ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 144 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 灰狼王子 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-13 17:48
كىرىستىيانو. رونالدو، بۇ ئىلگىرى كىشىلەر تەرىپىدىن 3-رونالدو دەپ ئاتىلىپ كەلگەن يىگىت بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە پۇتبول دۇنياسىدىكى دۇنياۋى داڭلىق چولپاندۇر، شۇنداقلا ئۇنى 3-رونالدو دەپ ئاتىمىسىمۇ، كىشىلەر ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى نەزەرىدىكى مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى. س.رونالدو گەرچە29ياشتا بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا پۇتبولچىلىقىنىڭ چوققىسىدا ئۆز ئورنىنى تىكلىگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. ھەم شۇنداقلا ئۇنى ھازىرقى «بىرىنچى ئادەم» كىم دەپ، مېسسى بىلەن سېلىشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە ئەھمىيىتى يوق. قېنى بىز بىرلىكتە س.رونالدونىڭ كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى ئەسلەشكە تىگىشلىك قانداق چوڭ ئىشلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
ئۇنىڭ ئىسمى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ نامىدىن كەلگەن
س.رونالدونىڭ كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتى ئۈستىدە توختالغانىكەنمىز، ئەلۋەتتە چوقۇم ئۇنىڭ ئىسمىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداقلا بىر ئوتتۇرىغا چىقىپ توپ مەستانىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىيالىشىدا، ئەلۋەتتە «رونالدو» دىگەن ئىسىمنىڭ چوڭ ياردىمى بولغان. (تاشقى پلانت ئادىمىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاشلىدە بۇ). ئەمەلىيەتتە س.رونالدونىڭ تولۇق ئىسمى كرىستىيانو.رونالدو.دوس سانتوس.ئاۋېيرو بولۇپ، رونالدو پەقەتلا ئۇنىڭ ئىسمى، فامىلىسى ئەمەس. ئۇنىڭ دادىسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رونالد.رېگانغا چوقۇنغاچقا، ئۆز ئوغلىغا رونالدو دەپ ئىسىم قويغان. ئېنگىلىزتىلىدىكى رونالد سۆزى پورتۇگال تىلىدا رونالدو دەپ ئوقۇلىدىكەن.
خەلق كوماندىسىدىكى ئۆسمۈر قەھرىمان
مادېئىرا ئارىلىدا ئۆسمۈر توپچى دەپ نامى چىققاندىن كىيىن، س.رونالدو يۇرتىدىكى كوماندا خەلق كۇلۇبىنىڭ تېزلا دىققىتىنى تارىتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلق كوماندىسىدىكى كىچىك نامى بار ئۆسمۈر چولپان بولۇپ قالغان. شۇ ۋاقىتتىكى كوماندا مەشقاۋۇلى دونكا ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:«رونالدو، مەن كۆرگەن ئەڭ قالتىس ياش توپچى، ھەتتا ئۇنىڭ توپ تىپىش تېخنىكىسىغا ھازىرغىچە ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا بىز دائىم رەقىبلىرىمىزگە 9 ياكى 10 توپ ئۇراتتۇق، بۇلارنىڭ يېرىمىنى رونالدو ئۆزى ئۇراتتى».
تۇنجى يۆتكىلىش باھاسى 1500 فوندستېرلىڭ
1998-يىلى، 13 ياشلىق س.رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت ئىچىدىكى زەردار لىسبون ماھارەت كۇلۇبىنىڭ تەكلىبنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇ تالانىت ئىگىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار خەلق كۇلۇبىغا 1500 فوندستېرلىڭ يۆتكىلىش ھەققى تاپشۇرغان. بۇ س.رونالدونىڭ كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى تۇنجى باھاسى ئىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش ھەققى 1 مىليارد ياۋروغا يەتتى. لىسبون ماھارەت كۇلۇبىدا، س.رونالدو بىر پەسىلدىلا 16 ياشلىقلار كوماندىسىدىن 5 دەرىجە ھالقىپ ئۆتۈپ بىۋاستە بىرىنچى كوماندىغا قېتىلىپ، كۇلۇب تارىخىدىكى يېڭى رىكورتنى ياراتقان.
ھالىقىلق بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى
بىر تەرەپتىن پورتۇگالىيەنىڭ 2004-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان توپچىلىرىنى سىناش، يەنە بىر تەرەپتىن ئىككى كۇلۇب ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، 2003-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىسبون ماھارەت كوماندىسى بىلەن مانچىستېر بىرلەشمىسى بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. مۇشۇ مەيدان مۇسابىقە س.رونالدونىڭ كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن كوماندىسىدىكىلەر بىلەن بىللە، مانچىستېر بىرلەشمىسىنى 1:3 مەغلۇب قىلىدۇ. ئىككى كۈندىن كىيىنلا فۇ بوۋاي 12 مىليون 240 مىڭ فوندستىرلىڭلىق باھا بىلەن س.رونالدونى سېتىۋالىدۇ. 5 يىل ئىچىدە ئۇنىڭ باھاسى دەسلەپتىكى باھادىن 8000 ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ.
رۇنىغا قەست قىلىپ، ئېنىگلاند پۇتبولچىلىقىنى سۈپۈرۈپ تاشلىغان
مانچىستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغاندىن كىيىنكى 3-پەسىلدە، گەرچە س.رونالدونىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە بولۇپ، كوماندىسىغا ياردەملىشىپ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى ۋە بىرلەشمە لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ لېكىن، ئۇ 2006-يىلىدىكى گىرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىدىن كىيىن، رەسمىي پارتىلاشقا باشلىغان. شۇ ۋاقىتتا ئېنىگلاند بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ۋاستىلىك ھالدا رۇنىنىڭ قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن، س.رونالدو ئېنىگلاند توپ مەستانىلىرىنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ئەكسىچە س.رونالدونىڭ كۈرەش ئىرادىسى ۋە باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنى ياخشى كۆرۈش ئىشەنچىسىنى قوزغاتقان. شۇ پەسىلدە ئۇ ئېنىگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ھۆكۈمىتى، پۇتبولچىلار جەمئىيىتى، مۇخبىرلار جەمئىيىتى قاتارلىقلار باھالىغان يىللىق ئەڭ ياخشى توپچى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش توپچى مۇكاپاتىنىڭ ھەممىسىنى ئالغان.
2008-يىلى پالۋانلار دۇنياسىنى مونوپول قىلدى
2008-يىلى___ س.رونالدو ئۆزىنىڭ پۇتبول دۇنياسىدىكى 1-ئادەم ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن يىل بولۇپ، بۇ بىر يىلدا ئۇ كوماندىسى بىلەن ئېنىگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى بولغاندىن سىرىت، يەنە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى بولدى. س.رونالدو بۇ بىر يىلدا «فىرانسىيە پۇتبولى» باھالىغان ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتى، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى باھالىغان دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى، «دۇنيا پۇتبولى» باھالىغان دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى، ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى باھالىغان يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى، ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشىپ، ئادەتتە بىر پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى ئالالايدىغان شەخسلەر مۇكاپاتىنىڭ ھەممىسىنى ئالدى. ئەنگىلىيەدە بولسا ئېنىگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى مۇكاپاتىغا ئۇدا ئېرىشتى. لېكىن يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ يېشى ياش چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى.
96 مىليون ياۋرولۇق ئەڭ قىممەت توپچى
2009-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، مانچىستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبى ئۆز تورىدا، خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ دۇنيا رىكورتىنى بۇزۇپ 80 مىليون فوندستېرلىڭلىق قويغان باھاسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن س.رونالدو ئىسپانىيەلىكلەرگە سېتىۋېتىلدى. 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، س.رونالدو رەسمىي خان جەمەتى مادىرىد ئەزاسى سۈپىتىدە بېرناۋۇ مەيدانىدا پەيدا بۇلۇپ، مەيداندىكى 80 مىڭ توپ مەستانىلىرىگە ئۆزىنىڭ 9-نومۇرلۇق كىيىمىنى نامايەن قىلدى. س.رونالدونىڭ ھەپتىلىك مائاشى 200 مىڭ فوندستېرلىڭ قىلىپ بېكىتىلىپ، ئۆز ۋاقتىدىكى پۇتبولچىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى مائاشلىق توپچى بولۇپ قالدى. كۇلۇب تەرەپ ئۇنىڭ توختامىغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى دىگەن ماددىنى قوشقان بولۇپ، ھەر قانداق بىر كۇلۇب خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ س.رونالدوغا ئىگە بولسا، 1 مىليارىد ياۋرو يۆتكىلىش ھەققى تۆلەيدۇ، دەپ بېكىتىلگەن.
ھامىلدار ئايال، بالا، توي قىلمىغان دادا
2010-يىلى يازدا، س.رونالدو ئۆزىنىڭ دادا بولغانلىقىنى جاكارلىدى. پۇتبول ساھەسىدىكى داڭلىق ھېسىياتچان ساياق بولۇش سۈپىتى بىلەن، س.رونالدو ئۇدا نۇرغۇنلىغان گۈزەل مودىللارنىڭ ئارىسىدا ئېقىپ يۈردى. لېكىن جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە، ئۇنىڭ بالىسى دۇنياغا كۆز ئاچتى. بالىنىڭ ئانىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۇ قەتئىي ئاشكارىلىماي، پەقەت ئۆزىنىڭلا بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تاراتقۇلار س.رونالدونى ئېغىر ئاياق ئايالنى تاپقان ياكى بولمىسا ئۇ بالا بىر كېچىلىك مۇھەببەتنىڭ مەھسۇلى، دەپ ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلدى. ئەمما، بالىنىڭ ئاپىسى مەيلى ئامېرىكا مېھمانخانىلىرىدىكى كۈتكۈچى قىزلار بولسۇن، ياكى ئەنگىلىيەدىكى ئىستۇدىنىت قىزلار بولسۇن، دادا بولغاندىن كىيىنكى س.رونالدونىڭ مەيداندىكى ئىپادىسى تېخىمۇ ۋەھشىيلەشتى.
54 توپ، قورقۇنۇشلۇق دۈشمەن يوقىتىش ماشىنىسى
2010-2011-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە، خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىغا قېتىلغانغا 2-يىللىق قەدىمىنى باسقان س.رونالدو يارىلىنىش ئازابىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ قاتىل توپ ئۇرۇش ماشىنىسى دىگەن قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 41 توپ ئۇرۇپ، ھەر قايسى مۇسابىقىلەردە جەمئىي 54 توپ ئۇرۇپ، توپ ئۇرۇش ماشىنىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا ئالتۇن كەشىگە ئېرىشكەن س.رونالدو، يەنە 10 يىلدىن بۇيانقى قاتىللار ئارىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك شاھىنشاھ دەپ ئاتالدى.
مەنبە: تېڭشۈن تورى
ئەسكەرتىش؛مەن تىما يۇللىسام پەقەت رەسىم كىرگۈزىدىغان يەر چىقمىدى تۇۈرا چۈشنۈڭلار باشلىقلار ياردەم قىلساڭلار |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|