akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1263|ئىنكاس: 27

بۈگۈن كىچىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈلكەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-24 21:12  

  

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى :


     
    كەڭ پۇتبول مەستانىلىرىگە مەلۇم بولغىنىدەك ، بۈگۈن كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 00:45 دە خان جەمەتى مادىرىد بىلەن مادىرىد ئاتلىتكا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى (تۆۋەندە ئۇزغۇنلۇق دەپ ئېلىنىدۇ) نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پورتۇگالىيەنىڭ لىسابون نۇر پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ . بۇ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى تارىخىدىكى 59 - قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ . شۇنداقلا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تارىخىدىكى تۇنجى بىر شەھەردىكى ئىككى كوماندىنىڭ دېربىيسى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن كىچىدىكى مۇسابىقىگە تەييارلىقىڭىز پۈتكەن بولسا دېققىتىڭىز تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلاردا بولسۇن .
   تارىختا خان جەمەتى مادىرىد بىلەن مادىرىد ئاتلىتكا ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە جەمئىي 252 قېتىم ئۇچىراشقان . بۇنىڭ ئىچىدە خان جەمەتى مادىرىد 134 مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن . مادىرىد ئاتلىتكا بولسا 62 مەيدان غەلبە قىلغان بۇلۇپ ئىككى كوماندا 56 مەيدان مۇسابىقىدە تەڭلەشكەن .
   بۈگۈن كىچىدىكى مۇسابىقە مەزكۇر ئىككى كوماندىنىڭ بۇ پەسىللىك ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 5- قېتىم ئۇچىرىشىشى بۇلۇپ ، ئىلگىركى 4 قېتىملىق مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادىرىد ئىككى مەيدان ئۇتۇپ بىر مەيدان تەڭلىشىپ بىر مەيدان ئۇتتۇرغان . يەككە پەسىلدە ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىدە بەش قېتىم ئۇچىرىشىش مادىرىد شەھەر دېربىيسى تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ھېسابلىنىدۇ . بۇ قېتمقىسى تۆتنجى قېتىم بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىشى بۇلۇپ ، ئىلگىرىكى ئۈچ قېتىملىقى : 1927 - 1928 - مۇسابىقە پەسلىدە خان جەمەتى مادىرىد ئۈچ مەيدان ئۇتۇپ ئىككى مەيدان ئۇتتۇرغان. 1958-1959 - مۇسابىقە پەسلىدە خان جەمەتى مادىرىد ئۈچ مەيدان ئۇتۇپ ئىككى مەيدان ئۇتتۇرغان . 1963-1964 - مۇسابىقە پەسلىدە ، خان جەمەتى مادىرىد ئىككى مەيدان ئۇتۇپ ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان .
   بۈگۈن كىچىدىكىسى خان جەمەتى مادىرىدنىڭ 200 - مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى (ئۇزغۇنلۇق تۈزۈم ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى) بۇلۇپ ، مانچېستىر بىرلەشمىسى بىلەن تەڭلىشىپ بۇ تۈردە بىرىنجى ئورۇنغا چىقتى . خان جەمەتى مادىرىدنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىگە تۇنجى قاتناشقان ۋاقتى 1995.09.13 - كۈنى بۇلۇپ ، ئەينى چاغدا گوللاندىيە زەردارى ئاياكىس كوماندىسىغا 1:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان .
   بۈگۈن كىچە ئەگەر خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى غەلبە قىلالىسا ، ئۇ چاغدا كاپىتان كاسىللاس خان جەمەتى مادىرىد تارىخىدا غەلبە قىلغان مەيدان سانى ئەڭ كۆپ توپچىغا ئايلىنىدۇ (430 مەيدان ) . ھازىر كاسىللاس بىلەن راھۇل ئوخشاشلا 429 مەيدان ھالەتتە بۇ تۈردىكى رېكورتنى ساقلاپ كەلمەكتە . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كاسىللاس بىكىن پاۋىل ۋە دېس چامپىستىن كېيىنكى دۇنيا لوڭقىسى ، ياۋروپا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقنىڭ لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن كاپىتان بۇلۇپ قالىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، مادىرىد شەھەر دېربىيسىدا كاسىللاس مەيدانغا ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدان چىققان مۇسابىقىدە 20 مەيدان ئۇتۇپ ئالتە مەيدان تەڭلىشىپ ئۇتتۇرۇپ باقمىغان .
   خان جەمەتى مادىرىدنىڭ كوزۇر توپچىسى كىرىستىئان رونالدو ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچقا قايتىپ كەلدى . ئەگەر ئۇ بۈگۈن توپ ئۇرسا بىر توپچىنىڭ ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتا توپ ئۇرۇش جەھەتتە ۋاقتى ئىككىنجى ئورۇنغا ئۆتىدۇ . بۇ تۈردىكى ئەڭ ئۇزاق ۋاقىتنى ساقلاپ كەلگەن توپچى بولسا لىۋېرپول توپچىسى پىل . نىئال بۇلۇپ ، ئۇ 1977 - يىلى ھەل قىلغۇچتا گىلادىباخ كوماندىسىغا توپ ئۇرۇپ ، ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە روماغا توپ ئۇرغان .
     خان جەمەتى مادىرىد لىسابوندا ئەزەلدىن غەلبىنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغان . 1965- يىلى مادىرىد 1 : 5 بېنفىيكا . 1994 - يىلى مادىرىد 1 : 2 لىسابون رىقابەت . 2000 - يىلى مادىرىد 2 :2 لىسابون رىقابەت . بۈگۈن كىچىدىكى مۇسابىقە مادىرىد ئاتلىتكىنىڭ ئىككىنجى قېتىم لىسابونغا كىلىشى بۇلۇپ ، تۆت يىل ئىلگىرى بۇلار شاللاش مۇسابىقە باسقۇچىدا بېنفىيكا بىلەن 2:2 تەڭلەشكەن .
   يېقىنقى 36 مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە جەمئىي 30 كوماندا ئاۋال توپ كىرگۈزگەن ئەھۋالدا غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلىگەن (بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ كوماندا نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق غەلبە قىلغان) . خان جەمەتى مادىرىد ئالتە مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئاۋال توپ كىرگۈزگەن ئەھۋال ئاستىدا بەش قېتىم لوڭقا كۆتۈرگەن . ئۇنىڭدىن باشقا ئالتە مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادىرىد ئاۋال توپ كەتكۈزۈپ قويغان ئەھۋالدا ئوخشاشلا تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان .
   ياۋروپا ئۇزغۇنقنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تارىخىدا جەمئىي 10 قېتىم رەھىمسىز نۇقتا توپ جېڭى كۆرۈلگەن بۇلۇپ ، خان جەمەتى مادىرىد ئۈچ قېتىم نۇقتا توپ نۇقتىسىدا تۇرۇپ پەقەت بىرلا قېتىم غەلبە قىلالىغان . مادىرىد ئاتلىتكا ئۈچ قېتىم ياۋروپا سەھنىسىدە نۇقتا توپ جېڭىگە كىرگەن بۇلۇپ غەلبە قىلىپ باقمىغان .
   خان جەمەتى مادىرىد جەمئىي 12 قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقنىڭ ھەل قىلغۇچقا كىرگەن بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز قېتىم لوڭقا كۆتۈرگەن . بۇ قېتىمقى مۇسابىقە مادىرىد ئاتلىتكىنىڭ 40 يىلدىن كېيىن قايتىدىن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىلىشى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ . مادىرىد ئاتلىتكا ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ، ياۋروپا غالىبلار لوڭقىسى ، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە قىتئەلەر ئارا لوڭقىسىنىڭ ساھىبى بولغان .  
   خان جەمەتى مادىرىد بۇنىڭدىن ئىلگىرى 14 مەيدان ياۋروپا سەھسنىسىدىكى مۇسابىقىدە ئىسپانىيە كۇلۇبلىرى بىلەن ئۇچىراشقان . بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە مەيدان ئۇتۇپ ، تۆت مەيدان تەڭلىشىپ ، ئۈچ مەيدان ئۇتتۇرغان . مادىرىد ئاتلىتكىمۇ بۇ سەھنىدە ئوخشاشلا 14 قېتىم ئىسپانىيە كۇلۇبلىرى بىلەن ئۇچىراشقان بۇلۇپ ، يەتتە مەيدان ئۇتۇپ ، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ ، تۆت مەيدان ئۇتتۇرغان . بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى مەيدان خان جەمەتى مادىرىدقا ئۇتتۇرغان .
   مادىرىد شەھرىنىڭ بۇ ئىككى كوماندىسى تارىختا بىرلا قېتىم ئۈچىنجى تەرەپ مەيدانىدا ئۇچىرىشىپ باققان بۇلۇپ ، 1959 - يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادىرىد 2 : 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:18:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىغان ئىسىل بىر مەيدان مۇسابىقە كۆرۈشنى ئۈمۈد قىلىمەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:20:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:20:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خان جەمەتى مادىرىدنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىگە تۇنجى قاتناشقان ۋاقتى 1995.09.13 - كۈنى بۇلۇپ ، ئەينى چاغدا گوللاندىيە زەردارى ئاياكىس كوماندىسىغا 1:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان .



بۇ مەزمۇننى تازا چۇشۇنەلمىدىم  تەلىم بەرگەيسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:25:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتۇنچىلار  ئالغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:30:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ بىزنىڭ تەييارلىقكار پۇختا (مادرىتنىڭ لوڭقا كۇتۇرىشىنى كۆرۈش )
ئالغا مادرىت ................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:31:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ خالىسا بىر مەيدان قىززىغان مۇسابىقە بولسىكەن ....لىكىنزە  بۇلارنىڭ   پىسخىكىستىن   چاتاق چىقمىسىلام  ياخشى بۇلاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:31:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچتە مۇسابىقە دەپ تېما يېغىپ كەتتىغۇ بۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:32:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرد  ئالغا ،لىسابون نۇر پۇتبول مەيدانىنى قانغا بويغىن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:33:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالونسو بوپكەتكەن بولسىزە ،،،،،،،،،
پىپى چۇشەلمىسە ، ئالونسومۇ چۇشەلمىسە مۇداپىيەدىكى كۈچ ئاجىزلاپ كىتۇدە .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:34:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەپ     تەكرار   مۇسابىقىنى    كوردىغان  بولدۇمدە       كەچتە    نەتىجىنى    يوللاپ    تۇراسىلە    دوسلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-24 21:36:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turgunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-24 21:20
خان جەمەتى مادىرىدنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىگە تۇ ...

تۈزۈم ئۆزگەرتلگەندىن كېيىن ئاندىن سىز بىلەن بىز بىلىدىغان ئۇزغۇنلۇق دەپ ئاتالغان . ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئاتىلىشى باشقا ئىدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 14:56

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش