بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jasur007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-24 06:39
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
پىپى مەشىقنى تۇلۇق ئاخىرلاشتۇرالمىدى ، ھەل قىلغۇچقا قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن
شۇ يەر ۋاقتى 23-چىسلا كەچتە رېئال مادرىد كوماندىسى لىسسابونغا كەلگەندىن كېيىنكى بەدەن تەييارلىق مەشىقىنى باشلىۋەتكەن ، كوماندىدىكى ئوتتۇرا مۇداپىئەچى پىپىمۇ كوماندىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە مەشىق قىلغان ، بىراق ئەسلىدىكى كونا يارىسى قوزغىلىپ قېلىپ مەشىقنىڭ تۇلۇق تاماملىيالمىغان ، قارىغاندا ھەل قىلغۇچقا قاتنىشالماسلىقى مۇمكىنكەن .
يەنە باشقا ئەزالاردىن كىرىستىيانو رونالدو مەشىققە تۇلۇق قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ ھالىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ، ھېچقانداق ئاغرىق تەسىرى يوقلىقىنى ئېيتقان ، بېنزىمامۇ دوختۇرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەشىققە قاتنىشىپ ئاخىرىدا مەشىق مەيدانىدىن خوشال ھالەتتە ئايرىلغان ، قارىماققا ئۇنىڭ ئەتىكى ھەل قىلغۇچقا قاتنىشالايدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى .
كوستا ھەل قىلغۇچقا تەييارلىنىپ بولدى
مادرىد ئاتلېتكو تەرەپتىن كوستانىڭ ھەل قىلغۇچقا قاتنىشالايدىغان-قاتنىشالمايدىغانلىقىغا دائىر يېڭى خەۋەرلەر ئۈزلۈكسىز چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ ، ئەڭ دەسلەپتە ئۇنىڭ سالامەتلكىنىڭ ئاز بولغاندىمۇ ئىككى ھەپتىلەردە ئەسلىگە كېلەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلگەن ، كېيىن ئۇنىڭ بېلىگرادقا بېرىپ مەخسۇس مۇتەخەسسىسكە كۆرۈنگەنلىكى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ ناھايىتى تېز بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر بېرىلدى ، بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىغاندا كوستا ئايرىم ھالەتتە رەسمىي مەشىققە چۈشكەن ، ھەمدە ئارقىمۇ-ئارقا ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ قېتىملىق تىببىي سىناقتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن بولۇپ سىمونىنىڭ باشقا ئەزالار بىلەن بىرلىكتە مەشىق قىلىشىغا رۇخسەت بېرىشىنى كۈتۈپ قالغان ، بەلكىم ئۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۇرۇن دېيىلگەندەك زاپاس ھالەتتە ئەمەس بەلكى ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە قاتنىشىشى مۇمكىنكەن .
تۈركىيەلىك چولپان ئاردا تۇران كوماندا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە مەشىققە چۈشكەن بولۇپ ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەزا بولۇپ چۈشۈشى مۇقىملىشىپ قالغان .
قوشۇمچە خەۋەر : مادرىد ئاتلېتكا ئەزالىرى لىسسابونغا يېتىپ ككېلىپ مەشىقنى باشلىۋەتتى
|