akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 997|ئىنكاس: 30

تۈركىيە بىرلەشمىسى 33-ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۈركىيە دەرىجدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 33-ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجە ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:


فەنەرباغچە 4 - 0 قارابۈك تەنتەربىيسى
Fenerbahçe.png     K. Karabükspor.png

تۈركىيە زەردارى فەنەرباغچە ئۆز مەيدانى شۈكرۈ ساراجئوغلى پۇتبول مەيدانىدا قارابۈك تەنتەربىيسىنى كۈتىۋالدى. فەنەرباغچە ئۆز مەيدان ئەۋزەللىكدىن پايدىلىنىپ كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت بولغاندا فەنەرباغچە توپچىسى موسسا سوۋ بىر توپ ئۇردى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 41 مىنۇت بولغاندا پورتىگلىيەلىك توپچى مېرىلىس بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنككە ئۆتتى. 2 مىنۇتتىن كىيىن فەنەرباغچە توپچىسى ئەمرە بەلەزئوغلى بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 90 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا فەنەرباغچە توپچىسى ۋېبو بىر توپ ئۇرۇپ يۇقىرى پەرىق بىلەن قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلدى.


قاسىم پاشا 1 - 1 چايقۇر رىزە تەنتەربىيسى
Kasımpaşa.png       Rizespor.png

  بىرلەشمىدىكى يەنە بىر كۈچلۈك كوماندا قاسىم پاشا ئۆز مەيدانى رەجەپ تايىپ ئەردوغان پۇتبول مەيدانىدا رىزە تەنتەربىيىسىنى كۈتىۋالدى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ كۈچەپ ئوينىغان بولسىمۇ توپ كىرمەي مۇسابىقە ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 60 مىنۇت بولغاندا رىزە تەنتەربىيىسى بىر توپ ئۇردى. بىر مىنۇتتىن كىيىن قاسىم پاشا كوماندىسى بىر توپ قايتۇرۋالدى. شۇنىڭ بىلەن كىيىنكى ۋاقىتلاردا مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولماي مۇسابىقە ئاياقلاشتى.


ئەلازىغ تەنتەربىىيسى 0 - 1 بەشىكتاش
Elazığspor.png       Beşiktaş.png

  بىرلەشمىدىكى يەنە بىر زەردار بەشىكتاش كوماندىسى مېھمان مەيداندا  ئەلازىغ تەنتەربىيسىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.  مۇسابىقە باشلىنىپ 39 مىنۇتقا بارغاندا بەشىكتاش توپچىسى گۆكخان تۆرە بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بىردىن  بىر توپنى ئۇرۇپ بەشىكتاش كوماندىسى غەلبە قىلىپ قىممەتلىك 3 نومۇرنى ئالدى.


تىرابىزۇن تەنتەربىيىسى 1 - 4  گالاتاساراي
Trabzonspor.png       Galatasaray.png

  بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك كوماندا تىرابىزۇن ئۆز مەيدانىدا بىرلەشمىدىكى زەردار گالاتاساراينى كۈتىۋالدى. ھەر ئىككى تەرەپ كۈچەپ ئوينىغان بولسىمۇ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپتىن بىرمۇ توپ كىرمىدى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 51 مىنۇت بولغاندا گالاتاسارايدىن سىنىيدىر بىر توپ ئۇرۇپ تىرابىزۇننىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. 5 مىنۇتتىن كىيىن گالاتاساراي كاپىتانى سەلچۇق ئىنان بىر توپ ئۇردى. يەنە 5 مىنۇتتىن كىيىن تىرابىزۇن بىر توپ قايتۇرۋالدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 73 مىنۇت بولغاندا گالاتاساراي توپچىسى ئۈمۈت بۇلۇت بىر توپ ئۇردى. 83 مىنۇت بولغاندا سىنىيدىر يەنە بىر توپ ئۇرۇپ گالاتاساراي قارشى تەرەپ مەيدانىدا غەلبە قىلدى.


باشقا مۇسابىقىلەر:
ياشلار بىرلىكى 1 - 2 ئانتالىيا تەنتەربىىيسى
گازىئەنتوپ تەنتەربىيىسى 1 - 1 كونا شەھەر تەنتەربىيسى
ئەرجىيەس تەنتەربىيسى 1 - 1 بۇرسا تەنتەربىيسى
توركو كونيا تەنتەربىيسى 3 - 0 قەيسەرى تەنتەربىيىسى


  يۇرتقا بېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن تورغا چىقالماي، مۇسابىقىنىڭ ئەھۋالىنى ۋاقتىدا يوللىيالماي قالدىم. مۇنبەردىكى دوسىتلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن. ۋاقىتنىڭ قىسلىقى ۋە ئالدىراشچىلىقتا بۇ تېمىنى تۇلۇق يوللىيالماي بىر قىسىمىنىلا يوللىدىم. تورغا چىقىش قولايسىزلىقتىن تورخانىغا كىرىپ ئۇشبۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالىنى تۇلۇق يوللاي دېگەن نىيەتتە يوللىغانكەنمەن، چۇقۇم ئاخىرىنى چىقىرش مەقسىتىدە كەم ياكى ۋاقتى ئۆتكەن بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 20:30:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنتەربىيەسى ئەجەپ كۆپكەن فەنەر باغچا چىمپىيون بولدى دەۋاتقانتىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 20:30:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم پاشا دىگەن كوماندىنىڭ ئىسمى نىمدا قىزىقارلىق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 20:38:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەت   تەرتىپىنى   يېزىپ   قويغان   بولسىڭز   بوپتىكەن    تۇركىيىگە   ئۇزغۇنلۇق   بېلىتى   بىر  يېرىممۇ   يى   قانچىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 20:44:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 20:45:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەنەر باغچا بۇ يىل فەچەتقۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-21 20:52:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
LM10 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 20:38
رەت   تەرتىپىنى   يېزىپ   قويغان   بولسىڭز   بوپتىكەن    تۇ ...

تۈركىيە بىرلەشمىسى پۈتۈنلەي ئاياقلاشتى. يەنە بىر ئايلانمىنىڭ مۇسابىقە جەھۋىرىنى يوللىۋەتسەم ئاندىن تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ خۇلاسىسىگە ئايرىم بىر تېما يازىمەن ئاللاھ خالىسا.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-21 20:53:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HAKKER يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 20:30
تەنتەربىيەسى ئەجەپ كۆپكەن فەنەر باغچا چىمپىيون بولدى  ...


فەنەرباغچە بۇ يىللىق بىرلەشمىنىڭ چىمپىيۇنى بولدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 20:54:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالاھىيەت مۇسابىقىسىنى گالاتا ساراي ئوينامۇ ياكى بىشىكتاش ئوينامدىغاندۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-21 20:59:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىستانبول يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 20:54
سالاھىيەت مۇسابىقىسىنى گالاتا ساراي ئوينامۇ ياكى بىشى ...

گالاتاساراي ئوينايدۇ. بەشىكتاش ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ئوينايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 15:23

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش