akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1748|ئىنكاس: 44

ئۇزغانلىق خەۋەرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
730_1258276_245456[1].jpg

   ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد كۇلۇبى كۇلۇپ تارىخىدىكى 10-قېتىملىق ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشىپ، دۇنيا كۇلۇپلار تارىخىدىكى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى لوڭقا سانى جەھەتتە تۇنجى 2 خانىلىق سان رىكورتىنى بارلىققا كەلتۈردى. خانلىق مادرىدقا ئەڭ يېقىنلاشقىنى ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى ( 7 قېتىم )، ئۇنىڭدىن قالسا لىۋىرپول ۋە بايرىن كوماندىلىرى ( 5 قېتىم ).

   بۇ پەسىللىك ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد گۇرپىدا يوۋىنتىس، گالاتا ساراي، كوپىنھاگىن قاتارلىق كۇلۇپلار بىلەن بىر گۇرپىغا بۈلۈنگەن بۇلۇپ 5 ئۇتۇق، 1 تەڭلىشىشتەك مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن گۇرپىدىن 1-بۇلۇپ چىقتى. 8 كۈچلۈك، 4 كۈچلۈك، يېرىم ھەل قىلغۇچ جەڭلىرىدە ئۈزىنىڭ قارا كۆلەڭگىسى سانىلىپ كەلگەن گىرمانىيە كۇلۇپلىرى بىلەن تۇتۇشتى، شۇنداقلا ئۇزۇن يىللىق ئار-نۇمۇسنى يۇيۇپ تاشلاپ، قىساسىنى ئالدى. دورتموند مەيدانىدىكى مەغلۇبىيەتنى چىقىرىۋەتكەندە بۇ يىللىق ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىلىرىدە خانلىق مادرىد كۇلۇبى ئۇتتۇرۇپ باقمىدى.

  خانلىق مادرىدنىڭ ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى سەپىرى:




900x600_9T2NSMHB00BV0005[1].jpg

  خانلىق مادرىد كۇلۇبى ‹‹ بارسېلونانى شاللىغان كۇلۇپ چىمپىيون بۇلىدۇ ›› دىگەن سەپسەتىنى بىچىت قىلىۋەتتى. يېقىنقى 10 نەچچە يىللىق ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئىسپانىيە زەردارى بارسېلونا كۇلۇبى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 4 كۈچلۈك دائىملىق مىھمىنى. يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە بارسېلونا چىمپىيون بولغان ياكى بارسېلونانى شاللىغان كوماندا چىمپىيون بولغان. ئەمما بۈگۈن بۇ سەپسەتە بىچىت قىلىندى.


730_1258271_373266[1].jpg

   بۇ پەسىل مادرىد ئاتلىتكا كۇلۇبىنىڭ ئىپادىسىنى ھىقىقەتەن قالتىس بولدى دەپ قاراشقا بۇلىدۇ. ئىككى قېرى زومىگەر خانلىق مادرىد بىلەن بارسېلونانى قارىتىپ قۇيۇپ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى چىمپىيونى بۇلۇش، كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە بۆسۈپ كىرىش ھەقىقەتەنمۇ قالتىس!

  بۇ پىسىل مادرىد ئاتلىتكا كوماندىسى ھەر قايسى تۈردىكى مۇسابىقىلەردە ئاۋال توپ ئۇرىۋالغان شارائىتتا ئەزەلدىن مەغلۇپ بۇلۇپ باقمىغان. بۈگۈن سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدىن كىيىن مادرىد ئاتلىتكىنىڭ بۇ رىكورتىمۇ ئاخىرلاشقان.


900x600_9T2KI1J700BV0005[1].jpg

   ياردەمچى تىرنىرمۇ ياكى باش تېرنىرمۇ؟
   زىرانىنىڭ خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ ياردەمچى تېرنىرى ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان، ئەنچىلودى ئىنتايىن سالماق بولغان پىسخىكىغا ئىگە ئادەم. ئۇنىڭ ھاياجانلانغان كۈرۈنىشىنى كۈرۈش تۇلىمۇ تەس. بۈگۈنكى مۇسابىقىدىمۇ راموس نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈپ قاتمال ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلاپ خانلىق مادرىد كوماندا ئەزالىرىغا، مەستانىلەرگە مەنىۋە زوق ئاتا قىلىۋاتقان پەيتلەردىمۇ بۇ كىشىدە ئالاھىدە تەبرىكلەش، ھاياجانلىنىش ئەھۋالى كۈرۈلمىدى.

  شۇ ۋاقىتتا كامىرا 4 نوقتىغا مەركەزلەشتى:
1. فولورىندىنونىڭ ھاياجان ئىلكىدە ئورنىدىن دەس تۇرۇپ چاۋاك چېلىشى.
2. ئالونسونىڭ خېسىينى چىڭ قۇچاقلاپ ئەسەبى تەبرىكلىگەن كۈرۈنىشى.
3. راموس ۋە كوماندا ئەزالىرىنىڭ تەبرىكلەش ھەركىتى
4. تېرنىرلار گورپىسى  

  ئەنچىلودى مارسېلو ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە توپنى ئۇرغاندىن كىيىن ئاندىن تەبرىكلەش ئۇسۇلىدا ئازىراق ئىسلاھ ئېلىپ بارغان. ئەمما زىدانى تۈپتىن باشقىچە! خانلىق مادرىد ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ ياردەمچى تېرنىرلىق سالاھىتىنى ئۇنۇتقان ھالدا خانلىق مادرىد ئەزالىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، مۇسابىقىگە قۇماندانلىق قىلغان. بېل توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتكەن ۋاقىتتا توپچىلارغا قېتىلىپ بېلنى قۇچاقلاپ تەبرىكلەش ھەركىتى ئىشلىگەن!



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 20:08:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنچىلوتتى مۇشۇنداق  ھاياجان مىنۇتلاردىمۇ  ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.
بۇ يەردىكى ئىشلارنىڭ خۇددى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەكلا.

زىدانى فىرانسىيەنىڭ بىرەر كۇلۇبىغا باش ترېنېر بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 19:49:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىدانى نىمىلا دىمىگەن بىلەن مادرىدتا توپ تەپكەن، مادرىد توپچىلىرىنىڭ، مادرىد مەستانىلىرىنىڭ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا بولغان تەشنالىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققان…
بارسانىڭ تۆت كۈچلۈكتە شاللىغان كوماندا چىمپىيون بولىدۇ دېگەننى ئالدىراپ يوققا چىقىرۋىتىشكە بولمايدۇ، ئاتلىتكا بارسانى 8 كۈچلۈكتە شاللىدى…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 19:52:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاخىرى 10- ئۇزۇن قۇلاقنى ئالدۇق...  ئۇزۇن يىللىق ھاردۇق چىققاندەك بولدى ....  

  راموس ئاخشامقى مۇسابىقىنىڭ ھەققىقى قەھىرىمانى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 19:54:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنچىلودىنىڭ چىرايىدىن سەن تېرنىرمۇ مەنمۇ دىگەندەك مەنا چىقىپلا قاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 19:57:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  راموس ئاخشامقى 10-لوڭقىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم شەخىس ...  

راموس بولمىغان بولسا ئەھۋال  ھازىرقىنىڭ دەل ئەكسىنچە بولىشى مۇمكىن ئىدى ... رەھمەت ساڭا مۇئاۋىن كاپىتان ...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 19:58:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 19:49
زىدانى نىمىلا دىمىگەن بىلەن مادرىدتا توپ تەپكەن، مادر ...

ئۇلار 4 كۈچلۈككە كىرەلمىسە نىمە ئامال ، كىرەلىگەن بولسا بەلىم 4 كۈچلۈكتە بىز شاللاپ ئۇ سەپسەتىنى داۋاملاشتۇرىتۇق ، ياكى باشقىلار شاللىۋەتسە شۇ بارسانى شاللىۋەتكەننى شاللاپ بۇ سەپسەتىنى يەنىلا بۇزاتتۇق ، نىمىلا دىمىسۇن ئۇ دىگەن توغرا كەپ قېلىش داۋاملىشىۋەرمەيدۇ ئەمەسمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 20:02:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەن دوختۇر ھەقىقەتەن تەمكىنلىكنىڭ قاتىلىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 20:08:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىمونىنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيتىم ، بۇرۇنلاردا بۇ ئاتلىتكىنىڭ بىرە مەيدان مۇسابىقىسىنى تۇلۇق كۇرۇپ باقمىغان ، بۇلتۇر نىيمارباسا كىلىپ شاھلىق لوڭقىسىدا تۇتۇشقاندىن بىرى ئاز تولا دىققەت قىلىپ كەلگەنتىم ، سىمونى بۇ كوماندىنى خىلى مۇكەممەل قىلىپلاشتۇرۋىتىپتۇ ، بۇلۇپمۇ بۇلارنىڭ مۇداپىيە ئېڭى ، پاسلىشىلىرى شۇنداق چىرايلىق ، مەيداندا ھۇدۇقۇش دىگەن نەرسە يوق ، مۇسابىقە باش20 مىنۇتقىچە خىلى پۇرسەت يارتىۋاتقان كونتىراۋ كىيىنكى ۋاقىتلاردا يۇقاپلا كەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 20:11:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راموس راموس راموس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 20:18:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەركىمنڭ ھەرخىل تەبىركلەش ھەركىتىنى توغرا تۈشۈنۈشكە بۇلىدۇ             بۇنداق ھاياجانلىق مىنۇتلاردا     كۈپىنچە  ئادەم  خوشالىقىدا  ئۈزىنى يوقۇتۇپ  قۇيدۇ   

بۇھەقتە مۇنبەردىكى ئەزالار      [  راموسنىڭ كاللا توپىغا قانداق ئېنكاس قايتۇردىڭىز ] دىگەن تىمىدا  توپ كىرگەن ۋاقىتىكى ئۈز ھېسىياتىنى سۈزلەپ ئۈتتى ئەمەسمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 20:23:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد  ئاخشام  ئوزىنىڭ ئىسپان زومگىرى ئىكەنلىكىنى  پۇتۇن بۇتبول دۇنياسىغا يەنە بىر قىتىم  بىلدۇرۇپ قويدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 04:30

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش