بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۈلكەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-25 06:32
خانلىق مادرىد 4 - 1 ئاتلىتكا مادرىد
59- نۆۋەتلىك ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى لىسبون نۇر مەيدانىدا بىر دۆلەت بىر شەھەردىن كەلگەن ئاتلىتكا مادىرد بىلەن خانلىق مادىرد ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. نەتىجىدە خانلىق مادىرد مۆجىزىلەرچە 120 مىنوتلۇق مۇسابىقىدە 4 -1 نەتىجە بىلەن ئاتلىتكا مادىردنى يېڭىپ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كۈتكەن 10 - لوڭقىنى ئالدى. تېرنىر ئەنچىلوتتى تېرنىرلىق ھاياتىدىكى 3 - قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئېلىپ پېسلى نىڭ رىكورتى بىلەن تەڭلەشتى. ئاتلىتكىدىن دىگو كوستا 9 مىنوت بولغان كونا يارىسى قايتا قوزغىلىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. 36 مىنوت بولغاندا ئاتلىتكادىن گابى بۇلۇڭ توپ چىقىرىپ گودىن 9 مېتىر نېرىدىن كاللا توپ ئۇرۇپ ئاتلىتكا ۋاقتىنچە 1 - 0 ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. بۇ توپتا كاسىللاستىن ئازراق سەۋەبلىك ئۆتۈپ، توپنىڭ ئورنىنى بەلگىلىيەلمەي ئالدىغا چىقىپ قالغان. مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق يېرى دەل قوشۇپ بېرىلگەن 93 - مىنوتتا يۈز بېرىپ راموس كاللا توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1-1 قىلىپ ئاتلىتكا نى قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت ئويناشقا مەجبۇر قىلدى. چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن مادىرد راموسنىڭ كاللا توپى بىلەن قايتىدىن جانلىنىپ 110 - مىنوتتا بېل، 118- مىنوتتا مارسىلو، 120- مىنوتتا رونالدو (نۇقتا توپ) لار كەينى كەينىدىن توپ ئۇرۇپ 4-1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى.
———————————————————————————————————————————————————————————————
قەدەم تەشرىپ قىلغانلار: فىگو، دىكو، فورگىسىن، خوچىسىن، رومىنىگ، (رائۇل نىڭ سۈرتىنى تاپالمىدىم)
——————————————————————————————————————————————————————————————
كارتا ئەھۋالى:
مادرىد: راموس، قەدىرا، مارسىلو، رونالدو (توپ ئۇرۇپ كىيىمنى سېلىپ تەبرىكەنلىك سەۋەبلىك) ، ۋارانى (سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، سىموننى بىلەن جىدەل)
ئاتلىكتا: جون فورلان، مىراندا، گودىن، گابى، رائۇل گارسىيا، ۋىللا، كوكو
———————————————————————————————————————————————————————————————
مۇسابىقە جەريانىدىكى يارلىنىپ چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى:
ئاتلىتكا: 9 مىنوتتا دىياگو كوستا، 83 مىنوتتا فىلىپ مېيلو
———————————————————————————————————————————————————————————————
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:
|