akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1791|ئىنكاس: 49

تارىخ تەكرارلانسا رېئال مادرىد چىمپيۇن بولىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

تارىخ تەكرارلىنىپ رېئال مادرىد چىمپيۇن بولامدۇ ؟




ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى ھېكايىسى ئاياغلاشتى ، قايتىدىن كۈچلەنگەن مادرىد ئاتلېتكا ئىسپانىيەنىڭ ئەنئەنىۋى زەردارلىرى بارسىلونا ، رېئال مادرىدلارنى قارىتىپ قويۇپ تۇرۇپ چىمپيۇنلۇق تەختىگە ئولتۇردى ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىسپان بىرلەشمىسى شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغانلىقىنىڭ 10-قېتىملىقى بولدى ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ رەت تەرتىپ نۇمۇرىغا قارىساق خانلىق بېيتىسنىڭ دەرىجە چۈشۈپ كېتىشى ئېنىق مۇقىملاشتى .



بۇ قاتارلىق ئىشلار كىشىلەرگە ئىختىيارسىز بۇندىن 49 يىل مۇقەددەم ( 1965~1966 ) يۈز بەرگەن بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى ھالەتنى ئەسلەتتى ، ئەجەبا تارىخ يەنە شۇ پېتى تەكرارلىنارمۇ ؟؟؟



1965~66-يىللىق ئىسپان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە مۇشۇ مادرىد ئاتلېتكا شۇ يىللاردىمۇ ئىسپان بىرلەشمىسىنى مونوپول قىلىۋالغان رېئال مادرىد ۋە بارسىلونالارنى مەغلۇپ قىلىپ ئىسپانىيە بىرلەشمە چىمپيۇنلۇقىغا ئېرىشكەن ، شۇ يىلىمۇ رېئال بېيتىس كوماندىسى دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى ...
ئوخشاشلىق بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالغىنى يوق ، دەل شۇ مەۋسۇمدە راكىرونىيە كوماندىسى دەرىجە ئۆرلەپ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە چىققان ، ئەمدى راكىرونىيەنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قارايدىغان بولساق ئۇلار ئىسپان ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ بىرىنجىلىك ئورنىنى بېسىپ ياتماقتا ، يەنە ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتۇرالىسا ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قايتىپ كېلىدۇ .



مۇشۇنداق ھالەتلەرنىڭ تەكرارلىنىشى ئەڭ ئاخىرقى بىر نۇقتىغا باغلىق بولۇپ قالدى ، ئۇ بولسىمۇ رېئال مادرىد دەل شۇ 1965~1966 يىلىدىكى مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا چىمپيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن ھەمدە سېربىيەنىڭ پارتىزان كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇب تارىخىدىكى 6-نۆۋەتلىك ئوزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن .  بۇ يەردىكى قىزىق نۇقتا بولسا تارىخ تەكرارلىنىپ رېئال مادرىد بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا چىمپيۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ساھىبى بولالامدۇ ياكى مادرىد ئاتلېتكا ئۇ تارىخنىڭ قىسمەن جايلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ خاتىمىنى باشقا شەكىلدە چۈشۈرەمدۇ ؟؟؟ بۇنىڭ جاۋابى ئاللاھ خالىسا  پات ئارىدا چىققۇسى ...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-22 11:40:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئىشەنچىلىك خەۋەرگە قارىغاندا ئاكا ئۇكا مادرىدنىڭ بىرى چىمپىيون بولۇشى ئىنىق بولۇپ قاپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-22 08:27:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسلونانى كىم شاللىيالىسا شۇ چىمىيۇن بولىدۇ ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-22 08:42:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق توغرا كىلىپ قىلىشلارمۇ بولىدىكەن دىسە...غەلبە تېرىشقانلاغا مەنسۈپ!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-22 08:43:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەپشۈك يوللىغان ۋاقتى  2014-5-22 08:27
بارسلونانى كىم شاللىيالىسا شۇ چىمىيۇن بولىدۇ ..

بارسىلونانى يېرىم ھەلقىلغۇچتا شاللىغانلار چىمپىيون بولىۋاتقان، بارسا يېرىم ھەلقىلغۇچقا كىرەلمىدى، مىلان بىلەن ئۇچراشقانلار چىمپىيون بولالمايۋاتىدۇ…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-22 08:46:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتلىتكىغا نىسبەتەن بۇ يىل مول ھوسۇللۇق يىل بولدى، تارىخ يارىتىپ ئۇزغۇنلۇق ھەلقىلغۇچقا كىردى، نەچچە ئون يىل ئىرىشەلمىگەن بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئىرىشتى، بۇ يىل بۇ شەرەپلەر بۇلارغا يېتەرلىك دەپ قارايمەن…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-22 09:06:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇيىل ئۇزغۇن بوپقالامىكى  مادرىتقا ھەممە ئىش ئوڭ كىلۋاتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-22 09:29:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك مادىرىت بىرلەشمىنى ئالغاندىكىن ئەمدى ياۋروپا لۇڭقىسىنى ئاكىسى ئالمىسا بۇلمايدۇ ھەمدە مادىرىتنىڭ ئىلىشىغا 80% ئىشىنىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-22 09:39:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە رىئال مادىرىت ئىپ كىتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-22 09:40:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ronaldo5954 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-22 09:29
كىچىك مادىرىت بىرلەشمىنى ئالغاندىكىن ئەمدى ياۋروپا لۇ ...

bular  yawropa longkisi talixix musabikisi oynimaydu
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-22 09:46:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ تەكرارلىنىپ مادىرىت چىمپىيۇن بولسا ئىنگىلاندمۇ دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىيۇن بولغۇدەكدە ئەمسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-22 10:07:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lasitgoرونالدو
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-22 10:07:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپتۇ ،تارىخ تەكرارلانسىنا ،مەنمۇ بالىلىق ۋاقتىمغا قايتىپ قالامدىمە تىخى بىر نىمە دېگلى بولمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 18:34

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش