس ئىپادىسى مادرېدمەستانىلىرىنىڭ ئۇمۇيۈزلىك ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتى . رونالدو قۇشۇلغاندىن كىيىنكى بىرىنجى پەسىلدىمۇ مادرېد ئوخشاشلا بىرلەشمە لوڭقىسىنى كۈتۈردى . رونالدو : ‹‹ مەيلى سىزنىڭ تەجىربىڭىز قانچە مول بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر ، سىز ئۈزىڭىزنىڭ ئىسمىنىڭ كۇلۇپ تارىخىغا يېزىلىشىنىڭ  نەقەدەر كاتتا ئىش ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ھىس قىلىپ يىتەلمەيسىز . ›› دىگەن ئىدى . فىگودىن كىيىن رونالدودىن بۇرۇن مادرېدقا قۇشۇلغىنى زىدانى ئىدى ، مادرېدقا قۇشۇلغان بىرىنجى پەسىلدە ، كۇلۇپ ئۇ چۈشىدىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولدى . شۇ يىلى دەل مادرېدنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق يىلى ئىدى . مەيلى تارىخ نوقتىسىدىن بولسۇن ۋە ياكى شان-شەرەپ جەھەتتىن بولسۇن خانلىق مادرېد ئوخشاشلا يەنە بىر يۇقۇرى پەللىگە ئۆرلىگەن ئىدى .

ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا ھېچقانداق بىر كۇلۇپ تېخى مادرېدنىڭ دەرىجىسىگە يېقىنلىشالمىغان ئىدى ، بۇ مۇسابىقە خۇددى مادرېد ئۈچۈنلا بارلىققا كەلگەندەك قىلاتتى . ئۇلار 32 يىل كۈتكەندىن كىيىن كۇلۇپ تارىخدىكى 7-قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۈتۈردى . ئىككى يىلدىن كىيىن 8-لوڭقىنى كۈتۈردى ، يەنە ئىككى يىلدىن كىيىن 9-لوڭقىنىمۇ كۈتۈرۈپ رىۋايەت ياراتتى . ئەگەر مادرېد توپچىلىرىدىن ‹‹ سامان يولى جەڭ كىمىسى دەۋرىدىكى ئەڭ شىرىن ئەسلىمە قايسى ؟ ›› دەپ سۇرالسا كۆپ قىسىم توپچىلار ‹‹ 2002-يىلىدىكى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسى ، بىر مەيدان رونالدو بىلەن بېكخام بولمىغان ئەڭ  كاتتا غەلبە ›› دەپ جاۋاپ بىرىدۇ .

كارلوس ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ 2002-يىللىق ئۇزغۇنلۇقنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشكەن ۋاقىت مىنىڭ كەسپى ھاياتىمدىكى گۈزەل دەقىقە ھىساپلىنىدۇ . ئىنتايىن ئاز كۇماندىلا بۇنداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ ، زىدانى پۈتۈن دۇنياغا ئۈزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچىلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى . راھول ھەيران قالارلىق ھالدا توختىماي توپ كىرگۈزدى ، فىگو بولسا دۇنيادىكى ئاڭ مۈنەۋەر توپچىنىڭ بىرى . بىز يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە بارسىلونانى شاللىۋەتتۇق، ئۇ يىلى دەل كۇلۇپنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق مەرىكىسى ئىدى . ئىشقىلىپ بىر ئېغىز گەپ بىلەن خۇلاسىلىسەم : شۇ يىلى يازدا رونالدونىڭ قۇشۇلىشى مادرېدنى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان سامان يولى جەڭ كىمىسىگە ئايلاندۇردى . ›› .


20130821141757abdc5.jpg

ئۇنىڭدىن بۇرۇن فىگو ۋە زىدانى تېخى چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ لوڭقىسىغا ئىرىشىپ باقمىغان ئىدى ، بۇ لوڭقا زىدانىنىڭ شان-شەرەپ ئىسكىلاتىدىكى بىردىنبىر كەم نەرسە ئىدى . رونالدو بولسا ئۇ لوڭقىغا ئىرىشىپ باقمىدى . ئىلگىرى ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشىپ باققان تۆت زەردار كۇلۇپتا ( قوشماق مىلان ، خانلىق مادرېد ۋە بارسىلونا )  توپ تىپىپ باققان دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانغا نىسپەتەن ئۆز قۇلى بىلەن يوغان قۇلاقنى ئىگىز كۈتۈرەلمەسلىك  ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ .


8 - باپ : 100 يىللىق قۇتلۇق كۈنىدىكى ئارا -نۇمۇس  


20130821144012c35a0.jpg

ئۇ پەسىل مادرېدقا نىسپەتەن ئېيتىقاندا ئانچە ئۇڭۇشلۇق ئەمەس ئىدى ، ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنى بۇلۇش ھەقىقەتەن خۇشال بۇلۇشقا ئەرزىسىمۇ ، بىراق سامان يولى جەڭ كىمىسى يەنە بىر تۈرلۈك مۇسابىقىدە ناھايىتى چوڭ ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرىدى . كارلوسنىڭ  قاباھەتلىك چۈش كەبى ئەسلىمىسى دەل ئەينى يىلىدىكى شاھلىق لوڭقىسى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىدى . 2002-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا مادرېدنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى 100يىللىق چوڭ مەرىكىگە تەييارلىق قىلىش ئىدى . كۇلۇپ تەرەپ ئالاھىتەن بىرلەشمە ھەيئىتىگە ئىلتىماس قىلىپ شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە ۋاقتىنى 3-ئاينىڭ 6 -كۈنىگە ئۆزگەرتكەن ئىدى . ئۇ كۈنى دەل خانلىق مادرېد دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈن ، مۇسابىقە ئورنى دەل بىرنابو پۇتبول مەيدانى ئىدى .

خانلىق مادرېدنىڭ رەقىبى لاكورۇنىيە بۇلۇپ  بارىلىق ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان مادرېدلىقلار ھەر تەرەپلىمە تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ قويغان ئىدى . زىدانى مۇداق دەيدۇ : ‹‹ ئۇ ۋاقىتتا بارىلىق تاييارلىقلار پۈتكەن بۇلۇپ پەقەت مادرېدنىڭ مۇسابىقىدە غەلبە قىلىشىلا كەم قالغان ئىدى ›› . بىراق ئۇ  پەقەت ‹‹ تۇلىمۇ ئۇسال ›› دىگەن سۆز بىلەن شۇ كۈنىدىكى ئەۋالنى تەسۋىرلىدى . پۈتۈن بېرنابودا پەقەت شىمالى كۈرۈش سۇپىسىلا ئانچە تىنىچ ئەمەس ئىدى ، 20 مىڭ لاكورۇنىيە مەستانىسى تەنە قىلىپ ‹‹ تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن --- مەيدان ئىگىسى سوۋغا قىلدى . ›› دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۈتۈرىۋالغان ئىدى . شۇ كۈنى كەچتە لاكورۇنىيەمەستانىلىرى  ئۆزلىرىنى بىرنابونىڭ ئىگىسى دەپ ئاتاشتى .

شۇ كۈنىدىكى مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدىلا لاكورۇنىيە 2 توپ ئۈستۈنلىككە ئۈتۈپ بولغان بۇلۇپ ، توپ ئۇرغۇچىلار بولسا سېرجىئو ۋە تىرىستان ئىدى . گەرچە كىيىن راھول بىر توپ قايتۇرۋالغان بولسىمۇ بىراق كۇماندىنى قۇتقۇزالمىدى . 100 يىللىق قۇتلۇق مەرىكە كۈنىدە لاكورۇنىيە بېرنابۇنى قالايمىقان قىلدى، سامان يولى جەڭ كىمىسى بولسا ئالەمشۇمۇل ئارا-نۇمۇسقا دۇچار بولدى .

ماكمانامەن (Steve McManaman) كىيىن ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ شاھلىق لوڭقىسىنى ئېلىش مەجبۇرىيەت ئىدى .  1-2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۋەتكەندىن كىيىن كۇماندىدىكىلەر ئۈزىنى قۇيىدىغانغا يەر تاپالماي قالدى ، ‹ ئاسمان ئىگىز ، يەر قاتتىق › دىگەننى بېشىدىن كەچۈردى . ›› . زىدانىمۇ ئەينى ۋاقىتنى ئەسلەپ : ‹‹ مەن ھازىرغىچە تىرىستاننى شۇنچە ئېنىق ئەسلىيەلەيمەن ، ئۇ پات-پات ھەيران قالارلىق ئىپادىسى جارى قىلدۇراتتى ، ئەينى ۋاقىتتىكى مۇسابىقە دەل شۇلارنىڭ بىرى . ›› دەيدۇ . ئۇ مۇسابىقىدە فىگو ياردار ھالەتتە مەيدانغا چىققان بۇلۇپ مۇسابىقە جەريانىدا بەكلا قىينالغان ئىدى . فىگو ئەينى ۋاقىتنى ئەسلىسىمۇ ئازاپلىنىدۇ ، بۇ ئازاپ بەدىنىدىكى يارىدىن كەلگەن ئەمەس بەلكى مۇسابىقىدىن كەلگەن ئىدى . ئۇ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ شۇ كۈنى مىنىڭ كەسپى ھاياتىمدىكى ئەڭ ئازاپلىنارلىق پەيىت ، داۋاسى يوق يارا .›› . ئۇ كۈنى ئاغرىق توختۇتۇش دۇرىسى يەپ مەيدانغا چىققان فىگونىڭ يارىسى مۇسابىقىدىن كىيىن يامانلاشقان بۇلۇپ پەسىل ئاخىرىغىچە يارا ئازابىدىن قۇتۇلالمىغان ئىدى .

ئەمىلىيەتتە ، فىگو شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشماسلىقى كىرەك ئىدى . بىراق ئۇ ياردار ھالەتتە 83 مىنۇت توپ تەپتى ، نىمە ئۈچۈن ؟ فىگو ‹‹ چۈنكى ئۇ بىر مەيدان ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە ›› دەپ جاۋاپ بىرىدۇ . فىگو ئەينى ۋاقىتتا پەقەت ئادەتتىكى يارا دەپ سەل قارىغان ئىدى ، بىراق شۇ سەل قاراش سەۋەبىدىن مۇسابىقىدە ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمايلا قالماي ئېغىرلىشىپ كەتكەن يارا  ئازابى كىيىنكى دۇنيا لوڭقىسىغىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى . قىسقىسى فىگو  شاھلىق لوڭقىسى ئۈچۈن شۇنچە ئېغىر بەدەل تۈلىگەن بولسىمۇ مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولدى .



9 - باپ : پۇتبول شاھلىرى بىلەن بىر قاتارغا ئۈتۈش


201308211425281d37b.jpg

شاھلىق لوڭقىسىدىكى ئۇڭۇشسىزلىقتىن كىيىن كىشىلەرنىڭ دىققىتى قايتىدىن چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىگە مەركەزلەشتى . ئۇ يىلى مادرېد  رىمنى بېسىپ كىچىك گۇرۇپپىدىن بىرىنجى بۇلۇپ چىقتى ، كىيىنكى مۇسابىقىدىمۇ قالتىس ئىپادىسى بىلەن 8 كۈچلۈككە بىرىنجى بۇلۇپ كىردى . مادرېدنىڭ 8 كۈچلۈكتىكى رەقىبى ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيۇن بايرېن ئىدى . يېرىم ھەلىلغۇچقا كىرگەندىن كىيىن قان رەقىبى بارسىلوناغا دۇچ كەلدى . مادرېد 3-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى شاللاپ ھەلقىلغۇچقا كىردى .  

ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە كارلوسنىڭ ياردەمچى پاس چىقىرىشى زىدانىنىڭ لىۋېركېسۇننى بۇغۇزلاپ تاشلىشى بىلەن مادرېد كۇلۇپ تارىخدىكى 9- چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى . كارلوس خۇشاللىق بىلەن : ‹‹ ئۇ بىر قېتىملىق مۇكەممەل بولغان ياردەمچى پاس ›› دەيدۇ . ئۇ ھەقىقەتەن بىر مۇكەممەل ياردەمچى پاس ئىدى . كارلوس سول يولدىن توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان بۇلۇپ توپ ناھايىتى ئىگىز قاڭقىپ كەلگەن ئىدى ، پاسنىڭ مۇكەممەلىكى دەل مۇشۇ يەردە ، چۈنكى توپنىڭ پەسكە چۈشىشىگە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەن بۇلۇپ زىدانىغا نىسپەتەن قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىنىشقا يىتەرلىك ۋاقىت بار ئىدى  . ئۇنداقتا زىدانى نىمىنى ئويلىغاندۇ ؟؟؟

زىدانى مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ ئەينى ۋاقىتتا مىنىڭ كاللامغا كەلگىنى پەقەت قاپقىغا كۈچەپ تىپىش بولدى .  توپنى يان تەرەپكە تىپىشىم كىرەك  دەپ ئويلۇدۇمدە بېشىمنى كۈتۈرۈپ توپنىڭ ئورنىغا بىر قارىۋەتتىم ، چۇقۇم بىرىنجى قېتىمدىلا توپنى تەپمىسەم بولمايتى . ›› توپ كىلىشى بىلەن زىدانى ئۆرۈلۈپلا ھېلقى پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇش بولغان تىپىك ھەركىتىنى ئىشلىدى . زىدانى يەنە : ‹‹ توپ كىرگەندىن كىيىن ئۈزۈمنى ئەڭ بەخىتلىك ئادەمدەك ھىس قىلدىم ›› دەيدۇ .

زىدانى : ‹‹ بۇ دەل مىنىڭ مادرېدتا ئىرىشمەكچى بولغىنىمدۇر . يۇۋېنتۇستىكى ۋاقتىمدا مەن ئىككى قېتىم چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يىقىلدىم ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قېتىملىق رەقىبىمىز دەل خانلىق مادرېد ئىدى .  مەن ئەزەلدىن يوغان قۇلاقنى تۇتۇپ باقمىغان . بىر كۇلۇپ سىز ئۈچۈن 72 مىلىيۇن ياۋرۇ سەرىپ قىلىشقا رازى بۇلۇپ  سىزنى قۇشىۋالغاندا  سىز چۇقۇم تارىخقا يېزىلغۇدەك بىرەر ئىش قىلىشىڭىز كىرەك . مەن مادرېدقا كەلگەن دەسلەپكى 3 ئايدا كۈنۈم بەك تەستە ئۆتتى ، تاراتقۇلار كۈندە مىنىڭ پىيىمدىلا يۈرۈشتى . ھېلقى توپنى كىرگۈزگەندىن كىيىن بارىلىق كىشىلەر :‹ گەرچە  نۇرغۇن پۇلنى سەرىپ قىلغان بولسىمۇ  بىراق ئۇ مادرېد ئۈچۈن تۇلىمۇ مۇھىم بولغان ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئېلىپ بەردى › دىيىشتى . يوغان قۇلاقنى كۈتۈرگەن ئاشۇ دەقىقە مىنىڭ مادرېدتىكى ئەڭ خۇشال بولغان ۋاقتىم ›› . دىگەن ئىدى .

مۇسابىقىدىن كىيىن ئىسپانىيە پادىشاھى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈيىگە كەلدى ،  توپچىلارغا ئۇ خۇددى كۇماندىنىڭ بىر ئەزاسىدەكلا تۇيغۇ بەردى . كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈيىدىكى ھەر بىر ئادەم ئالەمشۇمۇل خۇشاللىققا چۈمگەن ئىدى . زىدانىنىڭ ئۇ توپى بىر سىمىۋولغا ئايلاندى : 2002-مۇسابىقە پەسىلىدىكى ئەڭ يۇقۇرى پەللە ، زىدانىنىڭ تاج كىيىشى . ئۇ بىردەمدىلا مادرېدنىڭ تارىخدىكى ئەڭ كاتتا توپچىلىرى قاتارىغا كىردى ، بەزىلەر ھەتتا زىدانىنى پېلى ، مارادونا ، دېستىفانو ۋە كىرويىفلار بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىشتى .




ئاخىرى بار ..........[/size

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 16مۇنبەر پۇلى +900 تۆھپە +21 شۆھرەت +11 تەجرىبە +12 تىللا +2 يىغىش سەۋەبى
kayFiyat + 50 قالتىس!
تىروي + 50 قالتىس!
تەمكىن + 50 قالتىس!
بارچۇق + 100 + 10 + 10 + 10 + 2 قالتىس!
زەردار + 50 قالتىس!
مىلەن + 50 جاپا چەكتىڭ.
رويات + 50 قالتىس!
بىنزىما9 + 50 + 1 + 1
WiRoS + 50 قالتىس!
باھادىر + 100 قالتىس!
c.ronaldo77 + 50
سەنسىز + 50 قالتىس!
سەۋدا + 50 قالتىس!
ئۆركىشى + 50 + 10 + 1 + 1 نادىر تېما بولغۇسى
بوغدا + 50 ئىسىل!
باقاۋۇل + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-29 22:30:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئاخىرىنى كۈتمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-29 22:34:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-29 22:35:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىگونىڭ مادىرىتقا قوشۇلىشى ئەينى ۋاقىتتا ، بارسىلونا مەستانىلىرى ئۈچۈن قوبۇل قىلغۇسىز ھەقىقەت بولۇپ قالغان ،  فىگو شۇ دەۋىردىكى ئەشەددىي خائىن دەپ ئاتىلىپ ، بارسىلونا مەستانىلىرى تەرپىدىن قاتتىق ھاقارەتلىنىش بىلەن بىرگە ، مەستانىلەر فىيگوغا قارىتىپ چوشقا كاللىسىنىمۇ ئاتقان .
ئەجىرلىك تىما بوپتۇ ، داۋامىنى ساقلايمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-29 22:42:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ئىنرىك بىلەن فىگۇنىڭ قايسىى بالدۇر يۆتكەلگەن بۇلغىيتى؟؟ما تېما مادرىدنى تىخىمۇ ياخشى چۈشۈنىشكە ياردىمى بۇلىدىكەن، كىيىنكى بۈلىمى قاچان چىقا؟؟رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-29 22:44:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇمشۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-30 16:57  
sangun يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 22:42
‏ئىنرىك بىلەن فىگۇنىڭ قايسىى بالدۇر يۆتكەلگەن بۇلغىيت ...

خاتا يېزىپتىمەن ، تەھرىرلەندى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-29 22:48:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   نادىر تىما بولغىدەك. داۋامىنى ساقلايمىز....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-29 22:52:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sangun يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 22:42
‏ئىنرىك بىلەن فىگۇنىڭ قايسىى بالدۇر يۆتكەلگەن بۇلغىيت ...

ئىنرىك  بۇرۇن  ئۇ  كىچىكلا  ۋاقتىدا يۆتكەلگەنغۇ  دەيمەن 90  نەچىنجى يىللىرى  فىگو  يىڭى ئەسىردىكى گەپقۇ  دەيمىەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-29 23:01:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 22:44
بەك چوڭ ھەجىملىك تىما بۇ ، ئەمدى 3 باپنى يوللىدىم ، ھاز ...

دەرىسنىمۇ تاشلاپ  قويمايلى  ،  نادىر تېما  يوللايمەن دەپ  مەكتەپنىڭ ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمەي    مەكتەپتىن  ھەيدەلسەڭلا  بىز ئارا تۇرالمايمىز   شۇ  ياخشى تېما  يوللايدىغان بالىتى  ئەلەھمۇللا دەپ ئولتۇرىمىز شۇ    چاخ -چاخ  داۋامىغا  تەشنامىز  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-29 23:04:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆركىشى يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 23:01
دەرىسنىمۇ تاشلاپ  قويمايلى  ،  نادىر تېما  يوللايمەن د ...

ئۇنداق بۇلامدىغان ، ۋاقىت چىقسا يوللاپ تۇرىمەن ، ئىمتىھانلار تۈگسا بىر نەچچە ھەپتە بىكار ۋاقىت بار ، شۇ چاغدا سۈرئەتنى تىزلىتىمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-29 23:19:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل تېما بوپتۇ،نادىرلاشقا تېگىشلىك~~!!来自: iPhone客户端
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-29 23:22:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىگو مو تىرنىرلىق قىلغان بولسا بۇيىل مادرىد نى تۇتقان بولسا ھەي ھەي مانا دىربى دىگەن سەت قىززىپ كىتىدىكەنتۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 15:30

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش