akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2804|ئىنكاس: 47

ياۋروپادىكى قىزىل ئالۋاستى- بېلگىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-24 20:10  

ياۋروپادىكى قىزىل ئالۋاستى- بېلگىيە


belgium.gif



بېلگىيە پادىشاھلىقى   Kingdom of Belgium  
پايتەخت: بېريۇسسېل(ياۋرۇپانىڭ پايتەختى دەپ نامى بار)، ئاھالىسى 1مىلىيۇن 510مىڭ
زىمىنى 30مىڭ528 كۇۋادىرات كىلومېتىر
ئاھالىسى: بېلگىيەنىڭ 2011-يىللىق نوپۇسى   11مىلىيۇن 31مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 58%نى  فلېمىڭ(گوللاند تىلىدا سۆزلىشىدىغان بېلگىيىلىكلەر)، 31%نى ۋاللونلار(فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان بېلگىيىلىكلەر) ، 2%نى گېرمانلار، 9%نى كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ.ئۈچ خوشنا دۆلەتنىڭ تىلى- گوللاند، فرانسۇز ۋە گېرمان تىللىرى دۆلەت تىلى.
دىنى : ۋاللونلار كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ. فلېمىڭلارنىڭ 70% كاتولىك دىنىغا 30% پروتىستانت دىنى مارتىن مەزھىبىگە ئىشىنىدۇ.
پۇلى:ياۋرۇ.

54345.jpg

ئىقتىسادى:  2006 -يىلى بېلگىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 350مىليارت326مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا34081دوللار توغرا كەلگەن. بېلگىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 2%-3% بولۇۋاتىدۇ.
دۆلەت بايرىمى:( 1831-يىلى)7 -ئاينىڭ 21-كۈنى، بېلگىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بىر پۈتۈن مەمۇرى بىرلىك سۈپىتىدە گوللاندىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەققىل بولغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى: بېلگىيە زىمىنى گۇتلارنىڭ(گېرمان تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى) ئانا زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇن ھۇنلار پاراكەندىچىلىك سالغان. مىلادىدىن كېيىن رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ چېگرا زىمىنى بولغان. 2-ئەسىرلەردىن كېيىن شىمال ۋە جەنۇپتا ئايرىم ئايرىم كېنەزلىكلەر ۋە بەگلىكلەر قۇرۇلغان، 14-ئەسىردىن كېيىن ۋاللونلاردىن كېلىپ چىققان لىبورلاند پادىشاھلىقى بېلگىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئىككى ئەسىر ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن، 16-ئەسىردىن كېيىن ئىسپانىيە، ئاۋستىرىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيىلەر بېلگىيەنى نۆۋەت بىلەن بېسىۋالغان. 1830-يىلى بېلگىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1993-يىلى پايتەخت بېريۇسسېل، ۋاللونلار ۋە فلېمىڭلار ئولتۇراقلاشقان رايوندا فىدىراتسىيە يولغا قويۇلغان.  
بېلگىيە  ياۋرۇپا ئىتىپاقىنى قۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئىگىلىكى تەرەققى قىلغان، نوپۇسى زىچ، يېرى مۇنبەت باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئاھالىدە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى 1938-يىلىلا ئۇمۇملاشقان. ئاھالىنىڭ 29% ئالى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە. 2006-يىلى بېلگىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %1، سانائەت %24، مۇلازىمەت %75نى ئىگەللىگەن بولۇپ . -2005يىلى مۇقىم تېلفون ئابونتى 4مىلىيۇن801مىڭ، يانفون ئابونتى 9 مىليۇن446مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 5مىلىيۇن 100مىڭ بولغان.


1281098693.JPG

بېلگىيە دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كۇماندىسى يارروپانىڭ غەرىبىيگە قايلاشقان بولۇپ بېلگىيە پۇتبولچىلار جەمئىيتى باشقۇردۇ،بېلگىيە دۆلەت  كۇماندىسى ياۋروپادىكى كىچىك دۆلەت بولسىمۇ خەلقئارا پۇتبول سەھىنىسىدە شۆھرىتى جوڭگو،روسىيە ،ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنى بىسىپ چۈشىدۇ، بېلگىيە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-40 يىللىرىدا دونيا لوڭقىسىنىڭ دائىملىق مىھمىنى ئىدى،ئۇلارنىڭ دونيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 1986-يىلىدىكى مېكسىكا دونيا لوڭقىسى بولۇپ 8 كۈچلۈكتە ئىسپانىيە دۆلەت كۇماندىسىنى شاللاپ 4 كۈچلۈككە كىرىدۇ،4 كۈچلۈكتە مارادونا  باشلىقىدىكى كۈچلۈك بولغان ئارگېنتىنا كۇماندىسىغا 2-1 نومۇر بىلەن ئوتتورۇۋاتىدۇ،3-4 چىلىكنى تالىشىشتا فرانسيە دۆلەت كۇماندىسىغا ئوتتۇرۇپ قويۇپ شۇ نۆۋەتلىك دونيا لوڭقىسىدا 4 بولۇپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇ،ياۋروپا لوڭقىسىدا 1972 -يىلى ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزگەن مۇسابىقىدە ئۈچۈنچى ،1980 -يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولدۇ، ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە بولسا 1900-يىلى مىس مىدالغا، 1920-يىلىدا ئالتۇن مىدال ئىلىپ  ئونتۇلغىسىز ياخشى نەتجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ياخشى نەتىجىلىرىدى پۇتبول مەستانىلىرى ئۇلارغا «ياۋروپادىكى قىزىل ئالۋاستى» دەپ نام بىرىدۇ.

160341mpqoiurj4qpwhpjb.jpg

دۆلەت كۇماندىسىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيمى-قىزىل مايكا، قارا كالتا ئىشتان،سېرىق پايپاق بولۇپ بۇنى شۋېتىسيە بىلەن قاتار ھەمكارلاشقان داڭلىق ماركا BURRDA تەنتەربىيە تەمىنلىگەن،بۇ  قارا، قىزىل،سېرىق رەڭ بولسا دۆلەت بايرىقىغا سىموۋۇل قىلغاندىن سىرت قارا رەڭ 1830 يىلىدىكى مۇستەقىلىق ئورۇشىدا قوربان بولغانلارنى ئەسلەش بولسا، سېرىق رەڭ دۆلەت بايلىقى ھەم مول بولغان يىزا ئىگىلىكىنى  ، قىزىل رەڭ ۋەتەنپەرۋەر جەڭچىلەرنىڭ ئىسسىق قىنىغا كەلگەن غەلبىنىنى سىمۇۋۇل قىلغان.

380faaff5acab8c8285.jpg

20144917103666.jpg

بېلگىيە دۆلەت كۇماندىسى 2002-يىلى ئاسيادا كورىيە بىلەن ياپونىيە بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈلگەن دونيا لوڭقىسى 8\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كۇماندىسى بىلەن مۇسابىقگە چۈشۈپ شالىنىپ كىتىدۇ شۇنىڭدىن كىيىن  بىلگىيە دۆلەت كۇماندىسىنىڭ كۈچ ئارقىغا قاراپ چىكىنىدۇ. 2004-يىلى 2008-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسى  مۇسابىقىسى بىلەن 2006-يىلى 2010-يىلىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالماي سىرتتا قالدۇ، لىكىن موشۇ يىقىنقى يىلدا بېلگىيە كەسپى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تىز ئارىدا جوش ئورۇپ يۈكسىلىشگە ئەەىشىپ  پۇتبول چولپانلىرىنىڭ  بارلىققا كىلىشى بېلگىيە  پۇتبولچىلىقىنىڭ چوڭ مۇسابىقلەرگە قاتنىشىش ئۈمۈد ئارزوسى قايتىدىن ئويغونىشقا باشلىدى، بۇ چولپانلاردىن 2012-يىلى يازدا لىر كۇماندىسىدىن ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى چېلسى يۆتكەلگەن ئازار، ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ  بۇ يىللىق چېمپىيۇن كۇماندا مانچىستىر  شەھىرىدىكى ھەم دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى كومپانىي، توتىنھام كۇمادىسىدىكى ۋرتوڭخىن ، ئارسىنال كۇماندىسىنىڭ كاپىتانى ۋىرمالىن ، مانچىستىر بىرلەشمىسىدىكى فولەينى، 2012-يىلى يازدا 40 مىلىيۇنغا بىنفىيكادىن زېنىت كوماندىسىغا يۆتكەلگەن ۋىينىل، تۇتىنھام كۇماندىسىدىكى دىمىسلى، چېلسى كوماندىسىدىن ئىۋىرتۇن كۇماندىسىغا ئىجارىگە بىرىلگەن  كىچىك ئالۋاستى لوكاكو، چېلسىدىن بىرىمىنغا ئىجارىگە بەرگەن دويونى قاتارلىق ماھىرلارنىڭ يىتىلپ چىقىشى بىلگىيە دۆلەت كۇماندىسىنىڭ ئارزو ئارمانلىرىنى قايتىدىن ئويغاتتى.


93596979.jpg


2014-يىلى دونيا لوڭقىسى ياۋروپا ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە بېلگىيە كۇماندىسى گورۇپىدا 8 مەيدان ئوتۇپ 2 مەيدان تەڭلىشىپ كىرودىيە، سېربىيە،شودلاندىيە، ۋىلشىل ھەم ماكودىنىيە كۇماندىلىرىنى بىسىپ گورۇپىدىن بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرماسلىقتەك ياخشى نەتىجە بىلەن 12-يىلدىن كىيىن بىرازىلىيە دونيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش بېلىتىنى قولغا كەلتۈردى، بولارنىڭ بۇ ئوت كۈچۈگە قارىغاندا بۇ قېتىمقى دونيا لوڭقىسىدا قارا تولپار بولۇپ مۇسابىقىلەردىن ئوت چىقىرۋىتىشىدە گەپ يوق.

20131014119385089770.jpg

134925437262062.jpg


بېلگىيە برازىلىيە دونيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە كىرودىيە،سېربىيە،شوتلاندىيە بىلەن بىر گورۇپغا بۈلۈنۈپ بىرمەيدانمۇ ئوتتۇرماي (8ئوتۇق2تەڭلىشىش)9 مەيدان مۇسابىقىدە 17 توپ ئورۇپ 3 توپ كەتكۈزدى،بۇ برازىلىيە دونيا لوڭقىسىنى ھېسابلىغاندا بېلگىيە دۆلەت كۇماندىسى دۇنيا لوڭقىسى  تارىخىدا 11 قېتىم دونيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ چەمبىرىكىگە كىرگەن،1986-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە بېلگىيە كۇماندىسى 6 قېتىم ھەل قىلغۇچ چەمبىرىكىگە كىرگەن بولۇپ گېرمانىيە،ئىتالىيە،ئىسپانىيە، برازىلىيە ۋە ئارگېنتىنا كۇماندىسىدىن قىلىشمىگىدەك نەتىجىگە ئىرىشتى.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە بېلگىيە دۆلەت كۇماندىسىنىڭ سەپ شەكىلىدە لوكاكو (20ياش) بىلەن بىنتىك(23ياش) قاتارلىق ياش تالانىتلىقلار بار بولۇپ ھوجۇمىنى ئۈستىگە ئالغان ئۇلار ئىككى پەسىلدە ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ئىپادىسى ياخشى بولغان،بىنتىك ئاسىدون ۋېللا كۇماندىسىدا 58 مەيدان مۇسابىقىگە چىقىپ 28توپ ئورغان، لوكاكو ئېۋىرتۇن كۇماندىسىغا بارغاندىن كىيىن 21 مەيدان مۇسابىقىگە چىقىپ 10 توپ ئورغان(ئالدىنقى پەسىل غەرىبيمۇۋىچ كۇماندىسىدا 35مەيدان مۇسابىقىدە17 توپ ئورغان)،ئوتتۇرا مەيداندا بولسا ئازار بار بولۇپ بۇ قېتىملىق دونيا لوڭقىسىغا كىرىشتە تۆھپىسى ئىنتايىن زور بولغان، ئۇنىڭ چېلسىدىكى ئىپادىسمۇ ياىشى بولۇپ 13 توپ ئورۇپ 7 پاس چىقارغان ئۇنىڭدى قالسا دۆلەت كۇماندىسىنىڭ كاپىتانى كومپانىي بىلەن موئاۋىن كاپىتان ۋان بويتىڭ ئوتتۇرا مەيدان بىلەن بىرگە موداپىيەنىمۇ ئۈستىگە ئالغان،يەنە فىلىتىڭ ،ۋىرمالىن بىلەن ئاردىۋلىيىتتەك مۇنەۋەر مۇداپىيەچىلەرمۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى بىلە ئېنگلاد بىرلەشمىسىدە قاپقىچىلىق ۋەزىپىسىنى ئىلۋاتقان مىينولەي بىلەن كوردوۋا قاتارلىق پۇتبولچىلارنىڭ ئىپادىسىگە قارىغاندا  بۇ يىللق قارا تولپار دىگەن  نامىغا چۈشلوق ئەڭ مونەۋۋەر سەپ شەكىلى بوللالايدۇ.

بېلگىيە دۆلەت كۇماندىسىدىكى داڭلىق پۇتبولچىلار.

100448517_00000000378625a2.jpg

جان.كېئولېمانى

كېئولېمانى پۇتبول  ھاياتىدا لىرىس SK كۇماندىسى بىلەن بېريۇسسېلKV كۇماندىسىدا توپ تەپكەن،ئۇ 1980-يىلرىدا بېلگىيە دۆلەت كۇماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولغان،1978-يىلى  يازدا بېلگىيە ئىچىدە ئەڭ يوقۇرى 350مىڭ 600يۈز ياۋرو يۆتكۈلۈش رېكۇتى بىلەن  بېريۇسسېلKV كۇماندىسى بارغان.
1980-يىلى جان.كېئولېمانى بېريۇسسېلKV كۇماندىسىدا يۇرتداشلىرى بىلەن تەڭ كۈچ چىقىرىپ بۇ كۇماندىنىڭ ياخشى نەتىجەلەرگە ئېرىشىشگە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىنى قوشۇدۇ،ئۇ شۇ پەسىلدە 29 توپ ئورۇپ بېريۇسسېلKV كۇماندىسى بېلگىيە بىرلەشمىسىنىڭ بىرلەشمە چېمپىيۇنقىغا ئىرىشتۇردۇ،  ھەم شۇ يىلدىكى يىللىق باھالاشتا بېلگىيە پۇتبول  ئەپەندىسى بولدۇ.
جان.كېئولېمانى ئۆمۈرىدە  بېلگىيە  دۆلەت كۇماندىسىغا ۋاكالىتەن 96 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، (بېلگىيە دۆلەت كۇماندىسىدا ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان پۇتبولچى بولۇپ رېكوت يارىتىدۇ)1982-1986-ۋە 1974-يىللىرى ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بېلگىيە كۇماندىسىنىڭ 1986-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە يىرىم ھەل قىلغۇچقا كىرىشىدە  زور خىزمەت كۆرسەتكەن.


proxy (1).jpg


ۋينكېنزو .ساكيف

ساكيف بېلگىيە تارىخدىكى ئەڭ نوچى(ئولۇغ دىگەن گەپنى ئىشلەتكىم كەلمىدى) پۇتبولچى ئۇ 1966-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى بېلگىيەنىڭ لوۋىيردا توغۇلغان، ئاتا-ئانىسى ئىتالىيەلىك كۆچمەنلەر بولۇپ بېلگىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.
ساكيىف  كىچىك چىغىدىن باشلاپلا  كوچىدا توپ تەپكەن ، 7 ياش چىغىدا بىر پۇتبول كولۇبىغا ئەزا بولغان ، ئۇ بۇ كۇماندىدا ئنىڭ چاققانلىقى مەيداندىكى ماھارىتىنىڭ ياخشىلىقغا قاراپ سەبداشلىرى ئۇنىڭغا«كىچىك پېلى» دەپ نام بەرگەن.
1983-يىلى 8-ئايدا ساكيىف ئاندىرلېخىت كۇماندىسىنىڭ بىرىنچى سەپكە قاتنىشىپ بارسېلونا كۇماندىسى بىلەن بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ،شۇ چاغلاردا بارسېلونا كوماندىسىدا داڭلىق چولپان مارادۇنا  بار ئىدى، بۇ بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە ساكيفنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ 3 توپ ئورۇپ قاپاق كىيىپ قويدۇ شۇ چاغدا ئو ئەمدىلا 17ياشتا ئىدى،بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئاندىرلىخىت كۇماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ۋان شېمىستىرنىڭ ئىشەنچسىگە ئىرىشىپ بىرلەشمە مۇسابقىلىرىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىدۇ، ئونىڭ مۇسابىقلەردە  بەدەن سۈپىتى ، سۈرئىتى، يالغان ھەركتى ھەم توپنى ۋارتاغا كۈچەپ تىپىشى دۆلەت كۇماندىسىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ،ئۇ 1984 -يىلى بېلگىيە دۆلەت كۇماندىسىغا قاتنىشىپ شۇ يىلدىكى فرانسىيە ياۋروپا لوڭقسىغا قاتنىشىدۇ.
1984-يىلى 18ياشقا كىرگەن ساكيف بېلگىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالىنىدۇ،1986-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا 20ياشقا كىرگەن ساكىيف دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان بولۇپ بېلگىيە دۆلەت كۇماندىسىنى يىتەكلەپ دونيا لوڭقىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا ئىلىپ كىرىدۇ، 1987 -يىلى ساكىيف ئىنتىر مىلان كۇماندىسىغا يۆتكۈلىدۇ، لىكىن بىر يىلدىن كىيىن ئايرىلىدۇ، ئۇ شۇنىڭدىن كىيىن بوردۇ، ئوۋسىل ، تورىن، موناكۇ قاتارلىق كۇماندىلاردا توپ تىپىدۇ.
1990-يىلى دونيا لوڭقىسىدا ماتائۇس بىلەن كۈمۈش توپ مىدالىغا ئىرىشىدۇ، 1997-يىلى ئۇ ئانا كۇماندىسى ئاندىرلېخىت كۇماندىسىغا  قايتىپ كىلىدۇ،2000-يىلى ئۇ ئاندىرلېخت كۇماندىسغا ئۆزىنىڭ 4 قېتىملىق بىرلەشمە چېمپىيۇنلۇقىنى ئىلىپ بىرىپ پۇتبول ھايتىدىن چېكىنىدۇ.

1024320409910.jpg



مارك ۋىلموس

ۋىلمۇس بېلگىيە دۆلەت كۇماندىسىغا ۋاكالىتەن 70 قېتم مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، ئۇ 4 قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ چەمبىرىكىگە  قاتناشقان،2002-يىلى دۇنيا لۇقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە 10 مەيدان مۇسابىقىدە 8 توپ ئورغان،ئۇنىڭ 2002-يىلى دۇنيا لۇڭقىسى مۇسابىقىسسى گورۇپىسىدا روسىيە بىلەن بىر گورۇپىغا بۈلۈنۈپ گورۇپىدىن ئوڭوشلۇق چىقىپ 16 كۈچلۈككە كىرىدۇ،ئۇ 4 مەيدان مۇسابىقىدە 5 توپ ئورۇپ بېلگىيە دۆلەت كۇماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن بولۇپ قالدۇ.
ۋىلمۇس 1969-يىلى بىر دىقان ئاسئىلىسىدە دۇنياغا كىلىدۇ،16 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ تىلۇدىك كۇماندىسى بىلەن توختام تۈزۈپ پۇتبول ھاياتىنى باشلايدۇ،1988-يىلى بېلگىيە يىللىق باھالاشتا ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش  شەرىپىگە ئىرىشىدۇ. 1989-يىلى ماگىلان كۇماندىسىغا يۆتكۈلدۇ ھەم بىرىنچى پەسىلدىلا كۇماندىنى يىتەكلەپ بىرلەشمە چېمپىيۇنى بولۇدۇ.
1990-يىلى 5-ئايدا ۋىلمۇس بىرىنچى قېتىم دۆلەت كۇماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ،ئۇ 1990-يىلى ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسغا قاتناشقان بولسىمۇ مەيدانغا چۈشۈش پورسىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ.
ۋىلمۇس ئەڭ ئاخىرقى بىكىتىدە (Standard Liege)ستان دوراد لئىينگى كۇماندىسى بىلەن 4 يىللىق توختام تۈزۈپ بېلگىيە دۆلەت  ئىچى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئىرىشىدۇ،1994-يىلى ئامېرىكا دۇنيا لوڭقسىدا ئىپادىسى ياخشى بولمىغاچقا دۆلىتىگە قايتىپ كىلىشىگە مەستانىلارنىڭ بىسىمىغا ئوچۇراپ  شۇ يىلى دۆلەت كۇماندىسىدىن چىكىنگەنلىكىنى جاكارلايدۇ.
2012-يىلى 6-ئايدا بېلگىيە پۇتبول جەمئىيىتى مارك ۋىلمۇسنى  بىلگىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرىقا تەيىنلەيدۇ ئونىڭ توختامى 2014-يىلى دونيا لوڭقسى ئاياقلاشقىچە بىكىتىلگەن.


بىلگىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى مارك ۋىلموس


bacd5350d9afe46dc47d1ebaf37307f817.jpg


بېلگىيە دۆلەت كۇماندىسىدىكى ھازىرقى داڭلىق پۇتبولچىلار.

SXRB201311211622000235810624223.jpg

2013090309244367434.jpg

20140402083810911.jpg

5246057_821000.jpg

0G93233O62.jpg

2P50SIZ8.jpg

bmiddle-7097012c73ba1e05684e247cfa5acdfe1be0c900.jpg


بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 24 كىشىلىك تىزىملىكى:



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
توپ تەپكۈچى + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 15:13:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرلىك تىما   بىلمىگەننى  بىلۋالدىم   تىما ئىگسىگە  رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 15:15:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا   كۇچلۇكتە   بۇلارنىڭ     تېرنېرى   كىمدۇ      ھە    راس     شىنجاڭ     كوماندىسىنىڭ    مۇسابىقىسى    قانچىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 15:18:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە  رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 15:18:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ronaldo922 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-24 15:19  

مادىرىد رىقابەتنىڭ ۋارتاسىمۇ مۇشۇ بىلگىيەلىكما
02-يىلدىكى  دۇنيالوڭقىسىدا بىرازىليەنىڭ چىكىسىدىن تەر چىقىرۋەتكەن مۇشۇ بىلگىيە ، بۇيىل ئىسپان ، گىرمان ، ئارگىنتىنا دىگەنلەرنىڭمۇ چىكىسىدىن تەرچىقىرۋىتىشىنى ئومۈت قىلمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 15:34:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل  بېلگىيلىكلەرنىڭ  سەپ شەكلى بەكلام  قورقۇنۇشلۇق . چولپان  دىگەن ساماندەك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 15:35:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  يېل  مۇشۇ  تازلار  چاتاق  چىقىرىپ  قويشى  مۆمكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 15:36:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-24 15:45  

بىلگىيەنىڭ توپچىللىرى ياش تونۇلغان چولپانلار جىق ... بىلگىيە بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا قارا تۇلپار بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ... ياخشى تىما بوپتۇ ...  بۇ بىلگىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ خەنچە توربىتى : http://sports.letv.com/zt/belgia ... x.shtml#_widget_648
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 15:46:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-5-24 15:35
بۇ  يېل  مۇشۇ  تازلار  چاتاق  چىقىرىپ  قويشى  مۆمكىن

‏مەھمۇدىيەكا مەن قاچانغىچە تاماشىبىن دەرىجىسىدە تۇرامەن؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 15:57:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل بۇلادا زادى ئۈمۈت با  تىخى پورتۇگالىيە بىلەن ھەل قىلغۈچنى ئوينامدۇ(خىيال سۈرۈپ قويدۈم تىللاپ كەتمەڭلا)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 16:01:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچىستىردىكى جانۇزايمۇ 23 كىشلىك تىزىملىكتە بىرازىلىيەگە باردىغۇ دەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 16:03:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىراس يوللىغان ۋاقتى  2014-5-24 16:01
مانچىستىردىكى جانۇزايمۇ 23 كىشلىك تىزىملىكتە بىرازىلى ...

ھە ئە ئۇنمۇ ئاپىرمىز داۋاتاتتى، بولسا كىچىك  ئازارنىمۇ قوشۇپ ئاپاغان بولسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 02:39

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش