akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1307|ئىنكاس: 18

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ مەخسۇس خەۋىرى؛  خوتەن ۋىلايەتلىك مەدىنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى تەشكىللىگەن  « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » 2014-يىلى4-ئاينىڭ 28-كۈندىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنگىچە خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا  ئىلىپ بىرىلدى.
  بۇ قىتىمقى خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ  مۇسابىقىسىگە دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى،  پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەردان تۇرسۇن، شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى مۇرات ئادىلجان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى خەن لىي، شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى خاستېرقاتارلىق داڭلىق ۋاسكېتبولچىلىرىمىز خوتەندىكى مىللى كارخانىلار تەشكىللىگەن كوماندىلارغا تەكلىپ قىلىنىپ  مۇسابىقىگە قاتناشتى.
  2014-يىلى5-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ  ئىلىپ بىرىلغان  ھەل قىلغۇچ  مۇسابىقىدە  شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان يىتەكچىلىگىدىكى  ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى 87-73 نەتىجە  بىلەن مەردان تۇرسۇن يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن ئوۋلوبا ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  ئۈچۇنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە  خوتەن يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسى كوماندىسى  89- 82 نەتىجە بىلەن   قىرغىز يىگىتى قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى خوتەن دىلپاك كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
   بۇ قىتىمقى «خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى» قىزغىن كەيپىيات ۋە ھاياجان ئىچىدە ئاخىرلاشتى.  بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە  ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى چىمپىيۇنلۇققا، خوتەن ئوۋلوبا ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، خوتەن يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسى كوماندىسى  ئۈچۇنچىلىككە ئىرىشتى. نەتىجىگە ئىرىشكەن كوماندىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا 30 مىڭ يۈەن، 20 مىڭ يۈەن، 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.
  بۇ قىتىمقى مۇسابىقە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بۇيىچە ئەل ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەر ئىچىدە كۈلىمى چوڭ، سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى  بۇلۇپ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى دەپ قارالدى.


ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە پۈتۈن مەيدان سېن فىلىمى

  بىرىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى



ئىككىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى



ئۈچۈنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى



تۆتىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى



مۇسابىقىگە ئالاقىدار سۈرەتلەر

023812cliogrgg6ti6ilmo[1].jpg 025120mua0wszv8v8877h0[1].jpg 025125w9ttnmjnt6m0vvwz[1].jpg 034935e88n88cvi0nnttty[1].jpg 034944qj6gpbei2pe2zigc[1].jpg 163839vx69tbvg2g4698i9[1].jpg 025121bkz2lwnrknz9np92[1].jpg 033307dy8kwyw8ykinbby8[1].jpg 032617uzoououeefz6oi3b[1].jpg 025206yyya3royv9p9oef3[1].jpg

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 20:32:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاسكىتبول ............ئويناش شەكلى ئاجايىپ توپ تۇرى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 20:36:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 20:39:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 20:44:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىكالىق ئىش نەدە با ھازىر...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 21:08:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئەلى دىگەن بالا بامۇ مالانىڭ ئارسىدا  تازا تونيالمىدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 21:13:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 21:14:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رويات يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 21:13
ئاك كىيىمنىڭ 20-نۇمۇرى شۇمىكىن

ھە  قايتا قاراپباقاي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 21:41:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاچېن يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 21:08
شىرئەلى دىگەن بالا بامۇ مالانىڭ ئارسىدا  تازا تونيالمى ...

ئامما رۇنالدۇ مىسسى بۇلغان بۇلسا چاققان تۇنىۋالاتتىڭىز يە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 21:51:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇتەننىڭ ۋاسكىببۇل تەرەقىياتى ياخشىمۇ نېمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 21:55:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رويات يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 21:13
ئاك كىيىمنىڭ 20-نۇمۇرى شۇمىكىن

چ چ ئۈندىداردا پىنيىنچە گەپ قىلىۋىرىپ سىزمۇ ئاق دىگەندە ئاك دىيىشكە كۆنۈپ قاپسىزدە؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 22:27:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىز يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 21:41
ئامما رۇنالدۇ مىسسى بۇلغان بۇلسا چاققان تۇنىۋالات ...

توغرا دىدىڭىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 22:57

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش