بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باھادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-14 17:22

2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشقا بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت قاپتۇ. كونا-يېڭى توپ مەستانىلىرىنىڭ بۇ پۇتبول كاتتا يىقىلىشىدىن تېخىمۇ ياخشى ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن ئازراق قان-تەرىمنى سەرپ قىلىپ، سەۋىيەمنىڭ يېتىشىچە«2014برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى قوللانمىسى» ناملىق pdfھۆججىتى تۈزمەكچى بولغان ئىدىم، ئۆتكەن يىلى دۇنيا لوڭقىسى گورۇپپا ئايرىشقا چەك تارتىلغاندىن باشلاپ ئىزدىنىشكە باشلاپ، بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلغان. ھازىرغىچە دۇنيا لوڭقىسى ئاساسلىق قائىدىسى، مۇسابىقە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدىغان 12 مەيداننىڭ قىسقا چۈشەندۈرىلىشى ۋە گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى بىر قىسىم ئەزالارنىڭ چولپان كارتىسى پۈتتى.
مۇنبەرداشلارغا بۇ قوللانمىنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسىنى كۆرسىتىپ بېقىش ھەم قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئېلىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. سەۋىيەمنىڭ يىتەرلىك بولغانلىقى سەۋەبلىك يىتەرسىزلىكلەر كۆپ بولىشى مۇمكىن. يەنە قانداق مەزمۇنلارنى قوشۇشقا بولىدۇ، ياكى قانداق يەرلەرنى ئۆزگەرتىش كېرەك قاتارلىق پىكىر-تەكلىپلەر بولسا ئايىمىغايسىلەر. مۇسابىقە كۈنى يىقىنلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈم يالغۇز تاماملام بولالماسلىقىم مۇمكىن، ياردەم قىلىپ بىرلىكتە قىلىشنى خالايدىغان دوستلار بولسا قىزغىن قارشى ئالىمەن. قوللانمىغا كىرگۈزگىدەك مەزمۇندىكى تېمىلار بولسا ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار، مۇۋاپىق بولسا تېما ئېگىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغان ئاساستا قوشۇپ قويسام مەزمۇنى تېخىمۇ مول بولاتتى. رەھمەت!
مۇندەرىجە :
1.مۇسابىقە تونۇشتۇرۇش
2.مۇسابىقە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلىشى
3.مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدىغان شەھەرلەرنىڭ جايلىشىشى
4.مەيدانلار تونۇشتۇرۇلىشى
5.دۇنيا لوڭقىسى32 كۈچلۈك كوماندىلار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىشى
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك مەزمۇن بولدى، يېڭى مەزمۇنلارنى ھەر ۋاقىت قوشساق بولىدۇ.
1. برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ھەققىدە
مۇسابىقە ۋاقتى: 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە
مۇسابىقە قائىدىسى: تاللىنىپ چىقىلغان32 كوماندا سەككىز گورۇپپغا بۆلۈنۈپ گورۇپپا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ. گورۇپپىدا ئالدىنقى ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن كوماندىلار16 كۈچلۈكلەر شاللاش مۇسابىقىسىگە كىرىپ، مۇسابىقە كۈنتەتىپى بويىنچە شاللاش مۇسابىقىسى ئىلىپ بارىدۇ.
گورۇپپا مۇسابىقە ئۈچ ئايلانما؛ شاللاش مۇسابىقىسى8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن تەركىپ تاپىدۇ.
ئومومىي مۇسابىقە جەمئىي64 مەيدان، بۇنىڭ ئىچىدە گورۇپپا مۇسابىقە48 مەيدان، شاللاش مۇسابىقىسى16 مەيدان.
گورۇپپا مۇسابىقە تەرتىپ قائىدىسى : كوماندا بىر مەيدان ئۇتسا3 نومۇرغا ، تەڭلەشسە1 نومۇرغا ئۇتتۇرسا0 نومۇرغا ئېرىشىدۇ. ئۈچ ئايلانما مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جەملەنمە نومۇرى بويىنچە تەرتىپكە تىزىلىدۇ؛ نومۇرى تەڭ بولۇپ قالسا ساپ توپ سانى ئاساس قىلىنىدۇ؛ ساپ توپ سانىمۇ تەڭ بولۇپ قالسا ئۇرغان توپ سانىنىڭ كۆپلىكىگە ئاساسەن تەرتىپ بىكىتىلىدۇ.
شاللاش مۇسابىقىسى قائىدىسى: شاللاش مۇسابىقىسىدە كوماندىلار كۈنتەرتىپكە ئاساسەن مۇسابىقە ئىلىپ بارىدۇ، ئۇتقان كوماندا كېيىنكى باسقۇچقا كىرىدۇ، ئۇتتۇرغان كوماندا بىراقلا شاللىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ تەڭلىشىپ قالسا، يەنە30 مىنۇت ئۇزارتىلما مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدۇ، 120 مىنۇت مۇسابىقىدىن كېيىن يەنە ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش ئايرىلمىسا، نوقتا توپ تېپىش ئارقىلىق يەڭگۈچى بەلگىلىنىدۇ.
مۇسابىقە كونكىرت ۋاقتى: گورۇپپا مۇسابىقىلەر شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1، 4، 5، 7، 10بەش سائەت بۆلىكىدە باشلىنىدۇ (ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 10، سەھەر سائەت 1، 2، 3، 4، 7). شاللاش مۇسابىقىلەر شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 ۋە 5 ئىككى بۆلەكتە باشلىنىدۇ. ئاخىرىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە چۈشتىن كېيىن سائەت 4 دە ماراكانا توپ مەيدانىدا باشلىنىدۇ.
شاللاش مۇسابىقە باشقۇچىدىكى مۇسابىقىلەر
مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدىغان شەھەرلەرنىڭ جايلىشىشى
مۇسابىقە مەيدانى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىشى:
(ئاساسلىق گەۋدىسى مۇشۇنداق.)
دۇنيا لوڭقىسى 32 كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىشى بۇ ئەڭ مۇرەككەپ ئىش، شۇ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئەزالارنىڭ تولۇق ئارخىپى، باش ترېنېر ئارخىپى، تارىختىكى نەتىجسى قاتارلىقلارنىڭ تەييارلاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭغا ئۆزۈم يالغۇز ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلىمەن. تۈنۈگۈن ئىككى سائەت ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ، گېرمانىيە كوماندىسىدىكى بىر قانچە ئاساسلىق ئەزانىڭ چولپان كارتىسىنى ئىشلىدىم، كۆپچىلىككە ياقسا، باشقا كوماندىلارنىڭكىنىمۇ داۋاملىق قىلىمەن. ياردەم قىلىشنى خالايدىغان دوستلار بولسا Photoshop ئۈلگە ھۆججىتىنى ئەۋەتىپ بەرسەم، شۇ كوماندىنىڭ ئورگان تورىدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن ئىشلىسەك بولىدۇ.
(دوستلارنىڭ ئەمگىكىمنى ھۆرمەتلەپ، يۇقارقى ماتېرىياللارنى باشقا ئورۇنلاردا خالىغانچە ئىشلەتمەسلىكىنى سورايمەن!) |