بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەۋدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-25 16:17
ئۆزىنى قۇربانلىق قىلىپ گىگانىت چولپان يارىتىش
دۇنيادا چىن مۇھەببەت بارمۇ - يوق؟ بۇ جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن كىشىلەر دۇچ كىلىۋاتقان شۇنداقلا توغرا ئۆلچەملىك جاۋابىنى بىرىش ئىنتايىن مۈشكۈل بولغان بىر سۇئال بولسا كېرەك. بىز تۆۋەندىكى ئاددىي، ئەمما ھەقىقىي بىر ھىكايىنى تىڭشاش ئارقىلىق يۇقارقى سۇئالغا جاۋاب تىپىپ باقايلى.
5- ئاينىڭ 25- كۈنى، لىسابون ‹پارلاق› (يوقاپ كەتكەن مۇنبەر ئەزاسى پارلاقنى ئەسلەيمەن) توپ مەيدانى، خانلىق مادرىد كوماندىسى كوماندا تارىخدىكى 10- ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاتلانغان ئېدى. كىرىستىيانو يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىنىڭ بۇ لوڭقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇنازىرىسىز تۆھپىكارىغا ئايلاندى. مۇسابىقە ئاياقلاشقاندىن كىيىن كىرىستىيانو مەيداننىڭ بىر تەرىپىدىكى كۆرۈش سۇپىسىنىڭ ئالدىغا بىرىپ، بىر ئەر توپ مەستانىسىنى مەيدانغا كىرىشكە تەكلىپ قىلدى. ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇ مەيداندىكى مۇسابىقە كىيىمىنى بۇ ئالبىرىت ئىسىمىلىك يىگىتكە ھەدىيە قىلدى، ئاندىن ئىككىسى ھاياجان ئىلكىدە قۇچاقلاشتى، مانا بۇ بىر ماختاشقا تىگىشلىك چىن دوستلۇقنىڭ نامايەندىسى، ئالبىرىت خىلى بۇرۇنلا ‹كىرىستىيانونىڭ كەينىدىكى ئەر› دىگەن نامغا ئېرىشكەن ئىدى.
كىرىستىيانو ئۈچۈن ئىلىپ ئېيىتقاندا، بۇ ھەل قىلغۇچ ‹جەڭ›دە ئۇچىسىغا كىيگەن ‹جەڭ ساۋۇتى› ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ ھەل قىلغۇچ كىچىسىدە ئۇ تۇنجى قېتىم مادرىدقا ۋاكالىتەن ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى دەس كۆتۈرگەن ئىدى، شۇنداقلا كەسپىي ھاياتىدىكى ئىككىنچى قىتىملىق بۇنداق ئالاھىدە شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشى ئىدى، قائىدە بويىچە بولغاندا، كىرىستىيانو بۈگۈنكى مۇسابىقىدە ئىشلەتكەن بارلىق ‹قورال - ياراقلىرى›نى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ قويۇشى كىرەك ئىدى، ئەمما كىرىستىيانو ئۇنداق قىلماستىن باشقىلارغا سوۋغا قىلىۋەتتى. ئەمەلىيەتتە كىرىستىيانونىڭ بۇ قىممەتلىك ‹ساۋۇتى›غا ئېرىشكەن توپ مەستانىسى كىرىستىيانونىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستى ئىدى.
ئەمدى بۇ ئىككەيلەنگە مۇناسىۋەتلىك ھىكايىگە قۇلاق سىلىپ باقايلى، ئەينى ۋاقىتتا كىرىستىيانو ۋە ئالبىرىت بىر ياشلار كوماندىسىدىكى سەبداشلار ئىدى، مەلۇم بىر كۈنى، لىسابون رىقابەت كوماندىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بۇ يەرگە تالانىتلىقلارنى تاللاپ قوبۇل قىلىشقا كەلدى، ھەمدە بىر مەيدان مەشىق مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇشۇ مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن بىر تالانىتلىق ياشنى كوماندىغا قوشۇۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇسابىقىدە كىرىستىيانو كوماندىسىنىڭ 1- توپىنى ئۇردى، ئالبىرىت بولسا 2- توپىنى ئۇردى، مۇسابىقە ئاياقلىشىش پۇشتىكى چىلىنىشتىن بۇرۇن، ئالبىرىت ئىنتايىن ياخشى بولغان بىر يەكمۇ - يەك پۇرسەتكە ئېرىشتى، ئۇنىڭ ئەسلىدە قۇرۇق قاپقىغا توپ ئۇرۇش پۇرسىتى بار ئىدى، ئەمما كۈتۈلمىگەندە، ئۇ توپنى سەبدىشى كىرىستىيانوغا پاس چىقىرىپ بەردى، ئاخىرىدا كىرىستىيانو بۇ مەيداندىكى 2- توپىنى ئۇرۇپ، بۇ مۇسابىقىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان ماھىرغا ئايلاندى، شۇنداق قىلىپ لىسابون رىقابەت كوماندىسى كىرىستىيانونى تاللىدى، ئەمما ئالبىرىت بولسا پۇتبول ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
ئۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن، كىرىستىيانو چۈشەنمەسلىك نەزەرى بىلەن ئالبىرىتدىن نىمىشقا ئۇ توپنى ئۆزىگە پاس بەرگەنلىكىنى سورىدى، ئەمما ئالبىرىت ئويلىمىغان يەردىن: ‹چۈنكى سەن مەندىن تېخىمۇ مۇنەۋۋەر (قالتىس)› - دەپ جاۋاب بەردى. نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كىرىستىيانو شۆھرەت قازانغاندىن كىيىن بىر مۇخبىر ئالبىرىتنىڭ ئۆيىگە بىرىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلدى، ئالبىرىتمۇ ھەم بۇ ئىشنىڭ راسىتلىقىنى دەلىللىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئالبىرىت كەسپىنى يوقاتتى، ئەمما يەنىلا ئېسىل ئۆيىدە تۇرۇپ، ئېسىل ماشىنىلارنى ھەيدەپ، باي - باياشات تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، بۇلارنىڭ كىلىش مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگەندە ئالبىرىت پەخىرلەگەن ھالدا: ‹كىرىستىيانو› دىگەن جاۋابنى قايتۇرىدۇ.
مانا بۇ كىرىستىيانو بىلەن ئالبىرىت ئوتتۇرىسىدىكى ئاددىي ھىكايە، بەلكىم ئالبىرىتنىڭ شۇ بىر قېتىملىق شەخسىيەتسىز پاس چىقىرىش بولمىغان بولسا، ھازىر بەلكىم دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە ‹شاھىنشاھ› (天皇巨星 تەرجىمەم يارىمىغان مۇنبەرداشلار بوپ قالسا، بۇ سۆزنى ئۆز ئالدىغا تەرجىمە قىلىپ چۈشىنىۋالسا بولىدۇ، مەنمۇ پەقەت تەرجىمە قىپ قويدۇم) دەرىجىلىك پۇتبولچىدىن بىرسى ئازلىغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما ئاشۇنداق بىر ئەسلىمە، شۇنداق بىر كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر كەچمىش بۇ ئىككىيلەننىڭ دوستلۇقىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇردى ۋە داۋاملاشتۇرغۇسى، بەلكىم بۇ دوستلۇق مېھرى مۇھەببەتتىنمۇ ئۈستۈن تۇرغۇسى.
|