ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 144 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ھازىرقى زامان پۇتبولىنىڭ بارلىققا كېلىشى
8-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە، ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى ياۋروپادا ھەر خىل شەكىلدە ساقلىنىپ كەلدى، 1863-يىلىغا كەلگەندە، تۇنجى رەسمىي پۇتبول مۇسابىقە قائىدىسى ئەنگىلىيەدە قۇرۇلدى، بۇ ھەم ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ.
«قاراقچى پۇتبۇل» دەۋرى
قەدىمقى گىرىتسىيە ۋە قەدىمقى رىمدا پۇتبولغا ئوخشاش تەنھەرىكەت بار بولغان بۇلۇپ، كىيىن فىرانسىيەنىڭ گاللو رايونىغا كىرگەن، مىلادى 1066-يىلى، ئىستىلاچى ۋېليام ئەنگىلىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ پۇتبولمۇ پۈتۈن ئەنگىلىيەگە تارقىلىشقا باشلايدۇ. شۇ ۋاقىتتا بۇ ئويۇننىڭ قائىدىلىرىمۇ يوق بۇلۇپ، شەھەر-بازارلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىپ، كوچا، مەيدان، ئېتىزلارنىڭ ھەممىسى مەيدان قىلىناتتى، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ھەمىشە نەچچە مىڭغا يېتەتتى، توپنى پەقەت قارشى تەرەپنىڭ شەھەر مەركىزىگە تىپىپ ئاپىرالىسىلا غەلبە قىلغان ھېسابلىناتتى. مۇسابىقىدە، كىشىلەر قالايمىقان قىستىلىشاتتى، ئۆزئارا تېپىشەتتى ۋە تىركىشەتتى، دائىم قان تۆكۈلۈش، پۇت سۇنۇش ھەتتا ئۆلۈم ھادىسىلىرىمۇ كېلىپ چىقاتتى. پۇتبولغا كەلسەك، ماگزىن، ئاممىۋىي ئەسلىھە، ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن خالىي بولالمايتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەزگىلدىكى پۇتبول «قاراقچى پۇتبول» دەپ ئاتالغانىدى. 1314-يىلى، لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى ئاھالىلەرنىڭ پۇتبول تىپىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى، 1331-يىلى، ئەنگىلىيە پادىشاھى ئېدۋارد پۈتۈن مەملىكەت خارەكتىرلىك چەكلەش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى، ئاممىنىڭ پۇتبول ھەرىكىتى چەكلەنگەندىن كىيىن، ئۇندىن كىيىنكى ئەنگىلىيە پادىشاھلىرىمۇ پۇتبول ئويۇنىنى چەكلىدى، شۇنىڭ بىلەن پۇتبول قانۇنسىز سالاھىيەتتە خەلق ئارىسىدا 500يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ساقلىنىپ قالدى.
بىر بالىنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈشى
19-ئەسىردە، پۇتبول ھەرىكىتى ئەسلىگە كەلدى، ھەمدە ئەنگىلىيەدىكى بىر قىسىم ئىنىستىتۇتلاردا كەڭ قانات يايدۇرۇلدى. ئۇ ۋاقىتلاردىكى مۇسابىقىلەردە بىرلىككە كەلگەن مۇسابىقىلەر يوق بۇلۇپ، مۇسابىقە تىك تۆت تەرەپلىك مەيدانلاردا ئېلىپ بېرىلاتتى، ۋاقىت ۋە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنى ئىككى تەرەپ ۋاقىتلىق مەسلىھەتلىشىپ بېكىتەتتى، توپنى قارشى تەرەپنىڭ تۈۋرىكى ئىچىگە تىپەلىسىلا نومۇر ئالغان ھېسابلىناتتى. بۇ مەزگىللەردە، كامبرىج ئۇنىۋېرستېتى، خادون جامائەت مەكتىپى، يېڭى كلىفتون ئۇنىۋېرستېتى قاتارلىق مەكتەبلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئويناش ئۇسۇلى بار بۇلۇپ، بىرەر ئادەممۇ بىرلىككە كەلگەن پۇتبول قائىدىلىرىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا، ئەڭ نەس باسقان ئادەم مۇسابىقىدە ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئادىل مۇرەسسەچى» بولاتتى، ئۇلار رىپىرنىڭ ئاساسى بۇلۇپ، كىرگەن توپنى خاتىرىلەش ۋە جىدەل-ماجرا ۋە تالىشىشلارنى مۇرەسسە قىلىشقا مەسئۇل ئىدى، لېكىن بىرلىككە كەلگەن قائىدە بولمىغاچقا، بۇ مۇرەسسەچىلەر ئۇلارغا تاقابىل تۇرالماي، دائىم نەچچە ئونلىغان ئادەمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايتى.
بىر يىگىتنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈشى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرىتتى. 1823-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، بىر مۇسابىقىدە، ۋېليام-ۋېبېر-ئېسلى ئىسىملىك بىر بالا تۇيۇقسىز قولى بىلەن توپنى ئېلىپ، قارشى تەرەپ مەيدانىغا ئۇچقاندەك يۈگىرەيدۇ. بۇ ھەرىكەت كىيىن پۇتبول قائىدىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك زور مۇنازىرىلەرنى قوزغايدۇ، كىشىلەرمۇ چوقۇم بىرلىككە كەلگەن پۇتبول قائىدىلىرىنى تۈزىمىسە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. مۇنازىرىدە، بىر تەرەپ قول پۇتنى بىردەك ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى قوللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە تەدرىجىي ھالدا بۈگۈنكى زەيتۇن توپقا تەرەققىي قىلىدۇ، پەقەت پۇتنىلا ئىشلىتىشنى قوللايدىغان يەنە بىر تەرەپ، ھازىرقى زامان پۇتبول مۇسابىقىسى قائىدىلىرىنى ئىزدىنىشكە ۋە ئورنىتىشقا باشلايدۇ.
مەيخانىدا دۇنيادىكى بىرىنچى تەنھەرىكەت بارلىققا كەلدى
لوندوندىكى خانىش كوچىسى ئۆز-ئارا ياردەملىشىش ئۇيۇشما مەيخانىسى ھازىرقى زامان پۇتبولىنىڭ بارلىققا كەلگەن جايى بۇلۇپ، پۇتبول تارىخىدىكى ئابىدە خارەكتىرلىك يىغىن مۇشۇ جايدا ئېچىلغان. بۇندىن بۇرۇن 1848-يىلى، كامبرىچ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ شۆبە ئىنىستىتۇتى پۇتبول مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم قائىدىلەرنى تۈزۈپ سىناق قىلغان، گەرچە كىشىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىرلىككە كەلگەن قائىدە ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى بوپقالغان. 1863-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، لوندوندىكى 11كۇلۇب ۋە ئىنىستىتۇتتىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆزئارا يادەملىشىش ئۇيۇشما مەيخانىسىدا يىغىن ئېچىپ، قائىدىلەرنى تۈزىدۇ ھەمدە نوپۇزلۇق پۇتبول تەشكىلاتى قۇرىدۇ، بۇ كۈن ھازىرقى زامان پۇتبولىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دەپ ئېتراپ قىلىنىدۇ.
يىغىندا قائىدىگە ئالاقىدار مۇنازىرە ئىنتايىن كەسكىن بۇلۇپ، گامبېل ۋەكىللىكىدىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر قول پۇتنى بىردەك ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى 13 تە 4 بولۇپ، ھازىرقى زامان پۇتبول تەنھەرىكىتىدە قول ئىشلىتىلمەسلىك قائىدىسى ماقۇللانغان. شۇنىڭ بىلەن، گامبېل قاتارلىقلار غەزەپلەنگەن ھالدا يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كېتىپ، كىيىن 1871-يىلى، ئەنگىلىيەچە زەيتۇن توپ بىرلەشمىسىنى قۇرغان.
بۇ قېتىملىق يىغىندا، يەنە ئېنىگلاند پۇتبول بىرلەشمىسى قۇرۇلىدۇ، ھەمدە يازمىچە شەكىلدە دۇنيا بويىچە تۇنجى بىرلىككە كەلگەن پۇتبول قائىدىسى خاتىرلىنىدۇ، 2 ئايدىن كىيىنكى 1863-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئېنىگلاند پۇتبول بىرلەشمىسى لوندوننىڭ كلۇمشا كوچىسىدىكى بىر كىچىك مەيخانىدا 2-قېتىملىق يىغىن چاقىرىپ، پۇتبول قائىدىسىنى 14 ماددىغا يىغىنچاقلايدۇ، ھەمدە پۈتۈن دۆلەت تەۋەسىدە پۇتبول مۇسابىقىسىنى كېڭەيتىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنياغا تارالغان دۇنيادىكى بىرىنچى تەنھەرىكەت شۇنىڭ بىلەن دۇنياغا كېلىدۇ.
ئۆزئارا ياردەملىشىش ئۇيۇشما مەيخانىسىدىكى يىغىنغا قاتناشقان 11 كۇلۇب ۋە ئىنىستىتۇت:
ئورمان كۇلۇبى (كىيىن نامىنى ساياھەتچىگە ئۆزگەرىتكەن)؛ گېربوئېن؛ بارنېس؛ ئۇرۇش ئىشخانىسى؛ كىرسىت ئارمىيە جەڭچىسى؛ پاشۋال؛ بلاك-ھېس كۇلۇبى؛ كېنسنتون ئىنىستىتۇتى؛ سوربتون؛ بلاك-ھېس ئىنىستىتۇتى؛ خرۇستال ئوردا.
ئەڭ بۇرۇنقى پۇتبول قائىدىسى
1. مەيدان كۆلىمى، ئۇزۇنلۇقى 150 يارد، كەڭلىكى 100 يارد ئىچىدە. ھەر بىر يان سىزىقتا 25 مىتېر ئارىلىقتىكى ئاخىرقى سىزىق بولىدۇ، ھەر بىرسىدە ئىككى تالدىن بەلگە خادىسى ئورنىتىلىدۇ.
2. ۋارتار ئىككى تال تۈۋرۈكتىن تۈزۈلىدۇ.
3. تەڭگە تاشلاش ئارقىلىق مەيدان ۋە توپ باشلاش ھوقۇقى تاللىنىدۇ.
4. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئۆزئارا مەيدان ئالماشتۇرىدۇ.
5. بىر ئەزا توپنى تىپىپ چىقىرىۋەتكەندە، شۇ كوماندىدىكى ھەر قانداق ئەزالار توپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قارشى تەرەپكە ئەڭ يېقىن ئاخىرقى سىزىقتا، توپقا بىۋاستە تېگىشكە بولمايدۇ، يەنە ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن باشقا ئەزالارنىڭ توپقا تېگىشىگە توسقۇنلۇق قىلسا بولمايدۇ.
6. توپ يان سىزىقنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتسە ئۆلگەن توپ بولىدۇ، قارشى تەرەپ توپ چىقىپ كەتكەن ئورۇندىن بىۋاستە مەيدان ئىچىگە تىپىپ، مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
7. بىر تەرەپ توپنى قارشى تەرەپنىڭ ئاخىرقى سىزىقىدىن چىقىرىۋەتكەندە، قارشى تەرەپتىن كىم توپنى ئالدى بىلەن ئالغان بولسا ئاخىرقى سىزىقنىڭ 25 يارد ئورۇندىن ئىختىيارىي توپ باشلىسا بولىدۇ.
8. توپ كەلگەندە، بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئاخىرقى سىزىقىدىن كىيىن تۇرۇپ توپقا تېگىشكە بولمايدۇ.
9. ئەگەر توپ ئاخىرقى سىزىق بىلەن يان سىزىق بۇلۇڭىدىكى خادىغا كەلگەندە، ئاخىرقى سىزىقتىن 25 يارد ئورۇندىن ئىختىيارىي توپ باشلايدۇ.
10. بىر ئەزا ئىختىيارىي توپ تەپكەندە، ئۆز كوماندىسىدىكى ئەزالار بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئاخىرقى سىزىقى ئارىسىدا تۇرۇشقا بولمايدۇ، ھەمدە قارشى تەرەپ ئەزاسى ئۇنىڭدىن 10 يارد ئارىلىق ئىچىدە تۇرسا بولمايدۇ.
11. ئەزالار ھەر قانداق ئۇسۇلنى تاللاپ ئىختىيارىي توپ تەپسە بولىدۇ.
12. توپ ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئارىلىقىدىن ئۆتسە، قانچىلىك ئېگىز بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر نومۇرغا ئېرىشكەن بولىدۇ.
13. مۇسابىقە داۋاملىشىۋاتقاندا، قول، بىلەك، مۈرىدىن باشقا بەدەننىڭ ھەر قانداق يېرى توپقا تەگسە بولىدۇ.
14. توپنى قول بىلەن ئېلىۋىلىش، ئىتتىرىش، پۇتلاش ۋە ۋارقىراپ جارقىراش قاتارلىقلاردىن باشقا ھەرقانداق ھۇجۇم قىلسا باراۋەر، قانۇنلۇق بولىدۇ.
بۇ مۇكەممەل بولغان دەسلەپكى قائىدىنى ئېنىگلاند پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى (BELIS LIFE) ژورنىلىدا ئېلان قىلغان. 3 يىلدىن كىيىن پۇتبولچىلار جەمئىيىتى قائىدىنى تولۇقلاپ، ۋارتارنىڭ ئېگىزلىكى 6 يارد، كەڭلىكى 8 يارد بولىدۇ، ئىككى تۈۋرۈك ئارىسىغا ئارغامچا تارتىلىپ، ۋارتارنىڭ ئېگىزلىكى قىلىنىدۇ، دەپ بېكىتكەن.
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|