elan ornielan orni
كۆرۈش: 1448|ئىنكاس: 20

نۆۋەتتىكى جۇڭگو پۇتبولچىلىقىغا قارىتا تەنقىدلەرنىڭ ھەممىسى خاتا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نۆۋەتتە جۇڭگو پۇتبولىغا قارىتا تەنقىدلەرنىڭ ھەممىسى خاتا
لاڭ شىيەنپىڭ

146049502.jpg
ئىزاھات: لاڭ شىيەنپىڭ (1956-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان)، ئەر، خەنزۇ، دوكتۇر، جۇڭگو تەيۋەنلىك داڭلىق ئالىم، ئىقتىسادشۇناس؛ ئىلگرى شىياڭگاڭ جۇڭگو تىلى ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفىسسورى بولغان. «لاڭ 旋风 (قۇيۇن)»، «راسىت گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ئىقتىسادشۇناس» دەيدىغان ناملىرى بار.
2010-يىلى 300مىڭدىن كۆپرەك تور ئابونتى تاللاپ چىققان «2010-يىلىدىكى ئەڭ غولىغۇلا قوزغىغان توققۇز تور شەخىسى» نىڭ بىرى بولغان.
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، «ئالتىنچى قېتىملىق جۇڭگو يازغۇچى بايلار تىزىملىكى»نىڭ بىرىنچى ئورنىدا تۇرغان، لاڭ شىيەنپىڭ 4مىليۇن 850مىڭ يۇەنلىك يىللىق نەشىرىيات كىرىمى بىلەن يازغۇچى بايلار تىزىملىكىدە سەككىزىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ماقالە مەزمۇنىغا نەزىرىڭىزلەرنى ئاغدۇرغايسىزلەر!

جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرىدىكى 4كوماندا ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ، ئۈمىدكە تولغان مەستانىلەرنى ئېچىندۇردى. جۇڭگو پۇتبولىدىكى كېسەلنىڭ يىلتىزى زادى نەدە؟ مەن ئاللىقاچان «ئىسلاھاتنىڭ چىقىش يولى قەيەردە» دېگەن كىتابىمدا كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. شى  رەئىسنىڭ جۇڭگو پۇتبولىغا بولغان ئۈچ چوڭ ئۈمىدى بولسا، دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش، دۇنيا لوڭقىسىنى مۇسابىقىسنى ئۆتكۈزۈش ۋە دۇنيا لوڭقىسى ئېلىشتىن ئىبارەت. مېنىڭچە ھەرقايسىمىزنىڭ تىرىكلىكىمىزدە كېيىنكى ئىككىنى كۆرۈش نېسىپ بولمايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى خاتا نوقتىدىن تەنقىدلەۋاتىدۇ! بۈگۈن مەن ئىقتىسادشۇناسلىق نوقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، ھەرقايسىڭلار بىلەن پۇتبول ئىقتىسادشۇناسلىقى توغرىسىدا پاراڭلاشماقچى. مېنىڭ ئۇسلۇبىم بويىچە، مەن مۇكەممەل بولغان سان- سىفىرلار ئارقىلىق ئەڭ تەلتۆكۈس ھەم چوڭقۇر تەھلىل يۈرگۈزىمەن.
سىزنىڭ جۇڭگو پۇتبولچىقىغا ياردەم قىلغۇڭىز بولسا، پەقەت بىرلا ئامال، يەنى كېسەلنىڭ يىلتىزىنى تاپالىدۇقمۇ يوق؟ جۇڭگو پۇتبولچىلىقى قاملاشمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئاشۇ ئاتالمىش مۇتەخەسىسلەر تۆۋەندىكى تۆت سەۋەبكە يىغىنچاقلىدى: بىرىنچى دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسى؛ ئىككىنچى، كۇلۇبلار پۇل تاپالمىدى؛ ئۈچىنچى، پۇتبولدىكى چىرىكلىك؛ تۆتىنچى، ۋارسىلار يوق دېيەرلىك. بۇ سەۋەبلەرنى ئاڭلىماققا ناھايىتى ئورۇنلۇقتەك قىلسىمۇ، لېكىن مەن بۈگۈن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ بۇ خىل تەنقىدلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىمەن. ئەگەر بىز جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدىن زادى نېمە مەسىلە چىققانلىقىنىمۇ بىلەلمىسەك، سوراپ باقاي، مەسىلىنى بايقىيالماي تۇرۇپ، قانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالايمىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، مەن شۇنى كېسىپ ئېيتىمەنكى، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدىن قەتئىي ئۈمىد قالمايدۇ.
ئاۋۋال بىرىنچى تەنقىد ئۈستىدە توختىلايلى، دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسى. پۇتبول توغرىسىدا گەپ بولۇنسىلا، ھەممىز ئاۋۋال پۇتبولچىلار كومىتىتىنى تىللايمىز:« دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسى بولمايدۇ، كەسىپ سىرتىدىكىلەر كەسپى ساھەدىكىلەرنى باشقۇرىدۇ، توپچىلار بەك ئاز...» دېگەندەك. مەن تۈزۈلمىدە مەسىلە بارلىقىنى ئىنكار قىلمايمەن، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن توپنى ياخشى تېپەلمەيدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ. ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، گىمناستىكا، سۇغا سەكرەش قاتارلىق تۈرلەردىمۇ ئوخشاشلا دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسى بار. ئوخشاشلا كەسىپ سىرتىدىكىلەر كەسپى ساھەنى باشقۇرىدۇ، ئەمما بىز ئوخشاشلا شۇنچە كۆپ چىمپىيونلۇققا ئېرىشتۇق. تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مەلۇم رەھبىرى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «قىزىق نوقتا ھەققىدە سۆھبەت» پروگراممىسىغا قاتناشقاندا بىر جۈملە گەپنى قىلدى: «دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسى بەلكىم شەخسىي تۈرلەرگە ماس كېلىشى مۇمكىن، ئەمما ۋاسكىتبول، پۇتبول، ۋالىبول قاتارلىق كوللىكتىپ تۈرلەرگە تازا ماس كەلمەيدۇ». مەن بۇ سۆزنىڭ كۆپ قىسىم مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، ئەمما كۆپچىلىككە دەپ قوياي، بۇ خاتا! نېمىشقا؟ پاكىت ئۆزى سۆزلىسۇن.
دۆلىتىمىزگە ئوخشايدىغانراق دۆلەت سوۋىت ئىتتىپاقىنى مىسالغا ئالايلى، قارايدىغان بولساق بۇ دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسى قانداق شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى. 1988-يىلى سىئول ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى 237دانە ئالتۇن مىدال تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ تەنھەرىكەت تۈرى ۋاسكىتبول، ۋالىبول، پۇتبولدا جەمئىي 7ئالتۇن مىدال (ئاياللار پۇتبولى يوق، ۋالىبول تۈرىدە تۆت دانە) بار بولۇپ، سوۋىت ئىتتىپاقى بۇنىڭ 3دانىسىنى ئالدى. نىسبىتى %43 بولغان. قالغان 230ئالتۇن مىدالنىڭ 52نى سوۋىت ئىتتىپاقى ئالدى. بۇ بىزگە دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ شەخسىي تۈرلەرگە ماس كېلىپلا قالماستىن، بەلكى كوللىكتىپ تۈرلەردىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 1991-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ، 1996-يىلىغا كەلگەندە قانداق نەتىجە كېلىپ چىقتى؟ روسىيەنىڭ ئېرىشكەن شەخسى تۈرلەردىكى ئالتۇن مىدال سانى %9گە چۈشۈپ قالدى، ئۈچ چوڭ تۈردىچۇ؟ يوق يەنى نۆل.  دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسى يوقىلىپلا، روسىيەنىڭ پۈتۈن تەنتەربىيە ھەرىكىتى غايەت زور تۆۋەنلەش ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى. شۇڭا تۈزۈلمىنىڭ رولى شەخسىي تۈرلەردىلا ئەمەس، بەلكى كوللىكتىپ تۈرلەردىمۇ ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئىككىنچى تەنقىد. كۆپلىگەن تاراتقۇلار جۇڭگو پۇتبولنىڭ قاملاشماسلىقىدىكى سەۋەبنى كۇلۇبلارنىڭ پۇل تاپالمىغانلىقىدىن دەپ كۆرسىتىشتى. پۇل بولمىسا ياخشى توپچىلارنى سېتىۋالالمايدۇ، توپچىلارنى ياخشى مەشىقلەندۈرەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن نەتىجىسى ياخشى بولمايدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرىدىكى كۇلۇبلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە زىيىنى 60مىليۇنغا يېتىدۇ. كۇلۇبلارنىڭ ساختا ھېسابات ياسايدىغان- ياسىمايدىغانلىقىغا بىرنەرسە دېيەلمەيمەن، بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ئېغىزدا ئېيتقانلىرى. شۇنىڭ بىلەن بارلىق تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسى كۇلۇبلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، ئەمما سەۋەبنى تېپىپ چىقالمىدى. بىزنىڭ كۇلۇبلىرىمىزنىڭ مالىيە ھوقۇقى ئاللىقچان ياۋروپا كۇلۇبلىرىنىڭكىگە يېقىنلاشتى. بېلەت كىرىمى، ئېلان كىرىمى، ھەمكارلاشقۇچى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار. پەقەت ئۇلاپ تارقىتىش كىرىمىلا پۇتبولچىلار كومىتىتىنىڭ قولىدا، شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ھەرىلەردەك غوڭشۇپ پۇتبولچىلار كومىتىتىنى تەنقىد قىلىشقا باشلىدى. ئەمما پۇتبولچىلىقنىڭ قاملاشمىغانلىقى ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىدىكىلا گەپمۇ؟
مەن ئالاھىتەن ياۋروپا كۇلۇبلىرى بىلەن جۇڭگو كۇلۇبلىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقتىم. بىرىنچى، بېلەت كىرىمى، ئېلان كىرىم، ھەمكارلاشقۇچى ھەممىسى كۇلۇبقا تەۋە. ياۋروپادىمۇ، جۇڭگودىمۇ ئوخشاش. ئىككىنچى، ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقى، تاراتقۇلار ئەڭ قاتتىق تەنقىدلەيدىغىنى  بىزنىڭ پۇتبولچىلار كومىتىتىنىڭ تېلىۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىنى كونترول قىلىۋېلىپ ئاندىن بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم كىرىمنى ھەربىر كۇلۇبقا تەقسىم قىلىپ بەرگەنلىكى. ياۋروپادىچۇ؟ ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇتبول كومىتىتلىرىمۇ ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىنى بىرتۇتاش ساتىدۇ، تاپقان پايدىنىڭ بىر قىسىمىنى ھەرقايسى كۇلۇبلارغا تەڭ بۆلۈپ بېرىدۇ، بۇ يېرى بىز بىلەن ئوخشاش؛ قالغان  بىرقىسىمىنىچۇ؟ كۇماندىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقىغا ئاساسەن تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. قانداقلا بولسۇن، سىزنىڭچە بۇ ئىككى رايوننىڭ تەقسىماتىدا قانچىلىك پەرق باردۇ؟ قارىسىڭىز شۇنى بايقايسىزكى، ياۋروپا كۇلۇبلىرى بىلەن دۆلىتىمىز كۇلۇبلىرىنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش.
ھەرقايسىڭلارغا يەنە شۇنى دەپ قوياي، تېلىۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىنى كۇلۇبقا بەرگەنمۇ دەيلى، سىزنىڭچە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىنى قانچە پۇلغا ساتقىلى بولار؟ مەن ئەكسىچە جۇڭگو كۇلۇبلىرىنىڭ كۆزلىرىنى يوغان ئېچىۋېتىپ قارىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، نېمىشقا خەقلەرنىڭ تېلىۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقى شۇنچە قىممەت. ھەممە بىلىدۇ، ياۋروپا كۇلۇبلىرىنىڭ مۇسابىقىسىنى كىچىك دۇنيا لوڭقىسى دەيمىز، سىز ئۇ يەردىن دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپ چولپانلىرىنى كۆرەلەيسىز، ئا س مىلەن، يۇۋېنتۇس، مانچىستىر بىرلەشمىسى، مانچىستىر شەھىرى، خان مادىرىد قاتارلىق كۇلۇبلارنىڭ جۇڭگودا، پۈتۈن يەرشارىدا نەچچە مىليارد مەستانىلىرى بار، شۇڭا ئۇلارنىڭ مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىنى پۈتۈن يەرشارىغا سېتىپ بېرىدۇ، سىرىتتىن كىرگەن كىرىملا يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. مەسىلەن، سىنگاپورغا ئوخشاش نەچچە مىليۇن نوپۇسقا ئىگە كىچىك دۆلەت جېنىدا 200مىليۇن فوندسىتىرلىڭ پۇل خەجلەپ ئۆز دۆلىتىدىكى ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالىدۇ، جۇڭگو شىياڭگاڭمۇ 150مىليۇن فوندسىتىرلىڭغا سېتىۋالدى. جۇڭگودىكى كۇلۇبلارنىچۇ؟ خېڭدا كۇلۇبىنىڭ ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىنى گۇاڭدۇڭ تېلىۋىزىيىسى بىر قېتىملىق نەقمەيدان كۆرسىتىشنى ئاران ئەللىك مىڭغا يارايدۇ، مانا بۇ بازار قىممىتى. ئامال يوق، سەۋەب نەدە؟ سەۋەب سىز توپنى ياخشى تېپەلمەيسىز، توپنى ياخشى ئوينىيالىسىڭىزلا ئاندىن پۇل تاپالايسىز.
كۆپچىلىككە يەنە شۇنى دەپ قويايكى، جۇڭگونىڭ كۇلۇبلىرى ھەرگىزمۇ ئۇلاپ تارقىتىش ھەققىگە قاراپ قالغۇدەك نامرات ئەمەس. خېڭدانىڭ خوجايىنى شۈجىيايىن «خېڭدانىڭ پۇتبولچىلىققا سالغان مەبلىغى گوروھنىڭ يىللىق تىجارەت سوممىسىنىڭ نۆل پۈتۈن نۆلدىن نەچچە قىسىمىدىنلا ئىبارەت» دېگەن. ھازىر جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى 16كۇلۇبنىڭ ئىچىدە 14كۇلۇبنىڭ يەر- مۈلۈك تىجارىتى ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە، ئەجىبا ئاشۇ ئازغىنە ئۇلاپ تارقىتىش ھەققى كەملىك قىلارمۇ؟ 2012-يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە شىركىتى 100مىليۇن كىرىم قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە %10نى جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە بېرىپ، ھەرخىل يۈرۈشتۈرۈش چىقىملىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغان 55مىليۇن تارقىتىشقا بولىدىغان پايدىنى ھەربىر كۇلۇغا 3مىليۇن 600مىڭدىن ئۆلەشتۈرۈپ بەرگەن. بۇ توققۇز پەسىللىك دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى پايدا تارقىتىش رېكورتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ 3مىليۇن 600مىڭ يۇەن پۇل ھەرقايسى كۇلۇبلارغا نىسبەتەن قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ؟ بىزنىڭ كۇلۇبلىرىمىزدىكى مەسىلە ھەرگىزمۇ بۇنچىلىك پۇلنىڭ كەملىك مەسىلىسى ئەمەس.
ئۈچىنچى تەنقىد، نەتىجىنىڭ ياخشى بولماسلىقى چېرىكلىكتىن دەپ قاراش. 2010-يىلى بىز چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا غەلبە قىلدۇق، جەمئىي 33نەپەر بىرىنچى سەپتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى ئاتتىن چۈشۈرۈلدى، بۇلار پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خەلقئارالىق رېپىر، دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە شىركەت لىدىرى، ھەتتا تەنتەربىيە باش ئىدارىسى پۇتبول ھەرىكىتى مەسئۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما 2010-يىلىدىن كېيىنكى پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى قانداق؟ تېخىمۇ ناچارلاشتى خالاس. كۆرۈشكە بولىدۇكى چېرىكلىك پۇتبولنى ياخشى ئوينىيالماسلىقنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ، ياۋروپالىقلار پۇتبولنى ياخشى ئوينىيالايدۇ، ئۇلاردا چېرىكلىك يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار.
2013-يىلى 2-ئايدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار تەشكىلاتى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بىر خەۋەرنى ئېلان قىلدى، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار 2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىل ئىچىدە ياۋروپا لوڭقىسى، دۇنيا لوڭقسى، خەلقئارا قىمار تەشكىلاتى قاتارلىق گوروھلار 380مەيدان پۇتبول مۇسابىقسىنىڭ نەتىجىسىنى كونترول قىلىۋالغان، دېلوغا چېتىشلىق توپچى، رېپىر، باشقۇرغۇچى بولۇپ جەمئي 425ئادەمگە يەتكەن، ئېنىقلاپ چىقىلغان دېلوغا چېتىشلىق سومما 8مىليۇن ياۋروغا يەتكەن. سىز بۇ چېرىكلىكنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ مەن شۇنى ئېنىق دەپ قويايكى، مەن چېرىكلىككە قارشى تۇرىمەن، لېكىن شۇنى سوراپ باقاي جۇڭگودا چىرىكلىك بار، ياۋروپادىمۇ بار، ئەمما ياۋروپالىقلار توپنى ياخشى ئوينىيالايدۇ، جۇڭگولۇقلار ئوينىيالمايدۇ، شۇڭا چېرىكلىك مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغاندۇ؟
تۆتىنچى تەنقىد، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدا ۋارىسلار كەمچىل. مەسىلەن تېخى يېقىندا ئاياقلاشقان «ياۋروپا ئۆسمۈرلەر لوڭقىسى» دا بىز ياپونىيەگە ئۇتتۇرۇۋەتتۇق. بىزنىڭ چۈشەندۈرگۈچىلىرىمىز بۇنىڭ سەۋەبىنى «بىزنىڭ ئىزباسارلىرىمىز كەمچىل» دەپ چۈشەندۈردى. قارىماققا سانلىق مەلۇماتلار ھەقىقەتەن شۇنداق، چۈنكى جۇڭگو 1996-1997-يىللىرىدە تۇغۇلغان ياشلارنىڭ ئىچىدە تىملاتقان پۇتبولچى سانى ئاران 51، بىزنىڭ «ئاسىيا ئۆسمۈرلەر لوڭقسى» مۇسابىقىسىگە قاتناشقان توپچىلىرىمىز مانا موشۇ 51ئادەمنىڭ ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان، ئەمما ياپونىيەنىڭ توپچىلىرى بولسا 120مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان. بارلىق 21ياشلىقلاردىن تۆۋەنلەر ئىچىدە پۇتبولغا تىزىملاتقان ئادەم جۇڭگونىڭ 40مىڭ، ياپونىيەنىڭ 500مىڭ. ناھايىتى ئېنىقكى بىزنىڭ ئىز باسارلىرىمىز ناھايىتى كەمچىل. ئىز باسارلار كەمچىل بولغاچقا، بىز ئۇتتۇرۇۋەتتۇق، دېسەك بولامدۇ؟
ئەمما مەن سىزگە شۇنى دەيمەنكى، جۇڭگودىكى ھەممە تەنھەرىكەت تۈرلىرىدە ئوخشاشلا ۋارىس كەمچىل. بىزنىڭ ئەڭ شانلىق بولغان شۇغا سەكرەش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىمۇ ۋارىسلار بەك كەم، ئەمما بۇ جۇڭگونىڭ بۇ ساھەدىكى خوجىلىق ئورنىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى. سۇغا سەكرەشنى مىسال ئالساق، شەنشدىكى سۇغا سەكرەش ئەترىتىنىڭ 1-،2-، 3- سەپلىرىدىكى بارلىق تەنھەرىكەتچى ئاران 70نەچچە، پۈتۈن شەنشىدە ئاران بىرلا سۇغا سەكرەش سارىيى بار، ئاممىۋى ئاساسىنى نۆل دېيىشكە بولىدۇ. ئېغىرلىق كۆتۈرۈشكە ئادەم تېپىش بەكمۇ تەس، بولۇپمۇ ئاياللار ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرىگە. شەندۇڭ بولسا ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتىكى داڭ ئۆلكە، 2010-يىلى شەندۇڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئەترىتىدە ئاران توققۇز ئادەم بار ئىدى. شۇڭا ۋارىسنىڭ ئاز بولۇشى، بىزنىڭ پۇتبول ھەرىكىتىمىزدىكى ئەھۋاللارنى ئاقلاپ بولالمايدۇ.
شۇڭا دوستلار، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن تۆت چوڭ تەنقىدنى مەن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق يېشىپ چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، تۆت تەنقىد «تۆت يوق» قا ئايلانغانلىقىنى، بۇ تەنقىدنىڭ ھەممىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. ئەگەر بىز پۇتبول ھەرىكىتىدە زادى قەيەردە خاتالاشقانلىقىمىزنىمۇ بىلەلمىسەك، ئەگەر بىز كېسەلنىڭ سەۋەبىنى توغرا تاپالمساق، بىز زادى قەيەرنى ئۆزگەرتىمىز؟ شۇڭا مەن ئىشىنىمەنكى كەلگۈسى خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ھېچقانداق ئىلگىرلەشكە ئېرىشەلمەيدۇ.

مەنبە: لاڭشىيەنپىڭ نىڭ «سىنا مىكرو بىلوگى»
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 01:02:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-25 00:51:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا      ئەڭ   مۇھىمى    ئاممىۋې   ئەسلىھە     كەمچىل     بر     چوڭ    شەھەردە    ئاران   بىرنەچچىلا    مەيدان   بۇنداق   بوسا     شۇ        مەلىدە    گومباڭشىتىپ    تېپىپ    ئويناشتىن    باشقا    ئامال    يوق   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-25 01:02:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما ئاداش خىلى ئورۇنلۇق گەپ قىپتۇ ، لىكىن يەنىلا بىر يەرلىرى كەمچىلدەك ھىس قىلدىم بۇ تەنقىدنىڭ.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-25 01:05:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 01:02
ياراتقۇچى پىشانىگە شۇنداق پۈتىۋەتكەن ئىشلارغا ھىچكىم ...

يارتىشنى مەن يارراتتىم ، يارىلىشىڭ ئۈزەڭدىن ، دىگەن گەپكە ئىشەنمەيدىغانلاردىن كىم بار ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-25 01:12:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىردىنبىر شۇنداقلا بىردىنبىر سەۋەب——پۇتبول ئويناشقا سەن ماس كەلمەيسەن! ھەر قانداق نۇقتىدا تۇرۇپ تەنقىد قىلغىنىڭ بىلەنمۇ ، بۇنى ئىتىراپ قىلمىساڭ سەن مەڭگۈ بىر مەغلۇبىيەتچى! مەيداننى ئىگىلىرىگە تاپشۇرمىساڭ مۇسابىقىلا بولسا توپ يىيىشتە داۋاملىق رىكورت ياراتقىنىڭ ياراتقان!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-25 01:28:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا مەن ئىشىنىمەنكى كەلگۈسى خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ھېچقانداق ئىلگىرلەشكە ئېرىشەلمەيدۇ.

راس گەپ قىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-25 01:30:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-25 01:43:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-25 01:53:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-25 01:54:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شاڭگاڭلىق ئىزىپ كىتىپتۇ ، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر بۇ يەردە بولىمىغىنى بىلەن دىڭىز ياقىسدىكى چوڭ شەھرلەردە بوپمۇ ئاۋۇ دۆلەت كوماندىسغا ۋاستە تاللىماي  كىرىشنى ئاللىقانداقتۇر ئائىلسىنىڭ پۇلدارلىقى ۋە ئابرويى ھىسابلايدىغان كىشلەر پوتبولنى چۇشەنگندە ئاندىن بىر گەپ بولار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-25 01:57:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-22 07:43

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش