akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 835|ئىنكاس: 24

خەيرى خوش ئېنتىر قەھرىمانلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەييارە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 11:15  

201405210948395897.jpg                                         ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم        
        ۋاقىت ئۈن-تۈنسىز ئۆتمەكتە.ۋاقىت رەھىمسىزلىك بىلەن بىزنى بىز ياخشى كۆرگەن،بىز ئامراق كىشىلىرىمىزدىن ۋە نەرسىلىرىمىزدىن ئايرىغان بولسا،سېخلىقى بىلەن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ۋە كىشىلەرنى بىز بىلەن ئۇچراشتۇرماقتا.پىلى كەتتى ،مارادونا كەتتى.رونالدو،زىدانى باشلىق يېڭى بىر ئەۋلاد پۇتبول شاھلىرى ئۇلارنىڭ يوقلىقىنى چاندۇرماي،بىزنى پۇتبولنىڭ سېھرى كۈچىدىن ئورتاق بەھرىمان قىلغان،بىزنى ھاياجانلارغا،قاينام تاشقىنلىقلارغا چۆمدۈرگىنىمۇ ئالاھەزەل10يىللارچە  بولۇپ  قاپتۇ.شۇلاردىن كېيىن پۇتبول دۇنياسىدا بۇنداق شەخىسلەر چىقمايدۇ،چىقسىمۇ بۇلاردەك بولالمايدۇ دېيىشتۇق.لېكىن ئۇنداق ئۇنداق بولمىدى.كىرىستىيانو رونالدە ۋە لىئونىل مېسسىدىن ئىبەرەت بۇ ئىككى دەرىجىدىن چولپان ۋە كۆپلىگەن تالانلىق ،كۆپ ئىقتىدارلىق توپچىلار نىڭ ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرىشى بىزنىڭ بۇ قارىشىمىزنى ئۆزگەرتتى.
      تېمامنىڭ ماۋزۇسى بىلەن 1-ئابزىسىنى ئوقۇپ ئىسمى بىلەن جىسمى ماس كەلمىگەن نەرسىلەرنى يېزىپتۇ دەپ قالدىڭلارغۇ دەيمەن.نەق گەپكە كەلسەك بۈگۈن بىزدىن ئۈستىدە دېيىلگەندەك يەنە بىر قىسىم بىز ياخشى كۆرگەن قەھرىمانلار بىزدىن ۋە ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە شانلىق تارىخ ياراتقان شۇ كوماندىلىرىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
         8HNRN5DC00CO0005.jpg
      2010-يىلى5-ئاينىڭ23-كۈنى —ئۇنتۇلماس بىر كېچە .بۇ كېچە تېخى ھېچقايسىمىزنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرلۈپ كەتكىنى يوق .شۇ كۈنى كەچتىكى ئېنتىرنىڭ ئاساسلىق ئەزالار تىزىملىكىدىكى 11قەھرىمان،تېرىنىر مۇرىنيو،زاپاس ئەزالار قاتارىدىكى چېۋۇ،سىتانكوۋىچ،بالوتېللى،ماتراززىلار 45يىللىق ئېنتىر ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىلاردۇر.شۇ قەھرىمانلاردىن مانا بۈگۈن زانېتتى،مېلىتۇ،كامبىياسۇ،سامۇئېل،سەيسار،لۇسىيو،مايكون،چېۋۇ،سىنەيدىر،ئېيتو،ۋاندېف قاتارلىقلار ئالدى كەينى بولۇپ،ئېنتىردىن ئايرىلدى ۋە ئايرىلماقتا.شۇنداق قىلىپ شۇ يىللاردا ياۋروپا جەڭلىرىدە قان كەچكەن ئېنتىر جەڭچىلىرى ۋە قوماندانلىرى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھەممىسى ئېنتىردىن  ئايرىلىپ بولدى.بىز ۋە ئېنتىر مىلان مەستانىلىرى ئەمدى مىئاززادا ئۇلارنىڭ ئېنتىر ئۈچۈن قايتا چېپىشىنى كۆرەلمەيمىز.
             8HNRNHCG00CO0005.jpg
            ئۆتۈپ كەتكەن 4 يىل ۋاقىت بىزدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئېلىپ كەتتى.مۇشۇ 4 يىل ئىچىدە ،ھەربىر يىلدا بىز دىن ،يېشىل چىملىقتىن ئايرىلىۋاتقان شۇ قەھرىمانلارغا قارىغىنىمىزدا 2010-يىلدىكىشاھلىقلارنىڭ ئاللىبۇرۇن بىر شانلىق تارىخقا ئايلانغانلىقىنى،ئەتە ئۈچۈن يەنە قايتىدىن جەڭ قىلىش كېرەكلىكىنى ھىس قىلىپ يېتىشىۋاتىمىز.لېكىن يەنە بىر تۇرۇپ ،شۇ يىللاردىكى ئۈچ شاھلىقنى ئويلىغىنىمىزدا كۆڭلىمىز باشقىچە خوشاللىققا چۆمەتتى.چۈنكى،ھەممىسى كەتكەن بولسىمۇ،موراتتى بار ئىدى.يەنى،شۇ چاغلاردا ئېنتىرغا زەبەرداس قوشۇن  توپلاپ بەرگەن ۋە شۇ قوشۇنلار بىلەن ياۋروپانى تىترەتكەن موراتى بار ئىدى.ئەمما بۇ پەسىل موراتتىنىڭ ئېنتىرنىڭ ھاسىسىنى ھىندىنوزىيىلىككە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە زانېيتىنىڭمۇ مىئاززادىكى20يىللىق جېڭىنى ئاخىرلاشتۇرىشى،بىزگە ئوتتەك قىزغىنلققا تولغان قىران ھالەتتىكى ئېنتىرنىڭ بىز بىلەن ھەقىقى خوشلاشقانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتۇق.
          201405210949571345.jpg
      2010-يىلى 5-ئاي.ئەينى ۋاقىت ھەرقانداق بىر ئېنتىر مەستانىسىنىڭ مەستانىچىلىق ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرى ئىدى ،ئەلۋەتتە.بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار بۇنداق ھاياجانلارغا،خوشاللىقلارغا چۆمۈپ باقمىغان بولىشى مۇمكىن.ئىتالىيە لوڭقىسى،بىرلەشمە چىمپىيونلىقى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى قاتارلىق ئارقا ئارقىدىن قۇچۇلغان شەرەپ ۋە چىمپىيونلۇقلار ئېنتىر مەستانىلىرىغا مەستانىچىلىكنىڭ قەلىپلەرنى لەرزىگە سالىدىغان تەرىپىنى يەنىمۇ ھىس قىلدۇرغانىدى.ئۈچ ھەلقىلغۇچ جەڭدە 4توپ ئۇرغان مىلىتو ئەينى ۋاقىتتىكى مېسسى ،رونالدو ،دىروگبالارنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان مەستانىلەرگە مىلىتو دىن ئىبارەت ئارگىنتىنا شاھزادىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى.
         31-696589-3.jpg
       مورىنيو كەتكەن شۇ كەچتىن باشلاپ،موراتتى ئەمدى ئېنتىرغا دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلارنى ئەكىلىشنىڭ تەسلىكىنى،ئىقتىساد كاساتچىلقىنىڭ يېقىنلاۋاتقىنىنى ھىس  قىلدى.موراتتىنىڭ ئەمدى بۇنىڭغا يۈزلەن،مەي ئامالى يوق ئىدى.ئوڭۇشسىزلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا پۇتبول دۇنياسىدا ھېكايىلەر قالغان ئەمەس.ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىشى،كوزۇر توپچىلارنىڭ قېرىشى ۋە كېتىپ قېلىشى موراتتىنىڭ ئېنتىرىنى ئىنتايىن ھالسىزلاندۇرۋەتتى.ھېچكىممۇ ئۈچ شاھلىقنى قولغا كەلتۈرگەن ،ياۋروپادىكى بۇ قىران كوماندىنىڭ بۇنچە تېز خاراپلىشىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى...
         201405201017253816.jpg
       18 يىل!!!دەرىجىدىن تاشقىرى باي قاتارىغا كىرمىسىمۇ ،ئېنتىر ئۈچۈن 1مىليارد200مىليون سەرپ قىلىش. ئۇ ئەمدى ھەقىقەتەن ئامالسىز قالغان ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە مورىنيو قاتارلىق ئىقتىدارلىق تېرىنىر ۋە توپچىلارنىڭ ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن كېتىشى ،ئارقا ئارقىدىن  كەلگەن مەغلۇبىيەتلەر،توپچىلارنىڭ چۈشكشنلىشىشى ئېنتىرنىڭ زاۋاللىشىشىنى تېزلەشتۈرۋەتكەنىدى.دېمىسىمۇ ياۋروپانى تىترەتكەن بىر كوماندىنىڭ تۇيۇقسىز بۇ ھالغا كېلىپ قېلىشى كوماندا ئەزالىرنىڭ كەيپىياتىنى بەكلا چۈشكۈنلەشتۈرۋەتتى.ئەڭ مۇھىمى بۇ چۈشكۈنلۈكنى،ئۈمۈدسىزلىكنى ئۈمۈدكە،غەلبىگە ئايلاندۇرالايدىغان مورىنيودەك تېرىنىرنىڭ كېتىپ قېلىشى ئېنتىر ئۈچۈن زور يوقۇتۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .سىنەيدىرمۇ مورىنيو توغرىسىدا :‹‹ئەگەرمورىنيولام ئېغىز ئاچسا ،مەن پۇتۇم سۇنۇپ كەتكۈچە ،مۇسابىقىنى جان جەھلىم بىلەن ئوينايمەن.دۇنيادا پەقەت بىرلا تېرىنىرنىلا بىر پۇتبولچىنىڭ كۈچۈنى 120%ئۇرغۇتالايدۇ،ئۇ دەل مورىنيو››.ئەپسۇس مانا مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر تېرىنىرنىڭ كېتىپ قېلىشى ئېنتىرنىڭ چىمپىيونلۇقتىن 8كۈچلۈككە،1-لىكتىن 2-لىككە چۈشۈپ  قېلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ بولىشى مۇمكىن.
       201405210949092252.jpg
      2010-يىلدىن2014 -يىلغىچەئېنتىر جەمئى 5مەشقاۋۇل ئالماشتۇردى.ئەينى ۋاقىتتىكى مەشقاۋۇل توپىچىلار بولۇپ ،كۆپلىگەن تۆھپىكارلار،قىرانلار كوماندىدىن ئايرىلدى.ھالا بۇ پەسىلگە كەلگەندە پەقەت زانىتى،سىتانكوۋىچ،كامبىياسو،سامۇئېل،مىلىتو ۋە چىۋو دىن ئىبارەت بۇ 6تۆھپىكارلا  كوماندىدا قالغان بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك كامبىيسو34ياشنىڭ قارىسىنى ئالغانىدى.زانېتىمۇ يارلىنىش سەۋەپلىك بۇ پەسىل ئورۇندۇقنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ قالغانىدى.كوماندا قان ئالماشتۇرۇپ ،تولۇقلاشقا موھتاج بولىۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتتا ببۇ قېرى جەڭچىلەرنىڭ كېتىشنى تاللىشى بىر ھىساپتا ئاقىلانە تاللاش ھىساپلىناتتى.شۇنداق قىلىپ2010-يىلدىكى شۇ جەڭچىلەرنىڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈمىمۇ بۇ يەردىن ئايرىلدى.ئەسلەيدىغان بولساق،ھارماس جەڭچى ،ئېنتىر قەھرىمانى زانېتى بۇ يەردە 22يېشىدىن 41 يېشىغىچە توپتوغرا19يىل جڭ قىلدى.مىئاززاددا مەستانىىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان سىتانكوۋىچ 25 يېشىدىن36يېشىغىچە بىزنىڭ قەلبىمىزنى11يىل لەرزىگە سالدى.24يېشىدىن 34يېشىغىچە ئېنتىردا قوماندانلىق قىلغان تاقىربان كاپىتان كامبىياسو بىز ۋە ئېنتىر مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى مەڭڭۈلۈك ئېنتىر ماتورى.گەرچە مېلىتو ئېنتىرغا ناھايىتى كېچىكىپ كەلگەن بولسىمۇ،ئۇ بۇ يەردە ئۆز نامىنى قالدۇرۇپ،ئېنتىر تارىخىنى قايتا يېزىشقا قاتناشتى.30ياشتىن ئاشقاندىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.45يىللىق ئېنتىر ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشتى.
          201405210947577587.jpg
        ئەلۋەتتە،ئاللىبۇرۇن كوماندىدىن ئايرىلىپ بولغان قىران يىگىتلەرنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىز  يوق تېخى.ئۇلاردىن،كوردوبا13يىل،ماترازى10يىل،سەيسار7يىل،مايكون6يىل،سسىنەيدىر4يىل،موتا3يىل،ئېيتو2يىل يەنە تېرىنىر مورىنيو2يىل ئېنتىر ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.مورىنيو بىلەن ماتراززىنىڭ يىغلىشىپ تۇرۇپ خوشلاشقان كۆرۈنىشى تېخى تۆنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمىزدە تۇرۇپتۇ.ئەپسۇس ئادەم ۋاقىتقا باققان بىلەن ،ۋاقىت ئادەمگە باقمايدۇ ئەمەسمۇ.قىسقىغىنە 4يىلدا تەجىربىلىك ماھىرلىرىنىڭ قېرىشى،تالانتلىق ماھىرلارنىڭ كېتىپ قېلىشى ئېنتىرنى بوشاشتۇرۇپ قويدى.بىزمۇ ھەم بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇق.
           
          ھەممىسى كەتتى.ئەمدى مىئاززادا زانېتىنىڭ زەبەرداس يۈگۈرەشلىرىنى،كامبىياسونىڭ قوماندانلىق قىلىشلىرىنى كۆرەلمەيمىز.ئەمدى كۆرىدىغىنىمىز بىزگە ناتونۇش بولغان يېڭىچە بىر ئېنتىر.ئۇلار بىزنىڭ كۈتكىنىمىزدەك ئىلگىركىلەرنىڭ ئىزىنى باسالامدۇ؟شانلىق ئېنتىر تارىخنى قايتا يازالامدۇ؟بۇ بىزگە نامەلۇم.ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.ئاخىرىدا ھالسىرىغان زەردار ئېنتىر مىلەننىڭ بۇرۇنقىدەك قىران دەۋىرلىرىگە قايتىپ كېلىشىنى،بىزنى قىززىغان مۇسابىقىلەردىن ھوزۇرلاندۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئېنتىر ئۈچۈن قان كەچكەن 2010-يىلنىڭ ھەھرىمانلىرى سىلەرگە ھۆرمەت .ئاق يول بولسۇن....

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 تۆھپە +1 شۆھرەت +1 تەجرىبە +1 يىغىش سەۋەبى
灰狼王子 + 50 + 1 + 1 + 1 قالتىس!
ئۇستاز + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 11:59:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەنسىز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 12:23  

كۆپ ئەجىر قىلىپسىز رەھمەت  ،  ئىنتىرمىلەننىڭ سادىق تۇپچىسى ئاساسلىق كاپىتانى  پۇتبۇل مەيداندىكى ئېنتىرنىڭ  قۇتقۇزغۇچى پۇتبۇل ،  ۋە  بىزدىن ۋە ئېنتىر مەستانىلىردىن خۇشلاشتى ، بىز ھەر ۋاقىت بۇ قەھرىمانلارنى ياد ئېتىپ ئەسلەپ تۇرشىمىز لازىم .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 12:02:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز.
ئىنتېر قەھرىمانلىرى كۇماندىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ كۆپ قىسمى كۇماندا ئارقا ھەپ قاتلىمىدا ئىشلەۋاتىدۇ، ھەممىسىنىڭ يۈرىكىدە يەنىلا ئىنتېر بار. بىز ھامىنى يەنە قايتىپ كىلىمىز، يېڭى قۇشۇن بىلەن يەنە شانلىق تارىخلارنى يېزىپ چىقالايمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 12:15:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىز يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 11:59
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز رەھمەت  ،  ئىنتىرمىلەننىڭ سادىق تۇپ ...

قۇتقۇزغۇچى جەڭ ئىلاھى  ماۋۇ گەپ ئۆزىنى مۇسۇلمان چاغلايدىغان ئادەم دەيدىغان گەپ ئەمەس قىرىندىشىم  




























ئاتىكاچىلىق قىپ قويدۇم تۆۋەنچىلىك بىلەم كەچۇرۇم سورايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 12:16:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشماقلارنى بىرلەشتۈرۈۋېتىدىغان خەۋەر چىقىۋاتقان.  مېنىڭچە شۇمۇ ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 12:17:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىللار نىمانداق تىز كۈنلارنىڭ بىردە مىسسى رونالدو باشقىلارمۇ  چىملىقتىن ئايرىلدىغان كۇنلار كىلدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 12:22:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HAKKER يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 12:15
قۇتقۇزغۇچى جەڭ ئىلاھى  ماۋۇ گەپ ئۆزىنى مۇسۇلمان چاغلا ...

مەن ئۇنى پەقەت پۇتبۇل مەيدانىدىكى جەڭ ئىلاھىغا ئۇخشىتىمەن  .  ھەر ۋاقىت كۇماندىسنى ئاساسلىق ۋاقىتلاردا قۇتقۇزۇپ قالىدۇ ، شۇڭا پۇتبۇل مەيدانىدىكى قۇتقۇزغۇچى دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ ، بۇ سۈزلەرنى پۇتبۇل تەسەۋۋۇرى بىلەن چۇشۇنۇڭ . باشقا خاتا يەرى بۇلسا تۇزىتىپ قۇياي ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 12:23:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىز يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 12:22
مەن ئۇنى پەقەت پۇتبۇل مەيدانىدىكى جەڭ ئىلاھىغا ئۇخشى ...

بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچ بىر ئىلاھ يوقتۇر ............................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 12:30:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HAKKER يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 12:23
بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچ بىر ئىلاھ يوقتۇر ....................... ...

ماۋۇ گەپنى  ماڭا قارىتىپ دەۋاتامسىز  ، مەن ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يۇقلۇقىنى بىلىمەن ، ۋە مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلار بىلىدۇ ، ئۇخشۇتۇش مېنىڭ دىگىنىم پۇتبۇل مەيدانىدىكى ئىلاھ قالغېننى  ئۇزىڭىز چۇشىنۋىلىڭ مۇسۇلمان ئادەمنىڭ دەيدىغان گىپى ئەمەس دەپسىز بۇ پۇتبۇل مەيداندىكى ئىلاھ دىگەننىڭ نېمە مۇناسىۋىتى ئۇ گەپ بىلەن ، يا بىز زانتىنى پۇتبۇل مەيداندىكى قۇتقۇزغۇچى جەڭ ئىلاھى دىسەك كۇناككار بۇلامدۇق . بىز ئۇيغۇرلار تۇغۇلشىمىزدىنلا مۇسۇملان گەپ كىيىنكى قەدەملىرىمىز ئىتقادلىرىمىزدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 12:33:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللا مۇشۇ 2010-يىلى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ سىن ئادىرسى بولسا بىر ئەۋەتىپ بەرسەڭلا بوپتىكەن بەك كۆگۈم باتتى ! رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 12:35:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەپ كەلسەم گەپ جىق بۇلدىلا بەزى ئىشلارغا ئۇزەمنى بىسىۋالاي  ، مۇسۇلمان  دىگەن ئۈز قېرىندىشىنىڭ ئەيىپىنى ياپىدۇ ئۈز قېرىندىشىنىڭ ئەيىپىنى ئاشقان سۆككەن ئادەم مۇسۇلمان ئەمەس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-21 12:36:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆھپىسىمۇ چوڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-30 19:58

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش