akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1055|ئىنكاس: 17

ئەڭ ئاخىرقى جەڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   c.ronaldo77 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-24 20:58  

9SRV3M7Q00BV0005.jpg


بۈگۈن كەچتە بارلىق مۇسابىقىلەرنىڭ خاتىمىسى ۋە ئەڭ يارقىن نوقتىسى بولغان ئۇزغانلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى رېئال مادرىد بىلەن مادرىد رىقابەت ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىشلارغا قارايدىغان بولساق مادرىد رىقابەت كوماندىسى بىرلەشمە مۇسابىقىدە رېئال مادرىد كوماندىسىنى بىر ئۇتۇپ بىر تەڭلىشىپ ئۇستۇنلۇكتە. شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بولسا رېئال مادرىد كوماندىسى مادرىد رىقابەت كوماندسىىنى يۇقىرى نومۇر پەرىقى بىلەن شاللاپ ھەل قىلغۇچ كىرىپ ئاخىرىدا شاھلىق لوڭقىسنىڭ ساھىبى بولدى. دېمەك ھەرئىككىلى كوماندىنىڭ يوغان قۇلاقنى كۆتۈرۈش ئېھتىماللىقى بار. مادرىد كوماندىسى 10-لوڭقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇتۇن تىرىشىچانلىقىنى كۆرسىدىغانلىقى ئېنىق. بىراق ئۇزۇندىن بېرى لوڭقىسىز يۇرگەن مادرىد رىقابەتكە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بۇ لوڭقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسى ھەرگىزمۇ رېئال مادرىدتتن ئاجىز ئەمەس.

600x450_9SGJ4GBB00DE0005.jpg


مادرىد رىقابەت تېرنىرى سىمونى مۇخپىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئۆز كوماندىسىنىڭ رېئال مادرىد كوماندىسى مەغلۇب قىلالايدىغانلىقى قەيت قىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ‹‹ بىزنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق مادرىد بىلەن تۇتۇشقان مۇسابىقىمىز ئۇلانى مەغلۇب قىلالايدىغان ئەمەلى كۈچىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بىز مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى يېرىم سائەت ۋاقتىدا مەيداننى ناھايتى ياخشى كونترول قىلىشمىز كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولىشى مۇمكىن. ›› دېدى

كوماندىسىدىكى ياردارلا ھەققىدە ‹‹ كوستا،  ئاردا تۇران قاتارلىق توپچىلار ئەسلىگە كىلىپ مەشققە قاتناشتى. ئۇلارنىڭ مەشىقتىن كېيىنكى ھالىتمۇ ئىنتايىن ياخشى. بىراق بىز يەنىلا كۇزىتىشكە مۇھتاج. ھەر ئىككىلىسنىڭ مۇسابىقىگە قاتنشىش ياكى قاتناشماسلىقىنى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلار بەلگىلەيدۇ.›› دېدى.

مادرىدقا نىسبەتەن قانداق تاكىتكا قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە :‹‹مېنڭچە ئەنچىلودى 433  ياكى 442 سەپ شەكلىنى قوللىنىدۇ. بەلكىم مەنمۇ موشۇ خىل سەپ شەكلىنى قوللىنىپ قېلىشىم مۇمكىن›› دېدى.



4ff33f94dc7c2a1a7a09a439e5f61c5b08f27ac6.jpg



بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى شەخسىلەر بۇيىچە ئەڭ قىززىق نوقتا سانىلىدىغان رونالدو بىلەن بېل توپ ئۇرۇپ ئۆز كوماندسىنى غەلبگە باشلىيالامدۇ-يوق ؟ بۇمۇ كىشىلەر ئەڭ قىزىقىدىغان نوقتا. ئەگەر رونالدو توپ ئۇرسا ئۆزى يېڭىدىن ياراتقان رېكورت دەرېجىسىنى يەنىمۇ بىر بالداق ئىگىزگە ئېلىپ قويىدۇ. بېل بولسا ئۆزىنىڭ 91 مىلىيونغا ھەقىقەتەنمۇ لايىق ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ.( شاھلىق لوڭقىسىدا يېرىمىنى ئىسپاتلاپ بولغان ئوخشايدۇ. ) مەيلى قانداقلا بولسۇن بېل بىلەن رونالدو ياخشى ماسلىشىپ يوغان قولاقنى كۆتۈرۈش ھەممە مادرىد مەستانىللىرىنىڭ ئارزۇسى.

مادرىد كوماندىسىنىڭ ئىلگىركى رېۋايەتلىك توپچىسى سىتىۋ مىكمانمەن ( Steve McManaman ) مۇخپىرلارنىڭ بىر قانچە سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:‹‹ بېل بىلەن رونالدو بولسا دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچىلار . بېل ئىلگىرىمۇ ئىنتايىن قالتىس ئىدى. مادرىدقا قېتىلغان بىرىنجى يىلىلا 20 توپ ئۇرۇپ بولدى. ئۇنىڭ تېخنكىسىغا مەن تولىمۇ قايىل. رونالدونىڭ بولسا تالانتىنى سۆزلەش ھاجەتسىز.(كۈلكە) ››

2000-يىلىدىكى مادرىد بىلەن ۋالۈنسىيە ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇزغانلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىىدە مادرىد كوماندىسى 3-0 پەرىق بىلەن ۋەلۈنسىيە كوماندسىىنى مەغلۇب قىلىپ ئۇزغانلىق لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ۋاقىتتا دەل موشۇ مىكمانمەن 2 توپ ئۇرۇپ مادرىد كوماندسىنى غەلبىگە باشلىغان. ئۇ ئەينى چاغنى ئەسلەپ :‹‹ بىز 14 يىل ئىلگىرى ئۇزغانلىق لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ئىدۇق. مانا ئەمدى بىز لىسبۇنغا كەلدۇق. مادرىد كوماندىسى بىرلىكتە ئىتىپاقلىشىشىغا مۇھتاج. ›› دېدى .



psb.jpg



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 20:50:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىدقا ئامەت تىلەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 20:51:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوغان قۇلاقنى ئىگىز كۆتۈرشىڭنى ئۈمۈد قىلمەن مادرىد
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:01:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر  شىنجاڭ  تەڭرىتاغ  يىلتىزى   1-0نەتىجە  بىلەن   ئالدىدا   تۇرىۋاتىدۇ  ھازىر 70مىىنۇت  بولدى  مۇستاپا  مەيدانغا  چۇشتى  .بارى  كورۇنمەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:04:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
75 مىنۇت  بولدى  نەتىجە  ئۇخشاشلا  1-0  شىنجاڭ  ئۇستۇنلوكتە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:05:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىئال مادرىد ھۇررا ! ئۆزىنى چاغلىماي قالغانلارغا ئۇلارنىڭ كىم بىلەن تۇتۇشۇپ قالغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ قوي. . .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:05:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ... بۇ ئككى كوماندىغا بىرنىمە دىمەك بەك تەس جۇمۇ.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:06:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلانىڭ رەقىبىنى يىڭىش ئىستكى بىر بىرسىدى  كۇچلۇك   بۇ مۇسابىقە  مادرىد ئۈچۇنمۇ ھەم ئاتلىتكا ئۈچۇنمۇ  بىر تارىخى مۇسابىقە بولشىدا گەپ يوق
مادرىد ئامەت تىلەيمەن 10 قىتىملىق لوڭقا ئۈچۇن ئالغا 12 يىللىق نۇمۇسنى يۇيۇش ئۈچۇن ئالغا  ھامان ئىسپان بوتبولچىلقىنىڭ غالىبىيەتچىسى بولۇش ئۇچۇن ئالغا  بۇتۈن بۇتبول دۇنياسىغا مادرىدنىڭ قانداق كوماندا ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ قوي .
ئالغا مادرىد ئالغا  رونالدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:07:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇرئەت829 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-24 21:01
ھازىر  شىنجاڭ  تەڭرىتاغ  يىلتىزى   1-0نەتىجە  بىلەن   ئالد ...

كورۇش ئادرىسىنى يوللاڭلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:11:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
82  مىنۇت  نەتىجە   1-1  شىنجاڭ   تەڭلىشىپ  قالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:24:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇرئەت829 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-24 21:11
82  مىنۇت  نەتىجە   1-1  شىنجاڭ   تەڭلىشىپ  قالدى

نەتىجە    قانداق    بولدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 21:45:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رېئال مادرىد ئالغا! رونالدونىڭ قالپاق كىيشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 11:19

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش