akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1230|ئىنكاس: 24

چىملىقتىكى پارلاق يۇلتۇز - پەرھات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ballack16 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-25 18:05  

چىملىقتىكى پارلاق يۇلتۇز - پەرھات ،،،،

1.jpg
شىجاڭ پۇتبۇلچىلىغى تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇشىغا كىرگەن ھازىرقى مەزگىلدە ، ھەر بىر پۇتبۇل سۆيەر ئۇزىنىڭ پۇتبۇل ئارمانلىرى ئۇچۇن تۇختىماي ئېزدىنىۋاتقان   ، ئۇيغۇر پۇتبۇلى ئۈچۈن تۇختىماي كۈش چىقىرۋاتقان پۇتبۇلچى يىگىتلىرىمىز ئۇچۇن ئۇز مىللىتىمىزدىكى پۇتبۇلچىلار تۇغۇرسېدا تۇلۇق مەلۇماتقا ئېگە بۇلساق دەپ ئۇيلايمەن   ،
مەن بۇگۇن مۇنبەردىكىلەرگە ھەم تۇنۇش ھەم ناتۇنۇش بۇلغان بىر يىگىتنى تۇنۇشتىرمەن ئۇ بۇلسىمۇ جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى چىڭداۋ دېڭىز كالىسىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى پەرھات .

ئىسمى - پەرھات
تۇغۇلغان ۋاقتى - 1989-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۇنى
تۇغۇلغان جايى -غۇلجا شەھىرى
بوي ئىگىزلىكى - 177  ، ئېغىرلىقى 69 كلۇگىرام
مەيداندىكى ئۇرنى -ھۇجۇم
ھازىرقى تەۋە كۇماندىسى - چىڭداۋ دېڭىز كالىسى
كىيىم نۇمۇرى -19 -نۇمۇر
0.jpg
ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ،
2004-يىلى دۆلەتلىك 15 ياشتىن تۇۋەنلەر بىرلەشمىسنىڭ چېمپىيۇنى  ، 2005-يىلى 10-ئايدا دۆلەتلىك 17 ياشتىن تۇۋەنلەر بىرلەشمىسنىڭ چېمپىيۇنى ، 2005-يىلى 11-ئايدا ئۈستۈنلۈككە ئىرىشكۇچىلەر لۇڭقۇستا 4-  ، 2006-يىلى 1-ئايدا دۆلەتلىك پۇتبۇلچىلار جەمىيتى لۇڭقۇستا 2-بۇلغان ، 2013-يىلى چېڭداۋ كالىسى بىلەن جۇڭگۇ ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى قۇلغا كەلتۇرگەن ،
2.jpg
قىسقىچە تۇنۇشتۇرلىشى - پەرھات غۇلجىدىن شەندۇڭ لۇنىڭ  پۇتبول  مەكتىپىگە پۇتبۇل ئارمانلىرى ئۇچۇن ئۇقۇشقا بارغان بۇلۇپ ، ئالاھىدە نەتىجىسى بىلەن ئاسانلا ئىشكىر -ئۆلكىلەردە كۆزگە كۇرۇنگەن ھەم ھازىرغىچە ئۈز ئارزۇ ئارمانلىرى ئۇچۇن كۇرەش قىلىۋاتىدۇ ،
پەرھات  12يېشىدىن باشلاپ 18 يېشىغىچە لۇنىڭ پۇتبۇل مەكتىپىدە ئۇقۇغان خېلى مۇنتىزىم تەربىيلەنگەن  ، 2007-يىلى شىنجاڭغا كېلىپ ئەينى ۋاقىتتىكى شىجاڭ تەنتەربىيە لاتاريەسى كۇلۇبىدا بىر يىل تۇپ تەپكەن ، 2008-يىلى تېخىمۇ يۇقىرى نىشانلىرنى كۇڭلۇگە پۇككەن ھەمدا قازاقىستانغا چىقىپ بىر يىل كەسپى بىرلەشمىدە تۇپ تەپكەن ، 2009-يىلى تۇركىيەگە بىرىپ ئىستانبۇلدا گۈنگۆرەن تەنتەربىيە مەشىق بازىستا بىر يىل مەشىق قىلىپ دۆلىتىمىزگە يىنىپ كىلىپ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە  گۈيجۇ رېنخىدا سىناق مەشىققە قاتنىشىپ كۇلۇپ تېرنىرلىرىگە ياراپ تۇختام تۇزىدىغان ۋاقىتتا مەشىق جەريانىدا سۇل پۇتى يارلانغانلىقى سەۋەبىدىن دەرىجە تاشقىرى بىرلەشمىنى ئۇيناش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان .
3.jpg

2013-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ب دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى يېڭى قۇرۇلغان چىڭداۋ دېڭىز كالىسى بىلەن تۇختاملىشىپ جۇڭگو دىكى رەسمىي كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان ،2013-يىلى ب دەرىجىلىك بىرلەشمىدە 7 مەيدان مۇسابىقىدە 1 تۇپ ئۇرۇپ 5 ياردەمچى پاس بىرىپ كۇماندىسنىڭ رەقىپلىرنى يىڭىش ئۇچۇن زۇر تۇھپىلەرنى قۇشقان .
پەرھار ھازىر ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىنى ئۇينىماقتا  ، پەرھاتنىڭ بەدەن ساپاسى ياخشى ھەركىتى تېز تۇپ تالىشىشى تېخنىكىسى يۇقۇرى ، ئۈز ئۇغلانىمىز پەرھاتنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرغا مۇشۇ تېما ئارقىلىق ئۇتۇق تېلەيمىز ، ھەم تۇختىماي ئالغا ئىلگىرلەپ پۇتبۇن دۇنياغا ئۇيغۇر دىگەن ئۇقۇمنى ياخشى تۇنۇشتۇرۇپ قۇيشىنى ئۇمۇت قىلىمىز ،

مۇنبىرىمىزدە ھەقىقەتەن ياۋرۇپالىق تۇپچىلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇش ئارخىپى جىق لېكىن ئۇز مىللىتىمزدىكى ئۇيغۇر ئۇغلانلىرىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرشى ئاز شۇڭا مۇنبەردىكى يازغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدەك بۇشلۇقنى تۇلۇقلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 03:51:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسپى پوتبۇلچى بولماي تۇرۇپلا چولپان بولۇپ بولغان بالا ئىدى بۇ .  دۆلەت ياشلار كوماندىسىدىكى ۋاقتى ئالتۇندەك  ۋاقىتلىرى ئىدى   . ئىسىت  . يارلىنىش ھەم  جاھاننىڭ تۈرلۈك تۈمەن ئىشى     بۇ بالىنىڭ  ئىستىقبالىنى بوغۇپ قويدى     ( بۇ ھەرگىز   پو گەپ ئەمەس ،  لۇنىڭدىكى ۋاقتىدا   پەرھاتنىڭ توپ ئوينىشىغا قاراپ ئولتۇردىغان بىر ھۇجۇمچىمۇ   دۆلەت كوماندىسىدا نەچچە يىل تىپىپ چىكىنىپمۇ بولدى )   
  
  پەرھاتنىڭ  ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيىگە  بىرىشىنى بىر خاتا تاللاش دەپ قارايمەن ...( پەرھات بىلەن  كۆڭلى خېلىلا  يىقىن بىر ئاكىمىزنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىشىمچە    تۈركىيىگە مىڭىش ھارپىسىدا ئىچكىردىكى  بىر كۇلۇپ ئۇنىڭ دىرىكىنى خېلىلا قىلىپتىكەن  ،  لىكىن ئۇ تۈركىيىگە چىقىشنى تاللىدى ) . كەسپى پوتبۇلچىغا بولۇپمۇ   ھۇجۇمچىغا نىسبەتەن ياش ئىنتايىن مۇھىم  ،  مۇھىمىنىڭ مۇھىمى دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەس .   

ئەينى ۋاقىتتىكى  لاتارىيە كوماندىسى  كىيىنكى يىلى ئەكرەمنىڭ ئورنىغا بۇنى ئەكەلگەن  .  تۇنجى مەيداندىلا ئىككى توپ ئۇرىۋىدىغۇ دەيمەن .  كىيىنچە لودىڭرىن بىلەن چىقىشالماي قالدى  ، شۇ چاغلار  رونالدىنخۇ ئەنچىلودىنىڭ قول ئاستىدا  زاپاس بولۋاتقان ۋاقىتلا ئىدى    ،  مۇنبەردە  ئىككىسىنى  سلىشتۇرۇپ تىمىمۇ يوللانغان .   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 03:58:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ بالىنى  تونۇيدىغانلار  كۆپ ئەمەس  ، بۇ تىمىنى يوللاپ ياخشى قىلىپسىز  .       ئۆزىنىمىغۇ تەلەيسىزىرەك  كۆرىمەن ،    گۇيجۇغا تاللانۋىدىلا يارلىنىپ قالدى   شۇ قىتىملىقى بەك   ياخشى پۇرسەت ئىدى .  ھەر قىتىملىق سۇ كالىسىنىڭ  خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلىپ تۇرۋاتىمەن  .

پەرھات   !   سەنمۇ شاۋكەت مارادۇنا مەمىتىلىلاردىن كىيىن چىققان غۇلجىنىڭ پەرخىرى  .  ئۆتكۈرگە  ئوخشاش ئىنىلىرىڭ  سىلەرنىڭ ئىزىڭلاردىن ماڭىدۇ   ،   تىرىشىپ  ئىلگىركى يوقاتقانلىرىڭنى   قايتۇرۋالغىن    ، چوقۇم قىلالايسەن  غەيرەت قىلغىن  !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 04:16:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-24 04:23  

ئاڭلىشىمچە تۈركىيىدىمۇ ئۇنىڭ تالانتى  مەلۇم كۇلۇپ تەرىپىدىن  ئىتراپ قىلىنغان . ( بىر يىلدەك تەييارلىق بىرلەشمىدە ئويناپتۇ  )   لىكىن  شۇ كۇلۇپقا ئەزا بولۇپ  تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى  بىرلەشمىسىدە توپ تىپىشنىڭ  ئالدىنقى  شەرتى   -   ئاخىرىدا تۈركىيە گىراژدانى بولۇشقا تاقىلىپ قالغان ئوخشايدۇ .   دىمىسىمۇ  رىقابەت كەسكىن تۈركىيە بىرلەشمىسىدە پۇت تىرەپ تۇرۋاتقان     كەسپى كۇلۇپ   ئانچە نامىمۇ چىقمىغان   ياشقا    ‹‹ باشقا قىتئەدىن توپچى سىتۋىلىش  ›› نىڭ بىر سانىنى     ئىشلىتىشكە  تەۋەككۈل قىلالمايدۇ دە  .       شۇڭا تۈركىيە گىراژدانى بولۇشنى  شەرىت قىلىپتىمىش  
گىراژدان   بولۇپ ئۇ كۇلۇپقا كىرىشكىمۇ مەلۇم ۋاقىت كەتكۈدەك ، كىرگەندىن كىيىن   ياۋرۇپا سەۋيىسىدىكى   تۈركىيە كۇلۇپلىرىدا       ئاساسلىق ئەزا بولۇش ئەمەس   مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى  تاپقۇچىمۇ   بىرەر پەسىل ئۆتۈپ كىتىدۇ ھەقىچان     .   
پەرھاتنىڭ ئورنى ھۇجۇم     ،    چاتاق يىرى     بۇ چاغلار  ئۇ  لونىڭدىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن ۋاقىتلىرى ئەمەس ئىدى  ، نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن    ئۇنىڭ يىشىمۇ   بارغانسىرى    ھۇجۇمچى  تەرەققىي قىلدىغان  ياشتىن تەجىربە توپلايدىغان ياشقا    قاراپ  مىڭىپ بولغانئىدى      .   بۇلارنى كەلگۈسىنى   ياخشى ئويلانغان پەرھات   قايتا باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن قايتىپ  كىلىشنى تاللىدى  ...تەلەيسىز بالا               كىلىپلا    يەنە   سىناق مەشىقتىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتۈپ بولۇپ  يەنە يارلىنىپ قالدى .   

بۇ بالىنىڭ  ھازىرغىچىلىك كەسپى ھاياتى  شامال ئوغلى ئوۋىننىڭكىگە ئوخشاپ كىتىدۇ :    تەڭرى  ئاتا قىلغان تالانىت   ،   كۆز تەگكەندەك   توختىماي يارلىنىش                    
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 05:24:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ماۋزۇسى بەك چوڭ بولۇپ كېتىپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 10:02:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنىمىزنىڭ كېيىنكى سەپىرىنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 10:23:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ يېلپىزىغا موشۇنغا ئوخشاش ئۇيغۇر پۇتبول چولپانلىرىمزنىڭ ھەممىسى يىغىلغان بولسا بۇ يىل ئا دەرىجىلىك مۇسابىقىدە خىلى چېپىپ قوياتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 10:55:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ناھايىتى ياخشى يوللىنىپتۇ ،بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق ئۇيغۇر توپچىللىرىمىز تۇنۇشتۇرۇلغان تىمىلارنىڭ كۆپرەك يوللىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 11:31:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تولا يارلىنىپ  قوپالمىغان  بالا  بۇ …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 13:43:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامەت يار بولسۇن قىرىدىشىمىزغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 14:16:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى يوللىغىنىڭلارغا  رەھمەت. پەرھاتنىڭ  بۇندىن كىيىنكى  ئىشلىرىغا  ئۇتۇق تىلەيمەن  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 16:05:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۋاتىسەن ئۇكام،مۇشۇ ئۇيغۇر پۇتبولچىلار تونۇشتۇرۇلغان  تېمىلار ئاز ئىدى مۇنبەردە،مۇشۇ تۈردىكى تېمىالرنى  سەنلا يوللىساڭ،بۇمۇ  ساڭا خاس بىر تېما يوللاش  ئۇسلۇبى  بولىدۇ.تېخىمۇ تىرىشقىن،سېنى تەبرىكلەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:42

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش