elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 937|ئىنكاس: 26

داڭلىق پۇتبول مۇسابىقە رېپىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پۇتبول دۇنياسىدىكى داڭلىق رىپىرلار


1. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىكى ئالتۇن پۇشتەك- ۋېبو.
webb.jpg
تولۇق ئىسمى: خۇارد ۋېبو (لەقىمى: ئالتۇن پۇشتەك)
دۆلەت تەۋەلىكى: ئېنگىلاند
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1971-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى
قىسقىچە تەرجىمھالى:
ۋېبو ئەسلىدە ساقچى باشلىقى بولۇپ، 2005-يىلىدىن باشلاپ رىپىرلىققا كەسىپ ئالماشتۇرغان خەلقئارالىق رىپىر. تارىخىدا 19مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە رىپىرلىق قىلغان.
ئۇ قىسقىغىنە رىپىرلىق ھاياتىدا كۆپ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەرگە رىپىرلىق قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2010-يىللىق جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە باش رىپىرلىق قىلغان.
ئىسپانىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ بۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ۋېبو جەمئىي 14تال سېرىق كارتا چىقىرىپ، 1986-يىلىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە 6تال سېرىق كارتا جازاسى بېرىشتەك رېكورتنى قاتلاپ بۇزۇۋەتكەن. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا دىروڭ (گوللاندىيە) نىڭ ئالونسوغا قارىتا قەستەن ئېلىپ بارغان قائىدىگە خىلاپ ھەرىكىتى سەۋەبىدىن قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن. قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىدە ھىتىڭگا ئىككى سېرىق كارتا سەۋەبىدىن مەيداندىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن.
بىر مەيدان مۇسابىقىدە 14تال سېرىق كارتا، بىر تال قىزىل كارتا جازاسىنىڭ بېرىلىشى شۈبھىسىز ھالدا كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان.

2. پاينەك باش رىپىر- كوللىنا
collina.jpg
تولۇق ئىسمى: پىرلوگى. كوللىنا (لەقىمى: پاينەك باش رىپىر)
دۆلەت تەۋەلىكى: ئىتالىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1960-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى
قىسقىچە تەرجىمھالى:
ئىتالىيان، ئىسپان تىلى، فىرانسوز تىلى، ئېنگىلىز تىللىرىغا پىششىق بولغان بۇ رېپىر ئەسلىدە بىر پۇتبولچى بولۇپ، 17ياش ۋاقتىدا مۇسابىقىدە يارلىنىپ ئۇزۇنغىچە مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇسابىقىگە رىپىرلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ كوماندىدىكى سەپدىشى ئۇنىڭ ئۆتكۈر ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى بايقاپ، ئۇنى رىپىرلار تەربىيلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ رىپىر بولۇشقا ئۈندىگەن.
شۇنداق قىلىپ 17ياشلىق بۇ ياش رىپىر دۇنياغا كەلگەن. ئۈچ يىل ئىچىدىلا شۇ يەردىكى داڭلىق رىپىرغا ئايلانغان. ئەمما تۆۋەن دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە كىرىمنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئۇ داۋاملىق رىپىرلىق تەربىيلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، 1991-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە رىپىرلىق قىلىش سالاھيىتىگە ئېرىشكەن. 1995-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە رىپىرلىق قىلىشقا باشلىغان.
ئۇ ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن پۇتبولنىڭ تارىخنى ئۆزگەرتكەن 20ئادەمنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، ئۇ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدىغان چولپان دەرىجىسىدىكى رىپىر بولۇپ، ئۇ پۇتبول مەيدانىدىكى مەڭگۈلۈك يارقىن نوقتا.
لەقىمىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى:
1986-يىلى ئۇ بىر خىل چاچ چۈشۈش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، 15كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ بېشىدا بىر تالمۇ چاچ قالمىغان، رەسىمىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ئۇنىڭدا قاش- كىرپىكمۇ يوق. گەرچە بىر ئەركىشىگە نىسبەتەن چاچنىڭ بولماسلىقى ناھايىتى ئازابلىق ئىش بولسىمۇ، لېكىن كوللىنانىڭ پاينەك بېشى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئوبرازىنى ياراتقان.  پاينەك باش رىپىر توغرىسىدا گەپ بولۇنسا پۇتبول مەستانىلىرى ۋە پۇتبولچىلارنىڭ كۆزئالدىغا چوقۇم پىرلوگى. كوللىنا كېلىدۇ.

3. بۇساكا
busaka.jpg
تولۇق ئىسمى: ماسىمو. بۇساكا
دۆلەت تەۋەلىكى: شىۋىتسارىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1969-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى
1990-يىلى كەسپىي پۇتبول رېپىرىلىق سالاھيىتى بىلەن مەيدانغا چىققان،  1996-يىلىدىن باشلاپ شىۋىتسارىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە رىپىرلىق قىلىش سالاھيىتىگە ئىگە بولغان. 2000-يىلىغا كەلگەندە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئاندىن خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقە رېپىرىغا ئايلانغان.
تۇنجى قېتىملىق نىسبەتەن چوڭ مۇسابىقىگە رېپىرلىق قىلغان ۋاقتى: 1998-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
تۇنجى قېتىم رېپىرلىق قىلغان خەلقئارالىق مۇسابىقە:  شىمالىي ئېرلاندىيە بىلەن بۇلغارىيە دۆلەت ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى (20011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى)
2006-يىلىدىن باشلاپ مۇھىم بولغان خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە رىپىرلىق قىلىشقا باشلىغان. يەنى 2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە بىلەن ئوكرائىنانىڭ مۇسابىقىسىگە رېپىرلىق قىلغان. بۇ مۇسابىقىدە ئۇ جەمئىي بىر دانە قىزىل كارتا، ئىككى دانە سېرىق كارتا چىقارغان. ئارگىنتىنا بىلەن مېكسىكا ئوتتۇرىسىدىكى 8كۈچلۈككە كىرىش شاللاش مۇسابىقىسىدە جەمئىي 5دانە سېرىق كارتا چىقارغان.
2007-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە رېپىرلىق قىلغان، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ ئىككى سېرىق كارتا ئارقىلىق، ئىسپانىيىلىكلەر (كۇلۇب نامى) كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى موسىسنى مەيداندىن چۈشۈرۈۋەتكەن.
ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن بۇساكا 2008-يىلىق ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ رېپىرلىقىغا تەيىنلەنگەن، گوللاندىيە بىلەن رومىنىيە، گىرىتسىيە بىلەن شىۋىتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ھەمدە گېرمانىيە ۋە تۈركىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە رېپىرلىق قىلغان.
2009-يىلى، بۇ يىل بۇساكانىڭ تۆتىنچى قارارلىق خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە رېپىرلىق قىلغان يىلى بولۇپ، 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مانچىستىر بىرلەشمىسى بىلەن بارسىلونا ئوتتۇرىسىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە رېپىرلىق قىلغان.

4. روسېتتى
rosetti.jpg
تولۇق ئىسمى: روبېرتو.روسېتتى
دۆلەت تەۋەلىكى: ئىتالىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1967-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئۇ ئىتالىيانچە، فىرانسوزچە، ئېنگىلىز تىلىغا پىششىق بولغانلىقتىن، خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ رېپىرلىقىدىكى قىززىق نوقتىلىق نامزات. ئۇ ئىلگىرى- كېيىن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى، قىتئەلەر لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋە ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىگە رېپىرلىق قىلغان. 2008-يىلى ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە رېپىرلىق قىلغان بولۇپ، پاينەك باش رېپىر كوللىنا تەرىپىدىن «ئىتالىيە رېپىرلىق تەختىدىكى گۆھەر» دەپ تەرىپلەنگەن.
2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، ئاۋسترالىيە بىلەن گانا ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە، قول توپى بىلەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان كېۋېل (ئاۋستىرالىيە)غا بىۋاستە قىزىل كارتا بېرىپ مەيداندىن چۈشۈرۈۋەتكەنلىكتىن، تەرەپلەرنىڭ قاتتىق تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان. ھەتتا توپ مەستانىلىرى «دۇنياۋى خاراكتىرلىك قوغلاپ ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى» چۈشۈرگەن.
1983-يىلى مۇسابىقە گۇۋاھچى(مۇسابىقە جەريانىدىكى ئاخىرقى ھۆكۈم چىقارغۇچى، رېپىردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كېسىم ئەزاسى)لىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا باشلىغان. 2002-يىلى خەلقئارا دەرىجىلىك مۇسابىقە گۇۋاھچىلىقى دەرىجىسىگە ئۆرلىگەن. ھەمدە خەلقئارالىق رېپىرلىق ھاياتىنى باشلىغان.
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى خەلقئارالىق پۇتبول تارىخى ۋە سىتاتىستىكا ئويۇشمىسى (IFFHS) ئېلان قىلغان 2010-يىللىق دۇنياۋى ئەڭ ياخشى رېپىرلار تىزىملىكىدە 10-ئورۇنغا تىزىلغان.

5. ئىرماتوۋ
irmatov.jpg
تولۇق ئىسمى: رەۋشەن. ئىرماتوۋ (لەقىمى: ئاسىيادىكى ئالتۇن پۇشتەك)
دۆلەت تەۋەلىكى: ئۆزبېكىستان
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1977-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى
ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئۇ ئۆزبېكىستاندىكى بىر پۇتبول مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ توپ تېپىش سەۋىيىسىمۇ ياخشى.
ئۇ 2003-يىلى 26يېشىدا خەلقئارالىق پۇتبول رېپىرلىق سالاھيىتىگە ئىگە بولغان. ئۇ ئۆزبېكىستاندىكى بىردىنبىر خەلقئارالىق پۇتبول رېپىرىدۇر.
ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدا پۇتبولچى بولۇپ، بىر قېتىملىق يارىلىنىش سەۋەبىدىن كەسپىي پۇتبول كۇلۇبىغا قوشۇلۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان. ھەمدە پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت بىلەن شوغۇللىنىش ئارزۇسىدا رېپىر تەربىيلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، 2003-يىلى 26يېشىدىلا خەلقئارالىق پۇتبول رېپىرلىق سالاھيىتىگە ئېرىشكەن.
2003-يىلى 17ياشلىقلار دۇنيا ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسنىىڭ رېپىرلىق سالاھيىتى بىلەن مەيدانغا چىققان بولۇپ، ئۇ شۇ قاتاردىكى رېپىرلار ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىك رېپىر بولۇپ قالغان.
2008-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە ئۇدا تۆت يىل ئاسىيادىكى يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر رېپىر بولۇپ باھالانغان.
2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىك 29نەپەر رېپىرنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىك رېپىر بولۇپ، 5مەيدان مۇسابىقىگە رېپىرلىق قىلغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك مۇسابىقە بولسا گوللاندىيە بىلەن ئۇرۇگۋاي ئوتتۇرىسىدىك يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدۇر.
شەرەپلىرى:
2008-يىلى دۇنيا رېپىرلار كومىتىتى تەرىپىدىن «17-نۇمۇرلۇق» مۇنەۋۋەر رېپىر بولۇپ باھالانغان.
2009-يىلى دۇنيا رېپىرلار كومىتىتى تەرىپىدىن «14-نۇمۇرلۇق» مۇنەۋۋەر رېپىر بولۇپ باھالانغان.
2010-يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى رېپىرلارنى باھالاشتا قارا تۇلپار سالاھيىتىدە 120نۇمۇر بىلەن ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. بولۇپ، پەقەت ئېنگىلاندلىق رېپىر ۋىبونىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان.
2011-يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى رېپىرلارنى باھالاشتا 97نۇمۇر بىلەن ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. يەنىلا ۋېبونىڭ كەينىگە تىزىلغان.
2012-يىلى 35نۇمۇر بىلەن ئالتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. ئالدىنقى 15نىڭ ئىچىدە ئاسىيادىن پەقەت ئىرماتوۋلا بار.
2013-يىلى 29نۇمۇر بىلەن سەككىزىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىدە ئاسىيادىن يەنىلا ئىرماتوۋ بار.
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى خەلقئارالىق پۇتبول تارىخى ۋە سىتاتىستىكا ئويۇشمىسى (IFFHS) ئېلان قىلغان 25يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى رېپىرلار تىزىملىكىدە ئىرماتوۋ 28-ئورۇنغا تىزىلغان.

6. دى بىلىكىرى
di bilikri.jpg
تولۇق ئىسمى: فىرانىك. دى بىلىكىرى
دۆلەت تەۋەلىكى: بېلگىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1966-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئۇ 1998-يىلى خەلقئارالىق رېپىرلىق سالاھيىتىگە ئېرىشكەن. 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋە 2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە رېپىرلىق قىلغان.
جەمئىيى 91مەيدان مۇسابىقىنىڭ باش رېپىرلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 33مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسنىڭ باش رېپىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.

2013-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى خەلقئارالىق پۇتبول تارىخى ۋە سىتاتىستىكا ئويۇشمىسى (IFFHS) ئېلان قىلغان 25يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى رېپىرلار تىزىملىكىدىكى ئالدىنقى ئون نەپەر رېپىرنىڭ تىزىملىكى:
1.        پىرلوگى. كوللىنا
collina2.jpg

2.        ماركۇس. مېرىك
mirik2.jpg

3.        نېلسىن
nelsin2.jpg

4.        مىكېلسىن
mikelsen.jpg

5.        لوئىز
loiz2.jpg

6.        ساندىرو. پۇل
sandiro.jpg

7.        جورجى. لارىئوندا
larriond.jpg

8.        ئۇرىس. مېيئىر
meier.jpg

9.        فىرىسىك
firsik.jpg

10.        فىرانىك. دى بىلىكىرى
be bleekre.jpg

مەنبە: تور دۇنياسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-16 18:39:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋېيبونى 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە تۇنۇغان ئىدىم ... پاينەك باش رىپىر- كوللىنا  ئەڭ داڭلىقى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-16 18:42:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دانىيەلىك زىراپە دەپ ئۇچىرمىدىما ؟ بۇيى ئىگىز بىر رېپىر بارتى .نامى كوللىنانىڭكىدىن قېلىشمايدۇ ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-16 18:43:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-16 18:45:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ شەرەپلىك  جۇمھۇرىيەتتىن بىرسىمۇ يوقكىندە  پۇشتەكچىدىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-16 18:52:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turgunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-16 03:45
بىزنىڭ شەرەپلىك  جۇمھۇرىيەتتىن بىرسىمۇ يوقكىندە  پۇشت ...


پۇشتەكچى بولمىغان بىلەن جېڭجىدەك چامباشچىلار كۆپ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-16 19:00:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىيبو  بەك قالتىس بۇيىل مۇشۇ چالسا بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-16 19:04:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilmurat. يوللىغان ۋاقتى  2014-5-16 18:52
پۇشتەكچى بولمىغان بىلەن جېڭجىدەك چامباشچىلار كۆپ... [s: ...

بىزنىڭ جۇمھۇريەتتىن خەلىقنىڭ پاراۋانلىقى ۋە ئەبەدىل ئەبەد مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن جان تەسسەدۇق قىلىدىغان يۈرۈگى قىزىل دەششەت ئىسىل كادىرلار چىقىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-16 19:06:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-16 19:08  
سەبرى22 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-16 19:04
بىزنىڭ جۇمھۇريەتتىن خەلىقنىڭ پاراۋانلىقى ۋە ئەبەدىل  ...


بەك كەلتۇرۋېتىپ سىز جۇمۇڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-16 19:10:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ كوللىنا دىگەن رىپىر نىمانداق تاشقى پىلانىت ئادىمىگە ئوخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-16 19:27:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبرى22 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-16 19:04
بىزنىڭ جۇمھۇريەتتىن خەلىقنىڭ پاراۋانلىقى ۋە ئەبەدىل  ...

ما ئىنكاسقا ئەگەشتىم   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-16 19:29:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىبو دىگەن ئاداش كارتا چىقىرىپ رىكورىت ياراتقان بولسا يامان كەن ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-20 10:43

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش