تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1447|ئىنكاس: 33

مېسسى پۇلغا تىقىلىپ كەتتى !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-17 22:21  

    rdn_5376d81001516.jpg


       تۆنۆگۈن بارسېلونا ئورگان تورى ئارگېنتىنالىق داڭلىق ھۇجۇمچى مېسسىنىڭ توختام ئۇزارتقانلىقىنى ، شۇنداقلا يىللىق ئىش ھەققىنىڭ 20 مىليۇن ياۋروغا چىققانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ، مېسسى خان مادرىد چولپىنى كىرىستىئانو رونالدودىن ئىككى مىليون ياۋرو ئېشىپ ، ئىش ھەققى رەت-تەرتىپىدە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن .« دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى » بۇ 20 مىليۇن ياۋرو ئۈستىدە تەپسىلى توختالغان بولۇپ ،خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ،مېسسىنىڭ ھەپتىلىك كىرىمى 370 مىڭ 370 ياۋروغا يېتىدىكەن .بىر كۈندە 54 مىڭ 794 ياۋرو بولىدىكەن .سائىتىگە 2283 ياۋرو ،مىنۇتىغا 38 ياۋروغا توغرا كېلىدىكەن .بۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر سان ئەلۋەتتە !

       ئۇنداقتا مېسسىنىڭ مىنۇتىغا تاپقان 38 ياۋروسىغا نېمە قىلىغىلى بۇلىدۇ ؟ بۇنىڭغا تۆت دانە مېترو بېلىتى ۋە تۆت دانە كىنو بېلىتى كېلىدۇ .ياكى بۇ پۇلغا مېسسى قىز دوستىنى ئەگەشتۈرۈپ كاتالونىيەدىكى خالىغان ئوتتۇرا دەرىجىدىكى بىرەر ئاشخانىغا كىرىپ ئىككى ۋاق غىزالانسىمۇ بۇلىدۇ  .ئەمما مېسسى سىرتتا پۇل خەجلەپ تاماق يەيدىغانلاردىن ئەمەس ،چۈنكى بارسېلونادا تەييار تاماق بار .سائەتلىك 2283 ياۋرو ئىسپانىيەدىكى بىر ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ( 645 ياۋرو ) نىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن .مېسسى مۇشۇ سائەتلىك تاپقان 2283 ياۋروغا كانادا ياكى ئامېرىكىدا 11 كۈن ساياھەت قىلالايدىكەن . شىۋىتسارىيە چېگىرسىدىكى بىر ساياھەت رايۇنىدا ياكى بالى تاقىم ئارىلىدا بىر ھەپتە تاماشا قىلىشقا يېتىدىكەن .

      كۈنلۈك 54 مىڭ 794 ياۋرونىچۇ  ؟ ئەگەر مېسسى خالىسا قىممىتى 53 مىڭ ياۋرولۇق 保时捷Macan ماركىلىك داڭلىق تەنىھەرىكەت ماشىنىسنى سېتىۋالسا بولىدىكەن .بۇنى ئالماي Cayenne ماركىلىق يەنە بىر ماشىننى ئالماقچى بولسا تۆپىدىن ئازىراق پۇل قوشسا بولىدىكەن . ھەپتىلىك 370 مىڭ 370 ياۋروغا بارسېلونادىن 70 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان ئىككى ياتاقلىق ئۆيدىن بىرنى سېتىۋېلىشقا يېتىدىكەن .ياكى 166 مىڭ ياۋروغا مالاگادىن  300 كۇۋادىراتلىق داچا شەكلىدىكى ئۆيدىن بىرنى ئالسىمۇ بولىدىكەن .ئۆي سايمانلىرى ئالىدىغان ئىش بولسا مېسسى بىر نەچچە كۈنلۈك پۇلىنى چىقىرىپ قويسىلا كەڭ كۇشادە يېتىدىكەن .ئەمدى 20 مىليۇنغا كېلەيلى : بۇنىڭغا شۇ يەردىكى داڭلىق بىر ئارالدىن 9 ياتاقلىق ،15 يۇيۇنۇش ئۆيى ،سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ،كىنوخانا ،بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيى ،دېھقانچىلىق مەيدانى ، پەي توپ ئوينايدىغان دىگەندەك پۈتۈن ئەسلىھەلىرى تۇلۇق ئەڭ كاتتا داچىدىن بىرنى سېتىۋالغىلى بۇلىدىكەن .بۇ پەقەت مېسسىنىڭ يىللىق ئىش ھەققى جەھەتتىكى بايانلار خالاس ! باشقا كىرىمىنى ھېسابلاپ كەلگەندە خېلى بىر يەرگە  بارىدۇ .مانا بۇ بۇيى 1 مېتىر 69 سانتا كېلىدىغان « كىچىك بۈرگە » مېسسىنىڭ راھىتى !





001921338e861347477e2b.jpg






توپ تەپكۈچى تەرجىمىسى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-17 18:29  

مەيلى قانچىلىك پۇل تېپىپ كەت  ماڭا  بەرىبىر،،سىنىڭ توپ ئوينىشىڭ  ۋە ئىسىل  ماھارىتڭلا مەن ئۈچۈن  ھۇزۇر.پەقەت شۇ يېرىڭلا پەقەت پۇتبولنىڭ سېھرى كۈچىلا ماڭا سىنى ياخشى سىياقتا كۆرسىتىدۇ.ئۇنىڭدىن ئارتۇقى مەن ئۈچۈن بھاجەت...ئەگەر پۇتبولدىن ھالقىپ تۇرۇپ تەپەككۇر قىلساق سەنمۇ بىر  دىنسىز سېرىق تۈك...شۇڭا ساڭا  ھەرگىز ھەۋەس قىلمايمەن..مەن ئاللاھنىڭ ماڭا  بەرگەن ھەر بىركۈنى ئۈچۈن،ئىسلام دىنى يىتەكچى قىلغان تۈرۈك قەۋمىدىن  بۇلۇپ يارىلىشىمغا پۇرسەت بەرگەن رەببىمدىن  ئالەمچە مىننەتتار!!چۈنكى مەن ئويغۇر!!!ساڭا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇن ئۇلۇغ ئاللاھىم.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +139 يىغىش سەۋەبى
putbol777 + 50 قالتىس!
paherden + 30 توغىرا گەپ
سەنسىز + 9 قالتىس!
سەۋدا + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇلنىمۇ تاپقاندىكىن ئانچە مۇنچە خەيرى ساخاۋەت قىىلامدىغاندۇ بۇبالا ساياھەت قىپ يۈرەمدىغاندۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭدۈرۈپ بولالماي يانا قانچانغىچە قۇسۇپ يۇرەسە بۈرگە ،ئانچە-مۇنچە  خەقتەك يىلدا نەچچە قېتىم خەير-ساخاۋەت قىلىپ قوي . قۇسمايدىغان بۇلىسەن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيالىقى بار ئاخىرەتلىكى يۇق نادانلا بۇ ، ئۇلۇغ ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۇڭلىگە دىلىغا ئىنساپ بىرەسەن ، بۇ تۇت كۇنلۇك ئالەمدە بىزنىڭ قەلبىزمىزنى ساڭا سىغېنىشقا ئاتا قىلغايسەن .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يىلنىڭ ئىچىدە 4-5 قېتىم توختام ئىمزالاپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر ئىش قىلدىدە بۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رويات يوللىغان ۋاقتى  2014-5-17 18:20
بىر يىلنىڭ ئىچىدە 4-5 قېتىم توختام ئىمزالاپ يۈرۈپ ئاخىر ...

پەرىشان بولۇپ، خۇيلىنىپ يۈرگەندىن مۇشۇندا گاڭگۇڭ تۇرۇپ ئالغان ياخشى، قايدا دىدىم
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-5-17 18:22
پەرىشان بولۇپ، خۇيلىنىپ يۈرگەندىن مۇشۇندا گاڭگۇڭ تۇر ...

ھە ئە توغرا دىدىڭ ئىشقىلىپ راۋۇرۇس تۇرۇپ ئالدى زادى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ   تىز  پۇكمەس ئىرادىنىڭ  نەتىقىسى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىسلونادا ئۆينىڭ باھاسى خېلى قىممەتمۇ  ھە . 370مىڭ370 ياۋرۇغا . 70 كۇۋادىراتمىتىر  ئۆي كەلسە
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىكچىلىك ، بۇنىڭ دەۋرى ئوخشايدۇ ، تىپىۋالسۇن پۇلنى ، ئەتە-ئۆگۈن يەنە كىملەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كىتىدۇ بۇ ئامەت.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20 مىليۇن ياۋرۇ بىزىڭ پۇلدا قانچە    مىنۇتى 38 ياۋرۇ قانچە پۇل بىزنىڭ  خەلق پۇلدا؟؟؟؟؟؟؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-5-20 19:08 , Processed in 0.106747 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش