ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1766 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇستاز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-13 15:25
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك. ئالدىنقى يىللىرى سابىق تاش ئالما كۇماندىسىنىڭ قاپقىچىسى ئىرجات، ۋە گۇيجۇ جىچىڭ كۇماندىسىدىكى ئىلھامجانلارنىڭ خەۋىرى دائىم يوللىنىڭ تۇراتتى، شۇ سەۋەپتىن ھەممىمىز ئۇلار توغۇرلۇق ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچىگە ئىگە بولاتتۇق. لىكىن بۇ يىلغا كەلگەندە بۇلارنىڭ خەۋىرى ئازلاپ كەتتى، ھەم بولار توغۇرلۇق خەۋەرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپمۇ باقمىدۇق.
شۇ سەۋەپتىن قۇلۇمدىن كىلىشىچە توپلىغان يېقىنقى بىر قانچە خەۋەرلىرىنى يوللاپ قويماقچىمەن.
ئېرجات
ھەممىمىزگە مەلۇم ئىرجات پورتىگالىيە بىرلەشمىسىدىكى بىر كۇلۇپ بىلەن قىسقا مۇددەتلىك توختام ئىمزالىغان ئىدى . ھازىر ئونىڭ توختىمى تۇشۇش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ. ئونداق بولسا ئىرجات ئۇ يەردە قانداقراق ئوينىدى. دىققىتىڭىز بۇ يەردە بولسۇن.
ئىرجات توىتام تۈزەەن كۇماندا پورتىگالىيە 3-دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى ( چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى) كۇلۇپ بۇۇلۇپ بۇ كۇلۇپ 2005-2006، ۋە 2006-2007 مۇسابىقە پەسلىدە پورتىگالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە بولۇپ تەرتىپتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5 جى ۋە 6- ئۇرۇندا تۇرغان بولسىمۇ كىيىن كۇماندا كۈچى ئاجىزلاپ دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن. ھازىر بايا دەپ ئۆتكەن 3-دەرىجىلىك بىرلەشمىدە ئويناۋاتىدۇ.
ئېرجات بۇ كۇماندىغا بارغاندىن كىيىن ئۈزىنىڭ تىرىشچانلىقى، جاپادىن ، مەشىقتىن قورقماسلىقتەك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ تىرىنىرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن. تىرىنىر كۇماندىنىڭ دەرىجە چۈشۈش رايۇنىغا كىلىپ قالغان . يەنە 7 ئايلانما مۇسابىقە قالغان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ئىرقاتنى ئاساسلىق ئەزا قىلىپ مەيدەنغا چىقارغان . يەنى:
4-ئاينىڭ 14- كۈنى تۇنجى قېتىم ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ ئىپادىسى ياخشى بولغان. گەرچە 2-1 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ بىر قانچە خەتەرلىك توپلارنى بىر تەرەپ قىلغان.
4-ئاينىڭ 21- كۈنى يەنە داۋاملىق ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ 2-1 نەتىجە بىلەن كۇماندىسىنىڭ غەلبە قىلىشىغا تۆھپە قوشقان.
4-ئاينىڭ 27-كۈنى يەنىلا ئاساسلىق ئەزا بوپ مەيدانغا چىقىپ، 2-1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ. كۇماندىسىنىڭ 3 ئايلانما بۇرۇن دەرىجە ساقلاپ قېلىشىغا زور كۈچ چىقارغان، بۇ مەيداندا ئەڭ تىلغا ئىلىشقا تىگىشلىكى قۇشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتتا قارشى تەرەپ تەپكەن نوقتا توپنى تۇسۇپ قېلىپ كۇماندىسىنىڭ غەلبىسىنى ساقلاپ قالغان. مۇسابىقە ئاخىرلىشىش پۈشتىكى چېلىنغان ھامان ھەممە سەپداشلىرى يۈگرۈپ بېرىپ ئىرجاتنى ئورىۋالغان.
دىمەك ئېرجات ئارقىمۇ ئارقا 4 مەيدان ئاساسلىق قاپقىچى بوپ مەيدانغا چىققان بولۇپ، كۇماندىسى 3 ئۇتۇپ 1 ئۇتتۇرغان.
ئىرجاتنىڭ نۆۋەتتىكى ئارزۇسى كۇماندىدا داۋاملىق قېلىپ، ياۋرۇپادا توپ تىپىش.
يەنە بىر خەۋەر يىرجات دۆلەت ياشلار كۇماندىسىغا چاقىرتىلۈەن بولۇپ، خەنلەر ئۇنى ياۋرۇپادا توپ تەپكەن قاپقىچى دەپ چوڭ ئۈمۈتلەرنى كۈتۈۋرتىپتۇ، ھەتتا كەلگۈسى دۆلەت كۇماندىسىغا قاپقىچى بولىدۇ دەپ تەرىپلەۋېتىپتۇ.
ئىرجاتنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىغا ئامات تىلەيمىز.
ئىلھامجان
ئىلھامجاننىڭ كۇماندىسى ئا دەرىجىدىن ب دەرىجىگە پۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ھازىرغا قەدەر ئوينالغان 3 ئايلانما مۇسابىقىدە 2 يېڭىپ 1 تەڭلىشىپ 7 نومۇر بىلەن ئىككىنجى ئۇرۇندا تۇرۋېتىپتۇ. بۇلارنىڭ 5-1 نەتىجە بىلەن يەڭگەن مۇسابىقىسىمۇ بار ئىكەن، قايتىدىن ئا دەرىجىگە ئۆرلەش ئىستىىكى ۋە ئەمەلى كۈچى يۇقىرى ئىكەن.
ئىلھامجان بۇ 3 مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ تۇلۇق ئوينىغان بولۇپ، مىنىڭ توردىن ئاقتۇرۇپ تاپقىنىم بويىچە 3 توپ ئۇرۇپ بوپتۇ.
گۇيجۇ مەستانىلىرى ئىلھامجاننىڭ كۇماندىغا كەلگىنىگە 3 يىل بولاي دەپ قالغانلىقىنى ، ئىلھامجاننىڭ داۋاملىق كۇماندىدا قېلىق دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە چىقىشقا ھەمدەمدە بولىشىنى تىلىپ تىلەك خەتلىرىنى كۆپلەپ قالدۇرۇپتۇ.
ئەسلى ئىككى تىمىنى ئايرىم يازماقچى ئىدىم ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى، ھەم تىما سەل چاۋالچاق بوپ قالدى. توغرا چۈشۈنۈپ ئوقۇشىڭلارنى سورايمەن. |
-
|