بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-22 01:28
تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 34-ئايلانما مۇسابىقىدىكى نەتىجە ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
قەيسەرى تەنتەربىيسى 0 - 2 فەنەرباغچە
تۈركىيە زەردارى فەنەرباغچە مېھمان مەيداندا قەيسەرى تەنتەربىيسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. فەنەرباغچە كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ مۇسابىقە باشلىنىپ 9 مىنۇت بولغاندا كىرىستىيان بارونى بىر توپ ئۇرۇپ ۋاقىتلىق ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ تاكى 90 مىنۇت بولغاندا فەنەرباغچە توپچىسى موسسا سوۋ بىر توپ ئۇرۇپ فەنەرباغچە غەلبە قىلدى.
بەشىكتاش 1 - 1 ياشلار بىرلىكى
بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك كوماندا بەشىكتاش ئۆز مەيدانى ئاتاتۈرك ئولىمپىك مەيدانىدا ياشلار بىرلىكىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 35 مىنۇت بولغاندا بەشىكتاش توپچىسى ئالمېدا بىر توپ ئۇردى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 58 مىنۇت بولغاندا ياشلار بىرلىكى توپچىسى مەرۋان چەلىك بىر توپ ئۇرۇپ ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ قالدى.
گالاتاساراي 2 - 1 قەيسەرى ئەرجىيەس تەنتەربىيسى
تۈركىيە زەردارى گالاتاساراي ئۆز مەيداندا قەيسەرى ئەرجىيەس تەنتەربىيسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 46 مىنۇت بولغاندا گالاتاساراي ھۇجۇمچىسى بۇراك يىلماز بىر توپ ئۇردى. 73 مىنۇت بولغاندا ئۈمۈت بۇلۇت بىر توپ ئۇردى. 81 مىنۇت بولغاندا قارشى تەرەپ بىر توپ قايتۇراۋالغان بولسىمۇ يەنىلا مەغلۇپ بولدى.
ئانتاليا تەنتەربىيسى 0 - 2 تىرابىزون تەنتەربىيسى
ئانتالىيا ئۆز مەيدانىدا كۈچلۈك بولغان تىرابىزوننى كۈتىۋالدى. تىرابىزون كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ 13 مىنۇت بولغاندا زەكى ياۋرۇنىڭ ئۇرغان بىر توپى بىلەن ۋاقىتلىق ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 51 مىنۇت بولغاندا تىرابىزون توپچىسى ئولجان ئادىن بىر توپ ئۇرۇپ شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە ئاياقلاشتى.
ئاكھىسار شەھىرى 1 - 3 قاسىم پاشا
ئاكھىسار شەھىرى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا كۈچلۈك قاسىم پاشا كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ قاسىم پاشا كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم تەشكىللەپ 4 مىنۇت بولغاندا ئادەن بۈيۈك بىر توپ ئۇردى. 44 مىنۇت بولغاندا ئاكھىسار شەھىرى توپچىسى ئەركان تاشكىران بىر توپ ئۇردى. 49 مىنۇت بولغاندا قاسىم پاشا توپچىسى تۇناي تورۇن بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 57 مىنۇت بولغاندا قاسىم پاشا توپچىسى ئوسكار سىكارىيون بىر توپ ئۇرۇپ غەلبىگە ئاساس سالدى ھەم شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە ئاياقلاشتى.
باشقا مۇسابىقىلەر:
كوناشەھەر تەنتەربىيىسى 1 - 1 توركو كونيا تەنتەربىيسى
چايقۇر رىزە تەنتەربىيسى 3 - 1 ئەلازىغ تەنتەربىيىسى
بۇرسا تەنتەربىيسى 3 - 1 گازىئەنتەپ تەنتەربىيسى
قارابۈك تەنتەربىيسى 1 - 0 سىۋاس تەنتەربىيسى
|