akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1857|ئىنكاس: 44

بېيجىڭدىكى ئىشلار ( توپ تەپكۈچى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-27 23:53  

proxy.jpg







يۇقۇرنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن ئىدارە رەھبەرلىكى مېنى مەركىزى شەھەر بېيجىڭغا ئۈچ ئايلىق كەسپىي تەربىيلەشكە بەلگىلىدى .ئىككى كۈنلۈك جىددى سەپەر تەييارلىقى ئاخىرلىشىپ ،3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوست -بۇرادەرلەر بىلەن خوشلىشىپ بىسمىللا دەپ سەپەرگە ئاتلاندىم .ئارلىق يېقىن بولغاچقا كۇچادىن پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە تېنىپ -ئامان يېتىپ كېلىپ ، بۇ ئاۋات شەھەردە ئىككى كۈن باشقا ئىشلار بىلەن تۇرۇپ قالدىم ،ئايرۇدۇرۇمدىكى قاتتىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئايرۇپىلان بۇسۇغۇسىدىن ئاتلاپ ئۆز ئورنىمىغا جايلىشىپ ، قاتتىق ھاياجان ئىلكىدە ئەتىراپىمغا بىربىرلەپ نەزەر سالدىم .ماڭا ھەممە نەرسە باشقىچە تۇيۇلاتتى .ئايرۇپىلان ئىچىدە ئۈچ نەپەر چەتئەللىك بار ئىدى .بىزنىڭ بۇ يەرلەرگە چەتئەللىك كۆپ كەلمىگەچكىمۇ ، بۇلارغا ئۆزەمچە سىنچىلاپ قاراپ كېتىپتىمەن .بۇلارنىڭ ئارىسدا ساقاللىق بىرسى ( پەرىزىمچە پاكىستانلىق ) قولىنى چىقىرىپ بىر نىمىلەرنى دەپ ئىڭىكىمنى شەرەت قىلىپ كۈلۈپ قويدى . نىمە دەيدىغاندۇ بۇ ئاداش دەپ ئىختىيارسىز ئېڭىكىمنى سىلاپ باقتىم ،قولۇمغا يىرىك ساقال ئۇرۇندى .ئۈرۈمچىدىكى بەزى ئىشلار تۈپەيلىدىن ۋە تۇنجى قېتىم يالغۇز يىراققا سەپەر قىلغانلىقىم ئۈچۈن جىددىيلىشىپ ۋاقىت چىقماي ساقىلىم سەل ئۈسۈپ قاپتۇ . ھە .. ئەسلى بۇ ئايرۇپىلاندا بىز باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىكەنمىز دىگەن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم . ئەمىلىيەتتىمۇ ئىككىمىزدىن باشقىلار ئۇنداق ئەمەستەك تۇراتتى . شۇنداق قىلىپ ئۈچ يېرىم سائەت ئۇچقاندىن كېيىن بېيىجىڭغا يېتىپ كەلدىم .40 سومغا بىر تاكسىنى كىرا قىلىپ ،گەدىنىگىچە تاقىر بولۇپ كەتكەن قېرى شوپۇرغا قۇلۇمدىكى ئادىرىسنى كۆرسىتىپ كۇرس ئۇيۇشتۇرغان ئورۇنغا كېلىۋالدىم . سومكىنى كۈتۈرۈپ زالغا كىرىشىم بىلەن ئىككى يولداش ئالدىمغا چىقىپ « سەن شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇقۇغۇچىمۇ ؟ دەپ سوراپ ، سۆزۈمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قايتىدىن   نى خاۋ دەپ قۇلۇمدىن سومكىنى ئېلىپ باشلاپ ماڭدى .تىزىملىتىش ۋە باشقا رەسمىيەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، ئوغۇللارغا ئوخشاش قىسقا چاچ قۇيىۋالغان 30 ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئايال يولداش كۇرس ئۇيۇشتۇرغان شۇ يەرنىڭ يېنىدىكى ( بىر كىلومىتىر ئەتىراپىدا ) بىر مېھمانخانىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويدى .ئازادە ياتاقتا بىر دەم ئەركىن سۇزۇلۇپ يېتىپ ، ھاۋادىكى تەسىراتىمنى ئويلاپ قايسى ۋاقىتتا ئۇيقۇغا غەرق بولغانلىقىمنى ئۇقماي قاپتىمەن .بىر ۋاقىتلاردا ئىشىكنىڭ چېكىلىشىدىن ئويغىنىپ سىرتقا چىقسام ،ئىشىك ئالدىدا كۆزئەينەك تاقىۋالغان بىرسى زو ..چىفەن دەپ باشلاپ ماڭماقچى بولدى .بۇ ۋاقىتتا يانداش ياتاقتىن بىر نەچچە ئۇيغۇر كۇرسانتلار چىقىپ قالدى .ئۇلار بىلەن قىزغىن كۈرۈشتۈم ،بۇ قېرىنداشلار بېيجىڭغا مەندىن ئۈچ كۈن بۇرۇن كەلگەن ئىكەن .مېھمانخانىدا بىزگە نىسبەتەن ئايرىم تاماق شارائىتى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن كۇرس ئۇيۇشتۇرغان تەرەپ 8 كىشىلىك بىر ماشىنا بىلەن تۆت كېلومىتىر دائىردىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا ئاپىرىپ ئەكىلىدىغانغا  ئۇرۇنلاشتۇرۇپتۇ .مەنمۇ قۇشۇلۇپ بەش ئۇيغۇر شۇ يەردە تاماق يەيدىغان بولدۇق .قورساقنىڭ غېمى تۈگەپ ،مەكتەپ ئىچىنى  بىردەم چۆگىلەپ چىقىپ ياتاقتا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق .ياخشى يېرى ،ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئابلاجان ئىسىملىك بىر بۇرادەر پۇتبولغا ئوتتەك قىزىقىدىغان چىقىپ قالدى .گېپىمىز تۈگمەي كېچە سائەت بىردە ئۇخلاپ قالدۇق .شۇنداق قىلىپ بېيجىڭنىڭ بىرىنچى كۈن ئاخىرلاشتى .

20110310184501-972549084.jpg

ئەتىسى بىر كۈن تۇلۇق ئارام بېرىلىپ ،كېيىنكى كۈنى 70 نەچچە كۇرسانت رەسمىي دەرسكە چۈشۈپ كەتتۇق .دەرس بەك جىددى ئەمەس ئىدى .يىراقتىن كەلگەن بولغاچقا بىزگە ئالاھىدە قاراپ بىر تەرەپتىن لېكسىيە ئۇرۇنلاشتۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن زىيارەت بىلەن بولۇپ كەتتۇق .كىتاپتا كۆرگەن خېلى كۆپ ئورۇنلارنى ساياھەت قىلدۇق .ياتاق شارائىتى ياخشى بولغاچقا ئابلاجان بىلەن بىرگە ياۋروپا بەش بىرلەشمىنىڭ چوڭ مۇسابىقىلىرىنى كۈرۈشنىمۇ قولدىن بەرمىدۇق ،مۇشۇنداق مۇسابىقە كۈرۈش نەتىجسدە ، باشقىلارمۇ ئىككىمىزنىڭ پۈتۈن ھېسىياتىمىز بىلەن بەس -مۇنازىرە قىلىۋاتقىمىزغا قاراپ تەبىئىلا پۇتبولغا قىزىقىپ قالدى .كېيىن ساياھەت قىلىدىغان يەر تۈگەپ ، شۇنداقلا سىرتقا چىققاندا يىمەك -ئىچمەكتىن قىيىنلىدىغانلىقىمز ئۈچۈن ( يۇرتتىن ئەكەلگەن يىمەكلىكمۇ تۈگكەن ئىدى ) لېكسىيەدىن باشقا ۋاقىتلاردا تولىراق ياتاتقا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە چۈكۈپ كەتتۇق .بۇ جەرياندا تۆتەيلەن مېنىڭ تەۋسىيە قىلىشىم بىلەن پۇتبول مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ كىردى .
بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرىمىز مۇشۇنداق داۋاملىشىپ بىر كۈنى خوتەنلىك قاسىم ياتاققا يۈگىرەپ كىرگىنىچە ،توپ تەپكۈچى ،سىزگە بىر خوش خەۋەر بار ، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بىز ۋاقتىمىز توشقىچە ياۋروپانىڭ بىرەر كولۇبلىرى بېيىجىڭغا كەلگەن بولسا نەق مەيداندىن مۇسابىقە كۆرگەن بولساق دىيىشكەن ئەمەسمىدۇق ،مانا بۈگۈن ئىتالىيەنىڭ يۇۋېنتۇس كوماندىسى بېيجىڭغا يېتىپ كەپتۇ .بايا بىر خەنزۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ قۇلىدا تەشۋىقات ۋارىقىنى كۈرۈپ قالدىم دىدى ،قاسىمنىڭ بۇ سۆزىدىن ياتاقتىكى ھەممەيلەن قاتتىق خوش بولدۇق ،دەرھال كومپىيۇتىرنى ئېچىپ يۇۋېنتۇس كوماندىسنىڭ بېيجىڭدىكى پائالىيەت كۈنتەرتىپلىرىنى ئىگەللەپ چىقتۇق .يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن جەمىي 17 نەپەر توپچى بۇ قېتىملىق سەپەرگە چىققان بولۇپ ،ئاساسلىق قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسنى تېلىۋىزىيە تارقىتىشنى ئىزچىل قوللاپ بەرگەنلىكىگە قارىتا بەزى ھەقسىز پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن .شۇنداقلا بۇنىڭدىن قىلغان كىرىمنى بىر نەچچە يۆلەش نوقتىسىغا ئىئانە قىلىدىكەن .قايتىشتىن ئىككى كۈن بورۇن بېيجىڭ ئامانلىق كوماندىسى بىلەن ئىشچىلار سارىيىدا بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئوينايدىكەن .10 نەچچە يىلدىن بۇيان تېلىۋۇزۇردىن بۇ كوماندىنىڭ مۇسابىقىسنى كۈرۈپ ، ئاددىيىسى دۆلەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بىرەر مەيدان مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن كۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ كېلەلمىگەن ماڭا نىسبەتەن ھەقىقەتەن كۈتۈلمگەن خوشاللىق يېتىپ كەلگەندەك تۇيۇلدى .نورمال دەرسكە قاتنىشىپ ،يۇۋېنتۇس بىلەن بېيجىڭ ئامانلىقنىڭ مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن ياتاقداشلار بىلەن يۇۋېتۇس كوماندا ئەزالىرىنىڭ چۈشكەن مېھمانخانىسىغا بېرىشنى پىلانلىدۇق .پۇرسەت غەنىمەت ،توردىكى ئادىرىس بويىچە 北京金隅喜来登酒店 دىگەن مېھمانخانىغا كەلدۇق .راست دىگەندەك يۇۋېنتۇس كوماندىسى دەل مۇشۇ مېھمانخانىغا چۈشۈپتۇ .ئەمما مېھمانخانىغا ئالدىدا ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى تەرىپىدىن تۇسۇلۇپ قالدۇق .بۇ يەردە 60 ئەتىراپىدا يۇۋېنتۇسنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان مەستانىلەر ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ مېنىرال سۇ ئىچىپ ئۇلتۇراتتى .بىزمۇ مەستانىلەرگە قۇشۇلۇپ مېھمانخانىنى چۆگىلەپ يۈردۇق .بىر ۋاقىتلاردا ئەينەكتىن زال ئىچىگە قارىساق ،تۆت نەپەر توپچى ئۇزۇن كۇسار ۋە تەنىھەركەت ئايىقى كىيىپ سافادا ئولتۇرۇپتۇ .بۇنىڭ ئىچىدە بىرسىنى تۇنۇپ قالدىم .بۇ چاغدا ئۈرۈمچىلىك ئابلاجان : « خالو ..يۇۋېنتۇس ..خالو يۇۋېنتۇس » دەپ شوخلۇق قىلىپ ۋارقىراپ قويىۋىدى .ئۇلارمۇ بىزگە قاراپ قۇلىنى چىقىرىپ كۈلۈپ قويدى .ئىككى سائەت ساقلاپ چىقمىغاندىن كېيىن قورساق ئېچىپ مەكتەپكە قاراپ يول ئالدۇق .

94714134970a304e0021bc65d1c8a786c8175c9f.jpg

ئەتىسى لېكسىيە ئۈتۈلمەي بېيجىڭ ئەتىراپىدىكى بىر رايۇنغا پائالىيەت ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى .بۇ يەردىمۇ كۆرمىگەننى كۈرۈپ ،ئوپچە رەسىمگە چۈشۈپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ھېرىپ چارچاپ ياتاققا ئاران ئۇلاشتۇق .ئارام ئېلىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز بىر خىيال كاللامغا كىرىۋېلىپ ، قاسىمغا مۇنداق دىدىم : ئەتە بازارغا چىقىپ يۇۋېنتۇسنىڭ كىيىمىدىن بىر قۇر سېتىۋالاي ،ئاندىن ئۇلار مېھمانخانىدىن چىققان ھامان ماشىنىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ باقاي ،بەرىبىرى بۇ يەردە مېنى ھىچكىم تۇنىمىغاندىن كېيىن ....قاسىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاقاھلاپ كۈلۈپ قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى .ئارقىدىن باشقىلارمۇ ئاڭلاپ قىزىق تاماشا ئالدىمىزدا ...قېنى دىيىشىپ ۋاراڭ -چۇرۇڭ قىلىشىپ يېتىپ قالدۇق .ئەتىسى يىتەكچى ئۇقۇتقىچىغا ،نەرسە سېتىۋالماقچى ئىدۇق دەپ سوراپ بازارغا ماڭدۇق .ئىزدەپ -سوراپ يۈرۈپ بېيجىڭ ئىككىنچى رايۇنىدىن تەسلىكتە بىر تەنتەربىيە كىيىملىرى ساتىدىغان دۇكاندىن 130 سومغا يۇۋېنتۇسنىڭ كىيىمىدىن بىر قۇر ئالدىم .تەييارلىق پۈتۈپ ھېلىقى مېھمانخانىغا تاكسىدا يۈرۈپ كەتتۇق .تېخى ئەتىگەن بولغاچقا كوماندا ئەزالىرى زالدىمۇ كۈرۈنمەيتى .بىلىشىمىزچە ،ئۇلار بۈگۈن بىر ئالاھىدە رايۇندا ئىئانە توپلاش پائالىيىتىگە قاتنىشاتتى .مېھمانخانا ئالدىدا بىر يېرىم سائەت ساقلىغاندىن كېيىن ئاخىر ئۇلارنىڭ سىماسى كۈرۈندى .بۇ ۋاقىتتا نەدىن كەلگەنلىكىنى ئۇققىلى بولمايدۇ ،بىردەمدىلا 100 دىن ئارتۇق يۇۋېنتۇس مەستانىلىرى تەرەپ - تەرەپتىن پەيدا بولدى .ئېھتىمال بولار مۇشۇ يېقىن ئەتىراپتا ئالدىن تەييارلىق قىلىۋالغان بولسا كېرەك .قوللىرىدا ھەر خىل پىلاكاتلار بار ئىدى .بىر نەچچىسى داڭلىق ۋاراتار بۇففۇننىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۋالغان بولۇپ ،مەستانىلەر كەلگەن پېتى يۇۋېنتۇس ....يۇۋېنتۇس دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى .بىزمۇ شۇلارغا قۇشۇلۇپ ساقلاپ تۇردۇق . ئوخشاش بىر كوماندىنىڭ مەستانىسى بولغاچقا ، ئارىلىقتا ھەممەيلەن خاتىرە ئۈچۈن مېھمانخانا ئالدىدا ئوپچە رەسىمگە چۈشتۇق .( تۆۋەندىكى رەسىم ) مانا ئۇراگۋايلىق كاسارېس بىرىنچى بولۇپ چىقتى ...ئارقىدىن مارجىسئو ...بارزالى ....يەنە موتامۇ بار ..ۋوي ماۋۇ چوۋىنكو يوق ئىدى ...نەدىن پەيدا بولدى .....ئەسلى باركەندە ...بۇلارنىڭ ئىسمىنى بىربىرلەپ يېنىمدىكى قېرىنداشلارغا سۆزلەپ بېرىۋاتاتتىم ،ئالدىمىزدا ئاغامچا تارتىلغان بولغاچقا يېقىن كېلىشكە مۇمكىن بولمىدى .يۇۋېنتۇس كوماندا ئەزالىرى ۋە ئارقا سەپ خىزمەتچىلىرى بولۇپ 15 گە يېقىن ئادەم بىزگە قاراپ قولىنى كۈتۈرۈپ قۇيۇپ مېھمانخانا ئالدىدىكى مەخسۇس ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ قوزغىلىشقا تەييار بولدى .ماشىنا قوزغالدى ..10 نەچچە مېتىر ماڭغاندىن كېيىن قەشقەرلىك نۇرمەمەت ماڭا قاراپ ۋارقىرىدى ....تېز بولۇڭلار ..تېز ..قانداق قىلىشىم كېرەك ؟ توغرا ...يۇۋېنتۇس كوماندىسى مانا ئالدىمدا ،تۇيۇقسىز بىر خىل جاسارەت بىلەن ماشىنىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يۈگۈرۈشكە باشلىدىم ...شۇ يەردە قاراپ تۇرغان باشقا يولداشلار ...خاۋ .. شوخوزا ..كۈەي پاۋ دىيىشىپ مەدەت بېرىشكە باشلىدى ...
توختىماي يۈگۈرەۋاتىمەن ..پۇتۇمدا تەنتەربىيە ئايىقى بار ...يۈگرە توپ تەپكۈچى ....100 مېتىر ....200 مېتىر ...ماشىنا ئوتتۇرھال سۈرئەت بىلەن كېتىۋاتاتتى ...يۈگىرەۋاتىمەن ...يولدا كېتىۋاتقانلار ماڭا قاراپ كۈلۈشۈپ بىر نىمىلەرنى دەپ قۇيىدۇ ...پەرۋايىم پەلەك ....چۈنكى مەن بېيىجىڭلىق ئەمەس .قاسىم ،ئابلاجان قاتارلىق تۆت باللىدىن باشقا ھىچكىمنى تۇنىمايمەن ....بېكخامنىڭ يېشىغا بېرىپ قالغان پىشقەدەم توپچى بولغانلىقىم ئۈچۈن بارغانسېرى ھاسىراشقا باشلىدىم ...بۇ جەرياندا ئىنتېردىكى زانىتتى ،مانچېستىردىكى گىگىسنى ئويلاپ قالدىم ...بۇلارنىڭ شۇنچە ياشقا كىرىپ تۇرۇپمۇ يەنە بوراندەك ئويناۋاتقانلىقىغا ئەمدى تۇلۇق قايىل بولدۇم ..ماشىنا داۋاملىق كېتىپ باراتتى ...ئەمدى توختاپ قېلىشىم ئېنىق  ...چۈنكى كۈچ ئېلىشالمىدىم ...سۈرئىتىمنى ئاستىلىتىۋاتقان  شۇ چاغدا ئالدىمدىكى ئاپتۇبۇسمۇ ئاستىلىغاندەك بىلىندى ...راستىنلا ئالا تاغىللار چىقىۋالغان ماشىنا شىپپىدە توختاپ قالدى ..مانا كارامەت ..بۇلار نىمىشقا توختىدى ؟ شۇنى ئويلاۋاتقاندا ماشنىدىن پاكار بويلۇق چوۋىنكو چۈشۈپ ماڭا قاراپ قول ئىشارىسى قىلدى ...ئىشەنگۈم كەلمەي يېقىن بېرىشىمغا قول ئۇزارتىپ ماشىنىغا ئېلىپ چىقتى ..كىرىشىمگىلا ھەممەيلەن چۈشەنگىلى بولمايدىغان گەپلەر بىلەن تەرەپ -تەرەپتىن قۇلىنىڭ باش بارمىقىنى چىقىرىپ بىر نىمىلەرنى دىيىشىپ كەتتى ..ھېلىمۇ ئۇلار بىلەن بىر تەرجىمان بىرگە ماڭغان ئىكەن .ھەممە چىشى تولۇق كۈرۈنىدىغان بۇ تەرجىمانغا ئۆزەمنىڭ بۇ كوماندىغا ئوت مەستانە ئىكەنلىكىمنى ..باشتىن -ئاخىر قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىمنى ، شۇنداقلا بىر كۈرۈشۈش مەقسىتىدە مۇشۇنداق يۈگۈرگەنلىكىمنى ئېيتتىم ...تەرجىمان چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۇلار باشقىچە چۇقۇرشۇپ مېنى ئورىۋالدى ..بۇ ئارىلىقتا بىرسى ھەممە توپچىلارنىڭ ئىسمى يېزىلغان بىر شارپىنى بەردى ..كەينى -كەينىدىن بىر نەچچە پارچە رەسىمگە چۈشۈش ئاخىرلىشىپ مەنمۇ قۇلومنى كۈتۈرۈپ ئاغزىمغا كەلگەنچە  « گۇتباي » دەپ قۇيۇپ ماشنىدىن چۈشۈپ كەتتىم ....ئۇلار كەتتى ...قۇلۇمدا شارپا ...نەگە كېلىپ قالغانلىقىمنى ئاڭقىرالماي ئەتىراپىمغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم .بايا يۈگۈرگەندە چۈشۈپ قالمىسۇن دەپ يانچۇقتىكى پۇلنى ۋە تېلىفۇننى نۇر مەمەتكە بېرىپ قويغانلىقىم يادىمغا يەتتى ...ما ئىشنى ....ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن ...ئالدىراشچىلىقتا ئەتىگەندە تاماقمۇ يىمىگەن ئىدىم .بايا ئاپتۇبۇستا بولغان ئىشلارنى خىيال قىلىپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز ئالدىمدىكى سىتوبىلغا قاتتىق سۇقۇلۇپ كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكەننى بىلىمەن  .ۋاي دەپلا كۈزۈمنى ئېچىپ قارىسام ئۆيدە ئىكەنمەن ... ھە ئەسلى چۈش كۈرۈپتىكەنمەن دە ....توۋا ، بىر كېچىدە نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەپ چىقىپتىمەن ..ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن بېشىم ئېغىر ھالەتتە گادىرماش ئويلار بىلەن يەلكەمگە بىر پاتمان خىزمەت بېسىمىنى ئارتىپ ئىدارىگە قاراپ يول ئالدىم ...








قەلەمدە : توپ تەپكۈچى
c63ff3deb48f8c5496fdd9b03a292df5e1fe7ff4.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +300 تۆھپە +1 تەجرىبە +1 يىغىش سەۋەبى
فارابى + 50 قالتىس!
灰狼王子 + 50 + 1 + 1 قوللاش!
قۇياش + 50 قالتىس!
سەنجەر + 50 راستمۇ يا ؟
ئەلبارىس + 100 بەك ساز يېزىپسىز

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-26 00:36:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تىخى راسىتلا يۈگرىگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن  ،  توپ تەپكۈچىكا  يۈگرەپ باقسىڭىز بولماسمىدى دەيمەن . ئارسىنال مەستانىسىدەك نام چىقىرىپ كىتەمتىڭىز تىخى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-26 00:37:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھاھ ھاھ ھا ھ    ناھايىتى ھاياجان ئىچىدە ئوقۇپ ئاخىرغا كەلگەندە  توۋا  ....،
توپ تەپكۈچىنىڭ قىزىقچىلىقىغا قاراڭلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-26 00:38:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېزدىنىشتا  خوشنىمىز  قازاقىستان  دەيدىغان  بىر  تىما  بولدىغان  شۇنى  ئوقىغاندەك  بولدۇم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-26 00:38:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ما ئىشنى سەت ئىشىنىپ  توپ تەپكۈچىكام نىمىشقا رەسىملەرنى يوللىمىغاندۇ دەپ ئىزدەپ كىتىپتىمەن ، چۈشكەن دە بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-26 00:41:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-5-26 00:38
ئېزدىنىشتا  خوشنىمىز  قازاقىستان  دەيدىغان  بىر  تىما  ب ...

مەھمۇدىيە  ،  ئاۋۇ تېمىدىكى ئىنكاسىمغا جاۋاپ بىرىپ قويۇڭلا .  راس گەپ جومۇ ، ئەسلىدىمۇ ئۆزەڭلا بەرگەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-26 00:43:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەردار يوللىغان ۋاقتى  2014-5-26 00:41
مەھمۇدىيە  ،  ئاۋۇ تېمىدىكى ئىنكاسىمغا جاۋاپ بىرىپ قو ...

چاتاق  يوق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-26 00:47:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى راس ئوخشايدۇ دەپتىمەن ئەسلى چۈشىڭىزكەنغۇ
توپ تەپكۈچىكا ئەگەر راسلا شۇنداق پۇرسەت بولۇپ قالسا سىز ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن  يۈگرەمسىز ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-26 00:49:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
90-يىللاردىكى ئۇرۇمچى بىكىتىنىڭ رەسىمىنى كۈرۈپ بىر قانداق ئويلىغان.......ئاخىرى شۇندا بولدى-دە..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-26 00:50:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ تەپكۈچى ئاكىمىزنىڭ قەلەم كۈچى راسلا زوركەن جۇمۇ،  تازا ھاياجان بىلەن ئوقۇپ كېتىپتىكەنمەن،  يۇۋىنتۇسنىڭ توپچىلىرى قاچان كەلگەن بولغۇيتتى، كەلگەن بولسا مۇنبەرگە خەۋرى چىقارتى دەپ ئويلاپ ئوقىۋاتقان تېخى…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-26 00:50:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ تەپكۈچى ئاكىمىزنىڭ قەلەم كۈچى راسلا زوركەن جۇمۇ،  تازا ھاياجان بىلەن ئوقۇپ كېتىپتىكەنمەن،  يۇۋىنتۇسنىڭ توپچىلىرى قاچان كەلگەن بولغۇيتتى، كەلگەن بولسا مۇنبەرگە خەۋرى چىقارتى دەپ ئويلاپ ئوقىۋاتقان تېخى…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-26 00:50:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي شۇنداق تەپسىلىي قىزىقىپ ئۇقۇۋاتسام يالغان چىقىماسما؟ مەنمۇ تورۇسقا بىرنى ئۈسۈپ باقايمۇ يا ؟ بەلكىم چۈشۈمدۇ...ئويغىنىپ قارىسام بۇ تىما راس بوپ چىقامدىكىن يە....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 22:19

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش