akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2198|ئىنكاس: 62

ماتىراززى ھەقىقى ئىشنى ئاشىكارلىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-23 20:47  

Img399959642.jpg

                   ماتىراززى : كىيىمىڭغا قارىغاندا ھەدەڭنى تېخىمۇ بەك ياخشى كۈرەتتىم - زىدانى !

                           


         ئۈرۈمچى ۋاقتى 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى ئەنگىلىيە تاراتقۇسى « 442 ژورنىلى » نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ ئىلگىرىكى « تۈمۈر مۇداپىئەچىسى » ماتىراززى يېقىندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا :  2006-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە ،فىرانسىيە كوماندىسنىڭ داڭلىق توپچىسى زىدانى تەرىپىدىن كاللا بىلەن زەربىگە ئۇچىراش ئىشىنىڭ تەپسىلاتىنى تۇلۇق ئاشىكارلىغان .شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچتا ، فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە كوماندىسى تار يولدا ئۇچۇرشۇپ قالغان بولۇپ ،بۇ زىدانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئىدى ،مۇسابىقە جەريانىدا ماتىراززىنىڭ ھاقارىتىگە چىداپ تۇرالمىغان زىدانى كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ماتىرازىنى ئۈسۈپ يىقىتقان .باش رېپىر زىدانىغا قىزىل كارتا چىقارغان .كېيىن ئېچىنىشلىق نوقتا توپ جېڭىدە فىرانسىيە كوماندىسى شاللىنىپ كەتكەن .دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن كىشىلەر ماتىراززى بىلەن زىدانى ئوتتۇرسىدا بۇلۇنغان سۆزنى ھەر خىل پەرەز قىلىشقان .تاراتقۇلار ئاستا كۈرۈنۈش ئارقىلىق بىردەك : ماتىرازى زىدانىنىڭ ئاپىسىنى تىللىغان . ھەمدە زىدانىنى « تېرورچى » دىگەن دەپ قارىغان .ماتىرازى ئەينى چاغدىكى ئىشنى ئاشىكارلىمىغان .ئارىلىقتىن 8 يىل ئۆتكەندە « 442 ژورنىلى » بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى كىشىلەرگە تۇلۇق ئېچىپ بەردى .

      ماتىراززى مۇنداق دىگەن : « مۇسابىقە جەريانىدا مەن بىر قېتىم زىدانىغا چاپلىشىپ دىگۈدەك مۇداپىئە قىلىپ ، ئۇنىڭ ئۆرلەپ چىقىپ كاللا توپ ئۈسۈشىنى توسماقچى بولغان .بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ بېلىكىم زىدانىنىڭ بېقىنىغا قاتتىقراق تېگىپ كەتتى .زىدانىمۇ قاتتىق نارازى بولدى .ھەركىتىم ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مەنمۇ شۇ ھامان زىدانىدىن بىر نەچچە قېتىم كەچۈرۈم سورىدىم .ئادەتتە بۇنداق ئىشلار پۇتبول مەيدانىدا كۆپ يۈز بېرىدۇ .بىراق زىدانى بۇنى قۇبۇل قىلالماي ماڭا مۇنداق دىدى « ئەگەر كىيىمىم لازىم بولسا مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا ساڭا سوۋغا قىلىۋىتەي » ماتىرازى : مېنىڭ مەيداندىكى ئورنۇم مۇداپىئە ، ئۆز ۋەزىپەمنى ياخشى ئادا قىلىشىم كېرەك ،سەمىميىتىمنى بىلدۈرۈپ زىدانىدىن شۇ جاۋاپنى ئالغاندىن كېيىن مەنمۇ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دىدىم « كىيىمىغا قارىغاندا ھەدەڭنى تېخىمۇ بەكىرەك ياخشى كۈرەتتىم -زىدانى » شۇ سۆزدىن كېيىن زىدانى كەينىگە ئۆرۈلۈپلا كاللا قۇيىۋەتتى !

U8691P6T12D7177948F44DT20140523101804.jpg

توپ تەپكۈچى تەرجىمىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-24 00:17:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلەن يوللىغان ۋاقتى  2014-5-23 23:00
يەنىلا پىشقەدەم دىگەن باشقىچە بۇلىدىكەن ،مەن قانچە ق ...

‏پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق بىر ھەدىسى بار ئىدى ،،،،(پەيغەمبىرمىز مۇھەممەت سەللاللاۋۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللانىڭ مۇقەددەس ئۈيى كەبىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ، ئېي مۇقەددەس كەبە  سەن نىمىدىگەن ئۇلۇغ نىمىدىگەن ئۇلۇغ ھە ،لىكىن  بىر مۆئمىن مۇسۇلماننىڭ نام شۆھرىتى سەندىن نەچچە ھەسسە ئۇلۇغ )دەپ ،،،،،،،....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-23 22:22:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىراززى ئىتالىيەدە  بىر كەسپىي توپچىغا خاس بىر دەۋرنى ئۆتكۈزۈپ  باقمىغان.
باشقا نۇرغۇنلىغان توپچىلار 14-16-18-21-ياشلىقلار كوماندىسى  دىگەندەكلەردە توپ تىپىپ باققان ۋە شۇ يەردىن  كەسپىي كوماندىلارنىڭ بىرىنچى  كوماندىسىغا قوشۇلغان، ئەمما  ماتىراززى 24 يېشىغىچە ئىشتىن سىرتقى كوماندىدا  توپ تەپكەن، ئۇنى 24 يېشىدا  ئېنتىر مىلان قوتىۋالغان.
28-يېشىغا كەلگەندە، ئىتالىيەدە ئېسىل  بىكلاردىن  نېستا بىلەن كاناۋارودىن  بىلەك بېك قالمىغاندا، زاپاس بېكلىققا بولسىمۇ  دۆلەت كوماندىسىغا ئالغان.
ئەمما دۆلەت كوماندىسىغا كىرسىمۇ ،ئاساس ئەزا بولالمىغان. ئېنتىردىكى  ۋاقىتىمۇ خۇددى  گىروسسودەك بىر نام قازانمىغان  توپچى ئىدى خالاس. شۇڭا ئۇ ئۆىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا  بىر نام قالدۇرۇشنى ئويلاپ شۇنداق  ئۇسۇلنى قوللانغان. ئاخىرىدا  دەرۋەقە مۇرات مەقسىتىگە يەتتى.

ئۇنىڭ مورىنھونى ماختىشىدىكى  سەۋەبمۇ دەل  شۇ، ئېنتىردا  مورىنھودىن ئىلگىرىكى  ترېنېرلار ئۇنىڭغا ئانچە  ئىتىبار بەرمەيتى.
ئۇ  ئىتالىيەدە  كەسپىي پۇتبول  بىرلەشمىسىگە  خاتا  تاللىنىپ  قالغاندەكلا  ئېنتىر تەرىپىدىن  تاللىنىپ  قالغان.
ئەمما كەسپىي توپچى بولۇش  ھاياتىدا  زاپاس ئەزا بولغان ياكى  شۇنداق  قوپال  ھەركەتلىرى بىلەنلا  نام چىقارغان.
ئىتالىيەنىڭ  كەسپىي پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى  بىرداشقال.

ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىغانلىقى، بىر خاتىرە قالدۇرۇپ  قويۇش خىيالى  بارلىقىنى  ئېيتقان.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-23 23:19:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر  شۇنداق  قىلماي    مۇسابىقىنى  داۋاملاشتۇرىۋەرسە  مۇسابىقىدىن  كىيىن   بۇ  ئىتالىيىلىك  بۇ  گەپلەرنى  ئاشكارلاپ  قالسا    ئۇچاغدا  زىدانىنى   غورۇرسىز   ۋىژدانسىز  دەيدىغانلار   جىق  چىقىشى   مۇمكىنتى…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-23 20:30:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغولبالدەك ئىش قىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-23 20:33:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ قىتىمقى مەنزىرە بۈگۈنكىدەك كۆز ئالدىمدا ، شۇ ۋەقە شۇ  قىتىمقى دۇنيا لوڭقىسى  ، فىرانسىيە كوماندىسى ، بولۇپمۇ زىدانىنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئۈچۈن قارا داغ بولۇپ قالغان .
شەرەپسىز ماترازى !!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-23 20:36:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان قىپتۇ، شۇ مۇسابىقىدىن كېيىن ھۆرمەتكە سازەۋەر بولغىنى يەنىلا زىدانى، بۇ نىمە ئۈچۈن ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-23 20:39:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەدە دىگەننىڭ يەنە بىر ئاتىلىشىنى يازغىلى بولمايدىكەن مۇنبەردە .يوللىسام چەكلەنگەن سۆز بار دەپ بەك ئاۋارە قىلدى ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-23 20:39:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىرازى ھۇ نۇمىسسىز ئەبلەغ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-23 20:51:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ تەپكۈچى يوللىغان ۋاقتى  2014-5-23 20:39
ھەدە دىگەننىڭ يەنە بىر ئاتىلىشىنى يازغىلى بولمايدىكەن ...

ۋاي ماۋۇ نىمە خاپىلىق بۇنۇڭدىن كىيىن ئىلىمىي گەپ قىلمايدىغانلا ئامال يوق ئىلمىيلىشىپ كەتكۈدەك ئەمسە ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-23 20:59:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-23 21:01:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلەن قىپتىكەن ئاشۇچاغدا زىداننى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-23 21:01:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلەن قىپتىكەن ئاشۇچاغدا زىداننى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-23 21:05:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقلا بولمىسۇن زىدانى توغرا قىلدى دەپ قارايمەن ، ماتىرازى ئۈزىنى ئاقلاپ شۇنچىلىك دىگەن بولسا ھەقىقى ئەھۋال قانداق تېخىمۇ ناچار گەپلەرنى قىلدىمۇ تېخى بىلگىلى بولمايدۇ ، ھەدەڭنى ياخشى كۈرىتىم دىسە كىمنىڭ ئاچچىقى كەلمەيدۇ ، قۇلىدا پىچاق بولغان بولسا پىچاقنى تىقار بولغېتى ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-23 21:06:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇمشۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-23 21:07  

ئەجەپ ئۈچۈرەلمىدىم بۇ ئىنكاسنى ، راس ئىلمى بۇلۇپ كىتىپتۇ جۇمۇ بۇ مۇنبەر سىستىمىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 11:12

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش