ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3803 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خانزاد1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-18 11:58
ھۆرمەت ۋىنگىر ھۆرمەت ئارسىنال ئۈچۈن توپنى ياخشى تەپكەن كوماندا ئەزالىرى مانا كۈتكەن خۇشاللىق مىنۇتلار ئاخىرى يىتىپ كەلدى ئىچ ئىچىمدىن خۇشال بولدۇم....ۋىنگىر مۇسابىقىدىن كىيىن كوماندا ئەزالىرىنى بىرمۇ بىر قۇچاقلاپ تەبرىكلىدى مۇسابىقە جەريانىدا دەسلىپىدە مۇداپىئەچىلەر تازا ماسلىشالماي 2توپ بىھۇدە چۈشۈپ كەتتى مىنىڭمۇ يۈرگۈم سۇ ئولتۇرۇپ كۆردۈم كىيىن كازولا ئىختىيارى توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزگەندىن كىيىن سەل ئارامىمغا چۈشتۈم 2-مەيداندىن باشلاپ كوماندا ئەزالىرنىڭ كوللىكتىپ مۇداپىئە قىلىشى ئوتتۇرا مەيدان كوبتىرول قىلىشى بەك ياخشى بولدى ئاساسەن توپنى كونتىرول قىلىپ خول شەھرىنى بىسىپ ئوينىدى ئۆزىلنىڭ ئىپادىسىمۇ خىلى ياخشى بولدى ھالقىلىق پاستىن 3نى تاشلىدى لىكىن پودلوسكى جىرود ۋە رامسى بۇ توپنى بىر تەرەپ قىلالمىدى پودلوسكىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چىققان سانىگومۇ مەن رازى بولغۇدەك ۋە ئۆزى رازى بولغۇدەك ئوينىدى مۇداپىئەچى كىسچىلىر قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلنىپ 2-توپنى ئۇرۇپ كوماندىغا زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى مۇسابىقە ناھايىتى جىددى ئوينالدى قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتنىڭ ئاخىرقى مەيدىنىدا قاپقىچى زور سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ چەكلەنگەن رايون ئىچىدىن يۈگرۈپ چىقىپ قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسى پۇتىدىن توپنى تارتىۋالماقچى بولۇپ ۋارتار پۈتۈنلەي ئوچۇق قالدى ئىقتىيارسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم خول شەھرى ھۇجۇمچىسى ۋارتاردىن ئۆتۈپ سول تەرەپتىن ۋارتارغا تەپتى ھىلمۇ ياخشى تەلەيگە يارىشا توپ كىرمىدى ئاخىرقى مەيداندا ئۆزىل بىلەن كازولا غا ئالمىشىپ چىققان ئىككى ماھىرمۇ قالتىس ئوينىدى مۇسابىقە ئاخىرقى مىنۇتلاردا رامسى توپ ئۇرۇپ يىغلاپ كەتتى مەنمۇ تاس قالمىدىم يىغلىغىمىغىلى ئارسىنالغا نوقتا توپتىن ئىككىنى قويۇپ بەرمىدى بىرىنچىسى خول شەھرى مۇداپئەچىسى ياندىن كەلگەن توپقا ئىككى قولى ئوچۇق تىگىپ كەتتى بۇنى رىپىر كۆرمىدى ئىككىنچىسى كازولانى چەكلەنگەن رايوندا پۇتلاپ يىقىتۋەتتى قەستەن قىلمىغان بولسىمۇ..... شۇنداق قىلىپ ۋىنگىر ئاخىرى لوڭقىنى قولغا كەلتۈردى ئالغا زەمبىرەكچىلەر كىلەر يىلى ئۇزغۇنلۇقتا بارسلونا بىلەن مادرىت بۇ ئىككى زەردار بىلەن جەڭ قىلىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن |
|