ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2356 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۈگۈن سەھەر ئۆتكۈزۈلگەن ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پورتىگالىيە پايتەختى لىسسابوندا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىيانو رونالدو بىر توپ ئۇرۇپ بۇ پەسىل ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ئۇرغان توپ سانى 17 گە يىتىپ ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە يەككە پەسىلدە ئەڭ كۆپ توپ ئۇرۇش رىكورتىنى ياراتتى. تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى رونالدۇ بۇ 17 توپنى 10 مەيدان مۇسابىقىدە تاماملىدى. ( 3 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشمىدى ) گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە 9 توپ ئۇرغان بۇلۇپ بۇ تۈردىمۇ يىڭى رىكورت بارلىققا كەلگەن. ( گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا بىر نوقتا توپنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن )
رونالدونىڭ بۇ پەسىللىك ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى 17 توپى:
بۇ يىلقى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مەرگەنلەر رەت-تەرتىۋى:
ئىسىم-فامىلىسى توپ سانى كوماندا
1. رونالدو 17 خانلىق مادرىد
2. ئىبراھىموۋىچ 10 پارىژ ساينت ژىرمان
3. دىئېگو كوستا 8 مادرىد ئاتلىتكا
مىسسى 8 بارسېلونا
5. ئاگۈيرو 6 مانچىستىر شەھىرى
لەيۋەندوۋىسكى 6 دورتموند
تارىختىكى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مەرگەنلىك رەت-تەرتىۋى:
ئىسىم-فامىلىسى توپ سانى كوماندا
1. راھول 71 خانلىق مادرىد، شارىك
2. رونالدو 67 خانلىق مادرىد، مانچىستىر بىرلەشمىسى
مىسسى 67 بارسېلونا
4. فەننىستىرلوي 56 ئەيىنخوۋىن، مانچىستىر بىرلەشمىسى، خانلىق مادرىد
5. ھېنرى 50 موناكو، ئارسىنال، بارسېلونا
6. شېفچىنكو 48 سىرگىپ دىنامو، مىلان، چېلسى
7. ئىنزاگى 46 يوۋىنتىس، مىلان
8. دىل پىرو 42 يوۋىنتىس
9. دىروگبا 41 مارسىل، چېلسى، گالاتا ساراي
ئىبراھىموۋىچ 41 ئاجاكىس، يوۋىنتىس، ئېنتىر، مىلان، بارسېلونا، پارىژ
|
|