تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 2483|ئىنكاس: 20

رونالدىنخو پۇل تېپىشنىڭ يۇلىنى تېپىۋالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-25 14:38  

10138241_485015.jpg

5-ئاينىڭ 25-كۈنى سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى :  بىرازىلىيەلىك داڭلىق توپچى رونالدىنخونىڭ يېقىندا ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش پۇرستىدىن تۇلۇق مەھرۇم بولۇپ ، ئۆزىنى قايتىدىن نامايەن قىلىدىغان چوڭ سەھنىدىن خوشلاشقانلىقى ئېنىق بولدى .دۆلەت كوماندىسنىڭ تېرىنىرى سىكۇلارنىڭ سەپ شەكلىگە رونالدىنخودىن باشقا يەنە دۇنياۋى چولپان كاكامۇ كىرەلمىدى .ھازىرقى نېيمار باشچىلىقىدىكى ياشلاشقان بىرازىلىيە كوماندا ئەزالىرى ئالدىدا بۇ ئىككىسىگە ھەقىقەتەن ئامال يوق بولۇپ قالدى .بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا ،دۇنيا لوڭقىسى ئويناش ئارزۇسى كۈپۈككە ئايلانغان بۇ توپچى ھازىر پۇل تېپىشنىڭ ياخشى يۇلىنى تېپىۋاپتۇ . يەنى بىرازىلىيەگە بۇ قېتىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇنلىغان تاماشىبىنلار كېلىدىغان بولغاچقا ، رونالدىنخو رىئودى ژانېيرودىكى ھەممە ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان كاتتا داچىسىنىڭ بىر كۈنلۈكىنى 9128 فوند سىتىرلىڭدىن ئىجارىگە بېرىشنى پىلانلاپ « رونالدىنخونىڭ داچىسىدىن ھۇزۇرلىنىڭ » دىگەن نامدا تورغا ئېلان چىقارغان .ئىگەلىنىشچە ،رونالدىنخو ئەينى چاغدا بۇ داچىسىنى 12 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان ئىكەن .رونالدىنخونىڭ نامى ھازىرمۇ چوڭ بولۇپ ،ئېھتىمال دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە خېلى كۆپ كىرىم قىلىشى مۇمكىن !

730_1257818_759051.jpg
730_1257813_200677.jpg
730_1257812_994783.jpg

توپ تەپكۈچى تەرجىمىسى
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭ رونالدۇمۇ بىرازىليەدىكى داچىسىنى بىراتقا ئىجارە بەرگەن خەۋىرىنىمۇ سىز يازغانغۇ دەيمەن ھە  ھاجىكا...

5مىنۇتنىڭ ئالدىدا مۇشۇ خەۋەرنى كۈرۈپ ئولتۇراتتىم تىخى...

مونبەرنىڭ پوتبۇل خەۋەرلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىھتىياجى ھەقىقەتەن ئىتتىك بولۋاتىدۇ جۇمۇ...

كۈز  تەگمىسۇن...
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل داچىكەن
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېشىكتاشقا    كېلىپ       ياۋرۇپادا    ئوينىسا   بولاتتى
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىممەتقۇ…دۇبەي مېھمانسارىيىدىنمۇ قىممەت چىقىرىپتىغۇ باھاسىنى
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىممەتقۇ…دۇبەي مېھمانسارىيىدىنمۇ قىممەت چىقىرىپتىغۇ باھاسىنى
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك چىرايلىقكەن رونالدىخونىڭ داچىسى
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق قىممەتتۇ  بۇداچا، بەش يۇلتۇزلۇق مىھمان ساراينڭ ياتقىدىن نەچچە ھەسسە قىممەتكىن
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق قىممەتتۇ  بۇداچا، بەش يۇلتۇزلۇق مىھمان ساراينڭ ياتقىدىن نەچچە ھەسسە قىممەتكىن
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوۋ مانى  پۇل  دىگەنەگە كۈمۈلۈپ كەتكەندۇ   ،  يەنە  ئۈيىنى ئىجارىگە بىرىپ  نىمە  قىلا  بۇ .
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
12مىڭ ئامدرىكا دوللىرىغا ئېلىپ، كۈنلۈكىنى 9مىڭ فوندسىتىرلىڭدىن ئىجارىگە بېرىدىغان گەپ پۇلنى راس تاپىدىكەن…
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىدىممۇ ئاتۇشلۇق توپچى ئەسلىدە ئۇ دەپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-5-29 10:02 , Processed in 0.099999 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش