akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1045|ئىنكاس: 20

گوللاندىيە vs ئېكىۋاتۇر ( مۇسابىقە خەۋىرى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-18 21:05  

730_1252307_141732.jpg

5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت « 12:30 » مىنوت ئۆتكەندە ( گوللاندىيە شۇ يەر ۋاقتى 17-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 6:30 ) گوللاندىيە كوماندىسى ئامىستېردام رىقابەت تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېكىۋاتۇر كوماندىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇرۇنقى بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئوينىدى .
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي گوللاندىيە كوماندىسى مۇداپىئەدىن كۈرىنەرلىك يۇچۇق چىقىرىپ قويۇپ ،ئېكىۋاتۇر كوماندىسى چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدا ناھايىتى چىرايلىق ماسلىشىپ بىر توپ ئۇردى  .مۇسابىقە 37 مىنوتقا قەدەم قويغاندا ، گوللاندىيە كوماندىسىدىكى ( مانچېستىر بىرلەشمىسدە توپ تېپىدىغان ) داڭلىق ھۇجۇمچى ۋان پېرسى سەبدىشىنىڭ يىراقتىن تاشلىغان توپىنى مەيدىسدە توختۇتۇپ ،يەرگە چۈشۈرمەي سول پۇتىدا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى .ۋان پېرسىنىڭ بۇ توپى ھەقىقەتەن چىرايلىق كىردى .كېيىنكى يېرىم مەيداندا ھەر ئىككىلا تەرەپ كەسكىن تىركەشكەن بولسىمۇ ، ئەمما توپ ئۇرالماي ،ئاخىردا 1 : 1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى .ئېكىۋاتۇر كوماندىسنىڭ بىر ماھىرى مۇسابىقە جەريانىدا يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى .( مۇسابىقە فىلىمىنى كۈرۈڭ )




730_1252305_588343.jpg
730_1252306_517339.jpg
730_1252304_690003.jpg
730_1252312_811910.jpg

توپ تەپكۈچى تەرجىمىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-18 15:26:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما گوللاندىيەنىڭ ئىۋو نەدىكى بىر دۆلەت كوماندىسى  بىلەن  تەڭلىشىپ يۈرگىننى،گوللاندىيەدىن  روبىن بىلەن ۋان پېرسىدىن  باشقا  تۈزۈكرەك  توپچىمۇ يوقمۇ نىمە  بۇ يىل.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-18 15:30:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-18 15:31:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گوللاندىيەدىن چوڭ ئۇمۇد كۇتكىلمۇ بولمامدۇ نىمە ...؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-18 15:32:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋانپىرىسنىڭ ئۇغان توپى ناھايىتى گۈزەل چۇشۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-18 15:35:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋانپىرىس ئاشۇ ئۇسلۇبدىكى توپى جىق ئۇردۇ بۇ گۇي ، توپ يەگە چۇشۇپ بولغىچە ۋارتارغا تېپىدىغان ، بىر چاغلاردا بىنزىمامۇ بەكلا ئاشىق ئاشۇنداق يەرگە چۇشۇرمەي تېپىپ  جىق توپلارنى شۇنداق ئۇچۇرۋەتكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-18 15:49:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋان چىرايلىق توپلارنى ئۇرىدۇ زادى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-18 15:53:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋانپىرىس پەچەت ئۇرۇپ قويۇپتىغۇ، ئەپسۇس گوللاندىيە تەڭلىشىپ قاپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-18 16:06:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-18 16:07:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روبىن چۈشمىگەن ئوخشايدۇ ھە . ئوخشاش ۋاقىتتا مۇسابىقە زىت كەپ قالغاچقا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-18 16:07:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇللاندىيە جىق ئۈمۈد كۈتمۈسە بولغىدەك دۇنيا لوڭقىسدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-18 16:15:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گوللاندىيەنىڭ كوماندا بەلگىسى ئۆزگىرەپتىمۇ نىمە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 21:41

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش